باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 701 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاجايىپ تۇيغۇ
كۈلىۋەر دۈشمەنلىرىم!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 780
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە780دانە
ئۆسۈش: 1400 %
مۇنبەر پۇلى: 9463 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-03-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-20 14:07

ئاجايىپ تۇيغۇ

ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مېھىرىبان ئاللاھنىڭ ئسىمى بىلەن باشلايمەن
سۆيۈملىك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسان ئۆلۈم قۇچىقىدا كۆزىنى يۇمىشى بىلەن تەڭلا كۆزلىرى كۆرىشكە باشلايدىغان  "ئىككىنچى ئالەم" ھەققىدە ساھابە كېراملارغا سۆز قىلىپ بېرىۋاتقان ئىدى. ئاخىرەتنىڭ ھالقىلىق ئىككى بۇرىلىشى بولغان جەننەت بىلەن جەھەننەم، بۇ سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولۇپ، جەننەتنىڭ نەقەدەر دىلكەش، گۈزەللىكى ۋە جەھەننەمنىڭ نەقەدەر پالاكەتلىك ھالاكەتلىكى پەيغەمبرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋەھىي غۇنچىلىرى بىلەن تولغان مۇبارەك تىللىرىدا، گوياكى گۈلدەستىدەك تىزىلىپ سورۇنغا ئەمەس، بەلكى ئۇدۇل تىڭشىغۇچىلارنىڭ قەلبلىرىگە تىزىلماقتا ئىدى. سورىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى گويا جەننەت بىلەن جەھەننەمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاۋاتقاندەك ئەمەس، بەلكى جەننەت پۈتۈن مەھلىيالىق دىلكەشلىكى بىلەن، جەھەننەم بارچە يالقۇنلۇق قورقۇنچلىقى بىلەن نەق ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇغا چۈمۈپ كەتكەن ئىدى. قەلبلەرنى زىلزىلىگە سالىدىغان ئۈمۈد بىلەن خەۋپنىڭ بۇ ئىككى غايىپ مەنزىرىسى ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا جەۋلان قىلىش بىلەن تەڭلا پۈتۈن سورۇن يىغا - زارە، نالە - پەريات، ئاھ ئۇرۇشلار بىلەن تولۇپ كەتتى. ھاياتلىق ھەلەكچىلىكىدە قاتقان باشلار خۇددى لىغىلداپ تۇرغان قەلبلەردەك ئېغىر ئۇھسىنىش بىلەن بويۇنلاردىن يەرگە ساڭگىلاپ تۇراتتى. يۈرەكلەر ئېغىپ، ئورنىدىن قوزغۇلۇپ كېتىۋاتقان، كۆـز - چاناقلاردىن توختىماي ياشلار قۇيۇلۇپ كېتىۋاتقان بولۇپ، ئۆلۈمدىن قورقماس مۇجاھىد، ئەزىمەتلەر ئاللاھۇ زۇلجەلالنىڭ ھەيۋېتى ۋە ئۇلۇغلىقى ئالدىدا گوياكى ناتىۋان گۆدەك بالىلاردەك ھۆڭرەپ، بۇقۇلداپ يىغلاپ كېتىۋاتاتتى. تىللاردا توختىماي ئېيتىلىۋاتقان تەۋبە، ئىستىغپارلارغا قوشۇلۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدلاردىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان بۇ ئاھۇ - زارلىق يىغا زارىلەر ئاجايىپ ھىسسىياتلىق ھاياجانلىنىش دولقۇنىنى كۆتۈرگەن ئىدى.
