ھەج ئىبادىتى دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا يىغىلىش ،ئەڭ كاتتا ئىبادەت بولسا كېرەك!ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن يېقىنقى دەۋرىمىزدىكى قاتناش ئالاقە قوراللىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشى تۈرتكىسىدە ،ھەج قىلىش بۇرۇنقى دەۋىرلەردىكىگە قارىغاندا جىق ئاسانلىشىپ كەتتى.ھەر قانچە دۇنيانىڭ بۇلۇڭىغا تۇرىۋاتقان كىشى ئەڭ ئۇزۇن بولسىمۇ بىر كۈن ئۇچسىلا جىددىگە كىلەلەيدۇ.قېرىغان بوۋاي مومايلادىن سوراپ بېقىڭ ،ئۇلار قانداق ھەج قىلىپتىكەن ،ئۇلارنىڭ ئاتا بوۋىلىرى قانداق ھەج قىپتىكەن. ئازادلىقتىن ئىلگىرى بىزنىڭ دىيارلادىن ھەجگە بارغانلار ئۈچ مۇقەددەس مەسچىتىنىڭ ھەممىسگە باراتتىكەن (مەككىدىكى ھەرەم مەسجىدى ،مەدىنىدىكى پەيغەمبەر مەسجىدى ۋە قۇددۇستىكى مەسجىدۇل ئەقسا ).شۇ سەپەرلەرگە نەچچە يىللاپ ۋاقىتلار كىتەتتىكەن.ئاللاھقا مىڭلاپ شۈكرى،ھازىر نېمە دىگەن ئاسانلىشى كەتتى ھە!! ھازىر ئاسانلاشتى ،ھەج قىلغۇچىلار ھەددىدىن زىيادە كۆپەيدى ،ئەلھەمدۇلىللا يەنىلا مىليونلىغان كىشى ھەممسى ئۆز تەرتىپلىرى بىلەن شۇ كىچىككىنە شەھەرگە يىغىلىپ ،ھەجلىرىنى تۈگىتىشىپ،ساق سالامەت ئۆيلىرىگە قايتىشماقتا. ئەمما يەنە شۇنداقتىمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن نىمىمۇ قېچىپ قۇتۇلالايدۇ دەيسىز؟ھەج مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بەزى ۋەقەلەر يەنىلا كىشىنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرىدۇ.ئاللا ھەج مەزگىلىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا گۈزەل جەننەتلىرىدىن ئورۇن بەرسۇن!!ئەمما بۇ يەنىلا سەۋەپ دۇنياسى ،بىز يەنىلا سەۋەپ قىلىشىمىز كېرەك ،ئەلبەتتە!!ھەر يىلى ھەج مەزگىلىدە تەخمىنەن ئۈچ تۆت مىليون كىشى ھەجگە كىلىدۇ،ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ بۇ سان يىلسىرى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ مانا ھازىرقى ھالەتكە كەلدى. سەئۇدى پادىشاھ ئەلچىخانىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا 1920-يىلى 58،584چەتئەللىك ھەج قىلغۇچى كەلگەن ئىكەن.1996-يىلى چەتئەللىك ھەج قىلغۇچى سانى 1،080،465كە يەتكەن ئىكەن.2010-يىلى چەتئەللىك ھەج قىلغۇچى سانى 1،799،601گە يەتكەن.سەئۇدى ئاخباراتىغا قارىغاندا 1950-يىللىرى ئومۇمى ھەج قىلغۇچى سانى يۈزمىڭدىن ئاز ئىكەن،1972-يىلىغا كەلگەندە ئومۇمى سان 645،000غا يەتكەن.1983-يىلى چەتئەللىك ھەج قىلغۇچىلار سانى تۈنجى قېتىم بىر مىليوندىن ئاشقان.1988 -يىلى ئىسلان كونفىرىنسى تەشكىلاتى بىرلىكتە قارار ماقۇللاپ ،ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسىغا ئاساسەن سان چەكلىمىسى بەرگەن.(دۆلىتىمىز بۇ تەشكىلاتقا ئەزا ئەمەس ،سان چەكلىمىسىمۇ يوق !!)ھىندونوزىيە دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ھەج نورمىسى بار دۆلەت،تەخمىنەن 221مىڭ كىشى ئەتراپىدا.ئۇنىڭدىن قالسىلا پاكىستان بۇلۇپ 150مىڭ سان bبېرىلگەن.ئىرانغا 120مىڭ ،تۈركىيەگە 100مىڭ سان بېرىلگەن.گەرچە ھىندونوزىيەنىڭ ھەج نورمىسى ئەڭ كۆپ بولسىمۇ ،2011-يىلى ماي ئېيىدىلا ھەج قىلىش تىزىملىكىدە 1،390،000كىشى بار ئىكەن.
