باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 591 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىللىرى
{ھەممىڭلار بىردەك ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا ئېسىلى ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9266
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 36
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە36دانە
ئۆسۈش: 430 %
مۇنبەر پۇلى: 690 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2011-11-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-28 08:28

ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىللىرى

ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىللىرى
(ۋە ئۇنىڭ غەرب مەدەنىيتىگە بولغان تەسىرى)
1.ئىسلام پرىنسىپلىرى چۈشەنچىسىدىكى مەدەنىيەت ئاچقۇچلىرى
2.ئسىلام مەدەنىيىتىنىڭ تەرەپلىرى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى
3.ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ غەربكە يۆتكىلىش ئىغىزلىرى
4.ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك تۇيغۇسى
5.ئىسلام مەدەنىيىتى تۈگەشتىمۇ؟ياكى ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟
ئىسلام چۈشەنچىسىدىكى ھەزارەت ئاچقۇچلىرى
دۇنيادا ئىسلام دىنىغا ئوخشاش ئىنسانغا مەدەنىيەت ۋە ھەزارەت ئاچقۇچلىرىنى تۇتقۇزغان، بىلىم-مەرىپەت يولىنى تونۇتقان، كائىنات ۋە ھاياتنىڭ ھەقىقەتلىرىنى بىلدۈرگەن دىن ياكى تۈزۈم تىپىلمايدۇ.چۈنكى ئىسلام دىنى تۆۋەندىكىدەك ھەزارەتنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1.ئىسلام دىنى ئومۇميۈزلۈك بىلىم-مەرىپەت پرىنسىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ئاللاھ تائالا بىلىم-مەرىپەت،يىزىق ۋە قەلەمنى بىرىنچى قىتىم چۈشكەن ئايەتتە ھۆرمەتلىدى. ئىماننى بىلىم-مەرىپەتكە يىىقنلاشتۇردى، بۇدىگەنلىك ئالىملارنىڭ ئورنى يۇقۇرى، شەرىپى ئۈستۈن… دىگەنلىكتۇر: ((اللە سىلەردىن ئىمان ئىيتقانلار ۋە ئىلىم بىرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ))مۇجادىلە سۈرىسى،11-ئايەت.
رەسۇلۇللاھ بىلىم-مەرىپەت ئاشىقلىرىنى مۇجاھىدلارنىڭ قاتارىدا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ:“كىم بىلىم-مەرىپەت يولىغا ئاتلانسا ئۇ سەپىرىدىن قايتقانغا قەدەر ئاللاھ يولىدا بولىدۇ“دەيدۇ.(تىرمىزى رىۋايەت قلىغان).
رەسۇلۇللاھ بىلىم-مەرىپەت ئىگلەش جەننەتنىڭ يولى دەپ سۈپەتلەپ:“كىم بىلىم-مەرىپەت يولىدا ماڭسا ئاللاھ ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىش يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بىرىدۇ“دەيدۇ.(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
ئىسلام دىنى مۇشۇنداق ئىلمى روھ ئاساسىدا بىلىم-مەرىپەتكە يۈكسەك باھا بەردى، بىلىم-مەرىپەتنى دىنى بىلىم بىلەن چەكلەپ قويمىدى.
بەيرۇنى ئۆلۈپ كىتىدىغان چاغدا ئۇنىڭ قىشىدا مىراس توغرىسىدا مۇرەككەپ بىر مەسىلە ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ، بەيرۇنى زىيارەتكە كەلگەنلەرنىڭ بىرسىدىن ئۇ مەسىىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، زىيارەتكە كەلگەن مىھمان:سەن قايسى ھالەتتە بۇ سوئالنى سوراۋاتىسەن؟دىگەندە، بەيرۇنى:مىنىڭ بۇ مەسىلىنى بىلىپ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا بىرىشىم بىلمەي بارغىنىمدىن ياخشىراق دەپ جاۋاب بىرىدۇ.
ئىسلامدىكى بىلىم-مەرىپەت دۇنيالىق ياكى ئاخىرەتلىك، ياكى نەزىريە ياكى تەجرىبە بولسۇن، ياكى پەرز ئەين ياكى پەرز كىفايە بولسۇن پايدىلىق بولغان ھەر قانداق ئىلىمدۇر. بىلىم-مەرىپەت دىن ۋە دۇنيالىق خىزمىتىدە بولىدىكەن ياكى مەدەنىيەت ۋە ھەزەرات مۇنارىنى كۆتۈرىدىكەن ياكى ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بولىدىكەن ئىسلامى بىلىم ھىساپلىنىدۇ.
ئىسلامدىكى بىلىم-مەرىپەتنىڭ ئومۇمىيىلىق دەلىلى ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىدۇر:((ئى پەرۋەردىگارىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن!» دىگىن)) تاھا سۈرىسى،114-ئايەت.
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئىلىمنى دىنى ئىلىم ياكى دۇنيالىق ئىلىم دەپ چەك قويمىدى، ئىلىم دىگەن سۆزنى مۇتلەق ئىشلەتتى.
يەنە:((دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش)ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كىلىشىچە تەييارلىق قىلىڭلار)) ئەنفال سۈرىسى،59-ئابەت.
بۇ ئايەتتىكى تەييارلىق ماددى، مەنىۋى ۋە جىسمانى…تەييارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.مۇشۇ تەييارلىقنى رىئاللىقا چىقىرىپ بىرىدىغان ھەر قانداق بىلىمنى ئۈگۈنۈش ئۈممەتكە نىسبەتەن پەرز كىفايە قاتارىغا كىرىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن فىزىكا،خىمىيە، ئىنژىنىرلىق،ئىلىكتىرون…پەنلىرىنى ئۈگۈنۈش مۇسۇلمانلار جەمىئىىيتىگە نىسبەتەن پەرز كىفايە بولۇپ بەزىلەر ئۇ پەرزنى ئادا قىلسا قالغانلاردىن گۇناھ ساقىت بولىدۇ، باشقىلار ئادا قىلالمىسا ھەممە مۇسۇلمانلار ئىسلام نەزرىدە گۇناھكار ھىساپلىنىدۇ.
ئىسلامدىكى بىلىم-مەرىپەتنىڭ ئومۇملىقىنى تەكىتلەيدىغان يەنە بىر دەلىل شۇكى، ئويلۇنۇش، تەپەككۈر قىلىش ۋە ئىزدىنىشكە قىزىقتۇرىۋاتقان ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە تەجرىبە بىلىمىنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە قىزىقتۇرىدۇ.چۈنكى مۇسۇلمان كىشى تەبىئەت سىرلىرى ھەققىدە ئويلانغان،كائىناتنىڭ ھەقىقىتى ۋە ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى ھەققىدە ئىزدەنسە ئاللاھغا بولغان ئىمانى تىخىمۇ ئاشىدۇ…شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ:(( اللەنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە اللەدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ،))دەيدۇ.(فاتىرسۈرىسى 27-ئايەت).
يەنە شۇنداقلا ئىسلامدىكى بىلىمنىڭ ئومۇمىلىقىنىڭ يەنە بىر دەلىلى ئۇسۇلى قائىدە(يەنى ئىسلام قانۇنشۇناسلىق بىلىمى):“ۋاجىب(پەزر)شۇ ئىشتىن باشقا ئىش بىلەن ۋۇجۇتقا چىقمايدىغان بولسا، شۇ ئىشنى قىلىش ۋاجىب“. مەسىلەن، ئۆتمۈشتە ھەربى پەرز مۇسۇلمانلاردا ئات، قىلىچ، نەيزىنىڭ بولىشىنى تەلەپ قىلغان بولسا، بۈگۈنكى ھەربى پەرز مۇشۇ دەۋرگە لايىق كۆرەش تەييارلىقىنىڭ بولىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.
مۇشۇ نوقتىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا ئىسلامدىكى بىلىم-مەرىپەت ئاچقۇچى ئەسىر ۋە تارىخلار بويى ھەزارەت ئاچقۇچىدۇر.
2.ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدا تەپەككۈر قىلىش پرىنسىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
تەپەككۈر قىلىش، ئويلۇنۇش ۋە ئىزدىنىشكە تەشەببۇس قىلىدىغان ئايەتلەر نىمە دىگەن كۆپ ھە!…
ئاللاھ:((ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ يارىتىلىشىدا،كىچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە،كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئىلىپ دىڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كىمىلەردە،اللھ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن،ئۆلگەن زىمىننى تىرىلدۈرىدىغان يامغۇردا،يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋاناتلاردا،شامال يۆنۈلۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان-زىمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا،چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن،ئەلۋەتتە(اللھ نىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان)دەلىللەر باردۇر)) بەقەرە سۈرىسى،164-ئايەت.
ئال ئىمران سۈرىسى، 190-ئايەتكە، يۈنۈس سۈرىسى 101-ئايەتكە، رۇم سۈرىسى،8-24-ئايەتكە، غاشىيە سۈرىسى 17-21-ئايەتلەرگە قاراڭ.
