باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 6667 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇر باتۇرلىرىغا  تەۋسىيە
دوستلىشىش
maslakdax
سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1430
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 362
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە362دانە
ئۆسۈش: 740 %
مۇنبەر پۇلى: 4171 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-03-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-17 12:10

ئۇيغۇر باتۇرلىرىغا  تەۋسىيە

      ئۇزۇن زامانلار بوپتىكەن مۇنبەرگە تېما يازمىغىلى.يانا يازماي بولمىدى.
  يېقىندىن بۇيان نىمە بالا تەگدى ھىچ بىلىپ بولمايدۇ.بىردەم بىرى چىقىدۇ،پىيادە مەملىكەتنى ئايلىنىمەن دەپ،يەنە بىرى ئىز بېسىپ ۋېلىسپىتتە ئايلانسا،ئەمدى تۆمۈر ئاياغدا ماڭىمەن،ھەمكارلىشىدىغانلار بارمۇ دەپ چىقىپتۇ.كېيىن ئۆمىلەپ 25مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرنى تاماملايدىغانلارمۇ   يېتىشىپ قالامدۇ،بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ.قۇربان تۇلۇمدىن قالغان ئىرسىيەتمۇ ياكى چەتئەلنىڭ ئەخلىتى گۆھەر كورۈنىدىغان كېسەلنىڭ ئاسارىتىدىنىمۇ ئىشقىلىپ بۇنداق باتۇرلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلىدىغاندەك ئەمەس.
                                                  ھىكايەت
بىرى  پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزگىچە كارامىتىم بار،كۆرۈپ باققايلا-دەپتۇ.پادىشاھ رۈخسەت بېرىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ "باتۇر "
يەرگە بىر تال يىڭنىنى تاشلاپ ئاندىن ئۆگزىدە تۇرۇپ بىر تال يىپنى ئاستا-ئاستا ساڭگىلىتىپ  ئەپچىللىك بىلەن يەردىكى يىڭنىنىڭ تۆشۈگىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ. خېلى كوپ كىشى قايىل بولۇپ ئالقىشلاپتۇ.پادىشاھ خېلى ئەقىللىق ئىكەن.ھېلىقى كارامەتچىگە ئاۋۋال 100تىللا ئىنئام بېرىپتۇ.ئاندىن 100 كالتەك ئۇرۇش جازاسىغا تارتىپتۇ.ھەيرانلىقتا قالغانلارغا مۇنداق چۈشەنچە بېرىپتۇ.
-ئۆگزىدە تۇرۇپ يەردىكى يىڭنىنىڭ كۆزىگە يىپ ئۆتكۈزمەك ھەقىقەتەن تەس.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ نەچچە يىل ئەجىر سەرپ قىلىپ ئاخرى مۇشۇ سەۋىيەگە يېتىپتۇ.100تىللا  شۇ ئەجرىگە بەرگەن مۇكاپاتىم.جازانىڭ سەۋەبى بىر قولدا يىڭنىنى يەنە بىر قولدا يىپنى تۇتۇپ مۇشۇنداقلا ئۆتكۈزسە بولىدىغان ئىشنىمۇ تەسلەشتۇرۇپ ئۆگزىدە تۇرۇپ ئۆتكۈزۈشنى مەشىق قىلىمەن دەپ نۇرغۇن ۋاقىتنى ئەرزىمەس ئىشقا زايا قىلىپتۇ.بىھۇدە ئۆتكۈزگەن ۋاقتى ئۈچۈن جازاغا لايىق.

