باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1239 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قەبرە ئازابى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9256
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-13
ئاخىرقى: 2011-10-24
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-18 13:19

قەبرە ئازابى

ئۆزبېكىستاننىڭ نەمەنگان ۋىلايىتىدەخاتىپلىق قىلىدىغان قابىل قارى ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن مۇنداق بىر ۋەقەنى ئېيتىپ بەرگەن .
1996-يىلى دوستۇمنىڭ 21ياشلىق ئىنىسى ناركوتىك(زەھەرلىك چېكىملىك)نى ئۇكۇل قىلىپ پەيلىرى قاتقان ھالەتتە ئۆلۈكى ھاجەتخانىدىن تېپىلىپتۇ.ئەسلىدە ئىسلام شەرىئىتى بۇيىچە ھارام ئەمەلدە (يەنى زىناخورلۇق قىلىپ جۇنۇپلۇقتا ،ھاراق ئىچىپ كەيپلىكتە،زەھەر ئىستىمالىدا ۋاقىتسىز)ئۆلگەن كىشىگە جىنازا نامىزى دۇرۇس بولمايتتى ھەم نامازمۇ چۈشمەيتتى،-دەپ گېپىنى داۋام قىلىدۇ قابىل قارى،-بىراق دوستۇمنىڭ زورى بىلەن يۈز كېلەلمەي نامىزىنى چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم.ئەسىر ۋاقتىدا قەبرىستانلىققا ئېلىپ كېلىپ يەرلىككە قويۇشقا تەييارلاندۇق.دوستۇم ئېگىزدە تۇرۇپ ئىنىسىنىڭ مېيىتىنى سۇنۇپ بەردى،مەن ئىچ يەرلىك(يەنى-لەھەت)نىڭ ئىچىدە تۇرۇپ مىيىتنى تارتىپ ئالدىم.مىيىت ئورالغان كېگىزنى يېشىپ ئاپئاق كېپەنلىكتىكى مىيىتنى ئاۋايلاپ ياتقۇزدۇم.پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىدىكىدەك يۈزىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىپ قوياي دەپ شۇنچە تىرىشساممۇ قېتىپ كەتكەن بويۇن ئۇدۇل كەلمىدى.شۇ ئەسنادا قاراڭغۇ لەھەتنىڭ بۇلۇڭىدىن تۇيۇقسىز بىر جۈپ قىزىل رەڭلىك نۇرنى كۆرۈپ قالدىم-دە يۈرىكىم‹‹قارت››قىلىپ قالدى.ئۆزۈمنى سەل بېسىۋېلىپ سىنچىلاپ قارىسام كىچىك بالىنىڭ بېلىكىنىڭ توملۇقىدا بىر تال قارا رەڭلىك يىلان تۇرىدۇ،قارا تەرگە چۆمۈلدۈم،قىسقا ۋاقىت ئۆزۈمنى يوقاتتىم،ئاخىرى يەنە غەيرەتكە كېلىپ ئىچىمدە ‹‹سەئىدۇل ئىستىغفار››نى ئوقۇپ سىرتقا قاراپ ئاستا سۈرۈلدۈم.شۇ ئەسنادا يەرلىكنىڭ تۆت بولۇڭىدىن يەنە ئۈچ جۈپ‹‹قىزىل نۇر››كۆرۈندى،‹‹دىمەك بۇ يىلانلار ئازئەمەسكەن›› دەپ ئويلىدىم،شۇندىلا كاللامغا‹‹بۇ يىلانلار نىمىشقا باشقا يىلانلاردەك تەرتىپسىز لۆمشۈپ چىقماي،تېنىنىڭ يېرىمى يەر ئارىسىدا يېرىمى ئوچۇقچىلىقتا تۇرىدۇ؟نىمىشقا ماڭا قارىغۇلارچە ھۇجۇم قىلماي خۇددى مېنىڭ چىقىپ كېتىشىمنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقاندەك جىمجىت قاراپ تۇرىدۇ؟بۇلار ئاللاھنىڭ مىيىتنى ئازاپلاش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئالاھىدە مەخلۇقلىرىمىدۇ -يا؟››دىگەن خىيال كاللامدىن لىپ قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى.نىمىلا بولمىسۇن تېزراق چىقىپ كېتىشىم كېرەك ئىدى.سىرتقا قاراپ ئۆمىلىدىم،كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا يىلانلارغا قارايمەن،سۈرئىتىم ناھايىتى ئاستا ئىدى.يىلانلار ئەمدى رەسمى تۆشۈكلىرىدىن قىمىلداپ چىقىپ مىيىتقا قاراپ سىلجىشقا باشلىدى.