باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 6657 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇر باتۇرلىرىغا  تەۋسىيە
دوستلىشىش
maslakdax
سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1430
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 362
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە362دانە
ئۆسۈش: 740 %
مۇنبەر پۇلى: 4171 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-03-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-17 12:10

ئۇيغۇر باتۇرلىرىغا  تەۋسىيە

      ئۇزۇن زامانلار بوپتىكەن مۇنبەرگە تېما يازمىغىلى.يانا يازماي بولمىدى.
  يېقىندىن بۇيان نىمە بالا تەگدى ھىچ بىلىپ بولمايدۇ.بىردەم بىرى چىقىدۇ،پىيادە مەملىكەتنى ئايلىنىمەن دەپ،يەنە بىرى ئىز بېسىپ ۋېلىسپىتتە ئايلانسا،ئەمدى تۆمۈر ئاياغدا ماڭىمەن،ھەمكارلىشىدىغانلار بارمۇ دەپ چىقىپتۇ.كېيىن ئۆمىلەپ 25مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرنى تاماملايدىغانلارمۇ   يېتىشىپ قالامدۇ،بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ.قۇربان تۇلۇمدىن قالغان ئىرسىيەتمۇ ياكى چەتئەلنىڭ ئەخلىتى گۆھەر كورۈنىدىغان كېسەلنىڭ ئاسارىتىدىنىمۇ ئىشقىلىپ بۇنداق باتۇرلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلىدىغاندەك ئەمەس.
                                                  ھىكايەت
بىرى  پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزگىچە كارامىتىم بار،كۆرۈپ باققايلا-دەپتۇ.پادىشاھ رۈخسەت بېرىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ "باتۇر "
يەرگە بىر تال يىڭنىنى تاشلاپ ئاندىن ئۆگزىدە تۇرۇپ بىر تال يىپنى ئاستا-ئاستا ساڭگىلىتىپ  ئەپچىللىك بىلەن يەردىكى يىڭنىنىڭ تۆشۈگىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ. خېلى كوپ كىشى قايىل بولۇپ ئالقىشلاپتۇ.پادىشاھ خېلى ئەقىللىق ئىكەن.ھېلىقى كارامەتچىگە ئاۋۋال 100تىللا ئىنئام بېرىپتۇ.ئاندىن 100 كالتەك ئۇرۇش جازاسىغا تارتىپتۇ.ھەيرانلىقتا قالغانلارغا مۇنداق چۈشەنچە بېرىپتۇ.
-ئۆگزىدە تۇرۇپ يەردىكى يىڭنىنىڭ كۆزىگە يىپ ئۆتكۈزمەك ھەقىقەتەن تەس.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ نەچچە يىل ئەجىر سەرپ قىلىپ ئاخرى مۇشۇ سەۋىيەگە يېتىپتۇ.100تىللا  شۇ ئەجرىگە بەرگەن مۇكاپاتىم.جازانىڭ سەۋەبى بىر قولدا يىڭنىنى يەنە بىر قولدا يىپنى تۇتۇپ مۇشۇنداقلا ئۆتكۈزسە بولىدىغان ئىشنىمۇ تەسلەشتۇرۇپ ئۆگزىدە تۇرۇپ ئۆتكۈزۈشنى مەشىق قىلىمەن دەپ نۇرغۇن ۋاقىتنى ئەرزىمەس ئىشقا زايا قىلىپتۇ.بىھۇدە ئۆتكۈزگەن ۋاقتى ئۈچۈن جازاغا لايىق.