دەرۋەقە، ئەشۇ مۇقەددەس كۆزلەردىن تۆكىلىۋاتقان بۇ جۇلالىق، پاك قەترىلەرنىڭ قىممىتىنى تەسۋىرلەپ چىقىش ھەقىقەتەنمۇ لۇغەت، قەلەملىرىمىزنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس. چۈنكى بۇ قەترىلەردە دۇنيالىق تەلەپ، ياكى ھەۋەسلەرنىڭ زەررىچە ئىشتىياقىنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئۇنىڭدا پەقەت بەندىچىلىكنىڭ مۇشەققەتلىك داۋانلىرىنى قانداق بېسىپ ئۆتۈش ۋە مىھرىبانىمىز ئاللاھۇ تائالا بىلەن قانداق مۇلاقات بولۇشتىنلا ئىبارەت پىكىر، تەلپۈنىشلەر جۇلالىنىپ تۇراتتى.
پەيغەمبەرلىكنىڭ بەرىكەتلىك سايىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ روھانىي سۆھبەت تاماملىنىپ، ساھابىلەر ئاجايىپ تەسىرلىك ھاياجان ئىلكىدە ئاستا- ئاستا تاش، تۇپراق دۇنياسىغا قەدەم ئېلىشقا باشلىدى. ھەنزەلە ئىبنى رەبىې رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆيىگە قايتىشى بىلەن تەڭلا، دۇنيا ھاياتى ئۇنى خوتۇن - بالىلىرى بىلەن قوشۇپ ئۆز قوينىغا ئالدى. بايىقى روھانىي سۆھبەتلەرنىڭ ھاياجانلىق خاتىرىسى ئۇنىڭ ئەسلىمىسىدە ئاستا - ئاستا خىرەلىشىشكە باشلىدى. ئۆينىڭ تۆت تېمى بىلەن قۇرشالغان ئىنسان ئەمدىلىكتە، ئائىلىۋىي شاتلىقنىڭ ھوزورىدا كۈلۈشكە باشلىغان ئىدى. ئەمما ئاخىرەتنىڭ مۇساپىرلىرىغا نىسبەتەن يول ئۈستىدىكى گۈزەل مەنزىلەرنى كۆرۈپ، سەپەردىن توختاپ قىلىش نەدىمۇ مۇمكىن بولسۇن دەيسىز؟ ھەنزەلە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىردىنلا چۈچۈپ كەتتى. ئۇنىڭ كۈلكىسى گويا ئىمان ئاسمىنىدا چاقنىغان دەھشەتلىك چاقماقتەك تۇيۇلماقتا ئىدى.
ـــ ئاھ! مەن كۈلىۋاتامدىمەن؟ ئۇ قاتتىق سارىسىمىگە چۈشكەن ھالدا ئويلاۋاتاتتى.
ـــ بىشىمدا ئەزرائىلنىڭ يالىڭاچ قىلىچى ئويناۋاتقان تۇرۇغلۇق يەنىلا مەن كۈلىۋاتامدىمەن؟! ئاخىرەتنىڭ جاۋاپكارلىقىدىن ئىنساننى غەپلەتتە قويىدىغان كۈلكىگە بېرىلىۋاتامدىمەن؟ بايا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبىتىدە تۆككەن ياشلىرىم ئىمان، ئىسلامىمنىڭ ھاياتلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن ئەمەسمىدى؟ ئەمدى بۇ كۈلكەم نېمىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە؟ ئەجەبا ئىمانىم ئىككى يۈزلىمىچىلىككە مۇپتىلا بولغاندىمۇ؟ ئاھ! ئىي پەرۋەردىگارىم! ئەجەبا ھەنزەلە مۇناپىق بولۇپ قالغاندىمۇ؟
بۇ قانداقتۇر بىردەملىك ھىسسىياتلىنىش ئەمەس ئىدى. بەلكى ھەققىي تەۋرىنىش بولۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئەزايى لاغ - لاغ تىترەشكە چۈشكەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنى باسالماي چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ بايىقى كۈلكىسى قەيەرلەرگىدۇر غايىپ بولغان بولۇپ، مۇبارەك چېھرى خازاڭدەك سارغىيىپ، پۈتۈنلەي تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۆي ئىچى ئۇنىڭ ھازىدارلارچە قىلىۋاتقان نالە - پەريادى بىلەن قايتىدىن لەرزىگە كەلدى.
