باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1988 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: رۇسىيە ئالىملىرى:«كازافىي تېخى ھايات، ئۆلگىنى باشقا ئادەم» دېدى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5623
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 238
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە238دانە
ئۆسۈش: 1510 %
مۇنبەر پۇلى: 3178 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-09
ئاخىرقى: 2012-02-22
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-28 13:52

رۇسىيە ئالىملىرى:«كازافىي تېخى ھايات، ئۆلگىنى باشقا ئادەم» دېدى

خەلق تورى 10-ئاينىڭ28-كۈنى خەۋىرى،20-ئۆكتەبىردىن باشلاپ،كازافىيغا ئائىت خەۋەرلەر پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى،خەلقئارا جەمئىيەت كازافىيغا قارىتا ئىلىپ بېرىلغان بىمەنە سوراق ۋە ئېتىپ ئۆلتۈرۈشكە قاتتىق نارازى بولۇپ لىۋىيە ھۆكۈمىتىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا،رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى تۇيۇقسىز :كازافىي تېخى ھايات،ئۆلگىنى ئۇنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇلغان ئادەم دېدى.
ئوتتۇرا شەرق‹‹ۋەتەن زېمىنى››تورى بۈگۈن مۇنداق خەۋەر قىلدى.لىۋىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت ئازاد بولغانلىقى ھەمدە كازافىينىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋاقىتتا،رۇسىيىلىك بىر مۇتەخەسسىس تۇيۇقسىز :‹‹مەندە كازافىينىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە نىسبەتەن تولۇق ئىسپات بار،ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگىنى ئېھۋاند ئىسىملىك بىر كىشى››دېدى.
رۇسىيىلىك بۇ مۇتەخەسسىس تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:‹‹مېنىڭ ئىسپاتىم شۇكى،1.كازافىي تۇتۇلغان كۈنى سۇرتەدە يامغۇر يېغىۋاتقان،بىراق كازافىينىڭ تۇتۇۋالغانلىقىغا ئائىت ئۇ سۈرەتلىك خەۋەردە قۇم-بوران چىقىۋاتقان؛ 
2.كازافىينىڭ چېچى ئەسلى قارا رەڭدە،بىراق ئۇ سۈرەتلىك خەۋەردە بولسا قوڭۇر رەڭدە ئۇنىڭ جەسىتى دوختۇرخانىغا ئىلىپ بېرىلغان ۋاقىتتا ئاندىن ئۇنىڭ چېچى قارا رەڭگە ئۆزگەرگەن.
3.كازافىي دوختۇرخانىغا ئىلىپ بېرىلغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ئىككى يېرىدە ئوق ئىزى بولۇپ،بىرى بېشىنىڭ يان تەرىپى بولۇپ قۇلىقىنىڭ ئۈستىدە،يەنە بىرى قورساق قىسمىدا.كىيىن نۇرغۇنلىغان توربەتلەردىكى كازافىينىڭ ئۆلۈمىگە ئائىت سۈرەتلىك خەۋەردە ئۇنىڭ بېشىنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدە يەنە بىر ئوق ئىزى بار.
4.كازافىي ئىلگىرى قورساق تەرىپىنى خىرورگىيە ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان بولۇپ ھېلىھەم بۇ ئىز بار ئىدى،بىراق مەلۇم بولغان سۈرەتلىك خەۋەردە بولسا ھېچقانداق ئوپېراتسىيە ئىزى يوق.
 مۇشۇ سەۋەبلەرگە ئاساسەن مەن ھەقىقىي كازافىي تېخى ھايات،ئۆلگىنى ئېھۋاند ئىسىملىك باشقا بىر كىشى دەپ قارايمەن.››
ئانالىزچىلار بۇ ئىشقا قارىتا،رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كۆزقارىشى مەيلى يوللۇق بولسۇن بولمىسۇن بىراق يەنىلا لىۋىيە ھاكىمىيىتىگە بىر قىيىن سوئال قۇيۇپ قۇيدى.كازافىي ئاللىقاچان يوشۇرۇن دەپنە قىلىنىپ بولدى،ئۇنىڭ جەسىتى قايتىدىن ئىچىپ DNA تەكشۈرەلەمدۇ يوق،  ئەگەر تەكشۈرۈلسە قانداق نەتىجە چىقىدۇ،ئەگەر ئېچىپ تەكشۈرۈلمىسە ئۆلگەن كىشىنىڭ كازافىي ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلايدۇ.لىۋىيە ۋەزىيىتى يەنە داۋاملىق داۋالغۇش ئىچىدە تۇرامدۇ يوق بۇنىڭغا بىرنېمە دېيىش قىيىن.
ئەقىللىق ئادەمنىڭ ھەر بىر كۇنى يىڭى بىر ھايات...
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 418
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 280
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە280دانە
ئۆسۈش: 1280 %
مۇنبەر پۇلى: 3747 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-25
ئاخىرقى: 2012-03-30
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-28 15:55

بۇنىڭغا نىمە دەيمىز ئەمدى..؟؟؟؟