ھەج مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بەزى ۋەقەلەر
ھازىرغا قەدەر بولغان ھەج پائالىيەتلىرىدە، نەچچە يۈزلىگەن كىشلەر ھاياتىدىن ئايرىلغان ئېغىر ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتتى.2011-يىلىدىكى مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا ،دۇنيادا تەخمىنەن 1.6مىليارد ئەتراپىدا مۇسۇلمان بار ئىكەن. ھەج ئىبادىتى ئىسلام دىنىمىزدىكى بەش پەرىزنىڭ بىرى بۇلۇپ ،قۇدرىتى يەتكەن مۇسۇلمان بىر ئۆمرىدە مەككىگە )بېرىپ ھەج قىلىپ كېلىشى كېرەك.ھەج مەزگىللىرىدە مۇقەددەس مەككە كەم دىگەندىمۇ ئۈچ مىليون ئەتراپىدىكى تاۋاپ قىلغۇچىنى كۈتىۋالىدۇ.قاتناش تىرانسىپورتىنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققى قىلىشى ۋە ئايروپىلاننىڭ ئومۇملىشىشى ،دۇنيانىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىكى ھەج قىلغۇچىلار ئۈچۈن نۇرغۇن ئاسانچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.نەتىجىدە ،ھەجگە بارىدىغانلار كۈنسايىن كۆپىيىشكە باشلىدى.مەككە شەھىرى ئەمەلدارلىرى مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ تاماق ،قونالغۇ ۋە سەھىيە تازلىق مۇلازىمىتى ئۈچۈن باش قاتۇرۇشقا كىرىشتى.ئەمما شۇنداقتىمۇ ئۇلار بەزىبىر بالايى ئاپەتلەرنىڭ
ئالدىنى ئالالمىدى.شەيتانغا تاش ئېتىش ھەج پائالىيتىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك قىسمى بۇلۇپ قالدى،بۇلۇپمۇ نەچچە ئونمىڭلىغان جامائەتنىڭ بىرلا ۋاقىتتا قوش قەۋەتلىك جەمەرات كۆۋرىكىدىن ئۆتىشى ئىدى.
قورقۇپ قېچىش ۋە دەسسىلىپ كېتىش ۋەقەلىرى
بەزى ۋاقىتلاردا سەلدەك ئېقىپ كېلىۋاتقان جامائەت ناھايىتى تەسلىكتە ھەج ئىبادىتىنىڭ بىر نۇقتىسىدىن يەنەبىر نۇقتىسىغا بارغۇچە ،قورقۇپ كىتىش ۋەقەلىرى كۆرۈلىدۇ.جامائەت توپى ساراسىمىگە چۈشۈپ ،تاۋاپ قىلغۇچىلار دەسسىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەرەپ تەرەپلەرگە قاچىدۇ.شۇنىڭ بىلەن نەچچە يۈزلىگەن كىشلەرنىڭ قازا قىلىشى كېلىپ چىقىدۇ.شەيتانغا تاش ئېتىش بىر قەدەر خەتەرلىك ۋە قىستا قىستاڭچىلىق ئىچىدە بولىدۇ.
1990-يىلى 2-ئىيۇل كۈنى:مەككىدىن مىناغا قاراپ ماڭغۇچە بولغان ئارلىقتىكى مەئاسىم تونىلىدا ۋە ئەرەفات تۈزلەڭلىكىدە بولغان دەسسىلىش ۋەقەسىدە 1426تاۋاپ قىلغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
1994-يىلى 23-ماي كۈنى :شەيتانغا تاش ئېتىش مۇراسىمى ۋاقتىدا دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ270ھەج قىلغۇچى قازا قىلغان.
1998-يىلى 9-ئاپرىل كۈنى :جەمەرات كۆۋرىكىدە كەم دىگەندە 118كىشى دەسسىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن،180كىشى يارلانغان.
2001-يىلى 5-مارت كۈنى :شەيتانغا تاش ئېتىش مەزگىلىدە 35 كىشى دەسسىلىپ كىتىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. 2003-يىلى 11-فېۋرال كۈنى :شەيتانغا تاش ئېتىش مەزگىلىدە 14 تاۋاپ قىلغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
2004-يىلى 1-فېۋرال كۈنى :مىنادا شەيتانغا تاش ئېتىش مەزگلىدە 251كىشى قازا قىلغان ،244كىشى يارلانغان.
