باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 761 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇر سېغىنىمەن
دوستلىشىش
نۇزۇكئاي
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9306
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-18
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-18 23:25

ئۇيغۇر سېغىنىمەن

مۇشۇ كەملەردە بەك چارچاپ كەتتىممۇ بىلمىدىم. تۇرۇپ-تۇرپ ئۆزۈمچە ئۇيغۇر سىغىنىدىغان،شۇ مەن سىغىنغان ئۇيغۇرنى ئىزدەيدىغان بىنۇرماللىق پۈتكۈل ۋۇجۇدۇم،ھىس-تۇيغۇلىرىمنى كونتىرول قىلىۋالغان ئىدى.بىرى بىشىمدىن سوغۇق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ، بىر نەرسىلەرنى ئىزدەپ كىتىمەن.  بەزىدە بىرى مىنىڭ يۈزۈمگە، ئىززىتىمگە دەسسىگەندەك تۇيغۇدا بوپ، بوغۇلۇپ يىغلاپ كىتىمەن. توۋا، بۇ بىر كىسەلمىدۇ؟.پىسخىك نۇرمالسىزلىق دىگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن. بەزىدە شۇنداق قەيسەر بوپ كىتىمەنكى، پۇتكۇل دۇنيا ماڭا زۇلۇم قىلسا تىك تۇرۇپ، سادىر پالۋان قوشىقىنى ئوقۇيدىغان ھىسياتتا بوپ كىتىمەن.ئۆزۈمنى خۇددى تەڭرىتىغىنىڭ بىر پارچىسىدەك مۇستەھكەم ھىس قىلمەن. تارىم دەرياسىدەك ئۆز-ئۆزىنى سۆيىدىغان ئېقىن بوپ ئېقىپ كىتىمەن.
 گاھى شۇنداق، شۇنداق ئوماق،غەمسىز باللىقىمغا قايتقاندەك تۇيغۇدا بوپ، ئايىغىمنى سىلىۋىتىپ،لاي پىتىقلاپ ئوينۇغۇم كەپ كىتىدۇ. مىھرىبان ئانامنىڭ قۇچىقىدا ئۆزۈمنى تاشلاپ سوزۇلۇپ ياتقاندەك ياتقۇم كىلىدۇ.0 L- f- k0 G# S4 }) P$ z
ئەنەشۇ مەرھۇم مىھرىبان دادامنىڭ پىشانىسىدىكى يىللارغا جاۋاپ بىرىۋاتقان شۇ يول-يول قورۇقلاردىن تامچىپ ئىقىۋاتقان تەر تامچىلىرىنى، سۈرتۈشنى خىيال قىلىپ ئىختىيارسىز قوللۇرۇم ھاۋاغا سوزۇلۇپ كىتىدۇ. شۇنداق سىغىنىش، ئەسلەش،روھلۇنۇش ئىلكىدە ئۇيغۇر سىغىنىمەن.7 o; L3 ^+ Y6 Y3 d$ {9 P
ئادەم ئەلەيھىسسالام چەكلەنگەن مىۋىنى يىيىشكە زورۇققاندەك، مەنمۇ ئۇيغۇرنى شۇنداق سىغىنىمەن. تۇرۇپ ئويلايمەن،ئادەم-ھەۋۋانى ئىزدىگەندە، مىنىڭ ئۇيغۇرنى سىغىنغان غىرىپ ھىسياتىمدا بولغان بولغىيمىتتى دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن. يۇرتۇمدا ئۆز قىزىغان باسقۇنچىلىق قىلغان ئاتىنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلىغىنىمدا بولسا، شەيتان پۇتكۇل دۇنيانى ئازدۇرۇشقا نىيەت قىلغاندا، مۇشۇنچىلىك ئەسەبىيلەشكەن،مۇشۇنداق پەسكەشلىكنى ئىنسانلارغا قىلدۇرۇشقا ئەقلى يەتكەن بولغىيمىتتى دەپ ئويلايمەن. ياكى ئىنسانلار ئاللاھقا قىلغان ئاسىيلىقىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى يارىتىپ ئۆزى كەشىپ قىلغاندىمۇ؟ دىگەن خىياللار كاللامدىن ئۆتىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا پەرزەنتى ئۈچۈن، ئائىلىسى ئۈچۈن دۇنياغا جەڭ ئىلان قىلغان ئۇيغۇر قەھرىمانلىرى، كۆز ئالدىمدىن ئۆتمۈشتىكى پىلىملەردەك ئۆتۈشكە باشلايدۇ. دەرھال ئۆزۈمنى قويىۋىتىپ  كۆز يىشىم توپان بولۇپ، دۇنيانى يەنە بىر قىتىم پاكلىسىكەن، دۇنيانى يەنە بىر قىتىم، كۈچلۈك مىھرى-مۇھەببىتىنى، ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشنىڭ سىرىنى، ئاللانىڭ ئىنسانلارغا بولغان كۆيۈمىنى ھىس قىلدۇرسىكەن دەپ يىغلاپ كىتىمەن. پاھىشە خانىلارنىڭ كۆپىيش مەدەنىيتىگە قاراپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام زامانىدىكى كىتاپلاردا تىلغا ئىىلنغان بۇزۇقچىلىق، ئاياللارنىڭ كۆپ ئەرلىك بولىشى، يۇرتۇمدىكى بىر پاھىشە خانىنىڭ تۆت تېمى ئىچىدىكى بىلەن تەڭ بولغىيمىتتى دەپ چەكسىز خىياللاردا، جۇد- قەھرىتاندا قالغان ئادەمدەك، تىترەپ،يىغلاپ ئەسەبىيلىشىپ كىتىمەن.