تۇرداش مەسلەكداشنىڭ ئۇيغۇر باتۇرلىرىغا تەۋسىيە دىگەن تىمىسىنى ئۇقۇپ ئىچىم ئاچچىق بۇلوپ قالدى ۋە تۇرداشلار بىلەن مەسلەكداش بۇلۇش ئۇچۇن قەلىمىمنىڭ ئاجىزلىقىغا قارىماي بۇ تىمىنى يۇللاپ قۇيدۇم ..........
يىقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان مىللىتمىز ئىچىدە مۇشۇنداق تەۋەككۇلچى كىشىلەر ئۇزۇلمەي چىقىۋاتىدۇ،،،،بۇندىن بۇرۇن جۇرئەت ئۇبۇلقاسىم،،،ھىلىقى تەكلىماكاننى يۇگرەپ ئايلانغان قۇملۇق مەلىكىسى دەپ نام ئالغان گۈلزۆھرە ئەبەيدۇللا.
ۋە ئادىل ھۇشۇر يىقىنقى ۋاقىتلاردىكى دىلشات ،ئەخەت يۇسۇپ قاتارلىقلار ،،
ئەينى ۋاقىتلاردا ئادىل ھۇشۇر سەنشيادىن ئۇتىمەن دىگەندە مەبلەغ يىتىشمەي ئۇنىڭ بۇنىڭدىن ئىئانە تۇپلىغاندا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۇتمىگەن ۋە ئىئانە بىرىشكە قىزىقمىغان ئىدى نەتىجىدە خىراجەت قىس بۇلۇش سەۋەبىدىن بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلالمىغان ئەھۋالدا سەنشيادىن ئۇتۇپ جۇڭگۇدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتراپ قىلشىغا ئىرىشتى كىيىنكى كۇنلەردە ئادىل ھۇشۇرنىڭ داڭقى چىقىشى بىلەن ئۇنى ئىزدەپ كىلدىغانلارمۇ كۇپەيدى ۋە ئادىل ھۇشۇرنىڭ ئىقتىسادى قىممىتى ھەددى ھىساپسىز ئاشتى ئەينى ۋاقىتلاردا ئادىل ھۇشۇرنىڭ بىر قىتىم دارغا چىقىشى بىر نەچچە يۇز يۇەن بۇلسا ھازىر بىر قىتىم داردا مىڭىشى مىليۇن يۇەنگە ئۇرلىدى ۋە دۇنيادا ئۇچار ئادەم دەپ نام ئالغان كانادالىق كۇچرايىن نى يىڭىپ ئۇيغۇر دەرۋازچىلىقىنى دۇلەتكە ھاتتا پۇتۇن دۇنياغا تۇنۇتتى ئەگەر ئادىل ھۇشۇر تەۋەككۇلچىلىك قىلماي قەشقەر بىلەن غۇلجا ئارلىقىدا كىچىككىنە مەيدانغا سىم تارتىپ داردا مىڭىپ يۇرگەن بۇلسا ئۇيغۇر دەرۋازچىلىقى مۇشۇنچىلىق شان شەرەپ قۇچۇپ مۇشۇنچىلىك ئىقتىسادى قىممەت يارىتالامتى،،،،ئۇنداقتا تەۋەككۇچلىك پەقەت ئىقتىسادى مەنپىئەتلا ئۇچۇنمۇ ؟؟؟
يىقىنقى يىللاردىن بىرى شىنجاڭ پوتبۇلچىقى دۇلەت ئىچىدە باشقىدىن باش كۇتۇرۇپ بىر نەچچە پوتبۇل ئەزىمەتلىرمىز مەملىكەتنى زىل-زىلگە سالدى شىنجاڭ پوتبولچىلىقىغا باشقىدىن جان كىردى شىنجاڭ پوتبۇلچىلىقىغا باشقىدىن ئۇمىد پەيدا بۇلدى، سۇڭ چىڭلىڭ فۇندى جەميىتى نەچچە مىليۇن مەبلەغ سىلىپ پۇتبۇل مەكتىۋى قۇردى مۇشۇنداق كەينى -كەيندىن كەلگەن خۇشاللىق ئالدىدا شىنجاڭ پۇتبۇلىنى خەلقىمىزگە، تخىمۇ زۇر تەشۋىق قىلىشنى كۇڭلىڭگە پوككەن دىلشات جاپا مۇشققەتكە چىداپ جاپالىق سەپەرگە ئاتلاندى. يۇلدا كۇرمىگەننى كۇردى بۇ نىمە ئۇچۇن شۇ جاپالارغا چىدىدى ئۇ ئەسلىدە بۇنداق جاپا چەكلمەي ئۇيدە ئۇلتۇرۇپ ئىسىىق يۇتقاندا يىتىپ لەڭمننى يىسە بۇلاتتىغۇ،،؟،،،ئۇ ئۇز ھەركىتى ئارقىلىق قانچىلىك ياشلارنى تەسىرلەندۇردى مۇزلىغان قانلار تۇمۇردا ئازراق بۇلسىمۇ مەۋىج ئۇردى ،،بىخۇتلاشقان كاللىلار ئازراق بۇلسىمۇ سىلكىندى ..