2006-يىلى 12-يانۋار كۈنى :ھەجنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى مىنادا دەسسىلىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 346 تاۋاپ قىلغۇچى ۋاپات بولغان.
قىلغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان.كەم دىگەندە 289ئادەم يارىلانغان.بۇ ۋەقە شۇ يەر ۋاقتى سائەت بىرلەردە يۈز
بەرگەن بۇلۇپ ،تۈمەنلىگەن تاۋاپ قىلغۇچىلار ئاپتۇبۇس بىلەن جەمەرات كۆۋرىكىنىڭ شەرقى چىقىش ئېغىزىدىكى
يانتۇ يولغا كەلگەن،بۇ يەردە تاۋاپ قىلغۇچىلار يىقىلىپ كىتىپ ،بۇ ئېچىنارلىق ھادىسە كېلىپ چىققان.شۇ ۋاقىتتىكى
مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا 2مىليون ھاجى بار ئىكەن.
ئوت كىتىش ھادىسىلىرى
1975-يىلى دىكابىر :گاز تۇرۇبىسى پارتلاش سەۋەبىدىن ،چېدىر توپى ئارىسىغا ئوت كىتىپ ،200كىشى قازا قىلغان. 1997-يىلى 15-ئاپرىل كۈنى :زۇلھەججىنىڭ 8-كۈنى سائەت 10دىن 12 گىچە بولغان ئارىلىقتا مىنادىكى چېدىرلادا ئوت كىتىپ ،343كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.تەخمىنەن 1500كىشى يارىلانغان. ھازىرقى چېدىرلارنىڭ ھەممىسى ئاسان كۆيمەيدۇ ،ئوتقا چىداملىق!!!
نامايىشى ۋە زوراۋانلىق ھەركەتلىرى
1979-يىلى 20-نويابىر كۈنى :200گە يېقىن قوراللىق ئۇنسۇر ھەرەم مەسچىتىنى ئىگەللىۋالدى.كېيىنچە پاكىستان ۋە فىرانسىيە كۈچلىرى ئۇلارنى قوغلاپ چىقاردى.(ئۈچ فىرانسىيەلىك مۇسۇلمان بولغان ئىكەن). بۇ ۋەقەدە تەخمىنەن كىشى ئۆلۈپ 600كىشى يارىلانغان.
1987-يىلى 31-ئىيۇل كۈنى :ئىرانلىق ھاجىلار قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ ،400دىن ئوشۇق كىشىنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
1989-يىلى 9-ئىيۇل كۈنى :ئككى بومبا پارتلاپ ،بىر كىشى ئۆلدى،16كىشى يارىلاندى.سەئۇدى ھۆكۈمىتى 16كۈۋەيتىلىك شىئە مۇسۇلمانلارغا ئۆلۈم جازاسى بەردى،بۇ ۋەقە باشتا ئىرانلىق تىرورىستلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان دەپ قارالغان ئىدى.
كېسەللىك
دۇنيانىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىن كەلگەن ھەج قىلغۇچىلار بىر قىسىم سەھىيە ،كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سېستىمىسى تۆۋەنراق بولغان دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر بىلەن بىرگە ھەج قىلىش داۋامىدا بەزى ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان كىسەللىكلەرنىڭمۇ كەڭ كۆلەملىك تارقىلىشى كېلىپ چىققان.ئەگەر ھاجىلار مەككىگە ماڭغان يولىدا ۋابا تارقالسا ،ھەج مەزگىلىدە كىسەللىك كەڭ كۆلەملىك تارقىلىپ ،ئۇلار يۇرتىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن باشقىلارنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.بۇ ئۆتمۈشتە ناھايىتى ئېغىر مەسلە بولغان.
ئەل غەزە مېھمانخانىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ كىتىشى
2006-يىلى 5-يانۋار كۈنى ھەرەم مەسچىتىگە يېقىن بولغان كۆپ قەۋەتلىك قۇرۇلۇش ئۆرۈلۈپ كەتكەن. بۇ قۇرۇرۇلۇش ئەل غەزە مېھمانخانىسى بولۇپ ئىچىدە رېستۇران ،قولايلىق ماگزىن ۋە ياتاقلار بار ئىكەن. بۇ مېھمانخانىغا 2006-يىلى ھاجىلار ئورۇنلاشقان ،قۇرۇلۇش ئۆرۈلۈپ كەتكەن ۋاقتىدا ،بىنا ئىچىدە قانچە كىشىنىڭ بارلىقى ئېنىق ئەمەسكەن.كېيىنكى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە ،بۇ ۋەقەدە 76كىشى ئۆلۈپ ،64كىشى يارىلانغان.
