باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 681 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: «باشقىچە پىكىر»لەرگە كەڭ قورساق بولايلى
دوستلىشىش
noshirwan
ئەلبەھرە تورى   www.elbehre.com
دەرىجە: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6925
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 91
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە91دانە
ئۆسۈش: 1860 %
مۇنبەر پۇلى: 2176 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-06
ئاخىرقى: 2012-01-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-14 20:00

«باشقىچە پىكىر»لەرگە كەڭ قورساق بولايلى

«باشقىچە پىكىر»لەرگە كەڭ قورساق بولايلى

ئىدىيە-نۇقتىئىنەزەرلەرنىڭ قىممىتى رىقابەت ئارقىلىق نامايان بولىدۇ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق سىناقتىن ئۆتىدۇ. «سىزنىڭ پىكرىڭىزگە قوشۇلمايمەن، لېكىن سىزنىڭ سۆزلەش ھوقۇقىڭىزنى جان تىكىپ قوغدايمەن»، كۆكسى-قارنى كەڭ بولۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش دېگەن مانا مۇنداق بولىدۇ. قالپاق كىيدۈرۈش، كوكۇلىسىنى تۇتۇۋېلىش، باشقىچە پىكىر قىلغاننى دۈشمەن دەپ بىلىش، ماھىيەتتە كالتە پەملىك ۋە زەئىپلىكتۇر. بۇنداق قىلىشنىڭ ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشقا، ساغلام پسىخىك ھالەت يېتىلدۈرۈشكە پايدىسى تەگمەيدۇ.

ئوخشاش بىر مالنى سېتىۋېلىشتا، بەزىلەر ساتقۇچىنىڭ دېگىنىگە سېتىۋالسا، بەزىلەر بەك قىممەتكەن دەپ قاقشايدۇ. ئوخشاش بىر دېلوغا نىسبەتەن، بەزىلەر ھەققانىي ھۆكۈم چىقىرىلىشىغا ئالدىرىسا، بەزىلەر تەرتىپ جەھەتتىكى نوقساننى ئىزدەيدۇ. ئوخشاش بىر ئىسلاھات تەدبىرىنى بەزىلەر قوش قوللاپ قۇۋەتلىسە، بەزىلەر شۈبھىلىنىدۇ. ھازىرقى جۇڭگو جەمئىيىتى ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت كۆپ مەنبەلىك، كۆپ خىللاشقان، ئۆزگۈرۈشچان دەۋردە تۇرماقتا.

شۈبھىسىزكى، بۇ بىر تارىخىي ئۆزگۈرۈشتۇر. بىرلا خىل سادا بولۇشتىن بارچە گۈللەرنىڭ تەكشى ئېچىلىشى، ھەممە بىردەك شاتۇتلارچە سايراشتىن ھەر خىل پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىدىيەدە زور دەرىجىدە ئازاد بولغانلىقنى، جۇڭگونىڭ ئالغا ئىلگىرلەش نىشانىنى نامايان قىلىدۇ. ئىسلاھات چوڭقۇرلاشقان ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ھەرقايسى تەرەپنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ تەڭشىلىشى ۋە رىقابەت-ئېلىشىش نەتىجىسىدە، ئوخشاش بولمىغان تەلەپلەرنىڭ پەيدا بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال. ئېچىۋېتىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى ۋە يەرشارىلىشىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىيلىق، چەتئەل ۋە ئۆزلۈك، ئوخشاش بولمىغان قىممەت قاراشلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇقەررەر ھالدا توقۇنۇش-تىركىشىش بولىدۇ.

ئىپادىلەش كۆپ مەنبەلەشكەندە، «باشقىچە پىكىر»لەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ساقلىنىش تەس. بەزىدە ھەتتا ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەستەكمۇ تۇيىلىدۇ. سوغوققانلىق ۋە تەمكىنلىك بىلەن مۇنازىرە قىلغان، قۇلاققا ياقمايدىغان گەپلەرنىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلىغانلارغا ھەۋىسىمىز كېلىدۇ. ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە شۇنىمۇ كۆردۇقكى، بەزىلەر باشقىچە پىكىرلەرنى قوبۇل قىلالماي، بىر-بىرىنى تىللاشقا، شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىشقا چۈشۈپ كەتتى، ھە دېگەندە قالپاق كىيدۈرۈشكە، ھېسسىياتىنى ھەقىقەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىكە  ئۇرۇندى. بەزىلەر تەنقىت-تەكلىپلەرنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە، تۆھمەت قىلىشقا، ئەدىبىنى بېرىشكە ئۆتتى، ھەتتا ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ، باشقىچە سادا چىقارغانلارنى باستى.

