باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 504 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تور بەتلەردە مۇنازىرە ئەخلاقى
ئەلبەھرە تورى   www.elbehre.com
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6925
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 108
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە108دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 2539 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-06
ئاخىرقى: 2012-03-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-14 20:04

تور بەتلەردە مۇنازىرە ئەخلاقى

تور بەتلەردە مۇنازىرە ئەخلاقى

تور بەتچىلىكىمىزدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبى ۋە قانداق ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئازراق بولسىمۇ باش قاتۇرۇپ، بۇ ھەقتە بىر نەچچە پارچە يازما يېزىپ مۇنبەرلەرگە يوللىدىم. تورداشلارنىڭ كۆپ قىسمى ياخشى باھالارنى بېرىپ رىغبەتلەندۈردى. دەسلەپ يىغىپ رەتلىگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىنىپ، «تور بەتلەردە مۇنازىرە ئەخلاقى» تېمىسىدا بىر پارچە يازما يېزىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرگەن كۈنلەردە، ئەلكۈيى تورىدا «جىن» ئىسىملىك تورداشنىڭ «مۇنازىرە قانداق بولۇشى كېرەك؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ۋە قارابەگ بلوگىدا «<مۇنازىرە قانداق بولۇشى كېرەك؟>كە قوشۇمچە» سەرلەۋھىلىك ماقالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.
بۇ ئىككى ماقالىدە تور بەتلەردە مۇنازىرىنى قانداق قىلىش، مۇنازىرە ئەخلاقى، مۇنازىرىدە دىققەت قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ. ناھايىتى ياخشى باھا ۋە ئىنكاسلارمۇ چۈشكەن. بۇ ماقالە ۋە ئىنكاسلارنى ئوقۇپ، تور بەتلەردە مۇنازىرە ئەخلاقى ئۈستىدە دېمەكچى بولغانلىرىمنىڭ ئاللىقاچان دېيىلىپ بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، مېنىڭ ئويلىغانلىرىمدىن نەچچە ھەسسە ئەتراپلىق، چۈشىنىشلىك ۋە قايىل قىلارلىق دەرىجىدە دېيىلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ بەھرىلىنىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ئىككى پارچە ماقالىنىڭ مۇنازىرە ئەخلاقىغا دائىر قىسمىنى ئالايىتەن تەۋسىيە قىلدىم. تورداش جىن ۋە قارابەگكە ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتىمەن.
1