مەنمۇ چىقىۋالدىم،بىراق ئېھتىياتسىزلىقىمدىن كەينىدىنراق تارتىپ چىقارغان سول پۇتۇمنىڭ ئوشۇقىغا بىر يىلاننىڭ قۇيرۇقى سەل-پەل تېگىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم.شۇئان تاپىنىمدىن كىرگەن يۇقىرى بېسىملىق توك سوققاندەك بىر ئاچچىق ئاغرىق مىڭەمدىن چىقىپ كەتتى.قارىسام يىلاننىڭ قۇيرۇقى سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن يەر قىزىرىپ قاپتۇ.دەرھال يۇقىرىدىكىلەرگە كېسەك سۇنۇپ بېرىشنى بۇيرۇدۇم ماڭا سۇنۇپ بېرىشتى.توۋا كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم،لەھەتنىڭ نەلىرىدىن چىققان بولغىيتتى بىردەمنىڭ ئىچىدىلا بىرەر يۈزدەك يىلان مىيىتنى ئورىۋاپتۇ ھەتتا ئاق رەڭلىك كېپەننىمۇ ئىلغا قىلالمىغۇدەك ھالغا كېلىپ قاپتۇ.قورققىنىمدىن يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالغاندەك بولۇپ كېسەكلەرنى ئىتتىك-ئىتتىك قويۇپ كامارنىڭ ئاغزىنى ئەتتىم،ئەجەپلىنەرلىكى بۇ يىلانلار مەن تەرەپكە قاراپمۇ قويماي ئۆلۈكنىڭ ئۈستىگە تاشلىنىش بىلەن ئالدىراش ئىدى....
ئىخلاس توپىسىنىمۇ سېپىشكە ئۈلگۈرمەي لەھەتنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ گۈرجەك بىلەن ئازراق توپا دۆۋىلەپ قويۇپ يۇقىرىسىغا ئاران چىقىۋالدىم.دوستۇم چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى،نىمە بولغانلىقىنى سوراپ تۇرۇۋالدى.كۆرگىنىمنى دىيىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم،ئۇنىڭغا مۇسىبەت ئازابىمۇ يېتىپ ئاشاتتى.پەقەت يەر ئاستى بەك دىمىقكەن،دېمىم سىقىلىپ كەتتى.››دەپلا قويدۇم
ئۆيگە ئاران كېلىۋالدىم.شۇنچە نۇرغۇن مىيىتنى يەرلىككە قويۇپتىمەن،بۈگۈنكىدەك ئەھۋالنى ئۇچراتمىغانىدىم.دوستۇمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن بۇ ئىنىسىنىڭ -كىشىنىڭ ھەققىنى قانداق يىگەنلىكىنى،ئاتا-ئانىسىنى قانداق قاخشاتقانلىقىنى،كەيپ-ساپاغا قانچىلىك بېرىلگەنلىكىنى...ھازىر ئۇ مىيىتنىڭ نىمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمغا ئەكەلدىم.پۇتۇمنى سىلاپ قويدۇم.توختىماي ئىششىۋاتاتتى.ئايالىمغا بولغان ئىشلارنى ئېيتىپ بەردىم.ئايالىم كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ:‹‹بىر يىلاننىڭ قۇيرۇقى ئازغىنە تېگىپ كەتكىنىگە پۇتىڭىزنىڭ ئەھۋالى شۇ بولغان بولسا قەبرە ئازابىغا دۇچار بولغان مىيىت يىلانلار تەرىپىدىن جان-جەھلى بىلەن چېقىلغان بولسا ،ئۇ يەردە نىمە كۈن كۆرۈۋاتقاندۇر-ھە؟››دەپ ئۇلۇغ-كىچىك تىندى. پۇتۇمدىكى ئىششىق مېنى توپ-توغرا بىر ئاي قىيناپ ئاخىرى يىرىڭلاپ،كەينىدىن قەقەچ تۇتۇپ ئالدىرىماي ساقايدى.شۇ كۈنگىچە جامائەتكە چىقالماي نامازنى ئۆيدە ئوقۇدۇم.ھەر نامىزىمدا ياراتقان ئاللاھنىڭ قۇدرىتى،جازاسى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ يىغلاپ تۇرۇپ دۇئا قىلدىم.ئەلھەمدۇلىللاھ مانا ھازىر سەللىمازا ساقايدىم.بىراق قەبرە ئازابىنىڭ ئىسپاتى بولغان سول پۇتۇمدىكى يىرىڭلىق ئىز يالداما بولۇپ ماڭا ھەر ۋاقىت ئاگاھلاندۇرغۇچىدەك بىلىنىدىغان بولۇپ قالدى،-دەپ پۇتىنى كۆرسىتىپ سۆزىنى تاماملىدى،-ياش ئۆلىما يىگىت. !
مەنبە : قۇياش مۇنبىرى

