باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1522 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: چوقۇم كۆرۈڭلار دوستلار  {   ناماز   }
سەۋەپكاردىن ھەمىڭلارغا سالام
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 84
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە84دانە
ئۆسۈش: 1110 %
مۇنبەر پۇلى: 1625 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2011-12-18
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-22 22:25

چوقۇم كۆرۈڭلار دوستلار  {   ناماز   }

 ناماز [نامازدىن پارىغ بولغىنىڭلاردا، ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان ھالەتلىرىڭلاردا اﷲ نى ياد ئېتىڭلار (اﷲ سىلەرگە دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىشى مۇمكىن). خاتىرجەم بولغان چېغىڭلاردا نامازنى (پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن) مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى] سۈرە نىسا 103 - ئايەت. اﷲ تائالا بەندلىرىنى پەقەتلا ئۆزلىرىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقانلىقى ھەققىدە: [جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتتىم] سۈرە زارىيات 56 - ئايەت، دېگەن بولسا، نامازنىڭ ئىبادەتنىڭ مۇھىم ئەركانلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: [شۈبھىسىزكى ، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى] دەيدۇ. نامازنىڭ پەرز بولغان ئورنى بولسا ئاسماندۇر. نامازدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىبادەت ئاسماندا پەزر قىلىنمىغان. ناماز ئەسلى 50 ۋاخ ئوقۇلۇشقا بۇيرۇلغان بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ اﷲ تائالاغا قايتا- قايتا ئىلتىجا قىلىشى ئارقىلىق بەش ۋاخقا يەڭگىللىتىپ بېرىلگەن. شۇڭا، بەش ۋاخ ناماز ئوقۇغان كىشىگە 50 ۋاخ نامازنىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ. قەبرىدىكى سوراقمۇ ئالدى بىلەن نامازدىن باشلىنىدۇ. نامازنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: [ناماز ھەققەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ]سۈرە ئەنكەبۇت 54 - ئايەت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە: «ئېيتىڭلارچۇ بىر كىشىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا بىر ئۆستەڭ بولسا، ئۇ كىشى كۈنىگە بەش قېتىم شۇ ئۆستەڭگە چۆمۈلسە ئۇ كىشىدە كىردىن ئەسەر قالامدۇ؟» دېگەندە ساھابىلار: ياق، ئى اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى! دەپ جاۋاب بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «خۇددى شۇنىڭدەك كۈندە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇغان بەندىدە گۇناھلاردىن ئەسەر قالمايدۇ» دېگەن. ناماز بەندىنى اﷲ تائالاغا يېقىنلاشتۇرۇپ، كۆڭۈلنى پاكلاپ، ئىنساننىڭ ئىرادىسىنى كۈچلەندۈرۈپ، دىلنى خۇرسەنلىك، خاتىرجەملىك بىلەن تولدۇرۇپ، روھىي سىقىنچىلىق ۋە ئازابتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. شۇنداقلا، ئۆزىنىڭ دۇنياغا زادى نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى دائىم ئەسلەپ تۇرىدۇ. ناماز ئادەمگە ئىش - ھەرىكەتلەردە رىتىملىق بولۇشنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ ياخشى ئەخلاقلارغا، جەمئىيئىيەتتە كىشىلەر بىلەن ئىناق ئىتتىپاق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا، ياردەم بېرىشكە ئۈندەيدۇ. ئىمامغا ئەگىشىپ جامائەت بولۇپ ئوقۇغان ناماز بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممە تەرەپتىن باراۋەر ئىكەنلىكىنى، سەپلەرنىڭ تۈز، ئوقۇلىدىغان ئايەتلەر ۋە دېيىلىدىغان سۆزلەرنىڭ ئوخشاشلىقى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. شۇنداقلا، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا بىر كىشىگە بويسۇنۇشقا چېنىقتۇرىدۇ ۋە اﷲ نىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىپ غەلىبە قازىنىشتىن ئىبارەت بولغان ئەڭ ئۇلۇغ غايە تەرەپكە باشلايدۇ. قىسقىسى ناماز يەنە نۇرغۇن پەزىلەتلىرى بىلەن بىرگە ھاياتى دۇنيادا بەختلىك، خاتىرجەم، باراۋەر ياشاشقا، ئاخىرەتتە اﷲ نىڭ جەننىتىگە نائىل بولۇشقا يەتكۈزىدىغان نىجاتلىق يولىدۇر. شۇڭا ناماز ئوقۇش، ئوقۇغاندىمۇ ئۇنى دەل ۋاقتىدا توغرا ئۇسۇل ۋە تەرتىپلىرى بويىچە ئىخلاس بىلەن ئوقۇش ناھايىتى مۇھىمدۇر. ھەمدە بۇ ھەقتە ئەتراپلىق، تولۇق بىلىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بىز بۇ يەردە باشقا نامازلار ھەققىدە توختىلىشتىن بۇرۇن بەش ۋاخ ناماز ۋە ئۇنىڭ ۋاقتى، تەرتىپى توغرىسىدا توختىلىمىز. 1 - بامدات نامىزى. بۇ ناماز تۆت رەكئەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى رەكئىتى سۈننەت، ئىككى رەكئىتى پەرزدۇر. ۋاقتى تاڭ يورۇش بىلەن باشلىنىپ تاكى كۈن قىزارغىچە داۋملىشىدۇ. ئالدى بىلەن ئىككى رەكئەت سۈننەت ئاندىن پەرز ئوقۇلىدۇ. 2 - پېشىن نامىزى. بۇ ناماز تۆت رەكئەت سۈننەت، تۆت رەكئەت پەرز، ئىككى رەكئەت ئاخىرقى سۈننەت بولۇپ، جەمئىي 10 رەكئەت. ۋاقتى چىڭ چۈش قايرىلغاندىن باشلاپ تاكى ھەر قانداق نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ ئىككى ياكى ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر بولغىچە داۋاملىشىدۇ. 3 - ناماز دىگەر (ناماز ئەسىر ). تۆت رەكئەت پەرز بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاقتى ھەر قانداق نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ ئىككى ياكى ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر بولغاندىن باشلاپ تاكى كۈن كىرىپ كەتكىچە داۋاملىشىدۇ. 4 - ناماز شام. ئۈچ رەكئەت پەرز ۋە ئىككى رەكئەت سۈننەتتۇر. ۋاقتى كۈن كىرىپ كەتكەندىن باشلاپ ئاسماندا پەيدا بولغان قىزىللىق يوقالغىچە بولغان ئارىلىقتا داۋاملىشىدۇ. 5 - ناماز خۇپتەن. تۆت رەكئەت پەرز ۋە ئىككى رەكئەت سۈننەت بولۇپ جەمئىي ئالتە رەكئەت. لېكىن ئاخىرىدا قوشۇپ ئوقۇلىدىغان ئۈچ رەكئەت ۋىتىر نامىزىنى قوشقاندا توققۇز رەكئەت بولىدۇ. ۋاقتى كۈن كىرىپ كېتىپ پەيدا بولىدىغان قىزىللىق تامامەن يوقالغاندىن كېيىن تاكى بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتىنىڭ كىرىشىنىڭ ئالدىغىچە داۋاملىشىدۇ. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ھەربىر نامازنىڭ ئاۋۋەلقى ۋاقتىدا ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «اﷲ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈك كۆرۈلىدىغان ناماز، ۋاقتىدا ئوقۇلغان نامازدۇر» دېگەن. ئەگەر ئالاھىدە بىر ئالدىراش ياكى زۆرۈر ئىش بولمايلا قالسا، نامازلارنىڭ ئالدى ۋەئارقىدىكى سۈننەت نامازلارنى ئوقۇماي تاشلاپ قويماسلىق كېرەك. بولۇپمۇ بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتى بىلەن ۋاجىپ ناماز بولغان ۋىتىر نامىزىنى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەرقانداق بىر نەپلە نامازغا بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىگە ئېتىبار بەرگەندەك بەرمەيتتى، دېگەن. شۇڭا بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتى بىلەن ۋىتىر نامىزى قازاسى ئوقۇلىدىغان نەپلە نامازلاردىندۇر. ناماز ئوقۇش ئۇسۇلى 1 - ناماز ئوقۇشتىن بۇرۇن نامازغا نىيەت قىلىپ تاھارەت ئېلىپ تەييار بولۇش، ناماز ئوقۇيدىغان كىيىملەرنى كىيىش، ناماز ئوقۇيدىغان جاينى راسلىۋېلىش. 