بايلىقنى ھىچ كىم ئۇ دۇنياغا ئىلىپ كىتەلمەيدۇ
دۇنيادا مەرتلىكنى ۋە سىخىيلىقنى ماختىمايدىغان بىرمۇ مىللەت بولمىسا كىرەك. ئەرەبلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كىلىشتىن بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن ھاتەم ئىسىملىك بىر ئادەم مەرتلىك ۋە سىخىلىقنىڭ بىردىنبىر ئۆلگىسى ۋە نەمۇنىسى بولۇپ كەلمەكتە. ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى شائىرلاردىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ھەر قانداق شائىر شىىرلىرىدا ھاتەمنى سىخىلىق ۋە مەرتلىكنىڭ ئابىدىسى قىلىپ ماختايدۇ.بىز ئۇيغۇرلاردىمۇسىخى بىر ئادەمنى كۆرسە، » ھاتەمدەك ئادەم ئىكەن « دەيدىغان تەمسىللەرمۇ بار.
دۇنيادا توننىلاپ ئالتۇن ۋە مىلىاردلاپ دوللار تاپقان مىلىاردىرلارنىڭ نام- شوھرىتى قالماستىن، پەقەت ئاز بايلىقى بولسىمۇ شۇ بايلىقىدىن ئىنسانىيەتكە، خۇسۇسەن، ئۆز مىللىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە ياردەم قىلغان جانكۆيەر، سىخى كىشىلەرنىڭ نام- نىشانىسى خەلقنىڭ ئىغىزىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە.
ھاتەمنىڭ ئەكسىچە، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئۆتكەن بىخىل باي قارۇن بولسا، بىخىللىقنىڭ ۋە نامەرتلىكنىڭ بىردىنبىر سەلبىي ئۆلگىسى بولۇپ، دۇنيادىكى پۈتۈن مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ قەلبىدە قارۇن لەنەتكار بولۇپ ساقلىنىپ كەلمەكتە.
تارىخلارغا ئاساسلانغاندا، قارۇن ئىنتايىن چوڭ باي ئىكەن، ئۇنىڭ خەزىنلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى 40 تۆگە ئاران توشۇيدىكەن. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا » ئازراق بولسىمۇ ئاللاھ تائالا بۇيرىغان زاكاتنى ئادا قىلساڭكەن « دەپ تەلەب قويغاندا، ئۇ: »مىنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ بايلىققا ئىرىشتىم« (قەسەس سۈرىسى78- ئايەت) دەپ بۇ بايلىقلارنىڭ ئاللاھ تائالادىن بىرىلگەن ئىنئام ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، زاكات بىرىشنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇنى تىرىك تۇرغۇزۇپ يەرگە چۆكتۈرۈۋەتكەن.
دۇنيادا ھەر قانداق كىشى نام- نىشانىسىنىڭ مەڭگۈلىشىشىنى، ھاتەمدەك ياخشىلىققا ئۆلگە بولۇپ ئەۋلاتلىرىنىڭ تىللىرىدا ماختىنىشىنى ياقتۇرىدۇ، ئەلۋەتتە! ھىچ قانداق كىشى ئۆزىنىڭ نام- نىشانىسىنىڭ قارۇندەك نامەرتلىككە ئۆلگە بولۇپ قىلىشىنى ۋە خەلقنىڭ ئىغىزىدا لەنەتكار بولۇشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ. ھەر قانداق جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىشىدە شۇ جەمئىيەتتىكى بايلار يەنى مەرت بايلار ئالاھىدە سالماق ئورۇن تۇتىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە » بايلىرىڭلار بىخىللىشىپ كەتكەندە سىلەرگە يەرنىڭ ئۈستىدىن ئۇنىڭ ئاستى ياخشىراق بولۇپ قالىدۇ« دىگەن.
بۇ ھەدىسىنىڭ مەنىسى: »جەمئىيەتتىكى بايلىرىڭلار بىخىللىق قىلىپ ئاللاھ تائالا بەرگەن بايلىقلاردىن باشقا بىچارىلەرگىمۇ بىرىپ ئۇلارنى قۇتقازمىسا، ئىلىم- پەن كەشپىياتلارنى قوللاپ- قۇۋەتلەپ، پۇل- ماللىرىدىن سەرپ قىلمىسا، ئۇنداقلارنىڭ ئۆلگىنى ياخشىراق، ۋە سىلەرنىڭمۇ ھاياتىڭلار مەنىسىزدۇر، چۈنكى بۇنداق ھاياتتىن مەنپەئەت يوق، دىگەنلىكتۇر. دۇنيادا نۇرغۇنلىغان ئىلىم- پەن، كەشپىياتلار ئەڭ ئاۋۋال بايلارنىڭ قوللىشى ۋە ياردەم قىلىشى ئارقىسىدا ئۆز مىۋىلىرىنى بىرەلىگەن.