بۇ ۋە ئۇندىن باشقا ئايەتلەر ئىنساننىڭ نەزرىنى يەككە يىگانە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىغا ۋە ئۇنىڭغا ئىشنىشكە قارتىۋاتىدۇ، ئىنساننىڭ قەلبى ۋە ھىس تۇيغۇسىنى ئىمانغا ھەرىكەتلەندۈرۋاتىدۇ. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىنسانىيەت ئەقلى ئالدىدا كائىنات مەرىپىتى، بىئو-فىزىكا بىلىمى ۋە ھاياتلىقنىڭ سىرىدىن…ئىبارەت كەڭرى مەيداننى ئىچىپ بىرىۋاتىدۇ.
ئاللاھ قۇرئاندا:((ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئىنىق بولغۇچە، (ئاسمان- زىمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سىنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ)) فۇسسىلەت سۈرىسى، 53-ئايەت.
مۇشۇ نوقتىغا ئاساسەن كائىناتتا تەپەككۈر يۈرگۈزۈش ھەزارەتنىڭ چوڭ ئاچقۇچلىرىنىڭ بىرسى ۋە مەرىپەتنى قىيامەتكىچە جىلۋىلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك نۇردۇر.(تاشلىنىپ قالغان پەرز، ئىسلام ۋە ئەقىل دىگەن ماقالىمىزگە قاراڭ).
ئىسلام دىنى بىلىم-مەرىپەتكە توسالغۇ بولىدىغان ۋە ئەقىلنى مەس قىلىدىغان خىيال ۋە ئەپسانىلەرگە شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى داخان، رەمبال،سىھرىگەر، پالچىلار ۋە مۇنەججىملەرگە قاتتىق زەربە بىرىپ، سىھىرىگەرلىكنى ئاللاھغا شىرىك كەلتۈرگەنلىك، زىياندىن ساقلايدۇ دەپ تۇمار ئىسىۋىلىشنى ئىغىر گۇناھ، داخا،رەمبال ۋە پالچىغا ئىشىنىشنى قۇرئانغا كاپىر بولغانلىق دەپ قارىدى.رەسۇلۇللاھ:“كىم داخان ياكى رەمبال ياكى پالچى ياكى سىھرىگەرنىڭ قىشىغا بىرىپ ئۇنىڭ دىگەن سۆزىگە ئىشەنسە،ئۇ قۇرئانغا كاپىر بولغان بولىدۇ“دەيدۇ.(تەبرانى رىۋايەت قىلغان، سەھى ھەدىس).
3.ئىنساننى ھۆرمەتلەش پرىنسىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ئاللاھ:((شەك-شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (ئۇلاغلارغا) مىندۈردۇق، دىڭىزدا (كىمىلەرگە) چىقاردۇق، ئۇلارنى شىرىن يىمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق)) بەنى ئىسرائىل سۈرىسى،70-ئايەت.
ئاللاھ ئىنساننى ئەقىل ۋە ھىس تۇيغۇ بىلەن ھۆرمەتلىدى، چۈنكى ئۇ ئىككى نەرسە مەرىپەت، ھەقىقەتنى روشەنلەشتۈرۈش ۋە ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى كاتتىلىقىنى ھىس قىلىشنىڭ يولى:((اللە سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن ھىچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالىتىڭلار بىلەن چىقاردى، اللە سىلەرگە شۈكۈر قىلسۇن دەپ، قۇلاق، كۆز ۋە يۈرەكلەرنى ئاتا قىلدى)) نەھل سۈرىسى،78-ئايەت.
ئىنسان ھۆرمەتلەنگەنلىكتىن ئاللاھ ئۇنى ئەقلى ۋە ھىس-تۇيغۇسىدىن مەسئۇل قىلدى. ئەقلىنى ئىشلەتمىگەن ۋە تەپەككۈر قىلمايدىغان ئىنساننى ھايۋان بەلكى ھايۋاندىنمۇ ناچار مەخلۇق دەپ باھا بەردى:((شەك-شۈبھىسىزكى،جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا(يىقىلغۇ بولۇش ئۈچۈن)ياراتتۇق،ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ،ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ،ئۇلار كۆزلىرى بولغىنى بىلەنمۇ،ئۇ ئارقىلىق(اللھ نىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى)كۆرمەيدۇ،ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ،ئۇ ئارقىلىق(اللھ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئىلىپ)تىڭشىمايدۇ.ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ،ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھدۇر،ئەنە شۇلار غاپىلدۇر))نەھل سۈرىسى،78-ئايەت.
ئاللاھ ئىنساننى زىمىندا خەلىپە(خوجايىن)قىلىش بىلەن ھۆرمەتلىدى، ئىنسان ئاللاھنىڭ زىمىندىكى خەلىپىسى، ئۇنداقتا ئىنسان زىمىننىڭ خوجايىنى، زىمىننى گۈللەندۈرگۇچى، زىمىندىكى يوشۇرۇن بايلىقلارنى كەشىپ قىلغۇچى ۋە زىمىندىكى سىرلارنى ئاچقۇچىدۇر…بۇ خىزمەت تەبىئەتنىڭ كۈچلىرى ۋە كائىناتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ھەزارەتنىڭ خىزمىتى ۋە ئىنساننىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بويسۇندۇرۇشنىڭ يولى بولغان بىلىم-مەرىپەت بىلەنلا ھاسىل بولىدۇ.
ئاللاھ كائىناتنى ئىنسانغا بويسۇندۇرپ بىرىش ئارقىلىق ئۇنى ھۆرمەتلىدى.بۇ كائىنات ئىنسان ئۈچۈن بويسۇندرۇلۇپ بىرىلدى، ئۇنداقتا ئىنسان ئۇنى ھەزارەتنىڭ مەنپەئەتى، ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئىنسانىيەت تۈرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىشلىتىشى لازىم.
ئاللاھ نىمە ئۈچۈن ئىنساننى زىمىندىكى خەلىپىسى قىلدى؟ جاۋابى،ئىنساننىڭ ئاللاھغا ئىبادەت قىلىشى ۋە زىمىننى ھەر قايسى جەھەتتىن گۈللەندۈرۈشى ئۈچۈندۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئىنساننى ھۆرمەتلىگەنلىكى ھەزارەتنىڭ چوڭ بىر ئاچقۇچى ۋە تارىخ بويى ئىلمى ھەقىەتلەرنى روشەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك نۇردۇر.
4.ئىنسانىيەت باراۋەرلىك پرىنسىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ئاللاھ قۇرئاندا:((ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار اللەنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۈرمەتلىك ھىساپلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ))ھۇجۇرات سۈرىسى،13-ئايەت.
رەسۇلۇللاھ:“ئادەمنىڭ ھەممىسى توپىدىن پارتىلغان…ئىنسانلار ئارسىدىكى ئارتۇقچىلىق پەرقى تەقۋالىق ۋە ياخشى ئەمەلدۇر“دەيدۇ.
ئىسلام دىنىدا بارلىق ئىنسانلار قانداق تىل ياكى قانداق رەڭلىك بولسۇن ھەممىسى تامامەن باراۋەر.ئىسلام دىنى بىر ئىرقنى يەنە بىر ئىرقتىن ئارتۇق دەپ قارىمايدۇ.
شۇڭا ئىسلامدىكى ئىنسانلارنىڭ باراۋەرلىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت ئاچقۇچىنىڭ چوڭ ئاچقۇچى ۋە مەدەنىيەت گۈللىنىشىنىڭ كۈچلۈك ئامىلىدۇر.
5.سرتقا قارىتا ئىچىلىش ۋە تونۇشۇش پرىنسىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ئاللاھ قۇرئاندا:((ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئبارەت )بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق)) ھۇجۇرات سۈرىسى،13-ئايەت.
رەسۇلۇللاھ:“ھىكمەت(بىلىم-مەرىپەت)مۆمىننىڭ يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىسى، قەيەردە تىپىۋالسا ئۇ باشقىلاردىن ھەقلىقراق“دەيدۇ. تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
سرتقا قارىتا ئىچىلىش ۋە تونۇشۇشنى تىخىمۇ تەكىتلەيدىغان نەرسە بىز بىلەن ئۇرۇشمىغان، بىزنى يۇرتىمىزدىن قوغلاپ چىقارمىغان…بولسا باشقىلارغا ياخشى ۋە ئادىل مۇئامىلە قىلىشتۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:(( (كۇففارلاردىن)سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، اللە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ)) مۇمتەھىنە سۈرىسى،8-ئايەت.