   ئەپسۇس.ئەقىل ئەينىگىنى جاھالەت تۇمانلىرى توسۇۋالغان  ماكان ۋە زاماندا  ھاماقەتلەرنىڭ  ئەمەل كۇرسىدا كېرىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.شۇل سەۋەپتىن  ساددا ئاۋامنىڭ توغرا-خاتانى ئايرىش مىزانى  ئاشۇ ھاماقەتلەر تەرىپىدىن بەلگىلەنگەچ توغرىغا قارىغاندا خاتاغا ئەگىشىدىغانلار كۆپ. ياراتقۇچىدىن ئىنسانغا بېرىلگەن ئالى نېمەتلەرنىڭ بىرى بولمىش ئەقىل جايىدا ئىشلىتىلمىسە،كاللىنىڭ قاپاقتىن ،ئىككى پۇتلۇقنىڭ تۆت پۇتلۇقتىن پەرقى بولماس..ئۇيغۇر قېنىدىكى باتۇرلۇق ۋە جەسۇرلۇقنى نامايەن قىلىشنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن تۈرلۈك يوللىرى بار. باتۇرلۇق تۇغىنى جەۋلان قىلدۇرغۇسى كەلگەن ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ كۈچىنىلا ئەمەس ئەقلىنىمۇ تەڭ ئىشقا سېلىشىنى  ئۈمىت قىلىمەن.زېھىن ۋە كۈچنى بىھۇدە خورىتىدىغان ھەر قانداق  قىلمىش ھاماقەتلىكتىن باشقا ئىش ئەمەس.يۇقارقى ھىكايەتتكى مۇكاپات بىلەن جازانى ئېنىق ئايرىيدىغان  ئەقىل  ساھىبى  تۇتىيا بولغان  مۇشۇ  زاماندا  ئۇشبۇ يازمام ئارتۇقلۇق قىلماس دەپ ئويلايمەن.
  ئەمدى تىل-ھاقارەت تاشلىرىغا  تەييارمەن.
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(era13) ئېسىل يازما
  • بويۇم ئىدى ئوقتەك،كۆڭلۈم ئىدى يا،
    كۆڭلۈمنى ئوق قىلغۇچە بويۇم بولدى يا.
    دوستلىشىش
    gayrat828
    ھامان بىر كۈنى .......
    دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 9
    ئومۇمىي يازما: 457
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە457دانە
    ئۆسۈش: 11860 %
    مۇنبەر پۇلى: 12759 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-18
    ئاخىرقى: 2012-03-27
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-17 14:27

    شۇنچە قوللاپ كەتكەنلەرنى قارا بۇلارنىڭ .....يۇمىلاق تاۋۇزلار ..
    تەنتەربىيەسى بولمىغان مىللەتمۇ دۇنيا يۈزىدىن ئورۇن ئالالمايدۇ .
    سىزچە سىز ئېيتىپ ئۆتكەن يۇقۇردىكى بىر قاتار  كېسىپ ئۆتۈش ، پىيادە بېرىش ،دىگەندەك پائالىيەت تۈرلىرى تەنتەربىيەگە  ، بەدەن ساپاسىغا كىرمەيدىكەندە ؟
    دۇنيادىكى پۇتبول ئويناۋاتقانلارمۇ بىرمۇنچە جاپا تارتىپ  تېرىنىڭ ئىچىگە يەل توشقۇزۇپ قاڭقىتىپ ئويناپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ نىمە قىلىدۇ ؟
    بوكىسچىلارمۇ بىر-بىرىنى ئۇرۇپ باش-كۆزىنى قانغا بوياپ يۈرگىچە چىرايلىق سالاملىشىپ ئۆتسە بولمامدۇ ؟
    نىمە كەپتۇ ئادىل ھوشۇرغا سىمدا مېڭىپ تەييار يول تۇرسا ؟
    ساپا دىسەك پەقەتلا  مەدەنىيەت ساپاسىلا كۆزدە تۇتۇلمايدۇ ، بەلىكى بەدەن ساپاسىمۇ شۇنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى . مەيلى قانداق شەكىلدە بولسۇن تەنتەربىيە كىشىلەرنىڭ روھىيىتىنى كۆتۈردىغان ، كىشىنىڭ ئىرادىسنىڭ مۇستەھكەم بولىشىغا تۈرۈتكە بولىدىغان ، دۇنيادا ئەڭ كۆپ قوللىنىلدىغان ، جاسارەتلىك ئادەملەرنى تاۋلايدىغان ئېسىل مەزمۇن .
    خەيىر جىددى ئىشىم چىقىپ قالدى ، سىز بىلەن  ۋاقىت چىققاندا ھىسابلىشاي ..
    دوستلىشىش
    gayrat828
    ھامان بىر كۈنى .......
    دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 9
    ئومۇمىي يازما: 457
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە457دانە
    ئۆسۈش: 11860 %
    مۇنبەر پۇلى: 12759 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-18
    ئاخىرقى: 2012-03-27
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-17 20:14

    Re:7-قەۋەت (gayrat828) نىڭ يازمىسىغا

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى ئەلى نىڭ 2011-10-17 16:24 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  7-قەۋەت (gayrat828) نىڭ يازمىسىغا :
    باشلىق ئەپەندى  قايناپ  قاپتىغۇ ،بوپتۇ ،بوپتۇ بىزمۇ شۇ ئۆزىمىزنىڭ پىكىرىنى دەپ قويدۇق سىزمۇ  دەۋالدىڭىز  مانا ،ئىچىڭىز بوشاپ قالغاندۇ؟؟؟؟

      ۋاي ،ۋاي ،،،ئەجەب ئىچىم بوشاپ قالدا ...ئەجەب بىر دەۋالدىما ...
    ئەسلى قوللايدىغان پائالىيەتنى قوپۇپلا قىلىدىغان قىلىقى قالىمغاندەك دەپلا ئوتتۇرغا چىقساق تازا ئادىل بولمايدۇ .  بۇ ياكى چەتئەللەردە بولىۋاتقان جىق يېيىش رىكورتى ، جىق ئىچىش رىكورىتى ، ياكى يېڭى قىلىق چىقىرىش رىكورىتى بولمىسا ، تۆمۈر ئاياقتا ئۇزۇنغا مېڭىش ، تەكلىماكاننى توغىرسىغا كېسىپ ئۆتۈش قاتارلىق بۇ پائالىيەتلەر كىشى روھىنىڭ كۆتىرەڭگۈ ھالىتىگە تۈرۈتكىلىك رول ئوينايدۇ . بۇمۇ خەلىقئارادىكى ھەرخىل تەنتەربىيە مۇسابېقىلىرىدىن نېمە پەرىق قىلىدۇ ؟
    ھەممە دىگۈدەك ئۇيغۇر ئۇسسۇل بىلەن تونۇلماي بەلىكى ھەممە ئۇسسۇلچى تۆمۈر ئاياقتا مېڭىپ دۇنياغا تونۇلغان بولسا ، تۆمۈر ئاياق يۇرتى دەپ نام ئالغان بولسا دۇنياغا ئەڭ قەيسەر مىللەت دىگەن نام بىلەن تونۇلۇپ ئالقىشقا ئېرىشكەن بولاتتىڭىز .
    خۇددى دارۋازلىق ھەقىقى جاسارەتكە سىمىۋۇل قىلىنىپ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەخرى بولوپ دۇنياغا تونۇلغىنىدەك .
    دۇنياغا تونۇلدى دىمەك سىز دۇنيانىڭ ئۆي قۇرۇلىشىدىكى بىر تال خىش بولىسىز ، خشنىڭ بىرى كەم بولسا ئۆي مۇكەممەل بولمايدۇ ...
    خوش ، مەن يەنە ئالدىراش بولوپ قالدىم ، قېنى يەنە قانچىلىك ئەكىس پىكىر بېرىدىغانلار باركىن كۆرەي ، سىلەر بىلەن ئاخىرغىچە ئىلىشايچۇ ، كىم يېڭىدىكىن  ...
    ئەمما رەنجىشىشكە ، ئاغرىنىشقا ، خاتا چۈشىنىشكە بولمايدۇ  ، بۇ تېمىنىڭ يوللانغىنى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ .رەھمەت .