باشقا ۋەقەلەر
سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ بەرگەن دوكلاتىغا قارىغاندا ،2006-يىلى دىكابىرنىڭ بىرىنچى كۈنى 243ھاجى قازا قىلغان. ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپچىلىكى يۈرەك كېسىلى بارلار بۇلۇپ ،ئۆلۈم سەۋەبى ھەج مەزگىلىدىكى ئىسسىق ۋە جىسمانە ھەركەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.ھەجنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ،نېگىرىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان باياناتتا 33كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ،بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەل ئەمەس بەلكى شۇ كىشلەردىكى يۇقىرى قان بېسىم ،دىئابىت ۋە يۈرەك كىسەللىكى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ئېيتىلغان.30-دىكابىر (زۇلھەججىنىڭ 10-كۈنى )مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋىرىدە 22 مىسىرلىق ھاجىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى دىيىلگەن. تۆت فىلىپپىنلىق ياشانغان كىشى ھەج مەزگىلىدە قازا قىلغان ۋە مەككىگە دەپنە قىلىنغان.پاكىستان ھەج مىدىتسىنا ھەيئەتلىكىنىڭ دىيىشىچە ،130پاكىستانلىق ھەج مەزگىلىدە قازا قىلغان."بۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى قېرىلىق ئالامىتى ۋە يۈرەك كىسەللىكى ئىكەن."ئۇندىن باشقا يەنە 66كىشى سەئۇدى دوختۇرخانىلىرىدا ئوخشاش ئالامەتلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.
ھۆكۈمەت ساداسى
تەنقىدى پىكىرلەردە سەئۇدى ھۆكۈمىتى بۇنداق تىراگىدىيەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن مۇھىم تەدبىرلەرنى قۇللىنىشنىڭ مۇھىملىقى ئېيتىلغان.سەئۇدى ھۆكۈمىتى بۇنداق كەڭ كۆلەملىك يىغىلىش پائالىيەتلىرىدە بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى ،شۇنداقتىمۇ بىر قاتار تەدبىر پىلانلارنى ئىشقا سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تالاش تارتىش بولۇۋاتقان چوڭ مەسلىلەرنىڭ بىرى بولسا ،ھەج قىلغۇچىلارنىڭ سانىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولغان يېڭى تىزىمغا ئالدۇرۇش،پاسپورت ۋە ساياھەت ۋىزىسى تۈزۈمى ئىكەن.بۇ تۈزۈم يېڭى ھەجگە كەلگەنلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ ،قايتا ھەج قىلغۇچىلار سانىنى كونتىرول قىلىدىكەن.ئەمما قايتا ھەج قىلىش ئويى
بار ھاجىلار بۇ تۈزۈمنى ئۆزىگە بولغان كەمسىتىلىش دەپ قاراپ ،بۇنىڭغا قارشى چىققان. . 2004-يىلى يۈز بەرگەن دەسسىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن ،سەئۇدى ھۆكۈمىتى جەمەرات كۆۋرۈكىنىڭ ئەتراپىنى تۈزەش `ۋە قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى باشلىدى. بۇ قېتىم قوشۇمچە چىقىش ئىشىكلىرى ،ئاسما كۆۋرۈك ۋە جىددى چىقىش ئېغىزى قۇرۇلدى.تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ قىستىلىشماي بىرلا ۋاقىتتا ئۆتۈشى ئۈچۈن ،ئالدى تەرەپتىكى تام چىقىلىپ ، ئۈچ بىتون تۈۋرۈك قۇيۇلدى.ھۆكۈمەت يەنە نەچچە مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ ،كۆۋرۈكنى كىڭەيتىش پىلانى تۈزدى،بۇ قۇرۇلۇش 1427ھىجىرىيە يىلى (2007-يىلى )ھەجدىن بۇرۇن پۈتۈپ چىقىشى پىلانلاندى.
مەنبە:ئىنگىلىزچەۋىكى ئىنسىكلوپىدىيەسىدىن مۇئەتتەر تەرجىمىسى