ۋەدە ۋە توختامنامىلارنى-گەرچە كاپىر بولسىمۇ-قوغداش سرتقا قارىتا ئىچىلىشنى تىخىمۇ قوللايدىغان مەسىلىدۇر.مۇسۇلمانلار باشقا مىللەتلەرگە ئىچىلدى، ئىچىلىش نەتىجىسىدە باشقا تۈرلۈك مەدەنىيەتلەردىن پايدىلاندى،شۇنىڭ نەتىجىسىدە سانائەت، تىجارەت، يىزائىگىلىك، تەرەققىيات، ئىلم-پەن…ساھەلىرىدە مۇسۇلمانلاردا كەڭرى تەجرىبە شەكىللەندى،مۇسۇلمانلار باشقىلاردىن پايدىلانغان نەرسلەرنى ئىسلام بوتىسىدا تاۋلىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەزارەت ئىسلام خاراكتىرى بىلەن پەيدا بولدى…
بۇ پرىنسىپلارنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۆزلىرىگە تەتبىقلىغان ئاتا بوۋىللىرىمىز دۇنيانىڭ تالانت ئىگلىرى، تارخنىڭ كاتتىللىرى، پىكىرنىڭ يول باشچىلىرى، ئالەمنىڭ ئۇستازلىرى ۋە-ئۇزۇن ئەسىر-ھەزارەت بايرىقىنى كۆتۈرگۈچىلەر بولالىغان…شەرق ۋە غەرب ئۇلارنىڭ مەرىپەت بۇلىقىدىن ئىچكەن، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ھەزارەت نۇرىدىن پايدىلانغان…
ئىنساپلىق غەرب ئالىملىرى، پەيلاسوپلىرى ۋە جەمىيەتشۇناس ئالىملىرىنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مىدىتسىنا،خىمىيە، تەبئى پەن، ماتىماتكا، پەلسەپە،ئىجتىمائى پەن، ئاستورنۇمىيە، ۋە تارىخ…بىلىملىرىنىڭ نەقەدەر كاتتىلىقىغا يۈكسەك باھا بەرگەنلىكى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ يىڭى مەدەنىيەتكە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرەلەيسىز.
ئىسلام مەدەنىيىەت مەيدانى ۋە ئۇنىڭ ئۈممەت قۇرۇلۇشىدىكى تەسىرى
بىز يۇقىرىدا ئىسلام دىنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك(يەنى ھەممە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) دىن، ھەزارەت دىنى ئىكەنلىگىنى قىسقىچە بايان قىلدۇق، ئەمدى تۆۋەندىكى ساھەلەردە قىسقىچە توختىلىمىز:
1.ئەقىدە مەيدانىدا:
ئىسلام ئەقىدىسى باشقا ئىتىقاد ۋە ئىدئولوگىيەلەردىن ئالاھىدە، چۈنكى ئىسلام ئەقىدىسى:
بىرىنچى: ئاللاھنى يەككە يىگانە ئەيىپ نوقسان ياكى شىرىكتىن خالى زات دەپ قارار قىلىدۇ.
ئىككىنچى:ياراتقۇچى ئاللاھ بىلەن مەخلۇق ئارسىدا ۋاستىنى قوبۇل قىلمايدۇ.
ئۈچىنچى:ئىسلام ئەقىدىسى ئەقىدە قىسمىدا ئىگلىرىكى ساماۋى دىنلارنىڭ ئەسلى سۈزۈك جەۋھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تۆتىنچى:ئىسلام ئەقىدىسى ساماۋى كىتابلار بىر بىرىنى تەستىقلايدۇ، كىيىنكىسى ئىلگىرىكىسىنى تولۇقلايدۇ ۋە ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ دەپ قارايدۇ.
بەشىنچى:ئىسلام ئەقىدىسى پەيغەمبەرلەر ۋە ئالىملارنىڭ بىر كىشىگە پايدا ياكى زىيان يەتكۈزۈش ھوقۇقى يوق، ئۇلار بىر ئادەمگە پايدا-زىيان ياكى ھىدايەت ياكى مەغپىرەت يەتكۈزەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ.
ئالتىنچى:ئىسلام ئەقىدىسى يەككە مەسئۇلىيەتنى قارار قىلىپ، ھەر بىر ئىنساننى ئۆز ئەمىلىدىن مەسئۇل دەپ قارايدۇ.شۇنداقلا بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ مەسئۇلىىيتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ قارايدۇ.
7.قانۇن چىقىرىش ۋە ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى يالغۇز ئاللاھنىڭ ھوقۇقى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشى ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىنى ھارام ياكى ھارام قىلغان نەرسىنى ھالال قىلالمايدۇ دەپ قارايدۇ.
ئىسلام شەرىئىتى تەۋھىد پرىنسىپى ۋە ئەقىدە ھەقىقەتلىرىنى قارار قىلغانلىقى ئۈچۈن كىشلەر ئىسلام دىنىغا توپ-توپ بولۇپ كىرىشتى، ھازىرغا قەدەر كىرمەكتە، دۇنيادا ئىسلام دىنىنىڭ ئەگشكۈچىللىرى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ياۋرۇپادا بولسا مىلادىيە 7 ئەسىردىن تارتىپ دىنى ئىسلاھات ھەركىتى ئىلىپ بىرىلىپ ئويغۇنۇش دەۋرىگىچە داۋاملاشتى.شۇنىڭ ئۈچۈن خىرىستىيانلارنىڭ ئىچىدە سۈرەتكە ئىبادەت قىلىشنى، ئاللاھ بىلەن مەخلۇق ئارسىغا ۋاستە قويۇشنى، ھەزرىتى ئەيسانى ئاللاھنىڭ بالىسى دەپ ئىتىقاد قىلىشنى رەت قىلىدىغان كىشلەر تىپىلدى.
ياۋرۇپادا دىنى ئىسلاھات ئىلىپ بارغان(لوسىر)ئىسلام پەيلاسوپلىرى يازغان نەرسىلەر بىلەن تەسىرلەنگەنىدى، ئۇنىڭ دەۋرىدىكى ياۋرۇپا ئۇنۋىرسىتىتلىرى مۇسۇلمان پەيلاسوپلارنىڭ كىتابلىرىغا تايىناتتى، شۇنداق دىيەلەيمىزكى، فىرانىسىيە ئنىقىلاۋىدا ئىلان قىلىنغان دىن بىلەن دۆلەتنى ئايرىش ھەركىتى ياۋرۇپانى قاپلىغان(يەنى چىركاۋ بىلەن ئسىلاھاتچىلار ئارسىدا يۈز بەرگەن)ئۈچ ئەسىرنىڭ نەتىجىسى ئىدى.فىرانىسيە ئىنىقىلاۋىنىڭ ئۇلغىيىشىغا ئىسلام مەدەنىيىتى كۆپ تەسىر كۆرسەتكەن.
خىرىستىيان دىنىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق پوپلار ۋە مىسئونىرلار ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن، ئۆزلىرىنى ھەممە كىشلەرگە ھاكىملىق قىلىدىغانلار، تەۋبە ياكى مەغىپىرەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ۋە بىزنى ھىچ بىر زات سوراققا تارتالمايدۇ دەپ ئىتىقاد قىلىشاتتى. تارىخ مۇشۇنداق دەيدۇ!.
* يەتتىنچى پاتكان غىرىغوس 1073-يىلى مۇنداق ئىلان قىلغان:“چىركاۋ دۇنيادىكى بىردىن بىر ھوقۇق ئىگىسى، ئۇ نوپۇزىنى بىۋاستە ئاللاھدىن ئالىدۇ، چىركاۋ زىمىننىڭ پادىشاھلىرىنى ئۆزىنىڭ نوپۇزى بىلەن تەمىنلەيدۇ.پاتكاننىڭ ئالەمدە يەككە يىگانە ئورنى بار، ئۇ مىسئونىرلارنى تەيىنلەيدۇ ۋە ئىلىۋىتەلەيدۇ،شۇنداقلا پادىشاھلار ۋە خانلىقلارنى ھوقۇقىدىن قالدۇرۋىتەلەيدۇ،چۈنكى پاتكان قىلغان ئىشلىرىدىن سوراققا تارتىلمايدۇ“ (ئوتتۇر ئەسىر تارىخى بەلگىللىرى دىگەن كىتابقا قاراڭ).
* 13-ئەسىردە ياشىغان پاتكان(ئەرنىست ئۈچ) 1198-يىلى مۇنداق دىگەن:“مەن ئاللاھنىڭ بەندىللىرىگە تۇرغۇزغان خادىمى، مەن مەسىھنىڭ مۇئاۋىنى ۋە بوتروسنىڭ خەلىپىسى، مەن ئاللاھ بىلەن بەندىلەر ئارسىدىكى ۋاستە، مەن ئاللاھدىن تۆۋەن، بەندىلەرندىن يۇقىرى،مەن ھەممىگە ھۆكۈم قىلالايمەن، ھىچكىم ماڭا ھۆكۈم قىلالمايدۇ“
مانا بۇ خىرىستىيان دىنىنىڭ ئەقىدە ئاساسى…
18-ئەسىردە ئۆتكەن ”ۋولتىر“مۇنداق دەيدۇ:“ئاددىلىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ۋە ھەممە كىشلەر ئىماندا ئورتاق بولىدىغان تەبئى دىندىن قان تۆكىدىغان، بىر بۆلۈك جەللاتلار ئوراپ تۇرغان بىر بىرىگە زىت ئەقىدىنى تاللىغان كىشى قارىغۇدۇر…“دەيدۇ.( تەۋفىق تەۋلىنىڭ:دىن ۋە پەلسەپە ئارسىدىكى توقۇنۇش نامىلىق كىتابقا قاراڭ).
2. تۈرلۈك ئىلىم-پەنلەر مەيدانىدا:
ياۋرۇپا ئوتتۇرا ئەسىردە ئۇيقۇسىدا ئىغىر ئۇخلاۋاتقانىدى، نادانلىق ۋە ساۋاتسىزلىق پۈتۈن ئەتراپىنى قاپلىغان ئىدى. پەلسەپە، مىدىتسىنا،ماتىماتكا،خىمىيە، ئاستورنۇمىيە…دىن بىر نەرسىە بىلمەيتتى.
ئىشبىلىيە،قۇرتىبە،غەرناتە(ھەممىسى ئىسپانىيەدىكى شەھەرلەر) مەكتەپلىرىدە ئالىملىرىمىز ۋە پەيلاسوپلىرىمىزنىڭ ئاۋازى جاراڭلىغان ۋاقتىدا ياۋرۇپا ئۇيقۇسىدىن ئويغاندى، ئۇلار مۇسۇلمان ئالىملارغا شاگىرت بولۇپ بىلىم-مەرىپەت، مەدەنىيەت ۋە ھەزارەت پرىنسىپلىرىنى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن يۈزلەندى.
ئالىملار ئىلمى دەرس سورۇنلىرىدا زىمىننىڭ تارتىش قانۇنى ۋە يۇمىلاقلىقى…توغرىسىدا سۆزلەۋاتقان ۋاقتىدا ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئەقلى خۇراپات ۋە ئەپسانىلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن، خىياللار چاڭگا تىزغان ئىدى!…
شۇ ۋاقىتتا چىركاۋ ئىلمى نەزىريەنى كۆتىرىپ چىققانلارغا ئۆلۈم جازاسى ئىلان قىلىپ تۇراتتى، بەزىدە تىرىك كۆيدۈرۋىتەتتى.چىركاۋ جون ھىسنى 1415-يىلى،جىيرۇم، جان دارك،بىرونونىنى 1598-يىلى تىرىك كۆيدۈرۋەتكەن، شۇنداقلا ئەبىيلارد،روجىر بىيكون ۋە گالىلىنى…قولغا ئىلىپ بەزىسىنى تۈرمىدە جان ئۈزدۈرگەن يەنە بەزىسىنى تىرىك كۆيدۈرۋەتكەن.چىركاۋنىڭ تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قىلمىشى دۇنيا تارىخىدىن ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ…
چىركاۋ پىكىر، بىلىم ۋە ئىسلاھات ئەربابلىرىنى قوغلاش بىلەن كۇپالىنىپ قالماي ئۇلارنىڭ پىكىرلىرى ۋە كىتابلىرىنىمۇ قوغلىغان،ئەسەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ كۆيدۈرۋەتكەن…(دوكتۇر مۇستاپا سىبائىنىڭ: ئىسلامدىكى دىن ۋە دۆلەت نامىلىق كىتاۋىغا قاراڭ. شۇنداقلا ”ۋول دىيورانتنىڭ“ ھەزارەت قىسسى“ ئىمان دەۋرى دىگەن كىتاۋىنىڭ 13 ۋە 14- تومغا قاراڭ).
مانا بۇ ياۋۇرپانىڭ پىكىر،بىلىم مەرىپەت ۋە ئىسلاھاتچىلارنى ئىزىشتىكى ئەھۋالى… ئۇنداقتا سىز ئىسلام ئالىملىرىدا كۆرۈنگەن ئىلمى، پەلسەپەۋى ۋە پىكرى ئويغۇنۇشلارنى تونۇپ يىتىشىڭىز مۇھىم، ئىسلام ھەزارىتى يىڭى ياۋرۇپانىڭ ئويغۇنۇشىنىڭ سەۋەبى ئىدى.
بىرىنچى:پەلسەپىدە:پەلسەپە ساھەسىدە بىزدە چاقناپ تۇرىدىغان ئىسىملار ۋە مەھسۇلاتلار كۆپ مەۋجۇد. مەسىلەن، مۇھەممەد ئىبنى باجە، ئىبنى رۇشد(غەربكە زور تەسىر كۆرسەتكەن بۈيۈك پەيلاسوپ)، ئىبنى تۇفەيل(ھەييىن ئىبنى يەقزاننىڭ ئاپتورى)،ئىبنى سىينا، فارابى ۋە غەززالى…
ئىككىنچى: تارىختا:دۇنيا جەمىيەتشۇناس ۋە تارىخ ئالىملىرى ئىتىراپ قىلىدىغان بىر مەسىلە شۇكى، مۇسۇلمانلار تارىخنى قائىدە- قانۇنىيىتى بار ئايرىم بىر پەن قىلغان.
تارىخ بىلمىدە يىڭىلىق ياراتقان ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم ئىبنى خەلدۇن.فىرانسىيەلىك ئالىم ئوۋغىست كونت ئۇنىڭ كۆپ نەزىريەلىرى ۋە كۆز قاراشلىرىنى ئالغان… ئىبنى خەلدۇن جەمىيەتشۇناسلىق ئىلمىنى ئىجات قىلغان بۈيۈك جەمىيەتشۇناس ئالىم.
تارىخ مەيدانىدا كۆزگە كۆرۈنگەن مەشھۇر تارىخچىلاردىن: ئىبنى ھەييان قۇرتىبى، رازى، ئىبنى خەتىب، ئىبنى ئەسىر،تەبەرى…(ئەرەبلەردىكى ئىلىم-پەنلەرنىڭ تارىخى نامىلىق كىتابقا قاراڭ، ياكى ھەر قانداق مەشھۇر ئىلىم-پەنلەر تارىخى نامىلىق كىتابلارغا قاراڭ).
ئۈچىنچى:جۇغراپىيەدە:رازى،ئەبۇئۇبەيد بەكرى،ئەزرى،ئىدرىسى،ئىبنى جۇبەير، ئىبنى بەتتۇتە… خەلقئارالىق سەپەر قىلغانلار ھىسابلىنىدۇ.
مىلادى 10-ئەسىردە ياشىغان تارىخشۇناس ئىبنى ئۇبەيد جۇغراپىيەسىدە ياۋرۇپانىڭ شىمالى ۋە شەرقى رايۇنلىرى توغۇرلۇق سۆزلەيدۇ.
تۆتىنچى:ئاستورنومىيەدە:غەربنىڭ ئىنساپلىق ئالىملىرى ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئاستورنومىيە ساھەسىدىكى ئىجادىيىتى ۋە بىلىمىگە گۇۋاھلىق بىرىدۇ، ئۇلار ياۋرۇپانىڭ كۆپ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان كىتاب ۋە نەزىريەلىرىنى يازغان.
تۇلەيتىلە(ئىسپانىيە ئەتراپىدىكى شەھەر)، قۇرتىبە، بەغداد،دەمەشىق، قاھىرە،سەمەرقەند ۋە فارىس(ئىراندا) ئىلمى، فەلەك كۈزتۈش ئەسۋابلىرى ۋە تەجىربىخانلىرى بار ئىدى.(غوستاف لوبۇننىڭ“ئەرەب مەدەنىيىتى“، گىرمانىيەلىك شەرقسۇناس زىيغىر ھونكەنىڭ“ئەرەب قوياشى غەربكە نۇر چاچىدۇ“،“ۋول دىيورانتىڭ“مەدەنىيەت قىسسىسى“ 13 ۋە 14-تومغا قاراڭ).
بەشىنچى:ئىنژىنىرلىقتا:ئىنژىنىرلىق ۋە قۇرۇلۇش مەيدانىدا مۇسۇلمانلارنىڭ يۇقىرى ئورنى بار، مۇسۇلمانلارنىڭ مەسجىدلىرى، قەسىرلىرى،خەلقئارالىق مەكتەبلىرى…ئۇنىڭ دەلىلى.
غوستاف لوبۇن“ئەرەب مەدەنىيىتى“نامىلىق كىتاۋىدا:“ياۋرۇپا ئەرەبلەردىن زىننەتلەش تەپسىلاتىنى قوبۇل قىلغان…“دەيدۇ.
ئىسپانىيەدىكى زەھرا قەسرى(سارىيى)،زەھرا شەھىرى،قەيرۇۋان، ئەزھەر ئۇنۋىرسىتىتى، ئۇمەۋى مەسجىدى…ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئاددى مىسالى…
ئىبنى ھەيسەم،مۇھەممەد بەغدادى ۋە ئۇلاردىن باشقىلار ئىنژىنىرلىق مەسىللىرىدە بىر قانچە پارچە كىتاب ۋە ماقالە يازغان.(ئىلىم-پەنلەر تارىخىغا قاراڭ).
ئالتىنچى:ماتىماتكا:ئىسلام ئۆلىمالىرى ماتىماتكا پەنلىرىدە يىتىشىپ چىققان ۋە ئۇنىڭ پىرنسىپى ۋە قائدىسىنى تۈزۈپ چىققانلار.بۇ ھەقتە:شەرقشۇناس سىدىيۇ، لىيونارد بىيزى، فىيلىب ھىتتى ۋە ۋول دىيورانتنىڭ سۆزلىرىگە قاراڭ. مۇسۇلمانلار ماتىماتكا ساھەسىدە دىكارت ۋە بىيكرنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
بۇ ساھەسىدە يىتىشىپ چىققان ئالىملاردىن: ھەسەن ئىبنى ھەيسەم،ئىبنى سىينا،خاۋارىزمى،ئىبنى بەننا…
يەتتىنچى:فىزىكا: دەسلەپقى مۇسۇلمانلار فىزىكا بىلىملىرىدە ئىزدەنگەن، لىكىن ئۇلارنىڭ تەتقىقاتى بىزگە يىتىپ كىلەلمىگەن،چۈنكى ئۇ پەنلەرنىڭ ڭۆپىنچىسى لاتىن ۋە گىرىك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، تەرجىمە قىلغۇچىلار ئاپتورلارنىڭ ئىسمىغا سەل قارىغان.ھازىرقى دەۋرىدىكى ئىنساپلىق غەرب ئالىملىرى بولمىغان بولسا بۇ نەزىريەرلەنى بىلمىگەن بولاتتۇق.