«دۆلىتىمىز قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت، پۇقرالارنىڭ ھەق-ھۇقۇقى. تور قانۇنى دىگەندەك تۈزۈملەرگە دىققەت قىلغاندىن باشقا، سەزگۈر مەسىلىلەرگە قارتا تېخىمۇ سەزگۈر بۇلۇش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيتى، توردا مېنى بىرسى كۆرمىدى پايدىلىنىپ دىيۋېلىشىم كېرەك دەپ. ئويلىغاننىڭ ھەممىنى دىيىشكە ، نىمە دىگۈڭىز كەلسە شۇنى دىيىشكە بولمايدىغان قانۇنغا خىلاپ گەپ - سۆز قىلىشقا بولمايدىغان،ئىناقلىقنى ، تېنچلىقنى تەكىتلەيدىغان بىر ماكان ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىقىڭىز كېرەك !،ھەممىمىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى مۇنبەر ئىللىقلىقى بولسا ھەر بىر مۇنبەرداشنىڭ قانچىلىك ئىللىق سۆھبەت قىلالىشىدا ،قانچىلىك ئۆز-ئارا ھۆرمەتنى ساقىليالىشىدا ،دەلىل قاراتمىلىقى، بىلىم يۈكسەكلىكىگە تۇتقان پۇزىتسىيەرىدە. ھەر بىر تورداش ئۆز بىلىمىگە -ساپاسىغا يارىشا مۇنبەردە تەسىرچانلىققا ئىگە بولىدۇ. قەستەنگە ئادەم تىرىكتۇرۇش ، يوق يەردىن گەپ ئىزدەش ئۆزىمىز بىلمىگەن مەسىلىلەردە ئالدىراقسانلىق قىلىپ تاشلاش قاتارلىق ئىشلارغا دىققەت قىلىنسا بۇ يەردە چوقۇم ئەڭ ياخشى مۇنازىرە مۇنبىرىنى قۇرغىلى. ئەڭ ئىناق-ئىتتىپاق مۇھىتنى بەرپا قىلغىلى،ئېللىقلىقىنى ھېس قىلغىلى ،ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ ،
مۈنازىردىكى مۇھىم بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مەسىلە ،
-1 مۇنازىرغا قاتناشقۇچى مۇنازىرە قىلىنغان تېمىنى ياخشى ئۇقۇشى ،ياخشى چۈشنىشى ،يېزىلغان ئىنكاسلارنى ياخشى ھەزىم قىلىشى لازىم، تېما ئىنكاسلارنى ياخشى ئوقۇماي قارىغۇلارچە سۆزلەپ قېلىشتىن ساقلىنىش كىرەك ،
يۈزمۇ-يۈز مۇنازىرە قىلغاندا بولسا قارشى تەرەپنىڭ سۆزنى تۇلۇق ئاڭلىشى سۆزنى بۆلمەسلىكى قارشى تەرەپنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كىيىن گەپ قىلىش ،
2- مۇنازىرىنىڭ تەلەپكە لايىق بۇلىشى ئۇچۇنAـ تەرەپ ئۆز سۆزىنى كۈچلەندۈرگۈچى Bتەرەپ Aتەرەپنىڭ سۆزلىرىنى ئېلمىيلىك -دەلىل ئىسپاتلار بىلەن رەت قىلىشى ئۆزىنىڭكىنى توغرا قىلغۇچى تەرەپدار بۇلۇش كىرەك، ئەدەب ئەخلاق سۆز ئۆلچىمىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك ،
مۇنازىرىنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟!
1- مۇنازىرە قىلغۇچى مۇنازىرىنىڭ قائىدىلىرىنى تېما -ئىنكاسلارنىڭ قاراتمىلىقىنى شۇنىڭدەك نېمىدە مۇنازىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلىشى كىرەك،( شىئېر ھەققىدە مۇنازىرە قىلىۋېتىپ قانۇن جىنايەت تېمىلىرغا پوپلستىك ئەسەر ھېكايىلەرگە ئۇتۇپ كېتىشتەك خاتالىقلاردىن ساقىلىنىش كىرەك )
2- ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئوچۇق -ئېنىق تېمىلاردا مۇنازىرە قىلماسلىق تالاش -تارتىشنى قەستەنگە قايتىلاپ سۆزلەپ ئولتۇرماسلىق سۆز قىلغاندا رەتلىك قايىل قىلارلىق سۆزلەش،
3- سۆزلۈكلەر رەتلىك بۇلۇش قارشى تەرەپنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا بۇلۇش ،
4- دىيلمىلەردە دەلىللىك بۇلۇش، مىساللار ئېنىق بۇلۇش ، ئۇيغۇر تىلنىڭ نامايەندىسى ئوبرازلىق ئېچىپ بىرلىشى كىرەك ،
