[چىلى «3-بەت ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 26-ئۆكتەبىر خەۋىرى] لىۋىيەگە 42 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان زوراۋان رەھبەر كازافى تىرىپولى ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، يۇرتى سۇرتقا قېچىپ بېرىپ، يوشۇرۇنغان جايىنى توختىماي ئۆزگەرتىپ تۇردى. كازافى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ سابىق باشلىقى مەنسۇر دائو: كازافى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مۇتاشىم، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ 20 نەچچە ئىشەنچلىك ئادىمى قېچىش سەپىرىدە پىنھان ياشاپ، تېلېۋىزور، تېلېفون، ھەتتا تاشلىۋېتىلگەن ئۆيلەردە يوشۇرۇنۇپ، شام يورۇقىدا كۈن ئۆتكۈزدى، دېدى.
مىسراتادىكى ھەربىي لاگېرغا قامالغان دائو: كازافى كىتاب كۆرۈپ، خاتىرە يېزىپ ياكى ئوچاقتا چاي قاينىتىپ ۋاقتىنى ئۆتكۈزدى. «ئۇ جەڭگە قوماندانلىق قىلمىدى، جەڭگە ئوغلى قوماندانلىق قىلدى. ئۇ ھېچقانداق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلمىغان، شۇنداقلا ھېچقانداق پىلاننى ئويلىمىغان»، دېدى.
دائونىڭ ئېيتىشىچە، 6 مىليون ئاھالىسى بار دۆلەتكە قاتتىق قوللۇق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلغان كازافى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىنى جىددىيلىشىش، غەزەپلىنىش، كۆپ ۋاقىتلىرىنى قايغۇرۇش ۋە ئاچچىقلىنىش ئىچىدە ئۆتكۈزگەن. دائو: كېيىن ئۇنىڭغا تىرىپولىنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان بولساقمۇ، ئۇ يەنىلا لىۋىيە خەلقىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى، دېدى.
كازافى ئەسىرگە چۈشكەن كۈنى دائو كازافى ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرى بىلەن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ سۇرتتىن قاچماقچى بولغان. لېكىن ئاپتوموبىل ئەترىتى ش ئا ئە ت نىڭ بومباردىمان قىلىشىغا ئۇچراپ، كازافى بىلەن دائو يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشكەن.
دائو: كازافىنىڭ ياردەمچىسى نۇرغۇن قېتىم ئۇنىڭغا لىۋىيەدىن كېتىش تەكلىپى بەرگەن بولسىمۇ ئۇ رەت قىلغان. سۇرتتا كازافى ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرى ھەر تۆت كۈندە بىر قېتىم يوشۇرۇنغان جايىنى ئۆزگەرتىپ تۇرغان. ئۇلار ئاساسلىقى شۇ جايدىكى قېچىپ كەتكەن ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە يوشۇرۇنغان، دېدى.
سۇرتتا كازافىغا سادىق ئەسكەرلەرگە مۇتاشىم قوماندانلىق قىلغان. ئۇلار دەسلەپتە 350 كىشى بولۇپ، كېيىن كۆپى قېچىپ كېتىپ، 150 چە كىشى قالغان.
[رېيتېر ئاگېنتلىقى، لىۋىيە بەنى ۋەلىد، 25-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى] كازافىنىڭ ئوغلى سەئىف ئىسلام بىلەن بىللە يۈرگەن ھەربىي ئەمەلدار بۈگۈن ئاگېنتلىقىمىز مۇخبىرىغا: ئۆتكەن ھەپتە سەئىف بەنى ۋەلىدتە مۇھاسىرىدە قېلىپ قاچماقچى بولغاندا، ئاتىسىغا كۆپ قېتىم تېلېفون قىلدى ھەم مىناميوتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشتىن بارغانسېرى قورقىدىغان بولۇپ قالدى، دېدى.
سەينۇش شېرىف سەينۇش: «ئۇ ناھايىتى جىددىيلەشتى، ئۇنىڭ بىر سۈنئىي ھەمرا تېلېفونى بار بولۇپ، ئاتىسىغا نۇرغۇن قېتىم تېلېفون قىلدى»، دېدى. 17-ئۆكتەبىر بەنى ۋەلىد قولدىن كېتىشتىن بۇرۇن، سەينۇش سەئىف رەھبەرلىكىدىكى مۇشۇ شەھەردە تۇرۇشلۇق خەۋپسىزلىك قىسىمىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن.