باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1730 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جۇڭگونىڭ تەسىرى كۈچىيىۋاتامدۇ ياكى ئاجىزلاۋاتامدۇ؟
ئەلبەھرە تورى   www.elbehre.com
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6925
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 108
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە108دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 2539 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-06
ئاخىرقى: 2012-03-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-17 19:37

جۇڭگونىڭ تەسىرى كۈچىيىۋاتامدۇ ياكى ئاجىزلاۋاتامدۇ؟

جۇڭگونىڭ تەسىرى كۈچىيىۋاتامدۇ ياكى ئاجىزلاۋاتامدۇ؟


بۇ ماقالە ئامېرىكا «ئاتلانتىك ئوكيان» ژۇرنىلىنىڭ تور بېتىدە 2011-يىلى 7-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان.

جۇڭگونىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بىر مەسىلە ھازىرغىچە ھەل بولماي تۇرىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ تەسىرى كۈچىيىۋاتامدۇ ياكى ئاجىزلاۋاتامدۇ؟ جۇڭگو باشقا ئەللەرگە نەمۇنە بولالامدۇ؟ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي كۈچى باشقا ساھەلەردىكى تەسىر كۈچىگە كۈچ قوشالامدۇ؟ مانا موشۇ مەسىلىلەر شۇ.
ئۆتكەن ئىككى ھەپتىدە جۇڭگونىڭ تەسىر كۈچى ئۆرلەپ-پەسىيىپ تۇردى. يىراقتىن ئالساق، زامبىيەدە پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتناشقان مىكائېل ساتا جۇڭگوغا قارشى مۇقام توۋلاپ، سايلامدا غەلىبە قىلدى. يېقىندىن ئالساق، بىرما پرېزىدېنتى ۋۇ دېڭشېڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە مىتسونى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى قويۇپ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن دامبا ياساش پىلانىنى يوققا چىقاردى. ئۇندىن باشقا، جۇڭگوغا قوشنا ئەللەر ئارقا-ئارقىدىن يېڭى ئىتتىپاق تۈزۈپ، كونا ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، بارغانسىرى ھەيۋىسى ئېشىۋاتقان جۇڭگودىن مۇداپىئە قىلماقچى بولۇشتى.( بۇمۇ تەسىر كۈچى بولۇشى مۇمكىن، گەرچە بېيجىڭ ئويلىغاندەك بولمىسىمۇ)
شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، پرېزىدېنت زۇما رەھبەرلىكىدىكى جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى دالايلاماغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلدى. مۇئەللىپنىڭ ئىشدىشى كىرەنچىك ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا جۇڭگونىڭ تەسىرى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىكەن. خالىغان بىر پارچە گېزىتنى تېپىپ ئوقۇغان ئادەم جۇڭگو مەبلەغ سالمىسا، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىقتىسادى تۈگىشىدىكەن دەپ ئويلاپ قالارمىش.
جۇڭگونىڭ تەسىرى كۈچىيىۋاتامدۇ ياكى ئاجىزلاۋاتامدۇ؟ بۇنىڭغا ئەھۋالغا قاراپ بىر نەرسە دېيىش كېرەك. دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت ئوخشاش بولمىغان قاتلامغا چېتىلىدۇ، نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئالايلى، مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ تەسىرى ئىقتىسادىي ساھەدە ئىنتايىن مۇھىم بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، ھالقىلىق بولغان خەۋپسىزلىك مەسىلىسىدە كارى چاغلىق بولۇشى مۇمكىن. جۇڭگو ئاۋسترالىيەدىن كۆپ مىقداردا خام ئەشيا سېتىۋېلىپ، ئاۋسترالىيە ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە مەلۇم كۈچ قوشقان. شۇ سەۋەپتىن، ئاۋسترالىيەنىڭ ئىقتىسادىدا جۇڭگونىڭ تەسىر كۈچى بار. جۇڭگو چۈشكۈرۈپ قويسا، ئاۋسترالىيە زۇكامدايدۇ. لېكىن، ئاۋسترالىيەنىڭ باش مېنىستىرى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارىغا «چاتاق ئەھۋالغا قالغاندا، جۇڭگوغا قۇرال كۈچى بىلەن تاقابىل تۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ» دېگەن ئىكەن. قاراڭلار، جۇڭگونىڭ تەسىرى ھەرقانچە كۈچەيگەن بىلەن، ئاۋسترالىيىلىكلەرنىڭ جۇڭگوغا قۇرال كۈچى بىلەن تاقابىل تۇرۇشنى پىلانلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپتۇ، خالاس. بېيجىڭ بۇنداق نەتىجىگە ئېرىشىشنى خالىمايتتى.
تەسىر كۈچىنى تىلغا ئالغاندا، ئوخشاش بولمىغان ئارقا كۆرۈنۈشلەرنى كۆزدە تۇتۇش زۆرۈر. ۋاقىت قەرەلى قاچانغىچە، قانداق مەسىلە، تەسىر كۈچى قارىتىلغان نىشان نېمە؟ دېگەندەك. تاشقى ئىشلار سىياسىتى ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، كونكىرىت ۋاقتقىمۇ چېتىلىدۇ. مەسىلەن، 2009-يىلى 11-ئايدا ئوباما جۇڭگوغا زىيارەتكە بېرىشتىن بۇرۇن دالايلاما بىلەن كۆرۈشۈپ بېيجىڭنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان ئىشنى قىلمىغان. جۇڭگو سەپىرىنى تۈگىتىپ بىر قانچە ئايدىن كېيىن، ئوباما دالايلاما بىلەن كۆرۈشتى، بۇنىڭدىن جۇڭگولۇقلارنىڭ كەيپى ئۇچىدىغانلىقى ئېنىق. 11 ئاي ئىلگىرى جۇڭگونىڭ تەسىر كۈچى باردەك قىلاتتى، 11 ئايدىن كېيىن ئۇنداق بولماي قالدى.
ئەھۋالغا قاراپ بىر نەرسە دېيىش كېرەك دېسەك، قايىل قىلارلىق بولماسلىقى ئېنىق، لېكىن بەزى چاغلاردا توغرا جاۋاب موشۇنداق بولىدۇ. ئەھۋالغا قاراپ بىر نەرسە دېگەندە، ۋەھىمىلىك گەپلەر بىلەن ئادەم قورقۇتۇشتىن ياكى زىيادە ئۇمىدۋارلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. جۇڭگونىڭ تەسىر كۈچى ئىجابىي بولۇشىمۇ، سەلبىي بولۇشىمۇ مۇمكىن، بۇنىڭدا كونكىرىت ئەھۋالغا
قاراش كېرەك. جۇڭگونىڭ يۆنۈلۈشىنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى تەسىرى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تەھلىل قىلغاندا، بۇ نۇقتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىش زۆرۈر.(«خەلقئارا لېنىيىسى» تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)


ئاپتورى: ئېلزابىت ئېكونومىد

تەرجىمە قىلغۇچى: تورىدىن نوشىرۋان.


باشقا تور بەتلەرگە خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ.

ئەلبەھرە تورى
www.elbehre.com
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 927
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە927دانە
ئۆسۈش: 3260 %
مۇنبەر پۇلى: 11632 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-03-30
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-18 15:27

      ئەھۋالغا قاراپ بىر نىمە دەمىز .
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...