شۈكرى ئاللا بەرگەن كۈنلىرىگە يۈز مىڭ قەدىر شۈكرى ھەر بەندىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلغايلا بىز مۇسۇلمان قىرىنداشلارنى شەيتاننىڭ پاتقىقىغا كىرىپ قىلىشتىن ھەر ۋاقىت ساقلىغايلا !
  ئاللاھ ھەر بەندىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرسۇن

بۇ تېما مەرىپەت تورىدىن يۆتكەپ كېلىندى

 ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئەڭ بىلگۈچىدۇر.ئەگەر خاتا تېما يوللاپ قويغان بولسام  ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن،قېرىنداشلارنىڭ ئىنكاس يازماسلىقىنى سورايمەن........
[ بۇ يازمىنىمالىك 2011-10-18 22:20قايتا تەھرىرلىدى ]
ئاللا رازىلىقى ئۈچۈن
allaga siginip xaytanlarning yamanlikidin pana tilayman
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8313
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 54
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە54دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 570 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-26
ئاخىرقى: 2011-11-25

كۇندە مۇشۇنداق ياخشى تىمىلار يوللىنىپ تۇرسا دەيمەن.
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ۋە مەدھىلەشلەرئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئۇلۇغ ئاللاغا خاستۇر
دوستلىشىش
مەرىپەت
ئىنساننىڭ تۈپ ئاساسىي ھۇقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمە ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7488
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 95
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 960 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-20
ئاخىرقى: 2012-01-02
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-18 19:56

ئەسسەلامۇ  ئەلەيكۇم
ئاللاھ  ساقلىسۇن ، تىما  ئىگىسىگە ئاللاھ  ئەجىر بەرسۇن
ئاللا بىزنى پەقەت ئۆزىگە ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتى
دوستلىشىش
ئىزباسار
ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 360
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە360دانە
ئۆسۈش: 750 %
مۇنبەر پۇلى: 4205 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2011-12-13
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-18 21:25

قەبرە ئازابىدىن رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەر ئارقىلىق ئاگاھلاندرۇسىمۇ يىتىپ ئاشاتتىغۇ؟ ھەرقانداق گۇناھكار ،فاجىر بەندە بولسۇن ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىككى پەرىشتىنى ئەۋەتىپ رەببىنىڭ كىملىكىنى، دىنىنىڭ نىمىلىكىنى، پەيغەمبەرنىڭ كىملىكىنى سۈراب بولغاندىن كىيىن ئەگەر بۇ ئىنتاھاندا ئۇتۇقلۇق ئۈتۈپ كەتسە راھەتتە قىيامەتكىچىلىك ئارام ئېلىپ ئۇخلايدىغانلىقى، ئەكسىچە بۇلۇپ قالسا دۇزاخنىڭ ئالامەتلىرى ۋە ھەرخىل قەبرە ئازابلىرى بىلەن ئازابلىنىدىغانلىقى  بۇ ئازابلارنىڭ سۇئال-سۇراق تۈگىگەندىن كىيىن بۇلىدىغانلىقى دىيىلگەن.
ئىسلام دىنىنى توغرا ئۇسۇل بىلەن تارقىتايلى قېرىنداشلار.....
ئاللاھتىن قورقمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل....
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 547
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە547دانە
ئۆسۈش: 760 %
مۇنبەر پۇلى: 6103 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2011-12-20
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 01:25

ياخشخشى تېمىكەن ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىىندىشىم،
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1753
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 54
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە54دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 542 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2011-12-18
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-23 17:45

نوقسان بەندىگە خاستۇر. ئاللاھ ھېچ نوقسانسىزدۇر  . ئاللاھنىڭ باقى ئالەمدىكىلەر بىرىدىغان جازاسى   <<ئىھتىياتسىزلىق>>   پانى ئالەمدىكىلەرنى زەخمىلەندۈرەرمۇ؟ ( ئھ!ئاللاھ ،سەن ھەقىقەتەن مەغفىرەت قىلغۇچى سەن. مىنى،بىزنى مەغفىرەت قىلغىن)