رېئال تۇرمۇشتا ئەر -خوتۇنلار ئىناقلىقىنىڭ بۇزۇلۇشقا سەۋەپىچى بىر قانچە نۇقتا بار .
1. بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىكىمۇ ئەر- خوتۇنلۇق مۇناسۋەتنىڭ بۇزۇلۇشقا سەۋەپچى بولىدۇ .
نۇرغۇن كىشلەر بۇ نۇقتىغا ئىتبارسىز قارايدۇ . ئەگەر سىز ھىچ بىر ئاساسىزلا قارشى تەرەپىتىن گۇمانلانىسىڭىز ئۇ چاغدا قارشى تەرەپتە ئېغىر ھالدا قارشىلىشىش كەيپىياتىنى كەلتۇرۇپ قويىسز . بۇنىڭ بىلەن جورىڭىز سىز بىلەن قەستەن قارشىلشدىغان بولۇپ قالىدۇ .
2. غايە بىلەن رېئاللىق ئوتتورسىدىكى زىدىيەت .
يېڭى نىكاھتىن كىيىن تەجىربىسز ئەر -خوتۇنلار قىسمەن ھاللاردا بىر-بىرنى تولۇق چۈشنىپ كېتەلمەييدۇ .ئۇلار نىكاھلانغانىدىن كيىنكى تۇرمۇش ئۆزنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقمىغانلىقىنى كۆرۇپ ، روھىي جەھەتتىن ئۈمىدسىزلىنىپ ، ھەدىسلا ھېچ گەپىتىن -ھېچ گەپ يوق ئاچچىقلىنىپ << لايىقىنى جايىدا تاللىيالمايىدىكەن >> دەپ ئۆز -ئۆزىدىن ئاغرىنىدۇ . نەتىجىدە بۇنداق ئاغىرىنىش ئائىلە ئىناقىسىزلىقىغا ۋە ئائىلىنىڭ بۇزۇلشىغا سەۋەپچى بولىدۇ .
3. پىكىر ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلماسلىقمۇ ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەپچى بولىدۇ .
بەزى ئەر - خوتۇنلار بىر- بىرىگە دەيىدىغان سۆزىنى ئوچۇق دىمەي ، گەپىنى قەستەن ئەگىتپ سۆزلەيىدۇ . شۇڭا جورىڭىز سىزنىڭ نىمە دېمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشنىپ تۈرسىمۇ ، چۈشەنمەس بولۋالىدۇ . مانا بۇلار ئەر -خوتۇنلۇق مۇناسۋېتىنىڭ بۇزلۇشقا سەۋەپىچى بولىدۇ . شۇڭا ئەر-خوتۇنلار ئۆز ئارا ئالماشتۇردىغان پىكىرلىرىنى قارشى تەرەپىنىڭ كەيىپىياتى ياخشى چاغدا ئوتتۇرغا قويۇش لازىم .
4 ئەر- خوتۇنلار بىر -بىرنى ھۆرمەت قىلماسلىقىمۇ ئائىلە ئىناقىسىزلىقىنى ، ئائىلىنى بۇزۇشقا ئېلىپ بارىدۇ .
ئەر- خوتۇنلۇقتا بىر تەرەپ << پەقەت مېنىڭلا راست دەپ تۇرۇۋېلىش ئەر -خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسۋەتكە چۈشكەن كۈيىدۇر .>> سىز قانچىكى ئۆزىڭىزنىڭكىنلا راسىت دەپ تۇرۇۋالسىڭىز ، مۇھەببىتىڭىزنى شۇنچە ساقلاپ قالالمايىسز . ئەر بولغۇچى ئۆزنىڭ ئەرلىك كىبىرنى تاشلاپ ، خوتۇنغا باراۋەرلىك ئاساسدا مۇئامىلە قىلىشى ، خوتۇنىنى ماڭىلا بوي سۈنىغىن ،دەپ تۇرۇۋالماسلىقى ، ھەممە ئىشىنى ئۆز ئالىدىغا تارتىۋېلىپ ، ئۆز مەيلىچە ئىش قىلماسلىقى ، خوتۇننىڭ پىكىرىگىمۇ ھۆرمەت قىلىشى لازىم .
خوتۇنىنىڭ پىكىرىگىمۇ ھۆرمەت قىلىشى لازىم . خوتۇن بولغۇچى ئېرىگە ئوبدان ماسلىشىشى ، ئائىلە ئىشلىرنىڭ ھۆددىسىدىن ئوبدان چىقىشى ، بىرەر ئىشىنى قىلماقىچى بولسا ، ئېرىگە كۆپرەك مەسلىھەت سېلىپ ، ئېرنىڭ رازلىقىنى ئالغانىدىن كېيىن ئانىدىن قىلىشى كېرەك .
ياش ئەر -خوتۇنلار ئەر -خوتۇنلۇق تۇرمۇشنىڭ دەسلىپىدىلا بىر -بىرنى ھۆرمەتلەپ ، بىر-بىرنى ھەققىي ياخشى كۆرگەندە ، ئانىدىن ئۆزلىرنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسۋىتىنى ئۈزلۈكىسز مۇستەھكەملەيدۇ . شۇنىڭىدەك ئۆزلىرنىڭ پاك مۇھەببىتىنىڭ چەكىسز ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلالايدۇ .
مەنبە_<< ئائىلە ۋە مۇۋاپىقيەت>> دىگەن كىتاپىتىن ئېلىندى.