شۇ ۋاقىتتا ئۆز ئىپپىتىنى قوغداش يولىدا ھاياتلىقتىن كەچكەنلەرنى ئويلاپ چىن يۈرۈكۈمدىن ئۇيغۇر سىغىنىمەن.
بىر نان ئۈچۈن، مىللەتنى ساتقانلارغا قاراپ، ھاياجان ئۈچۈن، ئۆز ئۇيغۇر سىڭلىسىنى جالاپ يولىغا قاتقانلارنى كۆرۈپ، مىللىتىنىڭ ئاددى بىر جامائىتى ئۈچۈن، تونۇمىغان،كۆرمىگەن سىڭلىسىنىڭ ئىپپىتى ئۈچۈن، جانلىرىدىن كەچكەنلەرنىڭ قەبرىگاھىغا توپا قونۇۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ، يۇم-يۇم يىغلاپ ئۇيغۇر سىغىنىمەن.
دۇنيا! نان،مەئىشەت، كەيىپ-ساپا دەپ جار سىلىۋاتقان زاماندا،ئۇيغۇر دەپ توۋلايدىغان تىللارنىڭ ئازلىقىدىن، ئۇيغۇر خارابىسىنى، ئۆزگە يۇرتنىڭ خان سارىيدىن كاتتا كۆرىدىغان ئۇيغۇرنىڭ ئازلاپ كىتىۋاتقانلىقىغا قاراپ ئۇيغۇر سىغىنىمەن.
دۇنيا مىللەت،ئىرىق تۈرىگە ئارىلىۋاتقان، ئىنسانلار تەبىقىگە بۆلۈنۈۋاتقان،ئۇيغۇر باشقىلارنىڭ ئۆيىگە، ئايالىنى، قىزىنى، ئۇيغۇر ھەمشىرىسنى نامسىز ھوقۇقلار ئۈچۈن باشقىلار خانىسىگە ئەكىرىپ بىرىۋاتقان مۇشۇ ئىشلارنى كۆرگىنىمدە. سۇلتان- سۇتۇق بوۋامنىڭ قىلىچ تۇتۇپ، ئات ئۈستىدە تۇرغان ھالىتىنى، قەبرە بىشىدا يىغلاۋاتقان مىسكىن بوۋايغا ئايلىنىپ قالغانمىدۇ دەپ، ئىچ-ئىچىمدىن ئۇيغۇر سىغىنىمەن.
 كىشىلەرنىڭ تىللىرىنى بىلىشمەي باشقا تىلدا ئىزاھ بىرىشىۋاتقان، ئۆز مەدەنىيتىنى ئۆزگىلەرگە دوپپا قىلىپ كەيدۇرۇپ، ئۆزى چاكىنا ياۋرۇپالاشقان سىمايىنى كۆرگىنىمدە، مەھمۇد بوۋامنىڭ تۇركى تىللار دىۋانىنى يىرتىپ، ۋارىقىدا شىمىشكە سىتىۋاتقاندەك ھىس تۇيغۇدا بولۇپ، مەھمۇد بوۋا، ئەگەر سىز بولسىڭىز، نىمە ئۈچۈن 30 نەچچە يىللىق ھاياتىڭىزنى سەرىپ قىلىپ تۈركى تىللار دىۋانى يازغان بولغىيتتىڭىز دەپ سورۇغۇم، بەك يازغۇڭىز كەلسە، ياۋرۇپا تىللار دىۋانى،مارس تىللار دىۋانى يازسىڭىز بولمامدۇ؟ سىزنىڭ ئەۋلاتلىرىڭىز ئەنە شۇنىڭغا مۇھتاج ئىدى دەپ ئەسكەرتكۈم كىلىدۇ. لىكىن يەنە شۇنداق ئويلاپمۇ قالىمەن. مەھمۇد بوۋام بىلەن ئەلشىر ناۋائىي يۇرتىمىزنىڭ مەلۈم يىزىسىكى تەمەچ قالايدىغان ئوچاق بىشىدا ئولتۇرۇپ، مۇشۇ ئىشلارنى سۆزلىشىۋاتامدىغاندۇ؟ دەپ يۈرەكلىرىم پىژىلداپ ئۇيغۇر سىغىنىمەن.
 باللىرىنىڭ تاپقۇچىسى يوق، ئۆيىدە ئاچارچىلىق بورانلىرى ئۇچۇۋاتقان قوشنىسىغا قاراشقا خىيالى يوق، ھەرەمگە كىتىۋاتقان ھاجىلارغا قاراپ ئۇيغۇر سىغىنىمەن. مەلۇم دوختۇرخانىدا ئازاپتىن ئىڭراۋاتقان بالىنىڭ نالىنى ئاڭلاپ، ئاللا ئاسان قىلسۇن. مىنىڭ ياردىمىم مۇشۇنچىلىككەن دەپ 5 يۈەن قويۇپ چىقىپ، كىچىدە ھورداقخانا-مۇنچىلاردا نەچچە يۈزلەپ راھەت ئىستىراھەت سۈرۋاتقانلارغا قاراپ، ئۆز پۇشتى بالسىغا، باللىرىنىڭ ئاپىسىغا نەچچە مىڭنى تىللاپ ئاران پۇلچىققان يانچۇقتىن، مەلۇم رىستۇراننىڭ ئايرىم خانىسىدا مەشۇقىغا تۇتاملاپ پۇل چىققىنىغا قاراپ، ئالتۇن زەنجىرلەرنىڭ بويۇنلارغا ئىسىلغانلىقىنى كۆرۈپ، سىلەرنىڭ( يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ) ئەڭ ياخشىسى ئۆز ئائىلىسىگە كۆيۈنگەنلەر ئىكەنلىكىنى سۆزلەۋاتقان رەسۇلۇللا توۋا ئەجەپ بىزنى بىرە يەردە كۆرگەن بولغىيمىتتى دەپ ئويلاپ قالىمەن.ئۆز ئائىلىسنىڭ ئىللىقلىقى ئۈچۈن، دالىلاردا چىدىر تىكىپ قوي بىقىۋاتقان تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلانى سىغىنىمەن.' i3 X) B6 e7 n3 }+ c