لۇشۇن ئەپەندى: تىللاش ۋە تەھدىت سېلىش جەڭ ھىسابلانمايدۇ، دېگەن ئىكەن. ئىدىيە-نۇقتىئىنەزەرلەرنىڭ قىممىتى رىقابەت ئارقىلىق نامايان بولىدۇ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق سىناقتىن ئۆتىدۇ. «سىزنىڭ پىكرىڭىزگە قوشۇلمايمەن، لېكىن سىزنىڭ سۆزلەش ھوقۇقىڭىزنى جان تىكىپ قوغدايمەن»، كۆكسى-قارنى كەڭ بولۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش دېگەن مانا مۇنداق بولىدۇ. قالپاق كىيدۈرۈش، كوكۇلىسىنى تۇتۇۋېلىش، باشقىچە پىكىر قىلغاننى دۈشمەن دەپ بىلىش، ماھىيەتتە كالتە پەملىك ۋە زەئىپلىكتۇر. بۇنداق قىلىشنىڭ ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشقا، ساغلام پسىخىك ھالەت يېتىلدۈرۈشكە پايدىسى تەگمەيدۇ.

«باشقىچە پىكىر»لەرگە كەڭ قورساق بولۇپ، سۆزلىشىش ئارقىلىق ماشلاشتۇرۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق زىددىيەتنى پەسەيتكەندىلا، ئەڭ زور دەرىجىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالايمىز، ئىدىيە-نۇقتىئئىنەزىرىمىز توغرىلىنىدۇ. ئاۋام-پۇقرالاردىن كۆرە، ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان ھۆكۈمدارلار تېخىمۇ بەك كەڭ قورساق بولمىقى دەركاردۇر. ئاۋام-پۇقرا كەڭ قورساق بولمىسا، گەپ-سۆزدە زوراۋان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، ھۆكۈمدارلار كەڭ قورساق بولمىسا، ھەقىقىي زىيان-زەخمەت پەيدا قىلالايدۇ. مەسىلەن: پېڭشۇيدىكى نەزمە دېلوسى، لىڭباۋدىكى يازما دېلوسىغا ئوخشاش. (تەرجىماندىن ئىزاھات: پېڭشۇيدىكى نەزمە دېلوسى 2006-يىلى چوڭچىڭ شەھىرىنىڭ پېڭشۇي ناھىيىسىدە يۈزبەرگەن. چىن جوڭفېي ئىسىملىك بىر دۆلەت مەمۇرى زامان ئىللەتلىرىنى قامچىلايدىغان بىر پارچە نەزمە يېزىپ، يانفۇن قىسقا ئۇچۇرى شەكلىدە تارقاتقانلىقى ئۈچۈن، يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن قاماققا ئېلىنىپ، كېيىن گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن. لىڭباۋدىكى يازما دېلوسى2009-يىلى خېنەننىڭ لىڭباۋ شەھىرىدە يۈز بەرگەن. ۋاڭ شۇەي ئىسىملىك بىر تورداش يۇرتىدىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ دېھقانلارنىڭ يېرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئېلىۋالغانلىق ئەھۋالىنى يېزىپ توردا يازما يوللىغانلىقى سەۋەبىدىن قاماققا ئېلىنىپ، كېيىن گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن. بۇ ئىككى دېلونى بەزىلەر پۇقرانڭ سۆز قىلىش ئەركىنلىكىگە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلوسى دەپ قاراشقان.) ئاۋام-پۇقرانىڭ كەڭ قورساق بولۇشى ئۇنىڭ ساپاسىغا باغلىق بولسا،  ھۆكۈمدارلارنىڭ كەڭ قورساق بولۇشى ئالىيجانابلىق بولۇپلا قالماستىن، ئەل ئۈچۈن ھاكىمىيەت تۇتۇشنىڭ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتنىڭ تەلىپىدۇر.

«خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلارمىز. كەمچىلىك-نوقسانىمىزنى كۆرسىتىپ تەنقىت قىلىشىدىن ئەندىشىمىز يوق». تەنقىت توغرا بولىشىمۇ، خاتا بولۇشىمۇ مۇمكىن، چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن پىكىرلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ياخشى نىيەتتە بولغان بولسىلا، قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلمىغان بولسىلا، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان سالمىغان بولسىلا، چوقۇم كەڭ قورساق بولماق زۆرۈردۇر. سوبيېكتىپ قىياسى بويىچە «قارشى مۇقام توۋلىدى» دەۋېلىشقا بولمايدۇ. بىلىش كېرەككى، كۆپ مەنبەلەشكەن بىر جەمئىيەتتە ئوخشاش بولمىغان سادا ۋە پىكىرلەرگە ھۆرمەت قىلىش ھەم ئاۋامنىڭ سۆز ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلغانلىق ھەم جەمئىيەتتىكى تەشۋىشلەرنى ئازايتىش، زىددىيەت-توقۇنۇشنى پەسەيتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ھىسابلىنىدۇ.

