بىر ئانىنىڭ دۇنياغا يازغان خېتى
سۆيۈملۈك دۇنيا:
ئوغلۇم بۈگۈندىن تارتىپ مەكتەپ قوينىغا قادەم قويدى. خېلى بىر مەزگىلگىچە بىر نەرسىلەر ئۇنىڭغا ناتونۇش ھەم يېڭىلىق بىلىنىشى مۇمكىن. سەنمۇ بىلىسەن، ئۇ تا بۈگۈنگىچە ئۆيىمىزدە پادىشاھ، ئارقا ھويلىمىزدا خوجايىن بولۇپ كەلدى. مەن دائىم ئۇنىڭ يېنىدا يارىسىنى تېڭىپ، روھىي جەھەتتە تەسەللىي بېرىپ كەلدىم.
مانا ئەمدى ھەممە ئىش ئۆزگىرىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۈگۈن ئەتىگەن ئۇ پەللەمپەيدىن چۈشىۋېتىپ، قولىنى پۇلاڭلىتىپ ماڭدى. ئۇ ئۇلۇغ تەۋەككۈلچىلىك سەپىرىگە ئاتلاندى. بۇ سەپەر جەريانىدا ئۇرۇش، تراگېدىيە ۋە باشقا كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ بولۇشى تۇرغان گەپ. ئۇ ھاياتلىق دۇنياسىدا ئىشەنگەچكە، كۈتىدىغىنىم، ئۇنىڭ يۇمران قولىدىن يېتەكلەپ، ئۇ بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆگەت. مۇمكىن بولسا ئۇنىڭغا مۇلايىم بولۇشنى ئۆگەت، ئۇنىڭغا دۇنيادا بىر مۇتتەھەم بولغاچقا بىر قەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى، ساتقىن سىياسەتۋاز بولغاچقا قۇربان قىلىش روھىغا ئىگە داھىي بولىدىغانلىقىنى، دۈشمەن بولغاچقا دوست بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇر، ئۇنىڭغا كىتابنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشنى ئۆگەت. تەبىئەتنىڭ مەڭگۈلۈك سېھرى توغرۇلۇق ئويلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بەلگىلىك ۋاقىت بەر. ئۇنىڭغا مەغلۇبىيەتنىڭ ئالدامچىلىقتىن كۆپ شەرەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈر. ئۇنىڭغا ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇشنى، باشقىلار سۆزىنى رەت قىلقىلغان تەقدىردىمۇ پىكردە تەۋرەنمەسلىكنى ئۆگەت. ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ جىسمانيي ۋە ئەقلىي كۈچىنى ئەڭ يۇقىرى باھادا سېتىشقا بولىدىغانلىقىنى، بىراق قەلبنى ۋە روھنى سېتىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇنىڭغا زوراۋانلارنىڭ جار سېلىشلىرىغا قۇلاق سالماسلىقنى. ئۆزىنىڭ پىكىرى توغرا بولغاندا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئېلىشىشنى ئۆگەت. بىراق، ئۇنى ئەركىلەتمە، چۈنكى ئوت قانچە كۈچلۈك بولسا، ھەقىقىي پولات تاۋلىنىدۇ.
بۇ ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ. دۇنيا، سەن بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل كۈچۈڭنى ئىشقا سال، ئۇ ھەقىقەتەن سۆيۈملۈك بىر يىگىت.
مەنبە: تەرمىلەر ژۇرنىلى