باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 829 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: «چاتاقچى پۇقرا»نى «چاتاقچى ئەمەلدار» يېتىشتۈرەمدۇ؟
دوستلىشىش
noshirwan
ئەلبەھرە تورى   www.elbehre.com
دەرىجە: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6925
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 91
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە91دانە
ئۆسۈش: 1860 %
مۇنبەر پۇلى: 2176 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-06
ئاخىرقى: 2012-01-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-17 19:41

«چاتاقچى پۇقرا»نى «چاتاقچى ئەمەلدار» يېتىشتۈرەمدۇ؟

«چاتاقچى پۇقرا»نى «چاتاقچى ئەمەلدار» يېتىشتۈرەمدۇ؟


سەندوڭلۇق ليۇ ئەپەندىنىڭ مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات قىزىق لېنىيىسىگە ئىنكاس قىلىشىچە، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلى مەكتەپتىن تۇيۇقسىز قوغلىنىپتۇ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ قوغلانغانلاردىن يەنە 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بارىكەن، قوغلانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى گۇلو بازىرى گوبېيكو كەنتىدىن ئىكەن. مەكتەپتىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، دەرسخانىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ توپلىغاندا پۇل تاپشۇرمىغان ئىكەن.
گۇلو بازارلىق مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن ئەپەندى مۇنداق دەپتۇ: «بۇ بىر تۆھمەت، مەبلەغ توپلاش دېگەن قانداق گەپ؟ بىر توپ چاتاقچى پۇقرا ئىكەنلىكى ئېنىق. ئاشلىق ياردەم پۇلى بەرسە، گۈل-قەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئۈچۈن بىر سنت چىقىرىشقا كۆزى قىيمايدۇ. » قىزىق گەپ بولدى-دە، ئاشلىق ياردەم پۇلىنى دۆلەت بېرىۋاتسا، مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى باردۇ؟ دېھقانلار بۇنىڭدىن رازى بولىۋاتسا، چېن ئەپەندى نارازى ئوخشىمامدۇ؟ نارازى بولسىمۇ نېمە چارە؟ بەزى يەرلىك ئەمەلدارلار ئاشلىق ياردەم پۇلىنى يۇتىۋېلىشقا پېتىنالمىغاندەك تۇرىدۇ، بۇ پۇلنى تۇتۇپ قېلىشقا ئامالسىز قالغانمۇ ئوخشايدۇ، بولمىسا بۇنچىلا چالۋاقاپ، ئاچچىقلىنىپ كەتمەس ئىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلىشمۇ بىھۇدە. ئاشلىق تېرىغان دېھقانلار ياردەم پۇلى ئالسا، «قوينۇڭدىن تۆكۈلسە، قونجۇڭغا» دېگەندەك، بۇ يەنىلا ھۆكۈمەت ۋە دۆلەتكە پايدىلىق بولىدۇ، سىز نېمىگە چېچىلىسىز؟
ئىجتىمائىي پاراۋانلىققا پۇل چىقىرىش دېگەن قانداق گەپ؟ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىدا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا دۆلەت ئىگە بولىدىغانلىقى، مالىيە خىراجىتى ئارقىلىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن. قانۇندا بۇنى دېھقانلار ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بەلگىلەنمىگەن تۇرسا، دۆلەت ئۈستىگە ئالىدىغان مەجبۇرىيەت مائارىپى مەسئۇلىيىتىنى مائارىپ مۇدىرى نېمىگە ئاساسەن دېھقانلارغا ئىتتىرىپ قويماقچى بولىدۇ؟ مەكتەپ قۇرۇلۇشى، ھويلا تام قۇرۇلۇشى دېگەنلەرنى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق دېگىلى بولمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، بۇنى قانداقمۇ دېھقانلار ئۈستىگە ئالسۇن دېگىلى بولىدۇ؟ بۇنداق «پاراۋانلىق»نى دېھقانلار ئۈستىگە ئالسۇن دەيدىغان بولسا، شۇ يەردىكى چوڭ-كىچىك ئەمەلدارلارمۇ بۇنداق «پاراۋانلىق»قا ھەمشېرىك بولار؟ ھېلىقى مائارىپ مۇدىرى يانچۇقىدىن قانچىلىك چىقارغاندۇ؟
«بىر توپ چاتاقچى پۇقرا» دېگىنىنى قاراڭلار. پۇقرا قانداق چاتاق تېرىپتۇ؟ ئالۋاڭ-ياساقنىڭ ئېغىرلىقىدىن، مەبلەغ توپلىغاندا پۇل چىقارمىغانلا ئىشى بارىكەن، يېزا-كەنت كادىرلىرىغا چاتاق تېپىپتۇمۇ؟ ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىن قوغلىۋەتكەنلىكنىڭ ئۆزى چاتاق تېرىغانلىقتۇر. مائارىپ قانۇنىنى توغرا ئىجرا قىلماي تۇرۇپ، «سەن تاز دېگىچە، مەن تاز دەۋالاي» دېگەندەك ئىش قىلىش مۇتتەھەملىكتۇر، دېھقانلارغا «چاتاقچى پۇقرا» دەپ بۆھتان چاپلاش قەبىھ-رەزگىلىكتۇر. ئاۋام-پۇقراغا مەجبۇرىي سېلىق چېچېپ، ئىقتىسادىي يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەنلەر چاتاقچى ئەمەلدارلاردۇر. بۇنداقلارنىڭ دېھقانلارنى «چاتاقچى پۇقرا» دەيدىغانغا نېمە ھەققى بار؟
بۇ جاھاندا ئەسلى «چاتاقچى پۇقرا» يوق ئىكەن، «چاتاقچى ئەمەلدار»لار كۆپۈيۈپ كەتكەنلىكتىن، ئاتالمىش «چاتاقچى پۇقرا» پەيدا بولغان ئىكەن. ئوقۇغۇچىلارنى پۇل ئىئانە قىلىشقا قىستىغان بۇ ۋەقە «چاتاقچى پۇقرا»نى «چاتاقچى ئەمەلدار» يېتىشتۈرىدىغانلىقىنى كەم-كۈتىسىز ئىسپاتلايدۇ.
چاتاقچى ئەمەلدارلا پۇقرانى چاتاقچى دەيدۇ، ئېيتسا تىل كۆيۈدىغان قانچىلىك چېرىكلىك ئۇنىڭ كەينىدە يوشۇرۇنۇپ ياتقاندۇ؟ مەكتەپ قۇرۇلۇشى راسخۇتىدىن قانچىلىكى قىسىپ قېلىنىپ، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ «پاراۋانلىقى» بولۇپ كەتكەندۇ، بۇنى تەكشۈرۈپ بېقىش ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك.


