باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 901 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قۇرئان پەزىلىتىدىن بۇلىدىغان ئىشلار
دوستلىشىش
ئىزباسار
ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 400
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە400دانە
ئۆسۈش: 810 %
مۇنبەر پۇلى: 4665 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2012-03-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 11:54

قۇرئان پەزىلىتىدىن بۇلىدىغان ئىشلار

 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھ!
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھىربان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
قۇرئانى كەرىم بولسا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قانۇنى.شۇنداقلا ئەڭ تەۋەررۇك دىننىي دەستۇرى.
ئاللاھ ئۆزىنىڭ كالامى بولغان قۇرئانى كەرىمنى بىز ئىنسانلارغا توغرا يولدا مېڭىپ مەڭگۈلۈك بەخىت-سائادەتكە ئىرىشسۇن ئۈچۈن رەھبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئارقىلىق بىزگە چۈشۈرگەن.
خوش... بىز تۈۋەندە بۇ ئىلاھىي قانۇن بولغان قۇرئانى كەرىمنىڭ ئۇنى ئوقۇغان ئادەمنى قانداق ياخشىلىقلارغا ئىگە قىلىدىغانلىقى،قۇرئاننى يادلىغان ئادەمنى قانداق ياخشىلىقلارغا ئىگە قىلىدىغانلىقى توغۇرلۇق ئازراق ئىزدىنىش ئېلىب بارىمىز.
قۇرئانى كەرىمنى يادلاش ۋە ھەر يىلى ئاز دىگەندىمۇ بىر قېتىم يادلاش سۈننەت.
رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىبرىئىل ئەلەيھىسالام(قۇرئاننى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن پەيغەمبىرىمىزگە ئېلىپ چۈشكەن ئەلچى.) بىلەن ھەر يىلى رامزاندا قۇرئاننى بىر قېتىمدىن ئوقۇشاتتى. ۋاپات بۇلىدىغان يىلى 2قېتىم ئوقۇپ بەرگەن.
قۇرئانى كەرىم بولسا ئۆز ساھىبىنى داۋاملىق ياخشىلىققا ئىرىشتۈرۈپ تۇرىدۇ.
دەلىلى:رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن« سىلەرنىڭ ياخشىراقىڭلار قۇرئان ئۇگەنگەن ئۇنى ئۇگەتكەن كىشىلەردۇر » ( بۇخارى )
قۇرئانى كەرىم بولسا ئۇنى يادلىغان كىشىلەرنى دۇزاختىن قۇتقۇزىدۇ(قۇرئاندىكى قانۇنلارغا بويسۇنۇپ ياشىغان بولسا) بۇ ھەقتە رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن«قۇرئانى كەرىم بىر تىرىنىڭ ئىچىگە ئېلىنسا(يەنى بىر ئادەم قۇرئاننى يادلىسا) شۇ تىرە دۇزاخقا تاشلانسا دۇزاخ ئۇتى ئۇنى كۆيدۇرمەيدۇ» ئىمام  ئەھمەد رىۋايەت قىلغان. ئالبانىي ئىسنادى سەھىھ دەپ باھالىغان.
بۇ ھەدىستىن قۇرئاننى يادلىغان ئادەم(ئەمەل قىلىپ ياشىغان بولسا) دۇزاخقا كىرمەيدىغانلىقىنى بىلۋالغىلى بۇلىدۇ.
قۇرئانى كەرىم بولسا ئۇنى يادلىغان ئوقۇپ تۇرغان (يەنىلا ئەمەل قىلىش شەرتى بىلەن) كىشىلەرگە قىيامەت كۈنى شاپائەتچى بۇلۇپ كىلىدۇ. بۇنىڭغا دەلىل. رەسۇلۇللەسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن«قۇرئاننى ئوقۇڭلار.ھەقىقەتەن قۇرئانى كەرىم قىيامەت كۇنى ئوقۇغان ئادەمگە شاپائەتچى بۇلۇپ كىلىدۇ»(ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
