باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 6652 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇر باتۇرلىرىغا  تەۋسىيە
دوستلىشىش
maslakdax
سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1430
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 362
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە362دانە
ئۆسۈش: 740 %
مۇنبەر پۇلى: 4171 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-03-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-17 12:10

ئۇيغۇر باتۇرلىرىغا  تەۋسىيە

      ئۇزۇن زامانلار بوپتىكەن مۇنبەرگە تېما يازمىغىلى.يانا يازماي بولمىدى.
  يېقىندىن بۇيان نىمە بالا تەگدى ھىچ بىلىپ بولمايدۇ.بىردەم بىرى چىقىدۇ،پىيادە مەملىكەتنى ئايلىنىمەن دەپ،يەنە بىرى ئىز بېسىپ ۋېلىسپىتتە ئايلانسا،ئەمدى تۆمۈر ئاياغدا ماڭىمەن،ھەمكارلىشىدىغانلار بارمۇ دەپ چىقىپتۇ.كېيىن ئۆمىلەپ 25مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرنى تاماملايدىغانلارمۇ   يېتىشىپ قالامدۇ،بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ.قۇربان تۇلۇمدىن قالغان ئىرسىيەتمۇ ياكى چەتئەلنىڭ ئەخلىتى گۆھەر كورۈنىدىغان كېسەلنىڭ ئاسارىتىدىنىمۇ ئىشقىلىپ بۇنداق باتۇرلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلىدىغاندەك ئەمەس.
                                                  ھىكايەت
بىرى  پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزگىچە كارامىتىم بار،كۆرۈپ باققايلا-دەپتۇ.پادىشاھ رۈخسەت بېرىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ "باتۇر "
يەرگە بىر تال يىڭنىنى تاشلاپ ئاندىن ئۆگزىدە تۇرۇپ بىر تال يىپنى ئاستا-ئاستا ساڭگىلىتىپ  ئەپچىللىك بىلەن يەردىكى يىڭنىنىڭ تۆشۈگىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ. خېلى كوپ كىشى قايىل بولۇپ ئالقىشلاپتۇ.پادىشاھ خېلى ئەقىللىق ئىكەن.ھېلىقى كارامەتچىگە ئاۋۋال 100تىللا ئىنئام بېرىپتۇ.ئاندىن 100 كالتەك ئۇرۇش جازاسىغا تارتىپتۇ.ھەيرانلىقتا قالغانلارغا مۇنداق چۈشەنچە بېرىپتۇ.
-ئۆگزىدە تۇرۇپ يەردىكى يىڭنىنىڭ كۆزىگە يىپ ئۆتكۈزمەك ھەقىقەتەن تەس.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ نەچچە يىل ئەجىر سەرپ قىلىپ ئاخرى مۇشۇ سەۋىيەگە يېتىپتۇ.100تىللا  شۇ ئەجرىگە بەرگەن مۇكاپاتىم.جازانىڭ سەۋەبى بىر قولدا يىڭنىنى يەنە بىر قولدا يىپنى تۇتۇپ مۇشۇنداقلا ئۆتكۈزسە بولىدىغان ئىشنىمۇ تەسلەشتۇرۇپ ئۆگزىدە تۇرۇپ ئۆتكۈزۈشنى مەشىق قىلىمەن دەپ نۇرغۇن ۋاقىتنى ئەرزىمەس ئىشقا زايا قىلىپتۇ.بىھۇدە ئۆتكۈزگەن ۋاقتى ئۈچۈن جازاغا لايىق.