ئۇ: « ھەنزەلە مۇناپىق ئىكەن... ئاھ! ھەنزەلە مۇناپىق ئىكەن!» دېگىنىچە ئۈنلۈك توۋلاشقا باشلىدى. گەرچە بېئاراملىقتا نەچچە قىتىم ئۇياقتىن - بۇياققا مىڭىپ باققان بولسىمۇ، ئەمما  ئەمدىكى چاغدا ئۆيدە ئولتۇرىۋېرىش ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۇمكىن بولماي قالغان ئىدى. شۇڭا دەرھال سىرىتقا يول ئالدى. ئاللاھنىڭ ئاشىق، پەرۋانىسى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرەپكە خۇدىنى يوقاتقان ھالدا كېتىپ باراتتى.
بۇ ئاجايىپ ئېسىنى يوقۇتۇشقا ۋە رەسۇلۇللاھقا بولغان مىسلىسىز سېغىنىشقا قارىمامدىغان؛ ئۇ يول بويى خۇددى گۆدەك بالىلاردەك ھېچ نەرسىگە پەرۋاسىز ئۈن سېلىپ يىغلىغانچە «ھەنزىلە مۇناپىق ئىكەن، ئاھ! ھەنزىلە مۇناپىق ئىكەن!» دەپ تۇۋلاپ كېتىپ باراتتى. ئۆيدىكىلەر چۈشۈنىكسىز تەشۋىش، ئەنسىزچىلىكلەر قوينىدا ئىشىك تۈۋىدە قېتىپلا قالىشقان ئىدى. يولدا ئالدىراش كېتىۋاتقان كېشىلەر ئۇنىڭغا قاراپ توختىشىپ قېلىۋاتاتتى. قانچىلىغان كۆزلەر ئۇنىڭغا تىكىلىپ، قانچىلىغان ئاۋازلار ئۇنىڭغا ئەگەشكەن، يەنە قانچىلىغان بۇلۇڭ - بۇلۇڭلاردىكى قىياس، پىچىرلىشىشلار "ئۇنىڭغا زادى نېمە بولغاندۇ؟" دېگەن سۇئالنى ئۆزىگە تىما قىلىشقان ئىدى. ئەمما ھەنزىلە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زادى قايسى ئالەمگە چۈكۈپ كەتتىكىن - تاڭ؟! گەرچە جىسمى قايناق بازاردا كېتىۋاتقان بولسىمۇ، روھىي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا پەرۋاز قىلماقتا ئىدى
ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزورىغا تېخى يېتىپ بارماي تۇرۇپلا يول ئۈستىدە ئۆزىگە ئوخشاش پىغان چېكىۋاتقان يەنە بىر پەرۋانە بىلەن ئۇچراشتى. بۇ دەل ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىدى. بۇ ھەر ئىككى روھ بىر - بىرىنىڭ قەلب ناۋالىرىنى ئاڭلاشتى. ھەر ئىككەيلەن ئوخشاش بىرلا دەرتكە مۇپتىلا بولغانلىقلىرىنى ھىس قىلىشتى. ھەنزىلە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەمدىلىكتە يالغۇز ئەمەس ئىدى. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ئۇنىڭ ئىزىدا كېتىپ باراتتى. بۇ تېرىك ئىنسانلار ئاللاھنىڭ رەسۇلىدىن «بىز زادى ھاياتمۇ ياكى ئۆلۈكمۇ؟» دەپ سورىماقچى ئىدى.  «ئىمانىمىز ئېتىبارغا لايىقمۇ، ئەمەسمۇ؟ ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك سەرمايىسى نابۇت بولدىمۇ ياكى سالامەتمۇ؟ بىز ئەمدى سۆيۈملۇك پەرۋاردىگارىمىزغا مۇيەسسەر بولالارمىزمۇ؟» دەپ سوراش ئۈچۈن كېتىپ باراتتى.