ئىلىم – دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك، بەخىت – سائادەتنىڭ ئاچقۇچىسىدۇر. كۆپ ھاللاردا بۇ ئىلىمنى تارقىتىش ۋە ئىلىش ئىشلىرى ئىقتىساتقا ئىھتىياجلىق. ئادەتتە ئىلىم بىلەن بايلىق بىر شەخستە جەم بولمايدۇ. شۇڭا ئالىم ئىلىمى بىلەن، باي پۇل – مىلى بىلەن جەمئىيەتكە خىزمەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بىر ئادەمگە بايلىقنى بەرسە ئۇنى ئىككى مەخسەت بىلەن بىرىدۇ: بىرى، ئۇ ئادەمگە ئىنئام يۈزىسىدىن، يەنە بىرى، ئۇئادەمنى سىناش ئۈچۈن، يەنى بۇ بايلىقنى سىخىيلىق بىلەن ئۆز يولىدا ئىشلىتەمدۇ ياكى بىخىللىق قىلىپ ئۇنى بىسىپ ياتامدۇ؟ دەپ ئىمتىھان قىلىش ئۈچۈن بىرىدۇ. بايلىقنىڭ ئاللاھ تائالادىن كەلگەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىھتىياجلىق بەندىلىرىگە ئازراق بولسىمۇ سەرپ قىلىپ بەرگەنلەرنىڭ بايلىقى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، ئۇنىڭ يۈزى يورۇق بولىدۇ. كىمكى بايلىقىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنئامى دەپ بىلمەستىن، ئۆز كۈچۈم بىلەن تاپتىمغۇ، دەپ مەغرۇرلىنىپ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بىرىشتىن باش تارتىپ بىخىللىق قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنى قارۇننى پاتۇرغاندەك يەرگە پاتۇرۇۋىتىدۇ. يىققان بايلىقى ئۇنى قۇتقۇزالمايدۇ، بەلكى ئۆزىگە دۈشمەن بولىدۇ. چۈنكى، ئىنساننىڭ ئۆزى ۋە پۈتۈن مۈلكى ئاللاھ تائالانىڭدۇر. ئاللاھ تائالا باي ۋە يوقسۇلنى ياراتتى. ئوخشاش دىپلومغا ئىگە ئوخشاش ئىشتا ئىشلەيدىغان، ئوخشاش ئەقىل- پاراسەتلىك ئىككى كىشىنىڭ بىرىنى ئاللاھ تائالا باي قىلسا، يەنە بىرىنى يوقسۇل ياكى بايدىن تۆۋەنرەك قىلىدۇ.
بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىزدا ئاللاھ تائالا بايلارغا زاكاتنى پەرز قىلغاننىڭ سىرتىدا ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىدىغان سەدىقە، خەير – ئىھسان ۋە ساخاۋەت ناملىرى بىلەن ئاتالغان ياردەم ۋاسىتىلىرىنىمۇ ئەمر قىلغان. ھەتتا بىر تەڭگە سەدىقە قىلغان كىشىگە يەتتە يۈز ھەسسە، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بىرىدىغانلىقىنى قۇرئاندا ۋەدە قىلغان. ئاللاھ تائالا: »خالىغان كىشىگە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بىرىدۇ« دىگەن. مانا بۇلار سەدىقە ۋە ياردەمنىڭ بۇ دۇنيادىكى پايدىسى. ئاخىرەتتىكى پايدىسى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: »ماللىرىنى كىچە- كۈندۈز (يەنى ھەممە ۋاقىت) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھالدا خەير- ئىھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، (ئاخىرەتتە) ئۇلارغا قورقۇنچ ۋە غەم- قايغۇ بولمايدۇ«. (بەقەرە سۈرىسى 274- ئايەت) يەنى دۇنيادىكى قىلغان ياخشىلىقلىرىدىن مەمنۇن بولۇپ، پۇشايمان قىلمايدۇ دىگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا بىخىللارغا قارىتىپ: » زالىملار (يەنى زاكاتنى مەنئى قىلغۇچىلار) ياكى پۇل- مىلىنى يىتىم- يىسىرلارغا ياردەم قىلماستىن گۇناھ ئىشلارغا سەرپ قىلغانلارغا ھىچ قانداق مەدەتكار چىقمايدۇ«. (بەقەرە سۈرىسى 270- ئايەت).