   ئەپسۇس.ئەقىل ئەينىگىنى جاھالەت تۇمانلىرى توسۇۋالغان  ماكان ۋە زاماندا  ھاماقەتلەرنىڭ  ئەمەل كۇرسىدا كېرىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.شۇل سەۋەپتىن  ساددا ئاۋامنىڭ توغرا-خاتانى ئايرىش مىزانى  ئاشۇ ھاماقەتلەر تەرىپىدىن بەلگىلەنگەچ توغرىغا قارىغاندا خاتاغا ئەگىشىدىغانلار كۆپ. ياراتقۇچىدىن ئىنسانغا بېرىلگەن ئالى نېمەتلەرنىڭ بىرى بولمىش ئەقىل جايىدا ئىشلىتىلمىسە،كاللىنىڭ قاپاقتىن ،ئىككى پۇتلۇقنىڭ تۆت پۇتلۇقتىن پەرقى بولماس..ئۇيغۇر قېنىدىكى باتۇرلۇق ۋە جەسۇرلۇقنى نامايەن قىلىشنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن تۈرلۈك يوللىرى بار. باتۇرلۇق تۇغىنى جەۋلان قىلدۇرغۇسى كەلگەن ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ كۈچىنىلا ئەمەس ئەقلىنىمۇ تەڭ ئىشقا سېلىشىنى  ئۈمىت قىلىمەن.زېھىن ۋە كۈچنى بىھۇدە خورىتىدىغان ھەر قانداق  قىلمىش ھاماقەتلىكتىن باشقا ئىش ئەمەس.يۇقارقى ھىكايەتتكى مۇكاپات بىلەن جازانى ئېنىق ئايرىيدىغان  ئەقىل  ساھىبى  تۇتىيا بولغان  مۇشۇ  زاماندا  ئۇشبۇ يازمام ئارتۇقلۇق قىلماس دەپ ئويلايمەن.
  ئەمدى تىل-ھاقارەت تاشلىرىغا  تەييارمەن.
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(era13) ئېسىل يازما
  • بويۇم ئىدى ئوقتەك،كۆڭلۈم ئىدى يا،
    كۆڭلۈمنى ئوق قىلغۇچە بويۇم بولدى يا.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7228
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 95
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 990 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-04-21
    ئاخىرقى: 2012-03-27
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-24 00:52

    بۇ بىر ئايدىن بېرىقى ئەڭ تۇتۇرۇقسىز تېما بوپتۇ مەن كۆرگەن.
    ئەقەللىسى شۇنچىلىك ئىشقا بىر جاسارەت قىلىپ بېقىڭلار ئاۋال باتۇرلۇقتىن قۇرۇق نەزەرىيە ساتماي.  بىر ئۆمۈر پوقنى ئوتتۇرىدىن ئىكى قىلالماي قۇرۇق گەپ ساتقاندىن بىرە قېتىم تەڭرى تېغىدىن پىيادا ئاتلاپ بېقىڭ سىز بىزدە ۋاقىتتىن كەڭرى نېمە بار..؟!  پەقەت  بەل  پاچىغىڭىزدا مادار، قېنىڭىزدا يەتكۈدەك جاسارەت بولسا..!
    سادىر ،غېنىدەك باتۇرلار چىقىپ سېپىل پارتىلاتسىلا باتۇر دەيمىزكەندە ، بۇلۇڭدا تۈگۈلۈپ كەيىپتە زەئىپلىشىپ تۈگىشىۋاتقاننى ئاقچى كۆكچى دەپ ئارىغا ئالمىساق ، ئانچە مۇنچە ياخشىلىقلارنى ئويلاپ توپ تېپىپ كوچا ئايلانغاننى، يۈگۈرۈپ تاغدىن ئاشقاننى ئۇچىغا چىققان ھاماقەت دېسەك ، ئۇنداختا سىز كىم،..؟  قۇتۇلدۇرۇڭ جەمىيەت يۈتۈپ كېتىۋاتقان ياشلارنى،  يول باشلاڭ ئېزىپ ئۆمرى زايا كېتىۋاتقانلارغا ، بىز سىزنى باتۇر دەيلى ، بېشىمىزدا كۆتۈرۈپ يۈرەيلى  سىزنى جاناب...!!!!!
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7228
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 95
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 990 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-04-21
    ئاخىرقى: 2012-03-27
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-24 01:09