2 - قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش. 3 - قايسى نامازنى ئوقۇماقچى بولسا، شۇ نامازنى ئوقۇشنى نىيەت قىلىش، نىيەتنى دىلى ۋە تىلى بىلەن قىلىش ئەۋزەلدۇر. ئەگەر تىلىدا دېيىشنى ئۇنتۇپ قالغان تەقدىردىمۇ دىلىدا قىلغان نىيىتى دۇرۇس بولىدۇ. 4 ـ  ”اﷲ ھۇ ئەكبەر“ دەپ ئىككى قولىنى قۇلاققىچە كۆتۈرۈش، (ئاياللار ئىككى مۈرىسىنىڭ بارابىرگىچە كۆتۈرسىمۇ بولىدۇ). 5 - ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كىندىك ئۈستى ياكى ئاستىدا تۇتۇش، ئاياللار كۆكسىنىڭ ئۈستىدە تۇتىدۇ. 6 - ”سۇبھانەكە ئاللاھۇممە ۋەبىھەمدىك ۋە تەبارەكەسمۇكە ۋەتەئالا جەددۇكە ۋەلائىلاھە غەيرۇك“ دېيىش. 7 - ”ئەئۇزۇ بىللاھىمىنەششەيتانىر رەجىم ۋە بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم“ نى دېيىش. 8 - سۈرە فاتىھەنى ئوقۇش. 9 - سۈرە فاتىھەنى ئوقۇپ بولغاندا ”ئامىن“ دېيىش. ئامىن دېگەندە مەخپىيرەك ياكى يېنىدىكى ئادەم ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە شىۋىرلاپ دېسىمۇ بولىدۇ. 10 - سۈرە فاتىھەدىن كېيىن بىر سۈرە قوشۇپ ئوقۇش. 11 - رۇكۇغا چۈشۈش، ”سۇبھانە رەببىيەلئەزىم“ نى ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم، كۆپ بولغاندا يەتتە قېتىمغىچە، دېيىش. 12- رۇكۇدىن ئۈرە بولغاندا ئىككى قولىنى ئىككى يانغا سېلىپ تۇرۇپ: ”سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە“ دېيىش ئەگەر ئۇنىڭغا قوشۇپ ”رەببەنا لەكەلھەمدۇ، ھەمدەن كەسىيرەن، تەييىبەن، مۇبارەكەن فيھى“ دېسە تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر. ئەگەر ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغان بولسا، ئىمام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ”سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە“ دېسە ئارقىدىكىلەرمۇ رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ”رەببەنا لەكەلھەمد“ دېيىش. 13-  ”ئاللاھۇ ئەكبەر“ دەپ سەجدىگە بېرىپ سەجدىدە ”سۇبھانە رەببىيەلئەئلا“ نى ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم، كۆپ بولغاندا يەتتە قېتىم دېيىش. 14-  ”ئاللاھۇ ئەكبەر“ دەپ باشنى كۆتۈرۈپ دۇرۇس ئولتۇرغاندىن كېيىن يەنە ”ئاللاھۇ ئەكبەر“ دەپ يەنە سەجدىگە بېرىپ ئاۋۋالقى سەجدىدە دېگەن دۇرۇتنى دېيىش. بۇ ئىككى سەجدە ئارىلىقىدا ئەگەر ”ئاللاھۇممەغفىرلى ۋەرھەمنى ۋەھدىنى ۋەئافىنى ۋەرزۇقنى ۋەرەفئەنى“ دېسە تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر. ئىككى سەجدىدىن كېيىن ئۈرە تۇرۇپ ”بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم“ دىن كېيىن سۈرە فاتىھەنى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ بىر سۈرە ئوقۇپ رۇكۇ، سەجدىدە يۇقىرىقى تەرتىپلەر بويىچە تۇرۇپ ئىككىنچى رەكئەتنىڭ ئىككىنچى سەجدىسىدىن كېيىن تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ: ”ئەتتەھىيياتۇ لىللاھى ۋەسسىلىۋاتۇ ۋەتتەييىباتۇ ئەسسالامۇئەلەيكە ئەييۇھەننەبىييۇ ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ ئەسسالامۇئەلەينا ۋەئەلا ئىبادىللاھىسسالىھىين ئەشھەدۇئەن لائىلاھە ئىللەللاھ ۋە ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدەن ئابدۇھۇ ۋەرەسۇلۇھ“ نى ئوقۇش. ئەگەر ئوقۇلىدىغان ناماز ئىككى رەكئەتلىك ناماز بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن ”ئاللاھۇممە سەللىئەلا مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالىي مۇھەممەد كەما سەللەيتە ئەلا ئىبراھىمە ۋەئەلا ئالىي ئىبراھىمە ئىننەكە ھەمىيدۇممەجىيد“ ”ئاللاھۇممە بارىكئەلا مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالىي مۇھەممەد كەما بارەكتە ئەلا ئىبراھىمە ۋەئەلا ئالىي ئىبراھىمە ئىننەكە ھەمىيدۇممەجىيد“ نى ئارقىدىن ”رەببىنا ئاتىنا فىددۇنيا ھەسەنەتەن ۋەفىلئاخىرەتى ھەسەنەتەن ۋەقىنا ئازابەننار“ دېگەن دۇئانى قوشۇپ ئوقۇپ ئاندىن ئاۋۋال ئوڭ تەرەپكە ئاندىن سول تەرەپكە يۈزنى بۇراپ ”ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ“ دېيىش. بۇنىڭ بىلەن ئىككى رەكئەت ناماز تاماملانغان بولىدۇ. ناۋادا ئوقۇلىدىغان ناماز ئۈچ رەكئەتلىك (شام نامىزى ياكى ۋېتىردەك) ۋە تۆت رەكئەتلىك (پېشىن ، ناماز دىگەر، خۇپتەن نامازلىرىدەك) پەرز نامازلار بولسا، تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئارقىدىكى دۇرۇتلارنى ئوقۇماستىنلام ”ئاللاھۇ ئەكبەر“ دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ بىسمىللادىن كېيىن سۈرە فاتىھەنىلا ئوقۇش. (شامدا بىر رەكئەت، باشقا تۆت رەكئەتلىك نامازلاردا) ئىككى رەكئەتتە قوشۇمچە سۈرە ئوقۇماي، ئاخىرىدا تەشەھھۇد دۇئاسىدىن كېيىن ئىككى دۇرۇت ۋە بىر دۇئانى قوشۇپ ئوقۇپ سالام بېرىپ نامازنى تاماملايدۇ. ئەمما تۆت رەكئەتلىك سۈننەت نامازدا (پېشىننىڭ سۈننىتىگە ئوخشاش) ئىككى رەكئەتتىن كېيىن تەشەھھۇد دۇئاسىنى ئوقۇپ بولۇپ ئۈچىنچى، تۆتىنچى رەكئەتلەردە ئوقۇلىدىغان سۈرە فاتىھەگە بىردىن سۈرە قوشۇپ ئوقۇلىدۇ. باشقا تەرتىپلەر بولسا يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك. ۋىتىر بولسا تەشەھھۇد دۇئاسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈچىنچى رەكئەتتە سۈرە فاتىھەگە سۈرە ئىخلاسنى قوشۇپ ئوقۇپ ئاندىن ”ئاللاھۇ ئەكبەر“ دەپ، تەكبىر ئېيتقاندىن كېيىن ئۆرە تۇرغان ھالەتتە تۆۋەندىكى دۇئايىقۇنۇتنى ئوقۇيدۇ، ”ئاللاھۇممە ئىننا نەستەئىينۇكە ۋەنەستەھدىيكە ۋەنەستەغفىرۇكە ۋەنەتۇبۇ ئىلەيكە ۋەنۇئمىنۇبىكە ۋەنەتەۋەككەلۇ ئەلەيكە ۋەنۇسنى ئەلەيكەلخەيرە كۇللەھۇ نەشكۇرۇكە ۋەلانەكفۇرۇكە ۋەنەخلەئۇ ۋەنەترۇكۇ مەن يەفجۇرۇكە، ئاللاھۇممە ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋەلەكە نۇسەللى ۋەنەسجۇدۇ ۋەئىلەيكەن نەسئا ۋەنەھفىدۇ، نەرجۇ رەھمەتەكە ۋەنەخشا ئازابەكەلجىددى، ئىننە ئازابەكە بىلكۇففارى مۇلھىق“. بۇنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىنكى رۇكۇ سەجدە ۋە باشقا تەرتىپلىرى يۇقىرىدا بايان قىلىنغانغا ئوخشاش تاماملىنىدۇ.
نۇپــــــــۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمـــــــۇس كېمىيۋاتىدۇ

(ســـەۋەپـــــــــــــكـــــــار)
دوستلىشىش
ئۇزتۇرۇك
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8987
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 28
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە28دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 280 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-17
ئاخىرقى: 2012-02-09
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-23 13:17

Re:چوقۇم كۆرۈڭلار دوستلار  {   ناماز   }

ئاللا ئەجرىڭىزنى كۇپلەپ بەرسۇن ھارمىغايسىز