باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 873 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بالىلارغا قۇرئان يادلىتىشتىكى 25 خىل ئۇسۇل
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6663
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 66
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە66دانە
ئۆسۈش: 450 %
مۇنبەر پۇلى: 960 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-23
ئاخىرقى: 2012-01-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-20 18:32

بالىلارغا قۇرئان يادلىتىشتىكى 25 خىل ئۇسۇل


    بۇ ئۇسۇللاردىن مەقسەت:

   1.  بالىنى قۇرئاننى ياخشى كۆرىدىغان  قىلىش
   2.  قۇرئان يادلاشنى ئاسانلاشتۇرۇش
   3.  بالىنىڭ تىل ۋە بىلىم سەۋيىسىنى ئاشۇرۇش
   بۇ ئۇسۇللار كۆپ ۋاقىت ئالمايدۇ ، پەقەت بەش ئون مىنۇت كۇپايە  قىلىدۇ.
   بۇ ئۇسۇللارنى بالىنىڭ كۈندىلىك ئەھۋالىغا ۋە شارائىتىغا قاراپ تەدبىقلاش كېرەك.
   بۇ ئۇسۇللارنى ئاتا-ئانىلار ھەمكارلىشىپ ، ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرىشى زۆرۈر . ئانا بۇ ۋەزىپىنى ئۇرۇندايدىغان بىرىنچى
   شەخىس  بولغانلىقى ، خۇسۇسەن بالا كىچىك ۋاقتىدا ئانىسى بىلەن بىللە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە ئانىغا خىتاپ قىلىمىز .
 
  1.  بالىڭىز  قورساقتىكى ۋاقىتتا قۇرئان تىلاۋىتى ئاڭلاڭ.
  ھامىلە يەنى  قورساقتىكى بالا ئانىنىڭ روھى ۋە پىخىكا جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلىرىدىن تەسىرلىنىدۇ . ئەگەر ئانا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قۇرئان ئاڭلاپ بەرسە روھى كەيپىياتى ياخشى بولىدۇ . ئانىنىڭ روھى كەيپىياتىنىڭ ياخشى بۇلىشى ھامىلىگە ھەم ئىجابى تەسىر قىلىدۇ . قۇرئاننىڭ ئاڭلىغۇچىلارغا بەرگەن روھى  تەسىرى  ھەتتا ئەرەپچە بىلمەيدىغانلاردىمۇ كۈرۈلىدۇ .

 2. بوۋاق ھالىتىدە قۇرئان تىلاۋىتى ئاڭلاپ بىرىڭ
  ئىلمى تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، بوۋاق ئەتراپىدىكى نەرسىلەردىن تەسىرلىنىدۇ ،ۋە ئۈزىگە ئۆزلەشتۈرىدۇ . چۇنكى ئۇنىڭ ئاڭلاش سېزىمى ئىشقا چۈشكەن بولىدۇ . چوڭلارنىڭ ئاڭلاش سېزىمىنى كونتۇرۇل قىلغىلى ۋە ئاڭلاپ قاچىلىۋالغان سۆزلۈكلەرنى كىيىن قايتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ . ئەمما بوۋاق ئاڭلاپ قاچىلىۋالغان مەلۇمان ۋە سۆزلۈكلەرنى ئېمىۋاتقان مەزگىلىدە قايتۇرۇپ ئىشلىتەلمىسىمۇ ، ئېمىش يېشىدىن ئاشقاندىن كىيىن ئىشلىتەلەيدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن بوۋاقنىڭ كۈندە  بەش-ئون مىنۇت قۇرئان تىلاۋىتى ئاڭلاپ بىرىشى بىلەن ، (مەسىلەن: ئەتىگەندە بەش مىنۇت ، كەچتە بەش مىنۇت ) ئۇنىڭ مېڭىسىگە قاچىلانغان سۆزلۈكلەر سانى ئاشىدۇ-دە، كىيىن ئەسكە ئېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ .  يەنى كىيىن قۇرئان كەرىمنى يادلاش ئاسان بولىدۇ .