مۇنازىرە قىلغۇچىلارنىڭ ئەدەب -ئەخلاقى
دۇنيادا ھەرقانداق ئىشنىڭ فورمۇلاسى قائىدىسى بولىدۇ ،مۇنازىرىنىڭ ئەڭ ياخشى رەۋىشتە داۋاملىشىشى رەنجىيدىغان تىل سالىدىغان ئاچچىقلىنىپ قالىدىغان ئىشلارنىڭ يۇز بەرمەسلىكى مۇنازىرە كەيپىياتىنىڭ ئىللىق پايدىلىق بۇلىشى ئۇچۇن مۇنازىرە قىلغۇچىلار ئەدەپ-ئەخلاقىنى بىر نەچچە تۈرگە بۈلۈپ سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ ،
1- مۇنازىرىگە ئىشتىراك قىلغۇچى كىشى قارشى تەرەپكە سەلبىي تەسىر بەرمەسلىكى ئۆزىنى بەك چوڭ كۆرسىتىپ قارشى تەرەپنى ئۇجۇقتۇرۇپ گەپ قىلالمايدىغان قىلىپ قويماسلىقى،مۇنازىردىكى مەقسەت يەنىلا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سەمىمىيىتىنى ساقلاپ ئەڭ توغرا بولغان بىر كۆز -قاراشقا يىتىش ئىكەنلىكى تەكىتلىنىشى كىرەك ،
2- مۇنازىرىگە ئىشتىراك قىلغۇچى قارشى تەرەپ كىم بولۇشتىن قەتئىي ئۇنى تۆۋەن چاغلىماسلىقى ، ھەقىر سانىماسلىقى، كەمسىتمەسلىكى ، بىر نەرسە بىلمەيدۇ دىمەسلىك كىرەك ،مۇنازىرە ئىشتراكچىسى ھەرقانداق ئەھۋالدا قارشى تەرەپ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ بۇ مۇنازىردىكى رولىنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدىغانلىقىنى. قارشى تەرەپ بولغىنى ئۈچۈنلا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى دانا پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ قارشى تەرەپكە ياكى مۇنبەر ئشتىراكچىسغا ئۇزۇنى بىلدۈرۈش پۇرسىتى بولغانلىقىدىن سۈيۈنۇپ مەمنۇن بۇلىشى .قارشى تەرەپكە رەھمەت دېيىشى كىرەك ،
3- مۇنازىرە ئىشتراكچىسى قارشى تەرەپنى بەك بىلىملىك ھەممىنى بىلىدۇ دەپ ئويلاپ قالماسلىقى، نۆۋىتى كەلگەندە مۇنازىرىدە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى دەلىل ئىسپات بىلەن ئوتتۇرغا قويشى كىرەك ، ھەرگىزمۇ تىترەپ تۇرماسلىقى باشقىلار نىمە دەر؟ يېڭىلىپ كەتسەم نىمە بۇلار ؟ دېمەسلىكى مۇنازىردەكى ئەڭ مۇھىم ھالقا مۇنازىرە قىلىۋاتقان تېمىدا ئەڭ توغرا كۆزقاراشقا ئىگە بۇلۇش ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كىرەك ،
4- مۇنازىرە ئىشتراكچىسى قوسىقى ئاچ ياكى ئالدىراش ھالدا تېمىغا ئىنكاس يازماسلىقى، ياكى پات ئارىدا مۇنبەردە بولالمىسا ئىنكاس قايتۇرماسلىقى، ئۆزىنى دەڭسەپ بېقىشى ،ئەڭ ياخشىسى مۇنازىرىگە قاتناشماسلىقى كىرەك ،ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا روھى ھالىتى ياخشى بولمىغانلىقى ئۇچۇن ئالدىراشلىقتا بەزى خاتا سۆزلەپ قۇيۇشى ،ياكى گەپنى چوڭ قىلىپ قۇيۇپ مۇنبەردىن يوقاپ كېتىپ قارشى تەرەپكە مۇنازىرە ئىشتىراكچىلىرىغا خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويشى مۇمكىن ، روھى كەيپىياتى چاغ ھالدا مۇنازىرىگە قاتناشسا ئىنكاسلىرمۇ چاغ چىقىپ باشقىلارنى قايىل قىلارلىق دەلىل بىلەن تەمىن ئېتەلەيدۇ ،ئالدىراڭغۇلۇقتا خاتا سۆزلەپ سېلىشتىن تېت-تېت بولغاندا كىشىنىڭ ئاڭ قاتلىمى جايىدا بولماي خاتالىق ئۆتكۇزەپ سېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ ،گەپنى چۇڭ باشلاپ يۇقاپ كەتسە باشقىلارنىڭ ئالدىدا دېگەن سۆزى ئىناۋەتتىن قالىدۇ ،بۇ بىر ھىساپتا باشقىلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بۇلۇپ بۇ ھالەت ئۆزىگىمۇ باشقىلارغىمۇ ياخشى ئەمەس،
5- مۇنازىرىگە ئىشتىراك قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ئىلمى ساپاسىغا يارىشا قارشى تەرەپ پىكىرلىرىنى چۈشەنگەن ئاساستا پىكىر قاتناشتۇرۇشى، ئۆزىدە ھېچقانداق ئىلمى ئاساسى يوق ھالدا قەستەنگە باشقا گەپلەرنى قىلىپ مۇنازىرە كەيپىياتىنى سۇغۇقلاشتۇرماسلىقى كىرەك ، (ياندا تۇرۇپ دەرس ئاڭلىسىمۇ نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ)
6- مۇنازىرىگە ئىشتىراك قىلغۇچى بىر ئېغىز گەپ بىلەن قارشى تەرەپنى بولدى قىل دەپ قستىماسلىقى كىرەك ، مۇنازىرىنى رەتلىك چۈشەنچىلىك دەلىل قائىدىلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىش ،قانچىكى ئۇزۇنغا سوزۇلسا شۇنچە ھەقىقەتلەرنىڭ ئاشكارا بۇلىشى ئېلىم -مەرىپەتنىڭ ئېشىكىنىڭ ئېچىلىشى دەپ قاراش كېرەكلىكىنى بىلىش كىرەك ،
7- ھەر بىر مۇنازىرىگە ئىشتىراك قىلغۇچى مېنىڭلا راس دەپ تۇرۋالماسلىقى، ھەقىقەت كىمدە بولسا شۇنى ئئتراپ قىلىشى، مۇنازىرە قىلىشتىكى مەقسەت مەلۇم مەسىلىنى دەلىللەش ،مۇئەييەنلەش ئىكەنلىكىنى ھەر زامان ئۇنتۇماسلىقى ،ئەگەر خاتا چۈشنۈلۇپ قارشى تەرەپنىڭ توغرا بولسا قارشى تەرەپكە رەھمەت ئېيتىشى پىكىر ئەسەبىيتى قاتماللىقتىن خالى بۇلىشى كىرەك ،
8- ھەر بىر مۇنازىرە ئىشتراكچىسى قانداق ئەھۋالدا ( سىنىڭ مۇتلەق خاتا)، (سەن دۆت كالۋا)، (سەن ھېچنىمىنى بىلمەيسەن)، دىگەندەك سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلەتمەسلىكى كىرەك ئەگەر شۇنداق ئاتىغان ھامان شۇ سۆزلەرنى تىلغا ئالغان كىشى ئەللامە بولسىمۇ ئەخلاق ئادىمىيلىك ئالدىدىكى پۇزىيتسيەسى بىلەن كۆپچىلىك ئالدىدا ئەيىپلىك ئىكەنلىكىنى بوينىغا ئېلىشى كەچۈرۈم سورىشى كىرەك ،ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا قەلبى ئازار يېگەن مۇنازىرەداشلار بىلەن بۇ كەيپىياتتا مۇنازىرە داۋام قىلالمايدۇ ،
9- مۇنازىرە پايدىسىز سۆزلەر بىلەن ئۇزۇنغا سۇزۇلماسلىقى ،شۇنىڭدەك بىر ئېغىزلا گەپ بىلەن بولدى قىلىنماسلىق كىرەك ،
10- مۇنازىرىدە چۈشۈنۈشلۇك ئاممىباپ سۆزلەرنى ئىشلىتىش ياكى چۈشەنچە بىرىش كىرەك ،
11- مۇنازىرە شاخلاپ كەتمەسلىكى قايسى تېمىدا گەپ بولۇنسا دېيىلمىلەرمۇ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بۇلۇش كىرەك،