بۇ ئوخشاش دەرتكە مۇپتىلا ھاياجانلىق ئىككى قەلب... ئاللاھنىڭ ئىشقىدا تىنىمسىز يالقۇنلاپ تۇرىۋاتقان بۇ ئىككى يۈرەك ... ئاخىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامغا پىغانلىق داستانلىرىنى سۆزلەپ بەردى. يىغلاۋېرىپ قىزىرىپ كېتىۋاتقان كۆزلەر... ئاھ - زار چىكىپ بوغۇلۇپ كېتىۋاتقان ئاۋازلار... ئۆز كەچمىشلىرىنى ئاڭلاتتى.
ئىماننىڭ دائىم بىر خىللا تۇرىۋەرمەيدىغان ھاياجانلىق كەيپىياتىغا نىسبەتەن گويا ھەممە نەرسىسى نابۇت بولغاندەك قاتتىق پىغان چېكىۋاتقان... ئىمانىي ھاياجاننىڭ ئازراقلا پەسكويغا چۈشۈپ قىلىشىنى گويا كۇپرىلىقنىڭ ھالاكىتىگە چۆكۈپ كېتىۋاتقاندەك ئېغىر ئېلىۋاتقان... بىرەر لەھزە ئاللاھنى ئەسلىمەي قىلىشنى گويا جېنى تىنىدىن چىقىپ كەتكەندەك ئازاپلىق ھىس قىلىۋاتقان، بۇ ئىككى زاتقا نىسبەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زادى قانداق ھىسسىياتتا بولىۋاتقانلىقىنى نەدىمۇ قىياس قىلغىلى بولسۇن؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ پەيتتىكى نازۇك ھىس - تۇيغۇلىرىنى كىممۇ تەسەۋۋۇر قىلالىسۇن؟
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاجايىپ تەسىرلەنگەن ھالدا ئۇلارغا سۆيىنىش ئىلكىدە قاراپ تۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك دىلرابا تەبەسسۇمى ئۇلارنىڭ قەلب پىغانلىرىغا تەسەللى بېرىپ، گويا «ئى ئىمان، ئىسلامىنىڭ ئاشىق، پەرۋانىلىرى! بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەرنىڭ ئىمانىڭلار ھايات، ئاخىرەتلىكىڭلار پارلاق!» دەۋاتقان ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا چۈڭقۇر مىھرىبانلىق بىلەن قاراپ: «ناۋادا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرغان چىغىڭلاردىكى ئىمانىي ھاياجېنىڭلار ئۆز پېتى تۇرىۋېرىدىغان بولۇپ قالسا، پەرىشتىلەر سىلەر بىلەن قول ئېلىشىۋېلىش ئۈچۈن بارلىق سورىنىڭلارغا، كوچا - كوي، ھەتتا ئۆيلىرىڭلارغىمۇ بەس - بەستە كىرىۋالغان بولاتتى. دېمەك، ئى ھەنزىلە! بۇنداق ھاياجاننىڭ پات - پات بولۇپ تۇرغىنى ياخشى» دەپ جاۋاپ بەردى.
ئاھ! مانا بۇلار ھەقىقىي ئىنسان... ھەقىقىي مۇسۇلمان...  يۈرەكلىرىنىڭ ھەربىر سوقىشى ئىشەنچ ۋە ئىمانغا تولغان... پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تەۋھىدنىڭ ئىھتىرامىغا جان - دىلى بىلەن قوربان... ئىماننىڭ كېچىككىنە ئۆزگىرىشچان ھاياجانىغا نىسبەتەن "مۇناپىق بولۇپ قالدۇقمىكىن؟" دەپ خەۋپسىرەپ كېتىدىغان... تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئاددى ئىشلاردىمۇ ئىماننىڭ ئەدەپلىرىگە گويا ھاياتلىق بىلەن ماماتلىققا ئەھمىيەت بەرگەندەك، قاتتىق ئەھمىيەت بېرىدىغان... ئەنە شۇلار ھەقىقىي ئىنسان... ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۇسۇلمان...