نۇر ئىلمى:ئۇنى مۇسۇلمان ئالىملىرى ”ئىلمۇ بەسەرىيات ياكى ئىلمۇ مەنازىر“دەپ ئاتايدۇ.مۇسۇلمانلار ئىلىم-پەنگە كۆڭۈل بۆلگەندە بۇ پەنگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. مۇسۇلمانلارنىڭ بەسەرىيات(نۇر ئىلمى) ئىجادىيىتى بولمىغان بولسا ئاستورنومىيە، تەبىئى پەنلەر تەرەققى قىلالمىغان بولاتتى دىسەك مۇبالىغا قىلىۋەتكەن بولمايمىز.
ئىبنى ھەيسەم مىلادىيە يەتتىنچى ئەسىردە نۇر ئىلمىنىڭ يىتەكچىسى دەپ ئاتالغان،ئىبنى ھەيسەمنىڭ ”مەنازىر“نامىلىق كىتاۋى يەتتە توم بولۇپ، بەسەرىيات(يەنى نۇر ئىلمى)نىڭ بارلىق كۆپلىگەن مەسىللىرىنى تەتقىق قىلىدۇ.
يۆلۈنۈش بەلگىلەيدىغان ماگىنىتلىق يىڭنە(كومپاس)ۋە ۋاقىت ھىساپلايدىغان سائەتنىڭ تىلىنى مۇسۇلمانلار مىلادىيەنىڭ 10-ئەسىرىدە ئىجات قىلىپ چىققان.سائەتنىڭ تىلىنى ئىبنى يۈنۈس مىسرى ئىجات قىلغان. لىكىن ئۇ ئىجادىيەتنىڭ 1642-يىلدا ياشىغا گالىلىغا نىسبەت بىرىلىشى ئىنساپسىزلىق، چۈنكى مۇسۇلمانلار بۇ نەرسىنى غەربتىن 6-ئەسىر ئىلگىرى ئىشلەتكەن.(ماتىماتكىچى سىمىسنىڭ:ماتىماتكا تارىخى نامىلىق كىتاۋىغا قاراڭ).
مۇسۇلمانلار فىزىكىنىڭ نەزىريەلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان،ئىسھاق نىيوتىننىڭ تارتىش قانۇنىيىتى ئىسلامى نەزىريەدۇر.شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ماگىنىت، بەسەرىيات،ئاۋاز، كۆزنەك توغرىسىدا سۆزلەپ ئىجادىيەت ياراتقان.
سىدىيو“ئەرەب تارىخى“نامىلىق كىتاۋىدا مۇنداق دەيدۇ“ئەرەبلەر سايا ئۈسكۈنىسى، ئايلانما كۆيدۈرۈش ئۈسكۈنىسى،كىسىپ كۆيدۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى تونۇپ يىتىپ، مىكاينىكا پەنلىرىدە چوڭ باسقۇچ بىسىپ ئۆتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى ھارۇن رەشىد ئەنگىلىيەنىڭ پادىشاھى شارلىمانغا چوڭ تىللىق سائەتنى ھەدىيە قىلىپ ئەۋەتكەندە،قەسىردىكىلەر ئەجەبلىنىپ، ئۇنىڭ قانداق قۇرۇشتۇرۇلغانلىقىنى بىلەلمىگەن“.
سەككىزنىچى:خىمىيە:
مۇسۇلمانلارنىڭ خىمىيەدە كۆپ ھەسسە قوشقانلىقىنى ھىچ بىر كىشى ئىنكار قىلالمايدۇ. قەدىر توقان ”ئەرەبلەردىكى ئىلىم-پەنلەر“نامىلىق كىتاۋىدا مۇنداق دەيدۇ:“مۇسۇلمانلار خىمىيە ماددىللىرى ئارقىلىق: بوياقچىلىق،ئاشلاش، مەدەن سانائەتلىرى ۋە ئەتىر ياساشقا ئوخشاش…كۆپلىگەن سانائەتلەرنى ئىشلەپچىقىرالىغان“.
غوستاف لوبۇن“ئەرەب مەدەنىيىتى“نامىلىق كىتاۋىدا مۇنداق دەيدۇ:“بارۇد(ئوق)بىرىكمىلىرى(يەنى بوتاسىيۇم پارچىلىرى)نى جۇڭگۇلۇقلار ئىجات قىلغان بولسا، مۇسۇلمانلار توپ ئوقى ئىتىشنى قوبۇل قىلىدىغان پارتىلىغۇچ ئوقنىڭ تۇزىنى ئىجات قىلغان.ئەنگىلىيە ئاندىن كىيىن ياۋرۇپالىقلار مۇسۇلمانلاردىن قوبۇل قىلغان…“.
رازى، ئىبنى جابىر يىڭى خىمىيەنىڭ ئاساسىنى قويغۇچىلار، ئۇلار ھاياتنى ئۆزگەرتىدىغان ئىكسىرنى كەشىپ قىلىشقا ئۇرۇنغان، ئۇلار شۇ ئارقىلىق تىمىتىش، يۇقىرى كۆتۈرۈش، توڭلۇتۇش ۋە تەھلىل قىلىشنى تونۇپ يەتكەن…
توققۇزىنچى:سانائەت:
مۇسۇلمانلار سانائەت ساھەسىدە كۆپ ئىجادىيەت ياراتقان، كۆپلىگەن سانائەتلەردە يىتىشىپ چىققان، ياۋرۇپا ئۇلارنىڭ سانائىتىدىن كۆپ پايدىلانغان.
فىيلىب ھەتتا“ئەرەب تارىخى“نامىلىق كىتاۋىدا:“قەغەز ئىسلامنىڭ ياۋرۇپا ۋە ئالەمگە تەقدىم قىلغان بۈيۈك خىزمىتى قاتارىدىن سانىلىدۇ“دەيدۇ.
مەقرى“نەفھۇ تيىب“نامىلىق كىتاۋىدا:ئەندەلۇس(ئىسپانىيە)دە چىنە قىلىش، ساپال، ئەينەك، مەدەن سانائەتلىرى گۈللىنىپ ئىتالىيە ۋە فىرانىسيەگە يۆتكەلگەن دەيدۇ.
گىرىك تارىخچىسى جوتىيە مۇنداق دەيدۇ:“ئەرەبلەر بىزگە كىتاب تۈزۈش، توپ ئوقى ياساش، پاراخوتنىڭ كومپىسى ۋە قەغەز ياساشنى ئۈگەتتى، مۇشۇ نەرسىلەر ئەرەب مەدەنىيىتىدىن يىتىپ كەلمىگەن بولسا ئەھۋالىمز قانداق بولاركىن“.(دوكتۇر مۇھەممەد كۇرد ئەلىنىڭ:ئىسلام ۋە ئەرەب مەدەنىيىتى نامىلىق كىتاۋىغا قاراڭ).
سىديو“ئەرەب تارىخى“نامىلىق كىتاۋىدا:“ئەرەبلەر ئۇچۇشتا ياۋرۇپالىقلارنى بىسىپ چۈشكەن، ئەندەلۇسنىڭ داناسى ئابباس ئىبنى فىرناس تاشتىن ئەينەك ياسىغان ۋە ئۇچۇشقا ئۇرۇنغان“.
ئۇ يەنە:“ئەندەلۇسلۇقلار ھەرب بىلەن باسمىچىقىلنى گىرمانىيەلىك ئىجات قىلغۇچى جەتنبرۇغدىن 400 يىل ئىلگىرى تونۇپ يەتكەن…دەيدۇ.
سانائەتنىڭ قالغان تۈرلىنى بىلىش ئۈچۈن لافىس رامبونىڭ“ئومۇمى تارىخ“دىگەن كىتاۋىغا قاراڭ.
ماقالە ئۇزۇراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يىزا ئىگىلىك،مىدىتسىنا،دورىگەرلىك ۋە باشقا پەنلەرنى كىچىكتۈرىمىز،كىيىنچە بايان قىلىمىز، قىسقىسى مۇسۇلمانلارنىڭ تۈرلۈك پەنلەردىكى ئىجادىيىتىنى بىلىش ئۈچۈن ئىشەنچىلىك ئىلىم-پەنلەر تارىخىغا قاراڭ.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئىسلام دىنى مەدەنىيەت دىنى ۋە بىىلم-مەرىپەتنىڭ مەشئىلى…
3. تىل ۋە ئەدەبىيات مەيدانىدا:شۇنداقلا بۇ تىمىنىمۇ كىلەركى ماقالىمىزگە قالدۇرىمىز.
ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ يۆتكىلىش ئىغىزلىرى
ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ غەربكە يۆتكىلىش ئىغىزلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتىن ئىلگىرى،ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ غەربكە قانداق يۆتكەلگەنلىكى؟ ئۇلاردا قانداق تەسىر پەيدا قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيتىگە قانچىلىك ھەسسە قوشقانلىقىنى ياخشى بىلىش ئۈچۈن ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەھۋالى توغۇرلۇق قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتىمىز.
بىرىنچى:ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەھۋالى:
ئىسلام مەدەنىيىتى ياۋرۇپاغا نۇر چىچىشتىن ئىلگىرى يارۋۇپالىقلارنىڭ ئەھۋالىغا بىر قاتار نەزەر تاشلايدىغان بولساق ئۇلارنىڭ پىكىر،ئەخلاق ۋە بىلىم-مەرىپەتتە ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.
بۇ سۆزىمىزگە غەربلىك شەرقشۇناسلارنىڭ سۆزلىرىنى گۇۋاھ كەلتۈرىمىز:
*گوللاندىيەلىك شەرقشۇناس“دورزى“مۇنداق دەيدۇ:“ئەندەلۇس(ئىسپانىيە)تا بىرمۇ ساۋاتسىز ئادەم تىپىلمايتتى، لىكىن ياۋۇپادا پوپلاردىن باشقىلار يىزىق ۋە ئوقۇشنى بىلمەيتتى“.
*“لىين بول“(ئەرەبلەر ئىسپانىيەدە)نامىلىق كىتاۋىدا مۇنداق دەيدۇ:“ياۋرۇپا ساۋاتسىز بولۇپ نادانلىق، بىلىمسىزلىك ۋە مەھرۇملۇقتا يۇقىرى پەللىدە ئىدى.ئەندەلۇس بولسا بىلىم-مەرىپەت يىتەكچىلىكى ۋە دۇنيادىكى مەدەنىيەت بايرىقىنى كۆتۈرەتتى.
* غوستاف لوبۇن“ئەرەب مەدەنىيىتى“نامىلىق كىتاۋىدا مۇنداق دەيدۇ:“غەربتىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرى ۋەھشى(سىنۋارات ياكى سىرنىييۇن)لار ئولتۇرىدىغان سارايلار ئىدى، لىكىن ئۇلار ئوقۇيالماسلىقى بىلەن پەخىرلىنەتتى“.
مىلادىيە 11-ئەسىردە ياشىغان ئىبراھىم ئىبنى يەئقۇب تەرتۇشى ئىسپانىيەنىڭ شىمالىدا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:“ئىسپانىيەنىڭ شىمالىدىكى ئاھالىلەر پەسكەش ۋە ئەخلاقسىز بولۇپ، يىلدا پەقەت بىر ياكى ئىككى قىتىم يۇيىناتتى، كىيىملىرىنى بىر كەيگەنچە يۇيمايتتى، ئۇلار تەرلىرىدىن پەيدا بولغان كىرلەرنى بەدەنلىرىگە شىپا دەپ گۇمان قىلشاتتى“.
ئۇ يەنە سىرنىييۇنلار توغرىسىدا:“ئۇلار رەئىسى ئۆلۈپ قالسا ئۆزلىرىنى ۋە ئۇلاغلىرىنى كۆيدۈرەتتى.ئۇلارنىڭ قىلىقلىرى ھىندىلارغا ئوخشىشىپ كىتەتتى، ئۆلۈكنى كۆيدۈرگەندە دۇمباق چىلىپ خۇشال بولىشاتتى…ئۆلۈكنىڭ ئاياللىرى بولسا قوللىرى ۋە يۈزلىرىنى پىچاق بىلەن تىلىۋىلاتتى“دەيدۇ.
*“فىكتور روبىسىن“ئەندەلۇستىكى ئىسلام مەدەنىيتى بىلەن ياۋرپانىڭ ئەھۋالىنى سىلىشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:“ياۋرۇپا كۈن كىرىپ كەتكەندىن كىيىنىكى زۇلمەتتەك قاراڭغۇ ھالەتتە ئىدى، قۇرتىبەدە بولسا چىراغلار يورۇتۇپ تۇراتتى، قۇرتىبە 1000 مۇنچا ياسىغاندا ياۋرۇپا مەينەت ئىدى،قۇرتىبەلىكلەر پاكىز ياۋرۇپالىقلار مەينەت ئىدى، ياۋرۇپانىڭ ئۇلۇغلىرى ئىمزا قىلالمايدىغاندا قۇرتىبەنىڭ ئۆسمۈرلىرى مەكتەپلەرگە باراتتى،ياۋرۇپانىڭ پوپلىرى چىركاۋنىڭ بىر نىمىللىرىنى گىڭشىپ ئوقۇپ ئولتۇرغاندا، قۇرتىبەنىڭ مۇئەللىملىرى بۈيۈك ئىسكەندەرىيە كۈتۈپخانىسىغا ئوخشاش تەڭ كىلىدىغان كۈتۈپخانا سالغان ئىدى“.
مانا بۇلار غەرب ئالىملىرىنىڭ ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىرگە قارىتا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى…
ئىككىنچى: ئىسلام ھەزارىتىنىڭ غەربكە يۆتكىلىش ئىغىزلىرى:
كۆپلىگەن كىشلەر ئىسلام ھەزارىتى ياۋرۇغا قانداق يۆتكىلىپ بارغان؟ دەپ سورايدۇ:تارىخچىلار ئىسلام ھەزارىتىنىڭ ياۋۇپاغا يۆتكىلىش ئىغىزلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىشىدۇ:
1.ئەندەلۇس ئارقىلىق
2.سەقەلىيە ئارقىلىق
3.كىرىست ئۇرۇشلىرى ئارقىلىق
4.فىرانسىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ جەنۇبى ئارقىلىق، شۇنداقلا ئىسپانىيە، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيەدىكى تەرجىمە مەكتەپلىرى ئارقلىىق.
ئىسلام دىنى ئەينى زاماندا كەڭرى تارقىلىپ تىجارەتچىلەر، ئىزدەنگۈچىلەر ئارقىلىق فىرانسىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىغىچە يەتكەن، ئەندەلۇس(ھازىرقى ئىسپانىيە)ئىسلام خەلىپىلىگى ئاستىدا 8-ئەسىر تۇرغان.
ئۈچىنچى: ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ كاتتىلىغا ئىنساپلىق غەرب ئالىملىرىنىڭ گۇۋاھلىقى:
14ئەسرىدىن بۇيان مەدەنىيەت قوياشىنى دۇنياغا تاراتقان ئىسلام مەدەنىيىتى بولمىغان بولسا ئالەم نادانلىق ۋە ساۋاتسىزلىقتا تەمىتىلەپ يۈرگەن بولاتتى.پەزىلەتنى پەزىلەت ئىگلىرىدىن باشقىلار تونىمايدۇ، بىر نەرسىنىڭ كاتتىلىقى دۇشمەنلىرىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن تونۇلىدۇ دىگەن كۆز قاراشقا ئاساسەن بىز چوقۇنۇشقا باشلىغان غەرب ئالىملىرىنىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۈزۈندە بايان قىلىمىز.قىنى بۇ گىپىمىز ھەققىدە غەرب ئالىملىرىنىڭ سۆزلىرىگە نەزەر تاشلايلى:
*نىيويورىك ئۇنۋىرسىتىدىكى ئوقۇتقۇچى“دويبىر“،“ئىلىم ۋە دىن ئارسىدىكى تالاش-تارتىش“نامىلىق كىتاۋىدا مۇنداق دەيدۇ:“ئىسلام خەلىپىلىكى 813-يىلى مەئمۇنغا يۆتكەلگەندە بەغداد زىمىندىكى ئەڭ كاتتا ئىلمى پايتەخىتكە ئايلاندى،خەلىپە بەغدادقا ساناقسىز كىتابلارنى توپلىدى، ئالىملارنى ئۆزىگە يىقىنلاشتۇرىدى ۋە ئۇلارنىڭ قەدىر قىممىتىنى كۆتۈردى“.
ئۇ يەنە شۇ كىتاۋىدا:“ئىسلام ئالىملىرى كونا بىلىملەرنى بەك تەرەققى قىلدۇردى، ئىلگىرى يوق بولغان بىلىم-مەرىپەتلەرنى ئىجات قىلىشتى…مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنۋىرىسىتىتلىرى بىلىم ئىلىش ئۈچۈن كەلگەن ياۋرۇپالىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوچۇق ئىدى.ياۋرۇپانىڭ پادىشاھلىرى ۋە ئەمىرلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرلىرىگە داۋالىنىش ئۈچۈن كىلىشەتتى“.
*سىيدىيلوت“،(ئەرەب تارىخى)نامىلىق كىتاۋىدا مۇنداق دەيدۇ:“مۇسۇلمانلار ئوتتۇرا ئەسرلەردە بىلىم-مەرىپەت، پەلسەپە ۋە تۈرلۈك پەنلەردە يەككە يىگانە ئىدى…ئۇلار قەيەرگىلا بارسا بىلىم-مەرپىەت تارقاتتى، بىلىم-مەرىپەت ياۋرۇپاغا ئۇلاردىن ئىقىپ كىردى، ئۇلار ياۋرۇپانىڭ ئويغۇنۇشى ۋە تەرەققى قىلىشى سەۋەب بولدى“.