    مەن بىر ھىكايەتتە ئاسان ئىشنى تەسلەشتۈرۈشنىڭمۇ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان يەنى ئىسلامدىمۇ بۇ ھەقتە سۆزلەنگەن . توغرا ، ماشىنىدا ماڭسىلا بولىدىغان بۇ ئىشقا كەتكەن شۇ ۋاقىتنى ، ھەم خىراجەتنى  ئاقىل يولغا ئىشلەتسە تېخىمۇ باتۇر بولاتتى ئەسلى. تېما ئىگىسىنىڭ تەپەككۈرىگە تېخىمۇ زور بەرىكەتلىك ، ئاماتلىك پىكىرلەرنى تىلەيمەن .
    ====================================
    كۆتۈرۈڭ ئۇنداق خوتۇنپۇرۇش مازپاينەكلەرنىڭ باتۇرلۇق ھەققىدىكى  ھېكايەتلىرىنى بىزگە سۆزلىمەي.  سىز ئاڭلىغان ئۇ ھېكايەتمۇ دەل مۇشۇ تېمىدەكلا تۇتۇرۇقسىز بىرنىمە خالاس..
    ئىسلامغا كەلسەك باتۇر بول قۇل بولما دەيدۇ. مىڭ يىل بولدى سىزلەرنىڭ ئىسلامدىن بۇنى بىزگە ئۈگىتىشىڭلارنى كۈتىۋاتقىلى، مۇشۇنداق ئۈگىتەمسىلەر ئىشنىڭ ئاسىنىنى ئىزدە ، كاللاڭنى كۆپ پۇتۇڭنى ئاز ئىشلەت، دۇنيا تورلىشىپ كەتتى، يۈگرەپ يۈرۈشنى دېمە، ماشىنىنىمۇ قوي، ئۆيدىن چىقمىساقمۇ ئىشىڭ پۈتىدۇ.  ئىچىمىز پۇشسا يىغىلىپ توپ ئوينىساققۇ بولا، سەيلە قىلغاچ تاغلارغا يامىشىپ  باقساق گۇناھ بولماس ھە..!!؟
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7228
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 95
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 990 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-04-21
    ئاخىرقى: 2012-03-27
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-24 01:24

    مەن مەسلەكداشنىڭ سۇزىنى قۇللايمەن بۇنى ئادىل ھۇشۇرغا  ۈە پۇتبۇلچى بۇكىسچىلارغا ئۇخشاتقىلى بۇلمايدۇ بۇلار بىرىنچىدىن پۇل تاپىدۇ ئىككىنچىدىن يۇزتاپىدۇ بىز ۈاقتىمىزنى بۇنداق يا ئۇزىمىزگە يا خەلىققە پايدىسى بۇلمايدىغان ئىە ھمىيەتسىز ئىش   لارغا بۇزمار بەلكى ئۇزىمىزگە ۈەخەلقىمقزگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشىمىز لازىم                                              پادىشاھنىڭ جاۈابى تۇغرا
    =======================================
    جەمىئەتتە ھەممە ئادەم  ئادىل ھوشۇر بولالمايدۇ، گەرچە ئۇنىڭدەك داۋاز نۇرغۇن بوسىمۇ. جەمىيەتمۇ ھەم پۇل تاپقان شۆھرەت قازانغانلار بىلەنلا ئۆرە تۇرمايدۇ. بىر جەمىئەتنىڭ پۇلدار ھەم نامدارلارغا بېرىدىغان ئورنى ساناقلىقلا بولىدۇ ئەمما ئۇنىڭدىن كۈتىدىغىنى نۇرغۇن بولىدۇ. بىزنىڭ جەمىيىتىمىزگە نېسبەتەنمۇ تېخىمۇ قىممەتلىك شۇ ئورۇنلاردىن ئورۇن تەگكەنلەر
    ئۇنىڭ ھەققىنى تولىيەلەۋاتامدۇ يوق بۇنىمۇ كۆراش كېرەك. ئۇنىڭغا قارىغاندا پۇتپول تېپىپ يۇرت كەزگەن، يۈگۈرۈپ داۋان ئاشقان يىگىتلەر چوڭ ئىش قىلغان ھېسابلىنىدۇ ، ئەزمەت دېيىشكە مۇناسىپ..
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7228
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 95
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 990 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-04-21
    ئاخىرقى: 2012-03-27
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-24 01:34