ئۆز ھاياتىنىڭ نۇمۇسى-شەرىپى بولغان قىزلىرىنىڭ ئالى مەكتەپتىكى بەزى ناشايان قىلىقلىرىدىن بىر كىچىدە 50 ياش قىرىغان ئاتىلارنى كۆرگىنىمدە،ئۆز ئوغلىغا قىزلار بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى تەلىم بىرىۋاتقان، دىتىغا ياقمىسا ئايرىلىپ كەتسە بولدىغانلىقىنى سۆزلەۋەتقان ئاتىلارنى سىلىشتۇرۇپ،ئۇيغۇر ئاتىلىرىنىڭ مەشھۇر سىماسىنىڭ پۈكۈلگىنى ھىس قىلغاندەك بولىمەن.يەنىلا ۋىجدانلىق بىر ئاتا، قەيسەر،كۆيۈمچان بىر ئۇيغۇر سىغىنىمەن.
 قۇرئاننى تەكچىگە قويۇپ،ئۆيدە پۈتكۈل ھارامنىڭ بولۇنغىنغا، ئىنسانلىقنىڭ ھايۋانلىققا تويۇنغانلىقىغا قاراپ، تۆمۈر خەلىپىنىڭ قۇرئاننى كۆرسىتىپ سۆزلىگەن دۇشمەنگە،دۇشمەنگە ئىشەنمىسەم بولىدۇ، لىكىن قولىدىكى قۇرئان ئۈچۈن ئىشنىشىم كىرەك. دەپ مەرتلىك بىلەن قىلغان قۇرئان ھۆرمىتى يادىمدىن يۇرا دەۋرىدىكى ئىشلاردەك كىچىدۇ.شۇ چاغدا جان ئەمەس، ئېتىقاد دەپ ياشىغان ئۇيغۇر سىغىنىمەن. 
تەڭرى تېغى تىۋىشسىز، خۇددى ماتەمگە تۇرغاندەك، تارىم تىپ-تېنىچ  خۇددى سەن ۋە مەندىن ئۈمۈدىنى ئۈزگەندەك بىلىنىپ، شۇ تارىمنى سۆيۈپ شەرىپىگە گۈل ئۈزگەن، تەڭرى تېغىنى قالقان قىلىپ ياۋلارغا ئوق ئۈزگەن،شۇ ئۇيغۇلارنى سىغىنغانمىدۇ؟ دەپ ئويلايمەن. شۇنداقلا تارىمنى سۆيىدىغان، تەڭرى تېغىغا پۈتكۈل جان-جەھلى بىلەن كۆيۈدىغان ئۇيغۇر سىغىنىمەنnھارامدىن پۇل يېغىپ دۇنياغا پاتماي، مىچىتلارغا گىلەم سىلىپ، چىرايىدىن خىنىملارنىڭ يۈز مايلىرى لىغىرلاپ تۇرغان ئەركەكلەرنى كۆرگىنىمدە، ھالال ياشاۋاتقان كىچىككىنە كوچىنىڭ بۇلۇڭىدا، كىچىككىنە يەردە ھالال يىيىش ئۈچۈن سەئيى قىلىۋاتقان مولدۇزنى كۆرۈپ، ئابدۇقادىر داموللام روھىنى كۆرگەندەك، باغاشلاپ سۆيگۈم، بارىكاللا ئىيىتقۇم كىلىپ، ئۈمۈد كۈلكىسىنى قاقاھلاپ كۈلۈپ ئىتىقادلىق ئۇيغۇر سىغىنىمەن.
كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇ دىللىرىنى يورۇتۇشقا ئۇرنۇۋاتقانلار غا قاراپ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى ئەپەندى كەلدى دەپ جاھانغا توۋلىغۇم،بىلىمسىزلەرگە بىزنىڭ يەنىلا بىلىملىك ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،مەمتىلى ئەپەندىمىز بار دىگۈم كىلىدۇ. شۇ دەقىقدە ھەقىقەتەن پاك ۋۇجۇدلۇق،ساپ ئىيمانلىق،ئىتىقادلىق ئۇيغۇر سىغىنىمەن.
دۇشمەن، ئۇيغۇر ئۈچۈن يا كىرىچىدىن ئوق ئۈزسە، ئۆز كۆكرىكىنى قالقان قىلدىغان. ئۇيغۇر زۇلمەتتە تېڭىرقىسا مەشئەل بولدىغان، ئۇيغۇر كۈلسە جۆر بولدىغان، يىغلىسا تەسەللى بولدىغان ئۇيغۇر سىغىنىمەن.
مەنبە:http://bibaha.cn/bbs/
[ بۇ يازمىنىنۇزۇكئاي 2011-10-19 05:09قايتا تەھرىرلىد ]
دوستلىشىش
ئىزباسار
ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 419
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە419دانە
ئۆسۈش: 810 %
مۇنبەر پۇلى: 4665 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2012-03-29