*غوستاف لوبۇن“ئەرەب ھەزارىتى“نامىلىق كىتاۋىدا مۇنداق دەيدۇ:“تارىختا ئەرەبلەرگە ئوخشاش يۇقىرى تەسىر كۆرسىتەلىگەن ئۈممەت تىپىلمايدۇ، ئەرەبلەر بىلەن ئالاقىسى بار مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ھەزارىتىنى بىر مەزگىل بولسىمۇ قوبۇل قىلدى…“
ئۇ يەنە:“ئەرەبلەرنىڭ شەرقتىكى تەسىرى دىن،تىل، گۈزەك-سەنئەتلەردىلا بولۇپ قالماستىن، ئىلمى ۋە مەدەنىيەتتىمۇ زور تەسىرى بولغان“.
ئۇ يەنە ئۇستاز لىيبرىدىن نەقلى قىلىپ:“ئەگەر ئەرەبلەر تارىخ سەھنىسىدە كۆرۈنىمىگەن بولسا ياۋرۇپانىڭ يىڭى ئويغۇنىشى بىر قانچە ئەسىر كىچىككەن بولاتتى“دەيدۇ.
*بىرلىفولىت“ئىنسانىيەتنىڭ يىتىلىشى“نامىلىق كىتاۋىدا مۇنداق دەيدۇ:“بىلىم-مەرىپەت ئەرەب مەدەنىيىتى يىڭى دۇنياغا تەقدىم قىلغان ئەڭ بۈيۈك نەرسە،ياۋرۇپانىڭ قايسى بىر تەرپىدە بولمىسۇن ئىسلامنىڭ يەككە يىگانە مەدەنىيەت تەسىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ…تەبئى پەن ۋە ئىلمى روھتا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى بەك كۆپ…بۇنىڭدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى ئىسلام دىنى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى دىنىدۇر…“
*غوستاف لوبۇن ”ئەرەب ھەزارىتى“نامىلىق كىتاۋىدا مۇنداق دەيدۇ:“ياۋرۇپا زۇلمەتتىكى چاغلاردا ئەندەلۇسنىڭ كۈتۈپخانىلىرى ئىنسانىيەت مەرىپەت بىلىملىرىنىڭ تۈرلۈك مىڭلىغان كىتابلىرى بىلەن توشۇپ تۇراتتى، ئىلمى پەنلەر، ئەدەبىيات ۋە گۈزەل سەنئەتتىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى…“
*ئىسلام ھەزارىتىنىڭ ياۋرۇپانىڭ يىڭى ئويغۇنۇشىغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەپسلى كۆرمەكچى بولسىڭىز يىقىنقى زامان ئالىمى گىرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئايال“زىيغىرىيد ھونكە“نىڭ( ئەرەب قوياشى غەربكە نۇر چاچىدۇ)نامىلىق قىممەتلىك ئەسىرىگە قاراڭ.(بۇ كىتاب ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن غەربنىڭ بىشىنى ئاغرىتقان مەشھۇر كىتابلارنىڭ بىرسى ھىسابلىنىدۇ).
مانا بۇلار ئىنساپلىق غەرب ئالىملىرىنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى توغۇرلۇق قىلغان گۇۋاھلىقىنىڭ ئازلا بىر قىسمى…
ئىسلام ھەزارىتىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك تۇيغۇلار
1.دىنغا كىرشكە مەجبۇرلىماسلىق پرىنسىپى.
2.مىللەتلەر ئارا تونۇشۇش ۋە چۈشۈنۈشۈش تۇيغۇسى.
3.دۆلەتلەر ئارا ئالاقە ئورنۇتۇش تۇيغۇسى.
4.ھەممەيلەن ئۈچۈن ئادالەتنى رىئاللىققا ئاشۇرۇش پرىنسىپى.
5.تىنىچىلىققا مايىل بولۇش پرىنسىپى.
6.ئەسرلەرگە ياخشىلىق قىلىپ قويىۋىتىش ياكى تۆلەم ئىلىپ قويىۋىتىش پرىنسىپى.
7.ئۇرۇشتىمۇ رەھىمدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش پرىنسىپى.
8.ۋەدە ۋە شەرتلەرگە رىئايە قىلىش پرىنسىپى.
9.ئىسلام تۈزۈمى ئاستىدا ياشايدىغان باشقا دىندىكىلەرگە ياخشىلىق قىلىش پرىنسىپى.
10.قۇدرىتى يىتىپ تۇرۇپ كەچۈرۋىتىش پرىنسىپى.
11.مىللەتلەر مەدەنىيىتىدىن پايدىلىنىش پرىنسىپى.
*فىرانسىيە پەيلاسوپى غوستاف لوبۇن“ئەرەب تارىخى“نامىلىق كىتاۋىدا:“تارىخ ئەرەبلەردىنمۇ ئادىل ۋە رەھىمدىل ئازات قىلغۇچىلارنى تونۇپ باقمىدى“دەيدۇ.
*ئارنولىد“ئىسلامغا دەۋەت“نامىلىق كىتاۋىدا مۇنداق دەيدۇ:“قىلىچ كىشلەرنى ئىسلامغا كىرگۈزۈشنىڭ ۋاستىسى ئىدى دىگەن كۆز قاراش ھەقىقەتتىن بەك يىراق…دەۋەت ۋە قانائەتلەندۈرۈش ئسىلام دەۋىتىنىڭ ئاساسلىق تەبئىيىتى ئىدى“.
بەزى ئاپتورلىرىمىزنىڭ سەمەرقەندكە ئىسلام دىنى قىلىچ بىلەن كىرگەن دىگەن كۆز قارشى بۇرمىلانغان تارىخ.ئۆمەر ئىبنى خەتتاب زامانىدىكى ئسىلام قوشۇنىنىڭ قۇماندانى بىلەن سەمەرقەند ئاھالىسى سۇلھى تۈزىدۇ، بىر قانچە يىللار ئۆتكەندىن كىيىن ئسىلام قوشۇنىنىڭ قۇماندانلىرى ئالمىشىپ توختامنى بىلمەي سەمەرقەنكە بىسىپ كىرگەندە سەمەرقەند ئاھالىسى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزكە توختامنى ئەسلىتىپ ئەرىز سۇنىدۇ، خەلىپە ئۆمەر ئىنى ئابدۇلئەزىز دەرھال ئسىلام قوشۇنىنى سەمەرقەندىتىن چىكىنىشكە بۇيرۇق قىلىدۇ.ئىسلام قوشۇنى سەمەرقەندتىن چىكىنىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئەخلاقىنى كۆرگەن سەمەرقەند ئاھالىسى ئۆزلۈكىدىن ئىسلام دىنىغا كىرىدۇ.
يۇقىرقىلاردىن شۇنداق خۇلاسىگە كىلىمىزكى، ئىسلام ھەزارىتى ئىككى نوقتىدا ئالاھىدە:
بىرىنچى:ئىسلام ھەزارىتى ماددى تەرەققىيات بىلەن ئالاھىدە،چۈنكى ئۇ ھاياتنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئىككىنچى:مەنىۋى تەرەققىيات بىلەن ئالاھىدە، چۈنكى ئۇ ئىنسانپەرۋەرلىك تۇيغۇ پرىنسىپلىرى، روھى ۋە ئەخلاقى ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مانا بۇ ئىككى خۇسۇسىيەت ئىسلام ھەزارىتىنىڭ ئارتۇقچىلىغى بولۇپ، ئىسلام ھەزارىتى ئىنسانىيەت بەخت-سائادىتىنىڭ يولى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك خاراكتىرىگە ئىگە مەدەنىيەتتتۇر.
بۈگۈن ئۆزىنى دۇنيانىڭ ساقچىسى ۋە يول باشچىسى دەپ دەۋا قىلىدىغان ئامىرىكا مەدەنىيىتى مىھمانخانا ۋە ئاممىۋى سورۇنلىرىغا“پەقەتلا ئاقلار“ئۈچۈن دەپ لوزۇنكا ئاسقان ۋاقتىدا ئىسلام ھەزارىتى ئىنسانلارنىڭ باراۋەرلىكىنى 14-ئەسىر ئىلگىرى ئىلان قىلىپ بولغان.ئەنگىلىيە ۋە فىرانىسىيەمۇ شۇنداق.
ئىسلام ھەزارىتىنىڭ ۋاقتى ئۆتتتىمۇ؟
مۇسۇلمانلار ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتە شۇنداق تەرەققى قىلغان ۋە ياۋرۇپانىڭ يىڭى ئويغۇنۇشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەنلىگىنى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتتۈق.