    ئىشقىلىپ بۇ يىگىتلىرىمىزنىڭ جاسارىتىگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز . لىكىن بۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ تونۇغان بولسا بەك بەك ياخشى بولغان بولاتتى . بۇ يىگىتلەرنى قەيسەر ، جاسارەتلىك دەپ ئاتىساق توغرا بولۇر، قەھرىمان ، باتۇر دەپ ئاتىساق قانداق بولا دەيمەن
    ========================
    ئاتاپ قويۇڭ پىخسىغلىق قىلماي، سىز ھېس قىلغاندەك باتۇرلار ئەسىردە بىر -ئىككىسى ئاران چىقىدۇ ئەمەسمۇ بىز خەقتىن، ئۇلارنى باتۇرۇم دەۋىلىش سىز بىزگە نېسىپ بولامدۇ يوق كىم بىلىدۇ..
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7228
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 95
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 990 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-04-21
    ئاخىرقى: 2012-03-27
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-24 01:51

    مەن  شەخسەن بۇ تېمىنى قوللايمەن.ئەينى ۋاقىتتا بىر بوۋاي ۋېلىسپىت بىلەن بېيجىڭغا بارغاندا مەكتەپتىن كۈتىۋېلىش ئۈچۈن بالىلار ئالدىغا چىققان.لېكىن شۇنچىلىك جاپانى تارتقانغا چۇشلۇق نېمىگە ئېرىشىدۇ؟بەزىلەرنىڭ ۋاھ دىگەن ئالقىشىدىن باشقا نىمە بار؟ئۇ يەرنى پىيادە باسقۇدەك ،بۇ يەرنى ئانداق ئايلانغۇدەك دەپ قۇرۇق نام ئالىدۇ شۇ.بىزنىڭ بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە چەتئەللىكلەرنىڭ جوڭگوغا بولغان مۇنى قارشىنى دەپ بەرگەن:<< جۇڭگولۇقلار تېخىچە دۇنيا جىنىس رېكوتى ئويۇنى بىلەن ئاۋارە>>.قارىسام بۇ ئىش بىزدە كۆپىيىۋاتىدۇ.باشقىلارغا ۋە ئۆزىگە ئاز-تولا پايدىسى بار ئىش بولسىغۇ مەيلى،بىراق بۇ ئىشلارنىڭ راسلا ھېچبىر پايدىسى يوقتەك ھېس  قىلىمەن.
    ==================================
    پايدا-پايدىلا دەيدىكەنسىلەر ، پايدىسى بولمىسا ئىچىڭلار قىززىغاندا بىر سەكرەپ قوپۇپ قويمامسىلەر.  
    ھەقىقى ئوغۇلبالا دېگەن ئۆز -ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىپ تۇرىدۇ، زەئىپلىكلىرىگە ، ئاجىزلىقلىرىغا دەيتى دادام.
    بۇگۇنكى كۈندە بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا  توپ -توپ  بىكار يۈرگەن ، كەيىپ سۈرۈپ، غەپلەت بېسىپ زەئىپلىشىۋاتقان، چۈشكۈنلىشىۋاتقان ياشلارنى توپچى دىلشات دېگەندەك قاراملارغا سېلىشتۇرسام  ئەزمەتكەنسەن دەپ قولىنى سىققۇم كېلىدۇ.
    توغرا ، ياشلاردا  ئەزمەتلىكنى ، قاراملىقنى ، جۈرئەت جاسارەتنى ئويغىتىدىغان زامان كەلدى. كىم نىمە قىلالىسا قىلسۇن بۇ خىل روھنى ئويغىتىشا ئۇيغۇن بولسىلا قوللايمىز ، مەدەتتە بولىمىز.ئەگىشىمىز.