دانالار ئەلنى گۈللەندۈرۈشتە كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىدۇ. ئوخشاش بولمىغا سادا ۋە قارشى پىكىرلەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم بايلىق ھېسابلىنىدۇ. تەدبىر بەلگىلەشتە ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى ئاڭلاش زۆرۈر. ئوخشاش بولمىغان سادالارنىڭ چىقىشىغا يول قويغاندىلا، ھەر تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، توغرا ھۆكۈم چىقارغىلى، توغرا تەدبىر بەلگىلىگىلى بولىدۇ. ماۋزېدوڭ: «خەقنى گەپ قىلغىنى قويغانغا ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدۇ» دېگەن بولسا، دېڭ شياپىڭ: «بەس-بەستە سۆزلەش قورقۇنچلىق ئەمەس، قورقۇنچلىقى سۈكۈتتە تۇرىۋېلىشتۇر»، دېگەن. مەركەز رەھبەرلىرىمۇ «خەلقنىڭ ھۆكۈمەتنى تەنقىت ۋە نازارەت قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك» دەپ قايتا-قايتا تەكىتلىگەن.

گۈللىنىشنىڭ سىرى كۆپ مەنبەلىشىشتە. بىر جەمئىيەت تەرەققىي قىلغانسىرى، كۆپلىگەن خاسلىقنىڭ ئىپادىلىنىشىگە شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ھەرخىل پىكىرلەرنى بېرىكتۈرۈپ ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان سادالارغا كەڭ قورساق بولۇپ، پەرقنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا ئوخشاشلىقنى ئىزدىگەندە، جەمئىيەتتىكى قۇمدەك چېچىلاڭغۇلۇق تۈگەپ، ئىدىيە ئالماشتۇرۇش ۋە توقۇنۇش جەريانىدا تېخىمۇ ئۇيۇشۇش ۋە يۈكسىلىش بولىدۇ.

بۇ ماقالە «خەلق گېزىتى»نىڭ 2011-يىل 28- ئاپرېلدىكى سانىغا بېسىلغان.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەلبەھرە تورى ئۈچۈن نوشىرۋان

تور ئادرېسى:
http://opinion.people.com.cn/GB/14505701.html
ئەلبەھرە تورى
www.elbehre.com
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1437
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1437دانە
ئۆسۈش: 6990 %
مۇنبەر پۇلى: 19369 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-01-05

سۆزلەيمىز ،،يازىمىز ،،ئاڭلايمىز ،،،ئانچە مۇنچە خوش بوپ قالىمىز،،،لېكىن يەنىلا  كۈن پېتىۋاتىدۇ ،،ئاندىن تاڭ ئېتىۋاتىدۇ،،ئاندىن ھەممە ئىشلار بۇرۇنقىدەك،،،،،،،،،،،،،،،،ياق بۇرۇنقىدەك ئەمەس،،يىلدىن يىلغا ئۆزگىرىشلەر بار،،،
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 767
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە767دانە
ئۆسۈش: 2860 %
مۇنبەر پۇلى: 9642 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-01-05
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-14 23:28

بەك توغرا گەپكەن . بىراق ... يەنىلا دىققەت قىلىمىزدە . ئامال يوق ...بېز دىگەن بېز .
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دوستلىشىش
dulbarqin310
ئاللاھ خالىسا كۈلۈپ ياشايمەن.
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 889
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە889دانە
ئۆسۈش: 410 %
مۇنبەر پۇلى: 9283 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-01-05
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-15 17:42

كەڭ قۇرساق بولمايمۇ ئامال يوق ئەمدى.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دوستلىشىش
جەڭچى
没有共产党,没有新中国
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 982
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە982دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 10288 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-01-04
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-15 22:48

رەھمەت نۇشرۋان ئەپەندى ،،، تەلپىمنى يەردە قويماپ سىز ...بۇ تىمىنى نادىرلاشنى  تەۋسىيە قىلمەن.گۈلدەك تىما بوپتۇ بۇ.  
没有共产党,没有新中国