  بۇ تىمىنى ئوقۇپ بىر قىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئىچكىردە بىر نەچچە يىل ئوقۇپ كىلىپ ئۇيغۇر سېغىنىپ كەتكەنلىكتىن بىر ئوغۇل بالا بىلەن دوستلىشىپ ئۈتۈپ ئاخىردا شۇ يىگىتنىڭ قۇلىدا ئىپپىتىنى يۇقاتقانلىق سەرگۈزەشتىلىرى ئىسىمگە كەپ قالدى. ئۇ قىزمۇ گەپنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر سېغىنىپ كەتكەنلىكىدىن باشلىغان....
ئاللاھتىن قورقمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل....
دوستلىشىش
نۇزۇكئاي
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9306
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-18
ئاخىرقى: 2011-10-19
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 13:26

1-قەۋەت (ئىزباسار) نىڭ يازمىسىغا

تېمىنى ئوقۇپ ئىنكاس يازامدىغانسىز؟ توۋا... دىمەي ئامال قانچە.
دوستلىشىش
baxmaltak
baxmaltak
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3281
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 412
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە412دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2165 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-03-28
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 14:38

نىم ئۇچۇن مۇشۇنداق تىمىلارغا پىكىر قاتناشتۇرمايسىلە قېرىنداشلا...؟؟؟!!
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1191
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1083
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1083دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 12034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2012-03-07
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 15:27

مەنمۇ سىز بىلەن  سېغىنىپ كىتىۋاتمەن ......
كەچۇرۇڭلار ئۇرۇشمايمەن!!!!
دوستلىشىش
astagfirulla
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1510
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 215
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە215دانە
ئۆسۈش: 260 %
مۇنبەر پۇلى: 2600 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-04
ئاخىرقى: 2012-03-29
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 22:53

ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم......  ئاللاھ  قەلەم  قۇۋۋىتڭىزگە بەركەت  بەرسۇن؟
دوستلىشىش
ohho~duqu
kvlgenning hemmisi dost emes
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5343
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 612
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە612دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 6431 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-03-28
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-20 12:37

ئۇيغۇر ھامان ئۇيغۇرنى سېغىنىدۇ بۇ بەرھەق
man kangsay azasian