ئۇنداقتا ئەخەتچۇ ؟ئەخەت يۈسۈپنىڭمۇ بۇ قىتىمقى تەۋەككۇلچىكىك قىلىشى ئۇز باشقۇرىشىدىكى ئۇچۇرلار تۇرىنى تەشۋىق قىلىشى ئۇچۇن بۇلسىمۇ ئاساسى مەقسەت ئۆزىنىڭ چىدامچانلىقىنى نامايەن قىلىش بۇ سەپەرگە قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ جاپالارغا باش ئەگمەيدىغان قەيسەر روھىنى نامايەن قىلىش ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ كۆزلىگەن نىشانغا يىتىش ئىرادىسىنى چىڭىتىشى ئۇ شۇ تۇمۇر ئاياق بىلەن تەرگە چۇمۇپ كىتىۋتقاندا سىز ۋاي بۇ ئەخمەق نىمە قىلۋاتقاندۇ دەپ ئۇيلامسىز ياكى ماۋۇ يىگىت ھەجەپ ئىرادىلىك ئىكەن مەندە شۇنداق ئىرادە بارمۇ مەن ھازىر نىمە قىلۋاتىمەن دەپ ئۇنى ئۇزىڭىڭىزنىڭ ئىشى ھەركىتىگە سلىشتۇرامسىز....تەبئى ھالدا سلىشتۇرسىز،،،بۇنىڭدىن ئۇزىڭىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ھايات تۇرمۇشىغا ئازراقمۇ ئىلھام بۇلمايدۇ دەپ كىسىپ ئىيتالامسىز ،،،بۇ خىل كىشىلەر جاپا تارىتسا ئۇزى تاتتى سىز تەڭ تارىشىپ بەردىڭىزمۇ ياكى چۇقۇم ئىئانە قىلسەن دەپ يۇزى قىلىن دىۋانىدەك كەينىڭىزگە كىرۋالدىمۇ؟؟؟ ئۇلار ئىقىتىسادى ياكى سالامەتلىك جەھەتتىن زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئۇلار ئۇز شەخسىي مەنپىئەت ئۇچۇن ئەمەس مىللەت رۇھنى ئۇرغىتىش ئۇچۇن زىيان تارتىدۇ سىز بۇنىڭدىن خىجىل بۇلمامسىز،،،؟!!
قاۋاقتا ،پاھىشخانىدا ،،قىمارخانىدا چىرىپ ياتقان مىڭلىغان ياشلىرمىزغا قارىغاندا قان -تەر بەدىلىگە ياشلىرمىزغا جاپا مۇشەققەتكە چىداش قەيسەر ئىرادە بىلەن ياشاش ئۇچۇن ئۇلگە بۇلۋاتقان بۇ ياشلار ئۇستىدىن ئۇنداق مۇنداق گەپ قىلىشى مىنىڭچە ئاقلانىلىك ئەمەس،،،
كەمىنە:رەسسام
[ بۇ يازمىنىرەسسام 2011-10-19 14:10قايتا تەھرىرلىدى ]