كىمكى قىيامەت كۈندىكى دەھشەتلىك مىنۇتلاردىن بىخەتەرئۈتۈپ كىتەي دىسە قۇرئاننى كۆپ ئوقۇسۇن
قۇرئانى كەرىم بولسا ئۇنى ئوقۇغۇچىنى ۋە يادلىغۇچىنى قانچىلىك كۆپ يادلىغان بولسا يادلىغىنىنىڭ ۋە ئوقۇغۇنىنىڭ مىقدارى بۇيىچە جەننەتتىكى يۇقرى دەرىجىگە ئىرىشتۇرىدۇ.
بۇنىڭغا دەلىل. رەسۇلۇللەسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن «قىيامەت كۈنى قۇرئان ئوقۇغۇچىغا{سىن قۇرئاننى دۇنيادىكى ۋاقتىڭدىكىگە ئوخشاش چىرايلىق ئوقۇغىن، يۇقرى ئۆرلىگىن.سىنىڭ جەننەتتىكى ئورنۇڭ سەن ئوقۇغان ئايەتنىڭ ئاخىردا(يەنى قانچىلىك كۆپ ئوقۇساڭ شۇ ئوقۇغىنىڭ مىقدارى يۇقرى دەرىجىگە كۈتۈرلۈپ تۇرىسەن)}دىيلىدۇ»(ئىمام ئەھمەد،تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.ھەسەن ھەدىس)
پاھ... نىمە دىگەن كاتتا دەرىجە ھە؟!
قېرىندىشىم مۇشۇ دەرىجىگە ئىرشىش ئۈچۈن بىر ئايەت-بىر ئايەتتىن بولسىمۇ يادلاڭ!
ئۇمىدكى سىزمۇ ھەدىستا ئېيتىلغان يۇقرى ئۇرۇنغا ئىرشىشىڭىز مۇمكىن.
قۇرئانى كەرىم بولسا:ئۇنى ئوقۇغان ئىسناننى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئاللاھنىڭ دوسلىرى قاتارىدىن قىلىدىغان ئىلاھىي كىتابتۇر.
بۇنىڭغا دەلىل: رەسۇلۇللەسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن«ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ ئەھلىلىرى(دوستلىرى) بار. ساھابىلەر:-يارەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلار كىملەر؟
:-ئۇلار ئەھلۇلقۇرئان يەنى قۇرئان ئوقۇغان يادلىغان ۋە شۇ قۇرئانغا ئەگىشىپ ماڭغان كىشىلەردۇر.ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەھلى ۋە ئاللاھنىڭ ئەزىز كىشىلىرى»
قۇرئان نىمە دىگەب ئۇلۇغ كىتاپ ھە؟!
قۇرئانى كەرىمنى ئوقۇچى بولساپەيغەمبەرلىك دەرىجىسى بىلەن ئوخشاش بۇلىدۇ. پەقەتلار ئارلىقنى ۋەھىيلا ئارىپ تۇرىدۇ.
قۇرئانى كەرىم بولسا ئۆز ساھىبىنى يۇقرى ئۇرۇنغا ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بىلەن ئوخشاش ئۇرۇنغا ئىگە قىلىدۇ.
دەلىلى:رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن«قۇرئان ئوقۇۋاتقان كىشى ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بىلەن بىللە بولغان بۇلىدۇ»(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)
قۇرئانى كەرىم بولسا بەزى كىشىلەرنى يۇقرى ئۇرۇنغا كۈتىرىدۇ(قۇرئان بۇيىچە ماڭغانلارنى) يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ دەرىجىىسنى چۈشۈرۋېتىدۇ(ئەمەل قىلمىغانلارنى)
دەلىلى: رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن«ھەقىقەتەن ئاللاھ مۇشۇ كىتاب بىلەن (قۇرئان بىلەن) بەزى قەۋملەرنى يۇقرى كۈتىرىدۇ.يەنە بەزىلەرنى چۈشۈرۋېتىدۇ»
ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق بۇ ھەدىسنى تېخىمۇ بەكرەك چۈشىنىمىز.
قۇرئانى كەرىم بولسا ئۆز ساھىبىنى كىشىلەرگە ئىماملىق(يولباشچى) قىلىش دەرىجىسىگە يەتكۈزىدۇ.