12- ئېسىڭىزدە بولسۇنكى سىزنىڭ مۇنازىرىدە يېڭىلگېنىڭىز ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئاخىرقى نەپسىڭىز ئەمەس، ئۇنچە ئۇڭايسىزلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەڭ توغرىنى بىلىش ھاياتتىكى قەرزىڭىزدۇر،قارشى تەرەپ مۇنازىرىدە سىزگە مېھرى بېرىپ سىزنى مەلۇم جەھەتتىن بىلىمگە ئىگە قىلالىسا بۇ خىل ئەھۋال تەبىئىيكى قارشى تەرەپنىڭ سىزگە قىلغان ياردىمى، بىلىم ئىگىلىرىنىڭ سۈكۈتتە تۇرماي ياش نوتىلارغا ياردەم قىلىشى بىلىمنىڭ زاكىتى، ھەم ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر، سىز ،مەن ،ئۇ بۇ سورۇندا ھەرگىزمۇ ئوز-ئارا دۇشمەن ئەمەس ،تىلىڭزىنى ،دىنىڭىزنى ،دىلىڭىزنى بىلىشىدىغان بىر قوۋمنىڭ ئوغۇل-قىزىسىز ،! ئاغزىڭىزغا كەلگەننى دەپ جۆيلىمەي مۇنازىردىكى قارشى تەرەپنى ئۆزەمنىڭ قېرىندىشى . مىنىڭ بارلىقىم (چۈنكى سىز ئۇيغۇر ناملىق قوۋمنىڭ بىر ھۈجەيرىسى بۇ قەۋم. سىز، مەن، ئۇ، لاردىن تەركىپ تاپقان سىزنىڭ ئۇيغۇر دېگەن توپقا ئەزا بۇلىشىڭىز ئۇ ،سەن ،مەن ،بىز،لەر بولغانلىقىدا ) سىز بولغىنىڭىز ئۈچۈنلا خوشاللىق ھېس قىلىمەن ، سىزنىڭ خوشاللىقىڭىز مىنىڭ خوشاللىقىم دەپ قاراڭ ، بىلىم ئېلىش سىزگە پەرز،مۇنازىرە ئىنكاسلارغا شۇنداق مۇئامىلە قېلىڭكى بىرەسى سىزنىڭ ئىجادىيتڭىزنى تەنقىت قىلسا سىزگە پايدىلىق، سىز ئويلىمىغان تەرەپ -پىكىرلەرنىڭ بۇلىشى مۇمكىن دېگەن ئوي -خىيال بىلەن مۇنبەرگە ئىنكاس -تېما يوللايسىز ، مۇتلەق خاتالىق، مۇتلەق توغرا ئىش بولمايدۇ، ھەقىقەتلەر بىرى -بىرسىگە يېقىنلاشسا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە،تەنقىتتىن پىكىردىن قورقۇش ياخشى ئەمەس ، شۇنىڭغا ئېشنىڭكى باشقىلارنىڭ ئېلېمى سۆزلىرىگە قۇلاق سالسىڭىز ئېلمىڭىز تېخىمۇ زىيادە بولىدۇ،كونىلار "ھايۋان تۇۋىقىدىن سەمرە ئادەم قۇلىقىدىن" دەپ بىكارغا ئېيتمىغان ئەگەر سىز تېما ئىنكاسلاردا ماختاشنىلا مەقسەت قىلسىڭىز ئۆزىڭىزدە . پىسخىك جەھەتتە .تىراگدىيە ئېڭى بىلمى جەھەتتە. مەسىلە باركەن دەۋېرىڭ ،مىنىڭ نەزىرىمدە سىز بەختلىك، سىز ئەڭ ياخشى ئىنسان ئاخىرەتتىكى ماقامىڭىز تېخىمۇ بۇيۈك بولغاي ،سىزگە ۋىسال تىلەيمەن ،
نەسىھەت ئاچچىق مىۋىسى تاتلىق دېگەن گەپ بار،تېمىلاردىكى( ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ،قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن،) دېگەن ئىنكاسلا ئورنىغا ئېلمى پاكىتلىرى بىلەن ئىجادىيتىڭىزدە ماۋۇ يەر خاتا دەپ بەرسە نىمە بوپتۇ؟! ئۈلۈپ قالامدۇق ؟ ئورنىمىزدىن قوپالماي ياتامدۇق؟ ئەگەر ياخشى باھا بەرگەنگە خوش بۇلۇپ ئاسمانغا تەلپەك ئېتىپ ،سەلبىي باھا بەرسە ئۆلگۈدەك ئاچچىقلىنىپ يېتىپ قىلساق ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ بېقىشقا توغرا كىلىدۇ ،ئەمدى بىز مىشچانلىقىمىزنى تاشلايلى! ئويۇنغا ئەمەس بىلىمگە يۈزلىنەيلى ! سىز ھەرقانداق بىر تېما -ئىنكاسنى يېزۋاتقىنىڭزدا سىزنىڭ تما-ئىنكاسىڭىزنى پۇتىن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ھەر گىز ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ ،ھېچكىم بىلمەيدىغۇ دەپ (قانداقتۇر بىر ئىسىم بىلەن) كىرىپ بىرسىگە ھاقارەت قىلغىنىڭىزدا ۋىجدانىڭىز سىزنى سوتلىيالمىسا ئىمانىڭىز سىزنى توسۇپ قالالمىسا ئۆزىڭىز ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭ ! ئىشقىلىپ ئۆزىمىزگە، باشقىلارغا يۇز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلمايلى! قانداقتۇر بىرسىنىڭ بىرە ئېغىز خاتالىقى ئۇچۇن كەينىگە كىرۋالمايلى ،ئادەم دىگەندە خاتالىق ئۆتۈلىدۇ قارشى تەرەپكە ئىلمى مۇئامىلە قىلساق قارشى تەرەپمۇ بىزنى چۈشنىدۇ ئىللىق كەيپىيات بارلىققا كىلىدۇ ،بۇ ئۆتنە ئالەم باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلغاندا چوقۇم سىزنىڭمۇ بىر كۈنى شۇنداق ئورۇنسىز باشقىلار تەرىپىدىن كۆڭلىڭىز غەش قىلنىدغانلىقڭىزنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ، ئۇ سىزنىڭ ئاكىڭىز ،ئۇ سىزنىڭ ئىنىڭىز ،ئۇ سىزنىڭ سىڭلىڭىز ،ھەدىڭىز ئىشقىلىپ سىزدە بار گېننىڭ بىر پارچىسى ، سىز ھۆرمەتلەشكە سىز سۆيۈشكە قۇچاقلاشقا ئەرزىيدىغان بىرى، ھەرگىزمۇ نەشتېرڭىزنى سانجىماڭ لۈكچەكلىك بىلەن بىلىم ئىگىلىرىنىڭ پەرقى بولسۇن!
سىز نېمىنى ھۆرمەت قىلسىڭىز ،نېمىگە قىزىقسىڭىز ،نېمىنى سۆيسىڭىز شۇنى تاپىسىز ،باشقىلارنى سۆيگىنىڭىز، ئۆزىڭىزنى سۆيگىنىڭىز، باشقىلارنى ھۆرمەت قىلغىنىڭىز ئۆزىڭىزنى ھۆرمەت قىلغىنىڭىز،ھاياتنىڭ مەناسى پەقەتلا سۆيگۈدە! » («مۇنازىرە قانداق بولۇشى كېرەك؟» ناملىق ماقالىدىن ئېلىندى)

2

«مېنىڭ قارىشىمچىمۇ ئادەتتە ئۆتكۈر پىكىرلىكلەر، پىشقان، مول تەجىربىگە ئىگە، بىر قەدەر ئەتراپلىق پىكىر قىلىدىغان بىلىملىك كىشىلەر، دەل بىزنىڭ ئىزدەپ يۈرگەن كىشىلىرىمىز بولۇپ، بۇنداق كىشىلەردىن يۇقۇدىغان ئەمەلى نەپمۇ يۇقۇرى بولىدۇ. بۇخىل كىشىلەرنىڭ تېمىغا نىسپەتەن پىكىر قىلىشى قانداقتۇر تېمىنى ئىنكار قىلىش ياكى تېمىنى رەت قىلىش بولماستىن بەلكى تېمىغا نىسپەتەن تۇلۇقلاش رولىنى ئويناپ، تېمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇغانسىرىڭىز ئوقۇغۇڭىز كېلىدۇ. چۇنكى ئۇ سىزگە بىلمىگەننى بىلدۈرىدۇ، تەپەككۈرىڭىزنى قاناتلاندۇرۇپ، تەبىئەت، جەمىيەت توغرىلۇق تېخىمۇ ئەتراپلىق ئويلۇنىشىڭىزغا يىتەكلەيدۇ. بۇنداق كىشىلەرنى مۇنازىرە جەريانىدا بايقاش ئانچىمۇ تەس ئەمەس. بىز تېمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، مەنىسىنى تولۇق چۈشۈنۈپ، تېمىدا نىمە دىمەكچى، قايسى مەسىلىنى يورۇتماقچى ئىكەنلىگىنى چۈشنۈپ بلغاندىن كېيىن چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئەستايىدىل ئوقۇساقلا تېمىغا نىسپەتەن ئەتراپلىق پىكىر قىلغانلارنى ئاسانلام بايقىۋالايمىز .
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە مۇنازىرىدە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان، مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئىنكاستا يېزىلغان سۆزلەر مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە مۇنازىرە جەريانىدا ئېغىزدىن چىققان سۆز ئەمەس، دىمەكچى بولغان ئوي-پىكىر ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنداق ئىكەن مۇنازىرىدە سۆز ئويۇنى قىلىشقا، قارشى تەرەپنىڭ دىققەتسىزلىكتىن قىلىپ قويغان بىرەر ئېغىز سۆزىگە ئېسىلىۋېلىشقا قەتئى بولمايدۇ. مۇنازىرىدە ئالدىراقسانلىق قىلماسلىغىمىز، ئىنكاستا نېمە دىمەكچى، قايسى پىكىرنى ئىلگىرى سۈرمەكچى، ئاخىرىدا قايسى مەقسەتكە يەتمەكچى ئىكەنلىگىنى تولۇق چۇشۇنۇپ ئاندىن ئۆز باھايىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز لازىم. مۇنازىرىدە ئېغىر بېسىق، سالماق بولۇش، ئەتراپلىق پىكىر يۇرگۈزۈش، سۆزىدىن پۇتاق چىقارماسلىق، ئوتتۇرىغا قويغان ئوي-پىكىر ئاساسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش، قارشى تەرەپنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىپ پاكىت، دەلىل-ئىسپات ئارقىلىق رەت قىلىش، خاتالىقىڭنى ئېتىراپ قىلىشقا دادىل بولۇش، ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىش- مانا بۇ مۇنازىرە جەريانىدىكى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك گۈزەل ئەخلاقتۇر .» («<مۇنازىرە قانداق بولۇشى كېرەك؟>كە قوشۇمچە» ناملىق ماقالىدىن ئېلىندى)
ئۆتكۈر پىكىرلىك، پىشقان، مول تەجىربىگە ئىگە، بىر قەدەر ئەتراپلىق پىكىر قىلىدىغان بىلىملىك كىشىلەرگە نىسپەتەن قانداق مۇئامىلىدە بولىمىز؟ بۇ مەسىلىگە نىسپەتەن ھەر قايسىمىز ئوخشاش بولمىغان چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغاچقا، تۆۋەندە مەن بىر مىسالنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن. مۇنبىرىمىزدا ھازىر ئاتا تۈرك مۇنازىرىسى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇيەردىن كۆرۈڭ. مۇشۇ مۇنازىرە جەريانىدا بىر توردىشىمىز دىمىگىراتىيە مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىۋىدى. بۇنىڭغا نىسپەتەن بەزى تورداشلار دىمىگىراتىيە ئۇنداق، دىمىكراتىيە مۇنداق، سىزنىڭ ئاتالمىش دىمىگراتىيىڭىز..دەپ ھېلىقى ئىنكاس يازغۇرىنى تويغۇزىۋەتتى. مېنىڭچە بولغاندا مەسىلىنىڭ ئىسمى چىقىپ بولغۇچە باھا بېرىۋېتىش ياخشى ئىش ئەمەس، بۇ يەردە دىمىگراتىيە دىدى، سىز دەر ھاللا دىمۇگراتىيە ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ باھا بەرسىڭىز، بۇ سىزنىڭ قانداق پۇزۇتسىيىرىڭىز؟ سىزنىڭچە بۇ سۆزنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى سىزچىلىك بىلمەسمۇ؟ مۇنازىرىنى سىرتتىن كۆزۈتۈپ تۇرغانلارچۇ؟ ئۇنتۇپ قالماڭ، ئاغزاكى ئىنكاس ئاسمانغا ئۇچۇپ كەتكەن بىلەن مۇنازىرىدىكى ئىنكاس ئۇچۇپ كەتمەيدۇ. تارىخ بولۇپ قالىدۇ. بىزنىڭ دىمىگراتىيىگە نىسپەتەن تاللاش ھوقۇقىمىز يوق. پەقەت دىمۇكراتىيىنىڭ نىمىلىگىنى بىلمەسلىگىمىز بار. شۇڭا سىز مۇنداق مەسىلىگە دۇچ كەلسىڭىز ئۇدۇللام باھايىڭىزنى بېرىپ قاراپ ئولتۇرماي، قارشى تەرەپنىڭ باھاسىنى، ئوي-پىكرىنى بىلپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئوز باھايىڭىزنى ئوتتۇرغا قويسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز. شۇڭا سىز مۇنداق چاغدا «سىز دىمىگراتىيە توغرىلۇق سىز مۇنداق دىدىڭىز، مېنىڭ قارىشىم مۇنداق ئىدى» دېسىڭىز بەلكىم سىز ئويلىمىغان، سىز تېگىگە يېتىشنى ئۇزۇندىن بېرى ئىستەپ يۈرگەن بەزى مەسىلىلە بىراقلا ھەل بولۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. بىراۋ سىزگە «پولو ياخشى» دىسە، سىز «پولو ياخشى ئەمەس» ياكى «پولۇ دىمىسىڭىزمۇ ياخشى» دىمەي، ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسىدىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ «قانداقسىگە» دىسىڭىز. بولكىم پولونىڭ سىز ئويلاپ باقمىغان ئالاھىدىلىكلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن .
3

ئەگەر مۇنازىرە ئىلمىي، مەنتىقىلىق بولمىسا، ھەمىشە باشقىلارغا زەربە بېرىش، باشقىلارغا تىغ ئۇرۇش، باشقىلارنى غاجاش بىلەن داۋاملاشسا بىز بەزىبىر ئۆتكۈر پىكىرلىك زىيالىيلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئىلمىي بولمىغان مۇنازىرىگە ئادەتتە ئۆتكۈر پىكىرلىكلەر پىكىر قاتناشتۇرۇشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. بىز چوقۇم ئىلمىي پىكىر قىلىپ، بىلگەننى پاكىت بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز. بىلمىگەننى سوراپ باشقىلارنىڭ قورسىقىدىكى ئومىچىنى چىقىرىشقا قىستىشىمىز كېرەك. پەقەت مۇنازىرە ئىلمىي، مەنتىلىق بولغاندا بەزىبىر پىكىرى ئۆتكۈر كىشىلەر تەبئىيلا مۇنازىرىگە پىكىر قاتناشتۇرۇشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا بىز باشقىلارنىڭ ئەقلىي تەپەككۇر مىۋىلىرىدىن ئۇزۇقلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇر ئېڭىمىزنىڭ ئېىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، روھى پۈچەكلىك، مەنىۋىيىتى غۇربەتچىلىككە تولغان ھالەتتىن قۇتۇلۇپ، مەنىۋى جەھەتتىن تەپەككۇرغا باي بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن.(پەنگەيارنىڭ ئىنكاسى)

مەنبە: ئەلبەھرە تورى

http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=359
ئەلبەھرە تورى
www.elbehre.com
دوستلىشىش
ohho~duqu
kvlgenning hemmisi dost emes
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5343
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 612
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە612دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 6431 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-03-28

شۇنداق سورىغان سوئالغا مەسخىرە ئارلاشتۇرماي سەمىمى  جاۋاپ بەرسە شۇ ئادەمنىڭ مەدەنىيەت  بىلىم سەۋىيەسىنىڭ قانداقلىقىنى بىلدۈرىدۇ
man kangsay azasian
دوستلىشىش
جەڭچى
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1546
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1546دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 16128 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-03-26
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-15 22:44

رەھمەت نۇشرۋان ئەپەندى ،،، قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن.
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن ،قىرىنداشلىرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.