مەنبە: خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باشقۇرىشىدىكى جىڭچۇ تورى

ئاپتورى: لى جېنجوڭ

تەرجىمە قىلغۇچى: تورىدىن نوشىرۋان

http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=395
ئەلبەھرە تورى
www.elbehre.com
دوستلىشىش
samanyoli
ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ  كەينىدە بىر ئاسانچىل ..
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1431
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1431دانە
ئۆسۈش: 6930 %
مۇنبەر پۇلى: 19274 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-01-04

ئەتراپىمىزدىكى ئاچچىق رېئاللىقلاردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا  كۆپ رەھمەت بۇرادەر،،،،،،،،،،،،
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6271
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 63
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە63دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 630 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-26
ئاخىرقى: 2011-12-17
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-17 22:12

راس دەپتۇ، ئاشۇنداق «چاتاقچى ئەمەلدار»لارنىڭ ئارقىسىدا ئېيتسا تىل كۆيىدىغان قانچىلىك چىرىكلىكنىڭ بارلىقىنى كىم بىلمەيدۇ؟ چىرىكلىك ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى ھەممە كىشى بىلىدىغان مەخپىيەتلىك بولۇپ قالدى......
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 760
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە760دانە
ئۆسۈش: 2830 %
مۇنبەر پۇلى: 9552 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-01-04
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-18 15:29

بۇنى ئىلگىرى چوڭ باشلىقمۇ ئېتراپ قىلغان .
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دوستلىشىش
muhtarbay
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 587
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە587دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 7574 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2012-01-04
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-18 16:05

بۇ يىلقى پارتىيە بايرىمىدا،رەئىس خۇجىنتاۋ مۇنداق دىگەن،دولىتىمىزگە ئاڭ چوڭ خەۋەپ ئامىركا  غەرىپ قاتارلىق دولىتىمىزگە قارىشى دۇشمەن كۇشلەردىن ئەمەس،بەلكى  ئەڭ چوڭ خەۋەپ پارتىيە ئەزالىرىدۇر دەپ كورسەتتى،چىرىك ئەمەلدارلار پارتىيە ۋە ھوكۇمەتنى ئىشەنچ كىرزىسىگە پاتۇرۇپ قويدى،ئەھۋال ھەقىقەتەن خېلىلا ئېغىر،ئېغىر بولمىسا باش شۇجى بۇنداق دىمىگەن بولاتتى.
نوشىرۋان بۇرادەر ھەقىقەتەن ئېسىل تىمىلارنى يوللاۋاتىسىز رەھمەت،
دوستلىشىش
maniwer2010
................
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2196
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 717
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە717دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 7584 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-22
ئاخىرقى: 2012-01-04
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-18 18:03

خۇ رەئىس پارتىيە رەھبىرى ئەزالىرىنى يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ « كومۇنىستلاردىكى ئېغىر روھى چۈشكۈنلۈك : كوممۇنىسىتلاردىكى ئىختىدارسىزلىق : ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش : ئېغىر ئىختىسادى چىرىكلىك » .
ئۆتمۈشى ئادىللىق نۇرىدا يورۇتۇلمىغان مىللەتنىڭ ،كەلگۈسىمۇ
غۇۋا (گۇڭگا) بولىدۇ ....