مۇۋاپىقىيەتلىك تەربىيچىنىڭ سۈپەتلىرى:
1. مۇلايىم ۋە كەڭ قۇرساق بۇلۇش.
ئابدۇللاھ ئىبنى تاھىر مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم ئۆزىنىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلىسا، خىزمەتكارلارنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلىدىكەن. بىز ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلايمىز دەپ ئۆزىمىزنىڭ ئەخلاقىمىزنى بۇزۇۋالساق بولمايدۇ.»
2. قوپاللىقتىن يىراق بولۇش، مېھرىبان بولۇش.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «رەھىمدىللىك ھەر قانداق نەرسىنى زىننەتلەيدۇ، ئۇنىڭدىن رەھىمدىللىك كۆتۈرىۋېتىلسە، ئۇ سەتلىشىپ قالىدۇ.» «رەھىمدىللىكتىن مەھروم قالغان كىشى ياخشىلىقنىڭ ھەممىسىدىن مەھروم قالغان بولىدۇ.»
3. مېھر- شەپقەتلىك بولۇش.
4. گۇناھ بولمايدىغانلا ئىش بولسا ئاسىنىنى تاللاش.
5. ئاڭلىق بولۇش.
6. غەزەپتىن يىراق بولۇش.
7. ھەر ئىشتا نورمال ۋە مۆتىدىل بولۇش.
8. ۋەز- نەسىھەتنى چىرايلىق يوسۇندا قىلىش.
مەنبە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىسى» دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.