باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 6686 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇر باتۇرلىرىغا  تەۋسىيە
دوستلىشىش
maslakdax
سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1430
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 362
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە362دانە
ئۆسۈش: 740 %
مۇنبەر پۇلى: 4171 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-17 12:10

ئۇيغۇر باتۇرلىرىغا  تەۋسىيە

      ئۇزۇن زامانلار بوپتىكەن مۇنبەرگە تېما يازمىغىلى.يانا يازماي بولمىدى.
  يېقىندىن بۇيان نىمە بالا تەگدى ھىچ بىلىپ بولمايدۇ.بىردەم بىرى چىقىدۇ،پىيادە مەملىكەتنى ئايلىنىمەن دەپ،يەنە بىرى ئىز بېسىپ ۋېلىسپىتتە ئايلانسا،ئەمدى تۆمۈر ئاياغدا ماڭىمەن،ھەمكارلىشىدىغانلار بارمۇ دەپ چىقىپتۇ.كېيىن ئۆمىلەپ 25مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرنى تاماملايدىغانلارمۇ   يېتىشىپ قالامدۇ،بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ.قۇربان تۇلۇمدىن قالغان ئىرسىيەتمۇ ياكى چەتئەلنىڭ ئەخلىتى گۆھەر كورۈنىدىغان كېسەلنىڭ ئاسارىتىدىنىمۇ ئىشقىلىپ بۇنداق باتۇرلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلىدىغاندەك ئەمەس.
                                                  ھىكايەت
بىرى  پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزگىچە كارامىتىم بار،كۆرۈپ باققايلا-دەپتۇ.پادىشاھ رۈخسەت بېرىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ "باتۇر "
يەرگە بىر تال يىڭنىنى تاشلاپ ئاندىن ئۆگزىدە تۇرۇپ بىر تال يىپنى ئاستا-ئاستا ساڭگىلىتىپ  ئەپچىللىك بىلەن يەردىكى يىڭنىنىڭ تۆشۈگىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ. خېلى كوپ كىشى قايىل بولۇپ ئالقىشلاپتۇ.پادىشاھ خېلى ئەقىللىق ئىكەن.ھېلىقى كارامەتچىگە ئاۋۋال 100تىللا ئىنئام بېرىپتۇ.ئاندىن 100 كالتەك ئۇرۇش جازاسىغا تارتىپتۇ.ھەيرانلىقتا قالغانلارغا مۇنداق چۈشەنچە بېرىپتۇ.
-ئۆگزىدە تۇرۇپ يەردىكى يىڭنىنىڭ كۆزىگە يىپ ئۆتكۈزمەك ھەقىقەتەن تەس.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ نەچچە يىل ئەجىر سەرپ قىلىپ ئاخرى مۇشۇ سەۋىيەگە يېتىپتۇ.100تىللا  شۇ ئەجرىگە بەرگەن مۇكاپاتىم.جازانىڭ سەۋەبى بىر قولدا يىڭنىنى يەنە بىر قولدا يىپنى تۇتۇپ مۇشۇنداقلا ئۆتكۈزسە بولىدىغان ئىشنىمۇ تەسلەشتۇرۇپ ئۆگزىدە تۇرۇپ ئۆتكۈزۈشنى مەشىق قىلىمەن دەپ نۇرغۇن ۋاقىتنى ئەرزىمەس ئىشقا زايا قىلىپتۇ.بىھۇدە ئۆتكۈزگەن ۋاقتى ئۈچۈن جازاغا لايىق.

   ئەپسۇس.ئەقىل ئەينىگىنى جاھالەت تۇمانلىرى توسۇۋالغان  ماكان ۋە زاماندا  ھاماقەتلەرنىڭ  ئەمەل كۇرسىدا كېرىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.شۇل سەۋەپتىن  ساددا ئاۋامنىڭ توغرا-خاتانى ئايرىش مىزانى  ئاشۇ ھاماقەتلەر تەرىپىدىن بەلگىلەنگەچ توغرىغا قارىغاندا خاتاغا ئەگىشىدىغانلار كۆپ. ياراتقۇچىدىن ئىنسانغا بېرىلگەن ئالى نېمەتلەرنىڭ بىرى بولمىش ئەقىل جايىدا ئىشلىتىلمىسە،كاللىنىڭ قاپاقتىن ،ئىككى پۇتلۇقنىڭ تۆت پۇتلۇقتىن پەرقى بولماس..ئۇيغۇر قېنىدىكى باتۇرلۇق ۋە جەسۇرلۇقنى نامايەن قىلىشنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن تۈرلۈك يوللىرى بار. باتۇرلۇق تۇغىنى جەۋلان قىلدۇرغۇسى كەلگەن ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ كۈچىنىلا ئەمەس ئەقلىنىمۇ تەڭ ئىشقا سېلىشىنى  ئۈمىت قىلىمەن.زېھىن ۋە كۈچنى بىھۇدە خورىتىدىغان ھەر قانداق  قىلمىش ھاماقەتلىكتىن باشقا ئىش ئەمەس.يۇقارقى ھىكايەتتكى مۇكاپات بىلەن جازانى ئېنىق ئايرىيدىغان  ئەقىل  ساھىبى  تۇتىيا بولغان  مۇشۇ  زاماندا  ئۇشبۇ يازمام ئارتۇقلۇق قىلماس دەپ ئويلايمەن.
  ئەمدى تىل-ھاقارەت تاشلىرىغا  تەييارمەن.
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(era13) ئېسىل يازما
  • بويۇم ئىدى ئوقتەك،كۆڭلۈم ئىدى يا،
    كۆڭلۈمنى ئوق قىلغۇچە بويۇم بولدى يا.
    دوستلىشىش
    تاھىربەگ
    تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 10
    ئومۇمىي يازما: 2448
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2448دانە
    ئۆسۈش: 5240 %
    مۇنبەر پۇلى: 28876 سوم
    تۆھپىسى: 179 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-06
    ئاخىرقى: 2012-03-29
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-26 15:12

    22-قەۋەت (مھلڭك) نىڭ يازمىسىغا

    چەكلىۋىىڭلا ماۋۇ چىچقاقنى . ھەممە تېمىغا كىرىپ چىچىپ قويۇپتۇ
    ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