ئەمما بىز... بىزنىڭ ئىمانىمىز راستىنلا  جان ئۈزۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان... بىزنى توختىماي "قۇتۇلدۇرۇۋال!" دەپ چاقىرىۋاتقان... لىكىن بىز... ئۇنىڭ نىدالىرىنى ئاڭلاشقا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتقان... «ئاللاھنىڭ ئالدىغا زادى قايسى يۈزۈم بىلەن بارارمەن؟» دېگەننى ئۇلاردەك ھەر دەقىقىدە بىر ئەمەس، ھەتتا كۈنىگە بىر قىتىم بولسىمۇ، ئويلۇنۇشقا مۇۋەپپەق بولالمايۋاتقان... شۇنداقتىمۇ يەنىلا بىز ئاجايىپ بېخىرامان... شۇنداقتىمۇ بىز يەنىلا مۇسۇلمان... بىز يەنىلا مۇسۇلمان!...
ئەجەبا بۇ قەلىبلىرىمىزنىڭ قوتۇر كېسەللىكى، ساختا تەسۋىرىمىزنىڭ پۇچۇق ئەينىكى ئەمەسمۇ؟! ئاھ، خۇدا! بۇ ساختىلىق... بۇ جان ئالغۇچ ئالدامچىلىق... ئەجەبا، گۇناھلىرىمىزنى يېپىشقا سېنىڭ رەھمىتىڭدىن باشقا پەردە مەۋجۇت بولمايدىغان مەھشەر مەيدانىدا، يىرگىنىشلىك ئەيىپ - نۇقسانلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە"مانا مەن" دەپ يالىڭاچلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقماسمۇ؟!
ئى مىھرىبان پەرەۋەردىگارىمىز! ئەشۇ دەھشەتلىك كۈن بىشىمىزغا كېلىشتىن ئىلگىرى قەلىبلىرىمىزنى لەرزىگە سېلىپ ئويغىتىۋەتكىن. پۈتۈن ۋۇجۇدىمىزدىن "ئى ئاللاھ! پۈتۈن ئېيىپ - نۇقسانلىرىمىزنى چەكسىز رەھمىتىڭ ئارىقىلىق ياپقىن! بىزنى ئازابىڭدىن يىراق قىلغىن" دېگەن دۇئانى جارى قىلدۇرىۋەتكىن!
سىلەرگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىلەر قېرىنداشلىرىم ،
سىلەرنى سۆيىمەن ، چۈنكى سىلەر ۋەتەنداشلىرىم.
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1557
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1557دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 16345 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-03-29

ئەسسالامۇ  -  ئەلەيكۇم  ،  ئۇلۇغ  رەببىمىز  بىزگىمۇ  مۇستەھكەم  ئىمان  ، كۈچلۈك  ئىرادە  ئاتا  قىلغاي ، قەدەملىرىمىزنى  ھەقتە  سابىت  قىلغاي ،  ئامىن  !
اللا
دوستلىشىش
muslima32
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 611
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە611دانە
ئۆسۈش: 760 %
مۇنبەر پۇلى: 6913 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-03-25
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-20 22:51

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ئەي ئۇللۇغ ئاللاھىم بىزنى ھەقىقى بىر سائادەتمەن مۇسۇلمان قاتاردىن قىلغايلا ئامىن.........................................
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9244
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 56
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە56دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 585 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-13
ئاخىرقى: 2011-12-19
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-23 13:20

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ...اللە ھەمىمىزنىڭ قەلبىنى ئويغاق قىلسۇن،،
اللە ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.