باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 817 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: پەيغەمغەر ئەلەيھىسسالام ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ (2)
{ھەممىڭلار بىردەك ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا ئېسىلى ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9266
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 36
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە36دانە
ئۆسۈش: 430 %
مۇنبەر پۇلى: 690 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2011-11-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-22 21:58

پەيغەمغەر ئەلەيھىسسالام ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ (2)

پەيغەمغەر ئەلەيھىسسالام ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ (2)
ۋاقىت :2011-02-25 17:42:34 مەنبەسى :ھەقىقەت يوللۇغۇچى:ھەقىقەت

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك دوستلار! بۇ تىمىنىڭ بىرىنجى بۆلۈمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنغان ۋە سىز ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۈگۈن سىلەرگە ئىككىنچى بۆلۈمىنى سۇنىمەن.

1- ياشلارنى قەدىرلەش:
قەدىرلەشنىڭ ئىنساننىڭ كۆڭلىگە بولۇپمۇ ياشلارنىڭ كۆڭلىگە چوڭ تەسىرى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلمان ياشلارنى كۆپ مەدھىيىلەيتتى. بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: "دۇنيانى ۋە ھاۋايى ھەۋىسىنى ئاللاھ ئۈچۈن تەرك ئەتكەن، ياشلىقىنى ئاللاھغا ئىتائەت قىلىش يولىدا تۈگەتكەن ياشقا ئاللاھ يەتمىش ئىككى سىددىقنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ."
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دەيدۇ: "خالايىقلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا ئەڭ ياقىدىغىنى يېشى كىچىك، چىرايلىق ياش بولۇپ، ياشلىقىنى ۋە چىرايلىقلىقىنى ئاللاھ ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدە ئىشلەتكەن ياشتۇر. ئاللاھ تائالا ئۇ ياش بىلەن پەرىشتىلىرى ئالدىدا پەخرىلىنىپ: "مېنىڭ ھەقىقىي بەندەم مانا مۇشۇ" دەيدۇ."
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دەيدۇ: "كىچىكلىكىدە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان ياشنىڭ، يېشى چوڭۇپ قالغاندىن كېيىن ئىبادەتكە باشلىغانلاردىن ئارتۇقلىقى خۇددى پەيغەمبەرلەنىڭ باشقا ئىنسانلاردىن ئارتۇقلىقىغا ئوخشايدۇ."
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ياشلارنى مەدھىيىلىشى ۋە ئۇلارنى قەدىرلىشى ياشلارنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەتراپىدا توپلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. مەزكۇر ياشلار دەۋەتنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە ئىسلامنىڭ ھەر قايسى رايونلارغا تىز تارقىلىشىدا پائال يول ئالغان. ياشلار تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، ئۇممەتنىڭ ئالغا بېسىشىنىڭ سىررى، ۋە جەمئىيەتنىڭ كۈچىدۇر. چۈنكى ياشلار كۈچ - قۇۋۋەت باسقۇچىدا بولۇپ، ئىشلەپ چىقىرىش كۈچىگە ئىگە، قۇربان بېرىش ۋە پىدا بولۇشقا تەيياردۇر.
جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلماقچى ۋە ئۆزگەرتمەكچى بولغان ھەر قانداق رەھبەر، لىدېر ۋە داھىينىڭ ئالدى بىلەن ياشلارنى قازىنىشى، ياشلارنى ئىسلامغا خىزمەت قىلىش ۋە ئۇممەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلەشكە قايىل قىلىشى لازىم.
2- ياشلارنىڭ قەلبىدە ئۆزىگە ئىشەنچ پەيدا قىلىش:
ياراملىق كىشى بولۇپ يېتىشش ۋە غەلىبە قىلىشتا ئەڭ مۇھىم ئاساس ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىشتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرجىمىھالىنى ئوقۇغان كىشى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ياشلارنىڭ قەلبىدە ئۆزىگە ئىشەنچ پەيدا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياشلارغا چوڭ ۋە مۇھىم مەسئۇلىيەتلەرنى تاپشۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغان ۋە ئىرادىسىنى كۈچلەندۈرگەندۇر.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياشلارغا چوڭ ۋە مۇھىم مەسئۇلىيەتلەرنى بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بىر نەچچە مىسال كەلتۈرىمىز:
1- رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن بىرىنچى تەبلىغچى – مەدىنىگە ئەۋەتكەن ھەزرىتى مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىدى. ئۇ چاغدا مۇسئەب ياشلىقىنىڭ باھارىدىكى بىر يىگىت ئىدى. ھەزرىتى مۇسئەب يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي مەدىنىدە نۇرغۇنلىغان كىشىنى ئىسلامنى قوبۇل قىلىشقا قايىل قىلالىغان. شۇنىڭ بىلەن مەدىنە ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىسلام شەھىرى بولغاندۇر.
2- مەككە فەتھى قىلىنىپ ئازغىنە مۇددەتتىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دۈشمەن بىلەن يۈزمۇيۈز ئېلىشىش ئۈچۈن ئەسكەر تارتىپ چىقىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگىچە مەككىنىڭ ئىدارىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان بىرىنى تەيىنلەش لازىم ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىن يېشى تېخى 21 دىن ئاشمىغان بىر ياشنى مەككە مۇكەررەمەگە باشلىق قىلدى. ئۇ ياش بولسا ئىتاب ئىبنى ئۇسەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يوقلىقىدا مەككە خەلقىنى ئىدارە قىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىتاب ئىبنى ئۇسەيدنى كىشىلەرگە ئىمام بولۇشقا بۇيرىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەككىدە كىشىلەرگە ئىمام بولغان بىرىنچى ئەمىر بولدى.
3- رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە رىملىقلارغا قارشى بىر قوشۇن تەييارلىغان. ئۇ قوشۇندا مۇھاجىر ۋە ئەنسارلاردىن كاتتا ساھابىلار، ھەربى قۇماندانلار ئەينى ۋاقتىدىكى يۇرت چوڭلىرى بار ئىدى. بۇنداق چوڭ قوشۇننىڭ قۇماندانىمۇ شانلىق، ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك كىشى بولۇشى كېرەك ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ چوڭ ۋەزىپە ئۈچۈن ئەسكەرلەرنىڭ ئىچىدىن بىرىنى باش قۇماندان تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا قوشۇننىڭ بايرىقىنى تاپشۇردى. ئەجەبا ئۇ بايراقنى كىمگە تاپشۇردى دەيسىلەر؟!
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى چاقىردى، ئۇنى قوشۇننىڭ باش قۇماندانى قىلىپ، بايراقنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. ئۇ چاغدا ئۇسامە تېخى 18 ياش ئىدى. تارىختا ئەڭ چوڭ دۆلەت بولغان رىم ئىمپىراتورلىقى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغان، بۈتۈن كاتتا ساھابىلار ئىچىدە بولغان چوڭ قوشۇن 18 ياشلىق بالىغا بويسۇنۇپ جەڭ قىلىشقا بەيئەت قىلدى. چۈنكى ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەيىنلىدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ياشلارنى تاللىشىدىكى ئاساسلىق شەرتنىڭ ئۇ ياشلارنىڭ يېتەرلىك سالاھىيەتكە ئىگە بولغانلىقىدا شەك يوق. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزلىرىدە ئىشنى لاياقەتلىك كىشىگە بېرىشنىڭ لازىملىقى ئوچۇق ئىپادىلەنگەن. بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تاللىغان ياشلار لاياقەتلىك، مەزكۇر ئىشلار ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان شەرتلەرگە، ئەقىل، پىكىر، ئىمان، ئىلىم، ئەخلاق، ھۇشيار ۋە تەدبىر قاتارلىق سۈپەتلەرگە ئىگە ئىدى.
بۇ تارىخى نەمۇنىلەردىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى قانداق يېتىشتۈرگەنلىكىنى ۋە ئۇلارغا قانداق چوڭ ۋە خەتەرلىك ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرغانلىقىنى ۋە ئۇ ياشلارنىڭمۇ تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى ئەڭ ئالى دەرىجىدە ئادا قىلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىغانلىقىنى، ئىسلامنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تارىلىشىدا ياشلارنىڭ رولىنىڭ نە قەدەر مۇھىملىقىنى كۆرىمىز.
كۈنىمىزدىكى ياشلىرىمىزنىڭمۇ سائادەت ئەسرىدىكى ياشلارنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىپ، دىنىمىزگە خىزمەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە ئادا قىلىشقا تىرىشىشىنى ۋە ئۆلىمالىرىمىزنىڭمۇ ياشلىرىمىزنىڭ تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللاھ تائالادىن مۇۋەپپەقىيەتلىك تىلەپ نۇرىلەم ياسىن.