   ئەپسۇس.ئەقىل ئەينىگىنى جاھالەت تۇمانلىرى توسۇۋالغان  ماكان ۋە زاماندا  ھاماقەتلەرنىڭ  ئەمەل كۇرسىدا كېرىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.شۇل سەۋەپتىن  ساددا ئاۋامنىڭ توغرا-خاتانى ئايرىش مىزانى  ئاشۇ ھاماقەتلەر تەرىپىدىن بەلگىلەنگەچ توغرىغا قارىغاندا خاتاغا ئەگىشىدىغانلار كۆپ. ياراتقۇچىدىن ئىنسانغا بېرىلگەن ئالى نېمەتلەرنىڭ بىرى بولمىش ئەقىل جايىدا ئىشلىتىلمىسە،كاللىنىڭ قاپاقتىن ،ئىككى پۇتلۇقنىڭ تۆت پۇتلۇقتىن پەرقى بولماس..ئۇيغۇر قېنىدىكى باتۇرلۇق ۋە جەسۇرلۇقنى نامايەن قىلىشنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن تۈرلۈك يوللىرى بار. باتۇرلۇق تۇغىنى جەۋلان قىلدۇرغۇسى كەلگەن ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ كۈچىنىلا ئەمەس ئەقلىنىمۇ تەڭ ئىشقا سېلىشىنى  ئۈمىت قىلىمەن.زېھىن ۋە كۈچنى بىھۇدە خورىتىدىغان ھەر قانداق  قىلمىش ھاماقەتلىكتىن باشقا ئىش ئەمەس.يۇقارقى ھىكايەتتكى مۇكاپات بىلەن جازانى ئېنىق ئايرىيدىغان  ئەقىل  ساھىبى  تۇتىيا بولغان  مۇشۇ  زاماندا  ئۇشبۇ يازمام ئارتۇقلۇق قىلماس دەپ ئويلايمەن.
  ئەمدى تىل-ھاقارەت تاشلىرىغا  تەييارمەن.
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(era13) ئېسىل يازما
  • بويۇم ئىدى ئوقتەك،كۆڭلۈم ئىدى يا،
    كۆڭلۈمنى ئوق قىلغۇچە بويۇم بولدى يا.
    بۇ زادى نېمىدۇ؟
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1417
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1417دانە
    ئۆسۈش: 910 %
    مۇنبەر پۇلى: 15123 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-14
    ئاخىرقى: 2012-03-27
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-17 12:58

    مەن  شەخسەن بۇ تېمىنى قوللايمەن.ئەينى ۋاقىتتا بىر بوۋاي ۋېلىسپىت بىلەن بېيجىڭغا بارغاندا مەكتەپتىن كۈتىۋېلىش ئۈچۈن بالىلار ئالدىغا چىققان.لېكىن شۇنچىلىك جاپانى تارتقانغا چۇشلۇق نېمىگە ئېرىشىدۇ؟بەزىلەرنىڭ ۋاھ دىگەن ئالقىشىدىن باشقا نىمە بار؟ئۇ يەرنى پىيادە باسقۇدەك ،بۇ يەرنى ئانداق ئايلانغۇدەك دەپ قۇرۇق نام ئالىدۇ شۇ.بىزنىڭ بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە چەتئەللىكلەرنىڭ جوڭگوغا بولغان مۇنى قارشىنى دەپ بەرگەن:<< جۇڭگولۇقلار تېخىچە دۇنيا جىنىس رېكوتى ئويۇنى بىلەن ئاۋارە>>.قارىسام بۇ ئىش بىزدە كۆپىيىۋاتىدۇ.باشقىلارغا ۋە ئۆزىگە ئاز-تولا پايدىسى بار ئىش بولسىغۇ مەيلى،بىراق بۇ ئىشلارنىڭ راسلا ھېچبىر پايدىسى يوقتەك ھېس  قىلىمەن.
    سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
    بۇ زادى نېمىدۇ؟
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1417
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1417دانە
    ئۆسۈش: 910 %
    مۇنبەر پۇلى: 15123 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-14
    ئاخىرقى: 2012-03-27
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-17 16:24

    7-قەۋەت (gayrat828) نىڭ يازمىسىغا

    باشلىق ئەپەندى  قايناپ  قاپتىغۇ ،بوپتۇ ،بوپتۇ بىزمۇ شۇ ئۆزىمىزنىڭ پىكىرىنى دەپ قويدۇق سىزمۇ  دەۋالدىڭىز  مانا ،ئىچىڭىز بوشاپ قالغاندۇ؟؟؟؟
    سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!