دەلىلى:رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن« كىشىلەرگەئاللاھنىڭ كىتابنى يادلىغانلىرى ئىمام بۇلىدۇ»
مۇشۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلىدىغانلار بەكلا ئازلاپ كىتۋاتىدۇ. كىشىلەر ئىمام بۇلىدىغان ئادەمنىڭ ئىلمىگە قارىماستىن يۇرت ئىچىدىكى ئابرويىغا كىيۋالغان سەللىسىگە،قۇيۋالغان ساقىلىغا قاراۋاتىدۇ.ئىمام بۇلۇشقا ئەڭ لايىق كىشى قۇرئاننى ياخشى ئوقۇيالايدىغان كىشىلەر،قارىيلار ئىدى.
قۇرئانى كەرىم بولسا كىشىلەرئۇنىڭ ئۈچۈن ھەسەد قىلسا بۇلىدىغان كىتابتۇر.
ھەسەد قىلىشنى قاتتىق چەكلىگەن ۋە ھەسەدنىڭ ياخشىلىق ئەمەللىرىنى ئوت ئۇتۇننى يىگەندەك يەيدىغانلىقى توغۇرلۇق ھەدىس كەلگەن. ئەمما قۇرئانغا ھەسەد قىلىش قانۇنلۇق.
دەلىلى:«ھەسەد قىلىش ئىككى نەرسىدىن باشقا نەرسىدە يوق.بۇنىڭ بىرسى ئاللاھ ئۇنىڭغا قۇرئاننى ئاتا قىلغان ۋە شۇ قۇرئاننى كىچە –كۈندۇزنىڭ مەلۇم قىسمىلىرىدا ئوقۇپ تۇرىدىغان كىشى.بۇنداق كىشىگە ھەسەد قىلىش يوللۇق»
قۇرئانى ئۆگىتىش ۋە يادلاش دۇنيا ۋە دۇنيانىڭ ئىچىدە بارلىق نەرسىلەردىن ياخشى.
دەلىلى:رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن«سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئەتتگەندە مەسچىتكە كىلىپ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ئىككى ئايەت ئوقۇسا ياكى ئۆگەنسە ئۇ كىشىگە ئىككى تۈگىگە ئىرشىشتىنمۇ ياخشىراقتۇر...»
قۇرئانى كەرىم بولسا ئۆز ساھىبىنى ھەسسىلەپ ئەجىرگە ئىرىشتۇرگۈچىدۇر.
دەلىلى:رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن« ئاللاھتائالانىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇغان كىشىگە بىر ياخشىلىق بولىدۇ .بىر ياخشىلىققا ئۇزىنىڭ ئون ھەسسىسىگە باراۋار ئەجىر بولىدۇ .مەن « الم » نى بىر ھەرپ دىمەيمەن .لېكىن ئەلف بىر ھەرپتۇر « لام » بىر ھەرپتۇر .«مىم» بىر ھەرىپتۇر .( تىرمىزى ) »
ئەگەر سىز ئاز ئەمەل بىلەن كۆپ ئەجىرگە ئىرشەي دىسىڭىز تاقىتىڭىزنىڭ يىتىشىچە قۇرئان ئوقۇڭ.
قۇرئاننىڭ پەزىلىتى ھەقىقەتەن كاتتا. بىز بۇنى زىكىر قىلىپ بۇلۇشقا ھەقىقەتەن ئاجىز كىلىمىز. قىسقىسى قۇرئانى كەرىم بولسا ئىنسانلارغا نۇردۇر. ئۆلگەن قەلبنى تىرىلدۈرگۇچىدۇر. ئەقىلنىڭ نۇرىدۇر.ئوقۇپ تۇرىدىغان ئادەمنىڭ يۈزىنى نۇرغا تولدۇرغۇچىدۇر.
قېنى قېرىندىشىم قۇرئاننى دەرھال قۇلىڭىزغا ئېلىڭدە يۇقارقى قۇرئان ئوقۇپ قولغا كەلتۈرىدىغان خىسلەرنى ئۆزىڭىزگە مۇجەسسەم قىلىڭ.
ئاللاھ بىزنى توغرا يول ئۇستىدە قىلسۇن.
تەييارلىغۇچى : ئۇزۇق
ئاللاھتىن قورقمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل....
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8737
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 67
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە67دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 670 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-26
ئاخىرقى: 2012-01-26

ئەجرىڭىزگە رەھمەت ،" قۇرئان كەرىم"  ھەممىگە شىپا
'
balgun
دوستلىشىش
نەزىرە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7503
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 250
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە250دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 2739 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-21
ئاخىرقى: 2012-03-28
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 14:57

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەركاتۇھ!

بەك ياخشى تېما يوللاپسىز،  ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!

مەنمۇ ھەر كۈنى سەھەردە ئىككى ۋاراق قۇرئان ئۇقۇيمەن، ھەم قۇرئاندىكى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىشقا، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يېنىشقا تىرىشىۋاتىمەن.

لىكىن ئەستە تۇتىۋېلىش قابىليىتىم بەك ناچار   بەلەد سۇرىسى، فەجر سۈرىسىگە ئوخشاش قىسقا سۈرىلەرنىمۇ بەك تەستە يادلايمەن.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزگە قۇرئاننى چۈشىنىپ ئوقۇشنى ھەم ئەمەل قىلىشنى رىزىق قىلىپ بەرسۇن!!!
ھايا ئىمان جۈملىسىدىندۇر
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1606
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1606دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 16325 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-03-29
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-20 16:32

ۋەئەلەيكۇم  -  ئەسسالام  ،  مەنپەئەتلىك  تېمىڭىز  ئۈچۈن اللاھنىڭ  رەھمىتى  بولسۇن  قېرىندىشىم  !
اللا
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1606
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1606دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 16325 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-03-29
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-20 16:36

ئۇلۇغ  اللاھ  بىزنى   قۇرئانى كەرىم  ئۇقۇغۇچىلار  ۋە ئەمەل  قىلغۇچىلار  قاتارىدىن  قىلغاي  ،  امىين !
اللا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4601
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-09
ئاخىرقى: 2012-03-29
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-20 19:29

4-قەۋەت (arzuyum) نىڭ يازمىسىغا

ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندېشىم ، بەك ياخشى تېما يوللاپسىز  .
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2111
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 343
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە343دانە
ئۆسۈش: 1760 %
مۇنبەر پۇلى: 4779 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-03-29
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-20 19:55

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
     اللە تېما يوللىغان قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، ئىلمىڭىز ۋە ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، امين!...
    قېرىندىشىم، مەن سىزنىڭ تېما-ئىنكاسلىرىڭىزنى ئىزدەپ-سوراپ دېگۈدەك تولۇق ئوقۇيمەن. بۇ بەلكىم سىزنىڭ تېمىلىرىڭىز قېرىندىشىمىز ھەمزىنى ئېسىمگە سالغىنى ئۈچۈن بولسا كېرەك. اللەقا شۈكرىكىم، ئارىمىزدىن بىر ھەمزىنى ئېلىپ كەتكىنى بىلەن سىزدەك ھەمزىنىڭ ئىز باسارلىرىنى كۆپلەپ چىقىرىپ بېرىۋاتىدۇ!... مۇشۇنىڭدەك مەنپىئەتلىك تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!...
بىز تۇپراق ئۈستىدىكى تۇپراقمىز!