رىۋايەتلەردە ئىيتىلىشىچە: بۇرۇنقى زاماندا قابۇس دىگەن بىر باي ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ئۆلىدىغان ۋاقتىدا: » مىنى تاۋۇتقا سالغاندا ئىككى قولۇمنى تاۋۇتتىن چىقىرىپ قويۇڭلار« دەپ ۋەسىيەت قىلىپتۇ. بۇ ئۇنىڭ »مەن ئۆلمەيدىغاندەك دۇنيا يىغدىم. ئەمدى ئۆلگىنىمدە مال- دۇنيالىرىم شۇنداقلا قالدى. ئاخىرەتكە ئۇنى ئىلىپ كىتەلمىدىم. شۇڭا مىنىڭ قۇرۇق قول كەتكىنىمنى كىشىلەر كۆرسۇن« دىگىنى ئىكەن.
ئىسلام تارىخلىرىدا ئىيتىلىشىچە: چىڭگىزخان باغداتنى ئىشغال قىلغاندىن كىيىن، باغدات پادىشاھىنى تۇتۇپ ئۇنىڭ ئۆز ئالتۇنلىرىنى ئىرىتىپ ئاغزىغا قۇيۇپ ئۇنى ئازاپلاپ ئۆلتۈرگەن ئىكەن. بۇنىڭ سەۋەبىنى سوراشقانلارغا چىڭگىزخان: » بۇ پادىشاھ شۇنچە ئالتۇننى يىغىپ ياتقىچە ئۇنى سەرپ قىلىپ ئەسكەر توپلاپ بىزگە قارشى تۇرغان بولسا، مەملىكىتىنى ساقلاپ قالغان بولاتتى. سىلەرنىڭ بىخىللىقىڭلارنىڭ سەۋەبىدىن ئاللاھ تائالا مىنى سىلەرگە جازا قىلىپ ئەۋەتتى « دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن.
ھازىر جەمئىيىتىمىزدە نۇرغۇنلىغان مىلىونىرلارنىڭ رىكىيوتىرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ جىىنىدىن ۋە پۈتۈن مال – مۈلكىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمۇ بۇ ئىيتقانلىرىمىزنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. پۇل- ماللىرىنى مەكتەپ، مەسچىت ۋە مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن ياردەم ئورنىدا بىرىۋاتقانلار ئامان، خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ.
بىز ئەزەلدىن تىرىشچان، پائالىيەتچان بىر مىللەت بولغاچقا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان بولساقمۇ، باشقىلارغا قارىغاندا خىلىلا ياخشى ياشاۋاتىمىز. بىراق، بىزدىكى مەرتلىك، سىخىيلىق، ئۆزئارا ياردەملىشىش ۋە مىھماندوستلۇقتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار مىللىي ئەنئەنىمىز ۋە مۇقەددەس ئىسلامىي ئەخلاقىمىز تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇزۇلغاندىن كىيىن، بىغەم، ھىسسىياتسىز، ئۆزىمىزنىلا ئويلاپ ياشاۋاتىمىز. ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىز، ئەۋلاتلىرىمىز سەرسان، بىچارە، خورلۇقتا ياشاۋاتسىمۇ بىز ئۇلارنى ئىسىمىزگىمۇ ئىلىپ قويمايمىز. بۇرۇن بىزدىن ھاتەملەرنى تۇغقان ئۇيغۇر ئانىلىرى ئەمدى قارۇنلارنىلا تۇغمىغان بولۇشى كىرەك.
تۈركىيەنىڭ پەقەت قازاقستاندىلا 30 مەكتىبى، 480 ئوقۇتقۇچىسى بار. مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى تۈركىيەدىكى بايلار كۆتىرىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ بايلارنىڭ بايلىقى ھەسسىلەپ ئاشماقتا.
ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ روناق تىپىشى، گۈللىشى ۋە ئۆز دۆلىتىگە ئۆزى خوجا بولۇپ تۇرالىشى ۋە قەد كۆتىرىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى شۇ مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا قىرىنداشلارچە مىھرىبانلىقى، بىر- بىرىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشى ۋە خالىسانە ياردەملىشىشى بولسا كىرەك. ئۆزئارا بىر- بىرىنى قۇتقۇزۇپ، ياردەم قىلىشمىغان بىر مىللەتنى باشقىلارنىڭ ياردەم قىلىپ قۇتقۇزىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر بايلىرىمىز يوقسۇللارغا قىرىنداشلارچە ياردەم قىلىپ، ئوقىيالمىغان بالىلىرىنى ئوقۇشقا كىرگۈزۈپ، ھەر خىل ماددىي قىيىنچىلىقلىرىنى تەڭ كۆتىرىپ، پۈتۈنلىشىدىغان بولساق بەختلىك بىر مىللەت بولغان بولار ئىدۇق.
ئىسلام ئاۋازى تور بىتى
2005- 12- 22
1426- زۇلقەئدە- 20