ئەمدى بۈگۈن مۇسۇلمانلارغا نىمە بولدى؟ مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەتتە ئارقىدا قىلىشى، سىياسى تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئىلىنىشى ۋە ئىجتىمائى جەھەتتىن پارچىلىنىشى…ئىسلام دىنىنىڭ سالاھىيىتىنى يوقاتقانلىقىدىنمۇ ياكى ئىلىگىرىكى مەدەنىيەت ئاچقۇچلىرىنىڭ بۈگۈن يارىماسلىقىدىنمۇ؟
ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ ئەمەس بۇمۇ ئەمەس… يەنى ئەيىپ دىنىمىزدا ئەمەس.
چۈنكى ئىسلام دىنى تۆۋەندىكى خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە:
*رەببانىلىق(خوداكويلۇق):چۈنكى بۇ دىن ھىكمەتلىك ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرپىدىن چۈشكەن.
*خەلقئارالىق: چۈنكى بۇ دىن بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن كەلگەن.
*ئومۇميۈزلۈك:چۈنكى بۇ دىن ھاياتنىڭ ھەممە تەرپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
*ئاسانلىق: چۈنكى بۇ دىن ئاسانلاشتۇرۇش ۋە قىيىنچىلىقنى كۆتۈرۋىتىش دىنىدۇر.
*يىڭىلىنىش:چۈنكى بۇ دىن ھەر قانداق ۋاقىت ۋە ھەر قانداق ئورۇندىكى ئىنسانلارنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. ئۆزلۈكىدىن يىڭىلىنىپ تۇرىدۇ.
*مەڭگۈلۈك:چۈنكى ئاللاھ بۇ دىننى قىيامەت كۈنىگىچە ھىمايە قىلىدىغانلىقى بىلەن ۋەدە قىلغان.
ئىسلام شەرىئىتى توغۇرلۇق غەربلىك ئالىملارنىڭ بىر ئاز گۇۋاھلىقىنى كەلتۈرسەك مەسىلە يوق:
*دوكتۇر“ئىزىكو ئىنسابتۇ“مۇنداق دەيدۇ:“ئىسلام شەرىئىتى كۆپلىگەن تەرەپلىرىدە ياۋرۇپانىڭ قانۇنلىرىنى بىسىپ چۈشىدۇ، ئسىلام شەرىئىتى ئالەمگە ئۆزگەرمەس قانۇننى بىرەلەيدۇ“.
*ۋىيەننا ئۇنۋىرسىتىىتىنىڭ ھوقۇق پاكولتىىتى مودىرى(شىبرىل)مۇنداق دەيدۇ:“ئىنسانىيەت مۇھەممەدكە ئوخشاش بىر ئىنسانغا نىسبەت بىلىگەنلىكى بىلەن پەخىرلىنىدۇ، ئۇ ساۋاستسىز بولسىمۇ بىر قانۇننى كەلتۈرەلىدى، بىز ياۋرۇپالىقلار ئۇ تۈزگەن قانۇننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە 2000 يىلدىن كىيىن يىتەلىسەك ئۆزىمىزنى بەختلىك ھىسابلايمىز“.
*ئەنلىگىيەلىك پەيلاسوف“بەرنادشو“مۇنداق دەيدۇ:“مۇھەممەدنىڭ دىنى داۋاملىق يىڭىلىق يارتالايدىغانلىقى ئۈچۈن قەدىرلەشكە تىگىىشلىك،ئۇنىڭ دىنى تۈرلۈك ھايات باسقۇچلىرىنى ھەزىم قىلىپ كىتەلەيدىغان بىردىن بىر دىندۇر. مەن مۇھەممەدنى ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزغۇچىسى دەپ چاقىرلىشىنى زۆرۈر دەپ قارايمەن، شۇنىڭدەك بىر ئادەم بۈگۈن ئالەمگە داھىيلىق قىلىپ قالسا ھەممە قىيىن مەسىلىلەر ھەل بولغان بولاتتى“.
*ئىنگىلىز تارىخچىسى“ۋىيىلىز“(ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ كۆرنۈشى)نامىلىق كىتاۋىدا:“ياۋرۇپا ئسىلامغا ئىدارە ۋە تىجارەت قانۇنلىرىدا كۆپ قەرزدار…“دەيدۇ.
فىرانسىيەلىك تارىخچى“سىدىيو“ تەكىتلەپ:“ناپالىيۇننىڭ قانۇنى ئىسلام پىشۋاسى ئىمام مالىكنىڭ فىقھى كىتاۋى(شەرھى دىردىر)دىگەن كىتابتىن نەقلى قىلىنغان“دەيدۇ.
ئەمما مەدەنىيەت ئاچقۇسىغا كەلسەك ئۆزگىرىپ قالغىنى يوق، ئۆز پىتى بار،ئۇ ھەر قانداق ۋاقىتقا يارايدىغان ئاچقۇچ.
ئۇنداقتا ھازىرقى مۇسۇلمانلارغا نىمە بولدى؟
جاۋاب:
*ھازىرقى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىگە ۋە ئىسلامى شەخسىيىتىگە ئىشەنمەيدۇ.
*ئۇلار زىمىندىن ئۈنۈپ چىققان پرىنسىپ ۋە تۈزۈملەرنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كەتتى.
*ئۇلار لىبرالىزىم ياكى سوتسىيالىزىمغا بۇرۇلدى.
*ئۇلار شەرىئەتنى تاشلاشتى.
*ئۇلار تەرەققىياتنى قارىغۇلارچە ئەگىشىش ۋە گۇناھغا ئىلىپ بارىدىغان رەزىللىكتە دەپ ئويلاشتى.
*ئۇلار دۇنياپەرەس بولۇپ ئاخىرەتنى تاشلىدى ياكى دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنى بىرلەشتۈرمىدى.
*ئۇلار ئىسلام كۆرسەتكەن مەدەنىيەت ئاچقۇچلىرىنى تاشلىۋەتتى.
*قىسقىسى دىنىنىڭ تەلماتىدىن چەتنەپ، ئىسلام بۇيرۇغان كۆرسەتمىلەرگە ئەمەل قلمىدى،ئىسلامنى تار كاتكورىيگە كىرگۈزۈپ قويۇشتى،ئىسلامنى ئەسلى ھالىتىدىكىدەك ئومۇميۈزلۈك توغرا چۈشۈنۈشمىدى. مانا بۇلار ئۇلارنىڭ ئارقىدا قىلشىنىڭ بىر قىسىم سەۋەبلىرى.(مۇسۇلمانلار نىمە ئۈچۈن ئارقىدا قالدى؟دىگەن تىمىدا ئايرىم توختىلىمىز).
فىرانسىەلىك كاتتا پەيلاسوپ روجى گارۇدى“ئامىرىكا چۈشكۈنلىشىشنىڭ ئاۋانگارتى“نامىلىق كىتاۋىدا چىقىش يولى دىن ۋە پەننى، روھ ۋە بەدەننى ۋە دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنى بىرلەشتۈرگەن ئسىلام دىنىدا دەپ بايان قىلىدۇ.
بوسنىيەنىڭ سابىق رەئىسى مۇتەپەككۈر ئەلى ئىززەت بىگوۋىچ“ئىسلام شەرق ۋە غەرب ئارسىدا“نامىلىق مەشھۇر پەلسەپەۋى كىتاۋىدا چىقىش يولى ئىسلامدا، ئىسلام 14-ئەسىر بويى ئۆزگىرىپ قالمىدى، ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى يوقۇتۇپ قويمىدى، مەڭگۇ ئۆزگەرمەس شەرىئەتتۇر دەپ زىكىر قىلىدۇ.
گىرمانىيەلىك مىنىستىر دوكتۇر مۇراد ھوفمان“ئسىلام ھەل قىلىش چارىسى ۋە ئىسلام21-ئەسىردە“نامىلىق ئىككى كىتاۋىدا ئسىلام دىنى باش رول ئالغاندا بۈگۈنكى دۇنيانىڭ كىرزىسى ھەل بولىدۇ دەپ يازىدۇ.
*****
مۇسۇلمانلار دىنىنى توغرا چۈشەنگەن، دىنىغا ئۆز لايىقىدا توغرا رەۋىشتە مۇئامىلە قىلغان، دىنىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى تونۇپ يەتكەن، دىنى قولىغا تۇتقۇزغان ئاچقۇچلارنى ھەرىكەتلەندۈرگەن، ھىممەت ۋە ئىرادىگە كەلگەن ۋاقتىدا يەنىلا مۇسۇلمانلار ئىسلام ھەزارىتىنى ئىلگىركىدەك ھەممىنىڭ ئالدىدا ئىلىپ ماڭالايدۇ، بىلىم-مەرىپەت ۋە ھىدايەت مەشئىلىنى دۇنياغا تەقدىم قىلالايدۇ…
ئىسلام ئاۋازى تور بىتى
2004-7-29

ئىختىلاپ قىلماسلىق ئۈچۈن باشقىلارنىڭ يول قويۇشىنى ئىستەش ئەمەس، بەلكى باشقىلارغا يول قۇيۇش كىرەك
دوستلىشىش
مەرىپەت
ئىنساننىڭ تۈپ ئاساسىي ھۇقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمە ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7488
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 124
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە124دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1250 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-20
ئاخىرقى: 2012-03-26

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
ئىسىل تىما ئىكەن
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن
ئاللا بىزنى پەقەت ئۆزىگە ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتى