باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 595 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ياخشى ھىمايە قىلغۇچى قىلىنغان ئاسمان
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 9
ئومۇمىي يازما: 2094
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2094دانە
ئۆسۈش: 4810 %
مۇنبەر پۇلى: 24998 سوم
تۆھپىسى: 172 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-01-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 16:17

ياخشى ھىمايە قىلغۇچى قىلىنغان ئاسمان

رەسىم:



ياخشى ھىمايە قىلغۇچى قىلىنغان ئاسمان


ئاللاھ سۇبھانەۋەتائالا قۇرئان كەرىمدە بىزگە ئاسماننىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر خۇسۇسىيتىنى ئېيتىپ بىرىدۇ:
«ئاسماننى بىز بىخەتەر ئۆگزە قىلدۇق، ھالبۇكى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاسماندىكى (كۈن، ئاي، يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ قۇدرتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلەردىن غەفلەتتىدۇر»( سۈرە ئەنبىيا 32ـ ئايەت).
ئاسماننىڭ بۇ خۇسۇسىيىتى 20ـ ئەسىردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىلمىي تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاندى. يەرنى ئوراپ تۇغان ئاتموسفىرا يەر شارىدىكى ھاياتنىڭ داۋام ئېتىشى ئۈچۈن مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلايدۇ.
ئۇ يەرگە يېقىنلىشىپ كەلگەن چوڭ - كىچىك مىتئورىتلارنى يوق قىلىپ، ئۇلارنىڭ يەرشارىغا چۈشۈپ مەۋجۇداتلارغا زىيان كەتكۈزشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بۇنىڭدىن تاشقىرى ئاتموسفىرا جانلىقلارغا زىيانلىق بولغان بەزى نۇرلارنى توسۇپ قالىدۇ. ئاتموسفىرادىكى بۇ فۇنكىسيەنىڭ بىزنى ئەڭ ھەيران قالدۇردىغان يېرى شۇكى، ئۇ پەقەتلا بىخەتەر ۋە پايدىلىق، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرغا يېقىن بولغان نۇر ۋە رادىيو دولقۇنلىرىنىلا ئۆتكۈزىدۇ. بۇ رادىئاتسىيەلەرنىڭ ھەممىسى ھاياتلىق ئۈچۈن مۇھىمدۇر. ئاتموسفىرا پەقەت قىسمەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرلارغا يېقىن بولغان نۇرلار ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسىنتىز ۋە بارچە مەۋجۇداتلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن بەك مۇھىم رول ئوينايدۇ. قۇياشتىن چىقىدىغان كۆپلىگەن خەتەرلىك نۇرلار ئاتموسفىرانىڭ ئوزۇن قەۋتىدە سۈزۋىلىندۇ. ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرلار سىپىكتىرىنىڭ پەقەت زۆرۆر بولغان قىسىمىلا يەرشارىغا يىتىپ كىلىدۇ.
ئاتموسفىرانىڭ قوغدىغۇچىلىق فۇنكىسىيەسى بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدۇ. ئاتموسفىرا يەنە سىرتىدىكى ئالەمنىڭ (270-) سىلسىيە گىرادۇسلۇق قاتتىق سوغۇقىدىن يەرشارىنى ئاسىرايدۇ.
يەرشارىنى زىيانلىق تەسىرلەردىن پەقەت ئاتموسفىرالا ساقلىمايدۇ. ئاتموسفىراغا قوشۇمچە رەۋىشتە يەرنىڭ ماگىنىت مەيدانىدىن ھاسىل بولغان قاتلاممۇ بىزنىڭ سەييارىمىزگە تەھدىد كەلتۈرگۈچى زىيانلىق رادىئاكسىيەلەرگە قالقان بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. قۇياش ۋە باشقا يۇلتۇزلاردىن چىقىدىغان بۇ زىيانلىق رادىئاكسىيەلەر تىرىك جانلىقلارغا ھالاكەتلىك تەسىر قىلىدۇ. ئەگەردە يەرنىڭ ماگىنىت مەيدانى بولمىىغىنىدا ئىدى، قۇياشتا پات - پات ھاسىل بولىدىغان «قۇياش چاقنىشى» دەپ ئاتىلىدىغان ناھايىتى كۆپ ئىنىرگىيە پارتىلاشلىرى يەر يۈزىدىكى بارچە ھاياتلىقنى بەرپات قىلغان بولاتتى. ماگىنىت مەيدانىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا دوكتۇر خيۇڭ روس مۇنداق دەيدۇ:
ــ« ئەسلىدە بىزنىڭ قۇياش سىستىمىسىدىكى سەييارىلەرنىڭ ھىچقايسىسىدا يەرشارىنىڭكىدەك ناھايىتى يۇقۇرى زىچلىق مەۋجۇد ئەمەس. ماگىنىت مەيدانى بەلۋىغى يەر شارىنى راىئاكسىيەلەرنىڭ بومباردىمانىدىن ھىمايە قىلىدۇ. ئەگەر بۇ قالقان بولمىغاندا ئىدى، يەرشارىدا تىرىكلىكتىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولاتتى. ماگىنىت مەيدانىغا ئىگە بولغان باشقا سەييارە بولسا مىركۇرىدۇر. ئەمما ئۇنىڭدىكى ماگىنىت مەيدانىنىڭ قۇۋۋىتى يەرشارىنىڭكىدىن 100 ھەسسە كۈچسىزدۇر. ھەتتا بىزگە يىقىن بولغان ۋىنىرادىمۇ ماگىنىت مەيدانى مەۋجۇد ئەمەس. ۋان ئېللىن (ماگنىت مەيدانى) رادىئاكسىيە قالقىنى پەقەت يەر شارىغىلا خاس بولغان خۇسۇسىيەتتۇر». (‹يەرشارى ۋە قۇياش سىستىمىسىدىكى ئىشەنگۈسىز لاھىيەلەر›ناملىق ماقالىدىن ئېلىندى)

يەرشارىنىڭ ماگىنىت مەيدانى تۈپەيلى بارلىققا كىلىدىغان ماگنىتوسفىرا قاتلىمى يەرشارىنى ھەرخىل جىسىملار، زىيانلىق نۇرلاردىن ھىمايە قىلغۇچى قالغان ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. يۇقۇردىكى رەسىمدە ۋال ئاللىن بەلۋىغى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ ماگىنىتوسفىرا قاتلىمى كۆرىنىپ تۇرۇپتۇ. يەردىن بىر نەچچە كىلومىتىر يۇقۇرىدا ئورۇن ئالغان بۇ بەلۋاغلار يەر يۈزىدىكى تىرىك جانلىقلارغا مۇقەررەر زىيانلىق بولغان، تاشقى ئالەملەردىن كىلىدىغان زىيانلىق ئىنىرگىيەلەرنى توسايدۇ.
بۇ ئىلمىي ئىزدىنىشلەر يەرشارىنىڭ ئۆزگىچە ھىمايە قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. مۇھىمى شۇنى بۇ ھىمايە قىلىنىشلار بۇنىڭدىن 14 ئەسىر بۇرۇن قۇرئان كەرىمنىڭ:« ئاسماننى بىز بىخەتەر ئۆگزە قىلدۇق» دىگەن ئايىتىدە بايان قىلىنغان
.




ئاسمانغا قارىغان نادان ئادەملەر ئاتموسفىرانىڭ ھىمايە قىلغۇچى ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلمايدۇ. ئۇلار ھىچقاچان بۇ ئاتموسفىرا بولمىغىنىدا دۇنيانىڭ قانداق ماكانغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويلاپ كۆرۈشمەيدۇ. يۇقارقى فوتو سۈرەت ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ئارىزونا شىتاتىغا چۈشكەن مىتئورت ھاسىل قىلغان بەھەيۋەت مەنزىرىدۇر. ئەگەر ئاتموسفىرا بولمىغىنىدا مىليونلاپ مىتئورىتلار يەرگە چۈشكەن ۋە يەر ياشىغىلى بولمايدىغان خارابىلىققا ئايلانغان بولاتتى. بىراق ئاتموسفىرانىڭ ھىمايە قىلغۇچى جەھەتتىكى خۇسۇسىيىتى تىرىك جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرشىگە ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. بۇ شەكسىز ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىللىرىگە بەرگەن پاناھى، شۇنىڭدەك قۇرئاندا ئىلان قىلغان مۆجىزىسىدۇر.

بىر نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا ئىلان قىلىنغان يۇقارقىدەك پارتىلاشلارنىڭ پەقەت بىرسى چىقىرىدىغان ئىنىرگىيە، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشى ئاخىرىدا خىروشماغا تاشلانغان ئاتوم بومبىسىغا ئوخشاش 100مىللىيارد بومبىغا تەڭ كىلىدىغانلىقى ھىساپلاپ چىقىلدى. پارتىلاش سادىر بولغاندا، ئەللىك سەككىز سائەتتىن كىيىن ئاتموسفىرادىن 250 كىلومىتىر يىراقلىقتا تېمپىراتۇرا 2500 سىلسىيە گىرادۇسقا چىقىپ كەتكەنلىكى كۈزىتىلدى.
قىسقىسى، ئاتموسفىرا قاتلىمى بىز ياشاۋاتقان يەر شارىنى ئوراپ تۇرىدۇ ۋە تاشقى خەۋىپلەردىن بىزلەرنى ھىمايە قىلىدۇ. كۆپ ئەسىرلەر ئىلگىرى ھىمايىچى قالقان خىزمىتىنى قىلىپ كىلىۋاتقان دۇنيانىڭ ئاتموسفىراسى ھەققىدە ئاللاھ سۇبھانەۋەتەئالا بىزگە خەۋەر بەرگەن ئىدى.

ئۆزبەكچىدىن ئۆزلەشتۈرلدى.

[ بۇ يازمىنىتاھىربەگ 2011-10-19 16:43قايتا تەھرىرلىد ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1766
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 855
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە855دانە
ئۆسۈش: 370 %
مۇنبەر پۇلى: 9005 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-01-06

ئالاھنىڭ قۇدىرتى چەكسىزدۇر!
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2111
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 257
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە257دانە
ئۆسۈش: 1680 %
مۇنبەر پۇلى: 3834 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-01-06
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-20 17:50

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
     اللە چەكسىز قۇدرەت ئېگىسىدۇر، بارلىق مەخلۇقاتلارغا، جۈملىدىن ئىنسانلارغا ناھايىتى مېھرىباندۇر!...
بىز تۇپراق ئۈستىدىكى تۇپراقمىز!