ئىختىلاپ قىلماسلىق ئۈچۈن باشقىلارنىڭ يول قويۇشىنى ئىستەش ئەمەس، بەلكى باشقىلارغا يول قۇيۇش كىرەك
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 101
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە101دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1056 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-17
ئاخىرقى: 2012-02-28

ئېسىل تىما !
دىمەك ئاللاھنىڭ بىزلەرنى مۇسۇلمان قىلىپ ئۆزىگە يېقىن ياراتقىنى بىزلەرگە بېرىلگەن پۈرسەتكەن ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ بىزلەردىن كۈتكەن ئۈمىدىكەن . ھاياتلىقىمىزدا ، ياشلىقىمىزدا كۆپرەك ئاللاھقا ئىبادەت قىلايلى !
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2451
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2451دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 28906 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-23 10:50

مىنى ياش ۋاقتىمدا ھىدايەت قىلغان ئاللاھقا سان_ساناقسىز ھەمدۇ سانا ۋە چەكسىز شۈكىرلەر بولسۇن.
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
جەڭچى
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1547
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1547دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 16128 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-03-26
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-23 18:58

ئىسىل تىما يوللاپ سىز. سىز دىن ئاللاھ رازى بولسۇن ،،ھەمدە ئازغۇنلۇقتا ياشاۋاتقان ياشلىرمىزنىڭ كۆڭلىگە ،ئىنساپ ،ھىدايەت بەرسۇن .ئامىن.
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن ،قىرىنداشلىرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.
دوستلىشىش
مەرىپەت
ئىنساننىڭ تۈپ ئاساسىي ھۇقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمە ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7488
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 124
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە124دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1250 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-20
ئاخىرقى: 2012-03-26
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-23 23:52

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
تۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن
ئاللا بىزنى پەقەت ئۆزىگە ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9424
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2011-11-20
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-28 18:40

ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن