ئۇيغۇرلار ئەزەلدىنلا ئۆز تىلىغا، مەدەنىيىتىگە، تارىخىغا مۇھەببەت باغلاپ كەلگەنلىكتىن قەيەردىلا بولمىسۇن مەرىپەت ئورۇنلىرىنى ئېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىپ كەلگەن.
ھەر قانداق خەلق مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسىي كاپالىتى-مىللىي مائارىپ ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشەنگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، مەرىپەتپەرۋەرلىرى ۋە مىللەت سۆيەرلىرى مەكتەپلەرنى ئېچىپ، خەلقنى ئويغىتىش يولىدا كۆپلىگەن ساخاۋەتلىك ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى مەلۇمدۇر. ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ تارىختا قالدۇرغان ئۇلۇغ مىراسىنى ساقلاشنى ھەم بۇ يولدا جانپىدالىق بىلەن تەر تۆككەن مۇنەۋۋەر شەخسلىرىگە ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلدۈرۈشنى ئۆزلىرىنىڭ ئالىيجاناب ۋەزىپىسى ھېسابلىغان ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ شۇ ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
بۇنىڭدىن يۈز ئوتتۇز يىل ئىلگىرى شىنجاڭدىن چېلەك دەرياسى بويىغا كېلىپ ئورۇنلىشىپ، ھازىرقى بايسېيىت يېزىسىنىڭ ھۈلىنى سالغان ئۇيغۇرلار مەسچىت، مەكتەپ ئېچىش ئىشلىرىنى ئەۋجى ئالدۇرغان ئىدى. رۇس تارىخچىسى پ. رۇميانسېف تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «تارانچى» ناملىق كىتابتىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شۇ ۋاقىتلاردا بايسېيىت يېزىسىدا ئۈچ مۇسۇلمان مەكتىپى، يەنى مەسچىت يېنىدا بىر مەكتەپ ۋە مۇئەللىملەر ئۆيىدە ئىككى مەكتەپ ئورۇنلاشقان. بۇنىڭدىن تاشقىرى يېزىلىق رۇس-يەرلىك مەكتىپىمۇ ئېچىلغان بولۇپ، ھازىرقى ئىسمائىل تايىروف نامىدىكى مەكتەپ مانا شۇ مەكتەپنىڭ ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن. يېقىندا مىللىي مائارىپنىڭ ئوچىقى بولغان بۇ مەكتەپنىڭ يۈز يىللىقىنى پۈتكۈل بايسېيىت يۇرتى، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى تەنتەنىلىك قارشى ئالدى.