 3.  بالىنىڭ سىزنى دورىشى ئۈچۈن بالىنىڭ ئالدىدا قۇرئان ئۇقۇڭ
   بۇ ئۇسۇل بالىدا  سىزنى دوراش ئىستىكى پەيدا قىلىدۇ ،بۇ ئاللاھ ياراتقان پىترەت بۇلۇپ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھەدىستە مۇنداق بايان قىلغان  : تۇغۇلغان ھەرقانداق ئىنسان بالىسى ،پاك ئىسلام ئۈستىگە تۇغۇلغان بولىدۇ ، ئەمما يەھۇدى ياكى ناسارا ۋەياكى ئوتپەرەس بولغانلار ئاتا-ئانىسىنىڭ تەسىرى بىلەن بولغان بولىدۇ ،  بىرلىككە كەلگەن ھەدىس
 ئەگەر سىز بالىڭىزنىڭ ئالدىدا قۇرئان ئۇقۇسىڭىز ، ياكى بالىڭىز بىلەن  بىللە ئۇقۇسىڭىز ، بۇ بالىدا قۇرئان ئۇقۇش ئىستىكى پەيدا قىلىدۇ ، ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئەمما بالام قۇرئان ئۇقۇ! دەپ قۇيۇپ ،ئۈزىڭىز ئۇقۇمىسىڭىز ، بالا سىزنىڭ قۇرئان ئۇقۇغىنىڭىزنى كۆرمىسە ، بالىڭىزمۇ قۇرئان ئۇقۇشقا قىزىقمايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ . ئەگەر ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ، كۈنلىكى ئازراق بولسىمۇ قۇرئان ئۇقىسا ،بۇنىڭ تەسىرى زور بولىدۇ .

 4. بالىڭىزغا خاس بىر قۇرئان ھەدىيە قىلىڭ
  كىچىك بالا ئۈزىگە خاس بولغان نەرسىنى قەدىرلەيدۇ ، بەلكى بەزى نەرسىلەرنى ئۈزىنىڭ خاس مۈلىكى بۇلىشىنى خالايدۇ، بۇ بالىلاردىكى تەبىئى تۇغما خۇسۇسيىەت . بۇ ئۈزىنىڭ خاس ئۇيۇنچۇقلىرىنى باشقىلارغا تۇتقۇزماسلىقتا كۈرىلىدۇ ،شۇڭا ئۇنىڭغا خالىغان چاغدا ۋاراقلاپ ئۇقۇيدىغان بىر قۇرئان ئېلىپ بېرىڭ.

 5. بالىڭىز قۇرئاننى خەتمە قىلغان كۈنى مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىڭ
  بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بالىنىڭ قەلبىنى قۇرئانغا باغلىغىلى بولىدۇ، مەسىلەن : ئىككى پارە يادلاپ بولساڭ،مۇنداق ھەدىيە بېرىمەن، بەش پارە يادلاپ بولساڭ ،مۇنداق نەرسە ئېلىپ بېرىمەن دەپ رىغبەتلەندۈرۈڭ ، ئەگەر شەرىتنى تۇلۇقلىسا ،ۋەدىڭىزگە ۋاپا قىلىڭ، دوسىتلىرىنى تاماققا چاقىرىپ ،ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھەدىيە بېرىڭ.

 6. بالىڭىزغا قۇرئان كەرىم قىسسىلىرىنى سۆزلەپ بېىرڭ
 بالىلار قىسسا ئاڭلاشقا ئامراق  كېلىدۇ ،شۇڭا قۇرئان كەرىمدىكى قىسسىلەرنى بالىنىڭ سەۋيىسىگە ماس كېلىدىغان سۆزلۈكلەرنى ئىشلىتىپ ، قىزىقارلىق شەكىىلدە سۆزلەپ بېىرڭ، قىسسىنىڭ ئاخىرىدا شۇ قىسسىگە ئالاقىدار ئايەت ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈڭ. نەتىجىدە بالا شۇ ئايەتنى ئۇقۇغاندا ،سىز سۆزلەپ بەرگەن قىسسە يادىغا كېلىدۇ، ھەمدە ئايەتنىڭ مەنىسى ئۇنىڭ زېھنىدە مەھكەم ئۇرۇن ئالىدۇ .

 7. بەش ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭراق بالىلار ئۈچۈن قۇرئاندىكى قىسقا سۈرىلەر ھەققىدە مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بېرىڭ
 بۇخىل مۇسابىقە بالىلار ئارىسىدا سۇئال-جاۋاپ شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ .
 مەسىلەن : سۇئال ،ئەلخەۋف دىگەن سۆز قايسى سۈرىدە چىقىدۇ؟ جاۋاپ : سۈرە قۇرەيىش،
 سۇئال: يىلنىڭ پەسىللىرىدىن  ئىككى پەسىل  سۈرە قۇرەيىشتە زىكىر  قىلىنغان ، ئۇلار قايسى؟ جاۋاپ :قىش ۋە ياز
 ئەرەپچىسى نىمە ؟ جاۋاپ : شىتا ۋە سەيف
 مۇسانىقە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بالىلارنىڭ يېشى ۋە سەۋيىسىگە ماس كېلىدىغان سۇئاللارنى سوراپ ،توغرا جاۋاپ بەرسە،مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .

 8. بالىڭىزنى تەبىئەتتىكى كۆپ ئۇچرايدىغان نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قۇرئان ئايەتلىرىدىن تېپىشقا رىغبەتلەدۇرۇك
 مەسىلەن : سۇ ، ئاسمان ،زېمىن، قۇياش ،ئاي ،كېچە ،كۈندۈز ، ئەنجۈر ،ئۆمۈچۈك قاتارلىقلار .

 9. " بۇ سۆز قايسى سۈرىدە بار ؟" مۇسابىقىسى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بىرىڭ
 مەسىلەن : يۇقىرىدىكى سۆزلۈكلەرنىڭ ئەرەپچە مەنىسى ۋە قايسى سۈرىدە كېلىدىغانلىقىنى سوراپ تۇرۇڭ ، مۇشۇ مەنىدە يېڭى-يېڭى سۆزلەر ۋە  ئۇلارنىڭ مەنىلىرىنى ئۆگىتىپ تۇرۇڭ ، نەتىجىدە بالىنىڭ مېڭە قامۇسىغا يېڭى سۆزلەر قۇشۇلىدۇ ،بىلىمى زىيادە بۇلۇپ ماڭىدۇ ،ھەم يەنە قۇرئاننى ئەستە ساقلىشىغا تۈرىتكە بولىدۇ .

 10. قۇرئان بالىڭىزنىڭ ھەمراھى بولسۇن
 مەسىلەن : سومكىسىغا ئەممە پارىسى بار ھەبدىيەكنى ياكى كىچىڭ قۇرئاننى سېلىپ قۇيۇڭ ،قۇرئان بالىغا ھەمرا بولسا ئۇ ھىچ نەرسىدىن قورىقمايدۇ ،ئەمما قۇرئاننى كۆتۈرۈپ يۈرۈش قائىىدىلىرىنى ئۆگىتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

 11. بالىڭىزغا قۇرئان ۋە قۇرئان ئلىملىرىگە ئالاقىدار ۋاستىلەرنى تۇنۇشتۇرۇڭ ۋە ئېلىپ بېىڭ
  مەسىلەن: قۇرئان تىلاۋەت لىنتىلىرى ،قۇرئان كەرىم قانىلى ۋە رادىئوسى ، يەنە قۇرئان كەرىم تىلاۋەت زورناللىرى قاتارلىقلار . ئەگەر بالىڭىزغا كىچىڭ ئاۋاز قويغۇچتىن بىرنى ئېلىپ بىرىپ ،مەشھۇر قارىلارنىڭ تىلاۋەتلىرىنى قاچىلاپ بەرسىڭىز ،بالا ئۇنى تىڭشاپ شۇلارنى دورايدۇ .
 ئەگەر بالىڭىز كىچىڭ قارىيلارنىڭ قۇرئان كەرىم مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلىقىنى كۆرسە ،ئۇنىڭدا شۇلارغا ئوخشاش بۇلۇش ئىستىكى پەيدا بولىدۇ.

 12. بالىڭىزغا قۇرئاننى تەجۋېد بىلەن ئۇقۇشنى ئۆگىتىدىغان كومپىيوتىر دېسكىلىرىنى ئېلىپ بېرىڭ
 بۇخىل پىروگراممىلاردا  بالا ئايەتنى بىر قانچە قېتىم تەكرار قايتۇرۇپ ئاڭلىيالايدۇ،ھەم ئۈزىنىڭ ئاۋازىنى ئېلىپ، توغرا قىرائەت بىلەن سېلىشتۇرۇپ ،خاتالىقلىرىنى تۈزىتىۋالالايدۇ .

 13. بالىڭىزنى قۇرئان مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتۇرۇڭ
 بالىلاردىكى بەسلىشىش ۋە رىقابەتلىشىش تەبىئى خۇسۇسيەت، بالىڭىز مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ،ئۈزى بىلەن تەڭ ۋە كىچىك بالىلارنىڭ ماھارىتىنى كۈرۈپ ،ئۇلار بىلەن بەسلىشىش ئىستىكى پەيدا بولىدۇ -دە ، قۇرئان يادلاشقا كۆپ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولىدۇ ،ئەگەر مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئىرىشسە ، رىغبىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ .

 14. بالىڭىزنىڭ قۇرئان ئۇقۇۋاتقاندىكى ئاۋازىنى تېلىفۇنغا ئېلىپ قۇيۇڭ ،كىيىن ئۇنىڭ ئۈزىگە قۇيۇپ بېرىڭ،بالا ئۈزىنىڭ ئۇقۇغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، خاتالىقلىرىنى تۈزىتەلەيدۇ ،ھەمدە ئۈزىنىڭ سەۋىيەسى ۋە ئاۋازىنى بىلەلەيدۇ .

 15. ھەرخىل پائالىيەت ۋە سۇرۇنلارغا ئېلىپ بېرىپ ،قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ .


 16. بالىڭىز سىزگە قۇرئان قىسسىلىرىنى سۆزلەپ بەرسۇن،سىز دىققەت بىلەن ئاڭلاڭ
 بەزى تەربىيىچىلەر بالىنىڭ سۈزىگە قۇلاق سالمايدۇ،ئۈزىنىڭكىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاشنى تەلەپ قىلىدۇ،بۇ بىر تەربىيىۋى خاتالىقتۇر. سىز بالىڭىزنىڭ سۆزلىرىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاپ بەرسىڭىز ،بالىڭىزمۇ سىزدىن دىققەت بىلەن ئاڭلاشنى ئۈگىنىدۇ ،

 17. بالىڭىزنى نەفلە نامازلاردا ئىمام قىلىپ قۇيۇڭ
 ئۆيدە ئانىسى ۋە باشقا بالىلارغا ئىمام بۇلۇپ كۆنگەن بالا ،سىرىتتا باشقا بالىلارغىمۇ ئمام بولالايدۇ.

 18. ئۆيدە بالىلار بىلەن ھالقا بۇلۇپ ئولتۇرۇپ قۇرئان ئۇقۇڭ.

 19. مەسچىتتىكى قۇرئان يادلاش ۋە تەكرارلاش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇڭ.

 20. بالىڭىزنىڭ قۇرئان ھەققىدە سورىغان سۇئاللىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ،چۈشەنمىگەن مەسىلىلەرنى ئاسان سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ قۇيۇڭ.

 21. ئون ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ بالىلارغا قۇرئان ئاتالغۇلىرى ئەرەپچە قامۇسى ئېلىپ بېرىڭ ،بۇ ئارقىلىق بالا قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغان سۆزلەرنىڭ مەنىلىرىنى ئۆگىنەلەيدۇ.

 22. بالىڭىزغا قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى ،تەپسىر كىتاپلىرى ،ۋە ئاۋازلىق قۇرئان دەرىسلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر كۈتۈپخانا ھازىرلاپ بېىرڭ.

 23. بالىڭىزنى  بىر ئالىمغا تۇتۇپ بېرىڭ ،ئىلگىرى ئۆتكەن ئالىملار شاگىرىتلىرىغا ئىلىم ۋە ئەمەلمى بىرلىكتە ئۆگەتكەن.

 24. بالىڭىزنىڭ مەكتەپ دەرىسلىكلىرىدىكى تېمىلار بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلمى مۆجىزىلىرىنى  باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىڭ.

 25. كۈندىلىك ۋەقەلەرنىمۇ  قۇرئاننىڭ ئەھكاملىرىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈڭ ،مەسىلەن : ئىسراپچىلىق ،ئوغۇرلۇق ۋە غەيۋەتخورلۇقلارغا ئوخشاش كۈندىلىك مەسىلىلەرنى قۇرئان كەرىمگە باغلاپ چۈشەندۈرۈپ ، ئۇ ئىشلارنىڭ قۇرئان تەلىماتىغا  خىلاپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈڭ .

    سادىق ئىسمايىل تەرجىمىسى
  
    مەنبەسى: تىلەك مۇنبىرى

دوستلىشىش
muslima32
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 627
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە627دانە
ئۆسۈش: 760 %
مۇنبەر پۇلى: 6913 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-03-25

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ياخشى تېمىكەن،
دوستلىشىش
ئامېنە
ئاللا گۇناھلىرىمنى مەخپىرەت قىلغىن!!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8958
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-14
ئاخىرقى: 2012-03-26
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-21 09:55

ياخشى تېمىكەن،رەھمەت سىزگە!
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟؟؟؟
دوستلىشىش
ئىزباسار
ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 400
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە400دانە
ئۆسۈش: 810 %
مۇنبەر پۇلى: 4665 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2012-03-29
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-21 10:11

بالا تەربىيلەيدىغان ئەڭ گۈزەل چارىلەركەن..... ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن
ئاللاھتىن قورقمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل....
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8737
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 67
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە67دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 670 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-26
ئاخىرقى: 2012-01-26
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-21 10:53

ئەجرىڭىزگە رەھمەت ، ياخشى تېمىكەن.
balgun