باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1231 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دىققەت! ساڭا ئاللاھ خىتاب قىلىۋاتىدۇ !
دوستلىشىش
ئىھتىيارلار
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9202
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 21
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە21دانە
ئۆسۈش: 200 %
مۇنبەر پۇلى: 342 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-08
ئاخىرقى: 2011-11-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-13 18:44

دىققەت! ساڭا ئاللاھ خىتاب قىلىۋاتىدۇ !

دىققەت!
ساڭا ئاللاھ خىتاب قىلىۋاتىدۇ !
ئاپتۇرى: مۇھەممەد ھەسسان
بۇ رىسالىدا :
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ كاتتا مۆجىزىلىرى
مانا بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەققى
خۇش بىشارەت ئال، چوقۇم نۇرغۇنى سەن بىلەن بىرگە !!
سەن ئەڭ ياخشىسى
ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ قىلىشتىن دىققەت قىل !!!
بۇ رىسالە:
قۇرئان بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرغانلارغا
قۇرئاننىڭ ھىدايىتى بىلەن ھەيرەتتىن قۇتۇلۇپ توغرا يول تاپقانلارغا
ۋەھيىگە ئاشىق مۇھەببەت پىدائىلىرىغا
مانا بۇ قۇرئاننىڭ ھەققى
بەلكى ئۇلار قۇرئان كەرىمگە قۇلاق سالغاندا ئۆزلىرىنى ئۇنتىغان ئىدى !!!
ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئاڭلاپ، قاتتىق تەسىرلىنىپ ئۆزلىرىنى ئۇنۇتقان ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىدا دەرھال سەجدىگە كەتكەنلىكىدىن تەئەججۇپلىنىش كەتمەيدۇ. بۇ ھەقتە ھەزرىتى ئىبنى ئابباس مۇنداق دەيدۇ: “ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈرە نەجمىنى ئۇقۇپ سەجدە قىلغاندا، ئۇ زات بىلەن بىرگە مۇسۇلمانلار، مۇشرىكلار ھەتتا جىنلارمۇ سەجدە قىلغان “ ( ئىمام بۇخارى رىۋايىتى )
بۇ ۋەقە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ بەشىنچى يىلى يۈز بەرگەن. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ھەرەمگە بارىدۇ، ھەرەمدە قۇرەيش ( كاتتىلىرى) ئۆز - ئارا سۆھبەتتە ئىكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدا سۈرە نەجمىنى باشلاپ، { قىيامەت يىقىنلاشتى. ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا كەشىپ قىلغۇچى (يەنى ئۇنىڭ ۋاقتىنى بىلگۈچى ياكى ئۇنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلغۇچى) يوقتۇر. ( ئى مۇشرىكلار جامائەسى! ) مەسخىرە قىلىپ بۇ قۇرئاندىن ئەجەپلىنەمسىلەر؟ . (ئۇنى ئاڭلىغان چاغدا ) كۈلەمسىلەر؟ يىغلىمامسىلەر؟. سىلەر غاپىلدۇرسىلەر. اللەغا سەجدە قىلىڭلار ۋە ( ئۇنىڭغا ) ئىبادەت قىلىڭلار. }، (سۈرە نەجم 57- 62- ئايەتلەر) دىگەن ئايەتلەر ئاخىرلاشقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا سەجدىگە باش قويىدۇ، بۇ مەيداندا بولغان پۈتۈن مۇشرىكلارمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تەڭ ئىختىيارسىز ھالدا سەجدىگە باش قويىدۇ، ئۇلار سەجدىدىن باش كۆتەرگەندە بۇ ئىشنى تەكەببۇرلىقى ۋە تەرسالىقىدىن ئىنكار قىلىشىدۇ، لىكىن ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ شانلىق ھەيۋىتى ئالدىدا ئۆزلىرىنى ئۇنۇتقان ھالدا سەجدە قىلىپ تاشلىغان.
قۇرئان كەرىمنىڭ ھەققى
قۇرئان كەرىمنىڭ پەزىلىتى باشقا ھەرقانداق سۆزگە نىسبەتەن، جانابى ئاللاھنىڭ ئۆز مەخلۇقلىرىغا بولغان پەزىلىتىگە ئوخشايدۇ. چۈنكى جانابى ئاللاھ بالاغەت، پەساھەت ۋە بايان قاتارلىق سۆز سەنئىتى ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا، بۈيۈك ئەدىپ ۋە ئالىملار ھەممىسى بىر ئارىغا كەلگەن تەقدىردىمۇ، قۇرئان كەرىمنىڭ پەزلىنى بايان قىلىشقا كۈچى يەتمەيدۇ. لىكىن بىز قۇرئان كەرىمنىڭ پەزىلىتىنى تۇنۇپ، قەدرىنى بىلىش مەجبۇرىيىتىمىزنى تۇرغۇزىۋىلىشىمىز ئۈچۈن، قۇرئان كەرىمنىڭ پەزىلەتلىرىگە پەرۋەردىگارىمىزنىڭ سۆزى ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىس شەرىپلىرى ئارقىلىق يىقىنلىشىشقا تىرىشىمىز.
قۇرئان كەرىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە نازىل بولۇشتا سەرلەۋھەلىك قىلىپ تاملارنى تام ۋە ئۆيلەرنى زىننەتلەشكە، ياكى شەخسى ماشىنىلارنىڭ ئارقىسىدا قويۇپ قويۇشقا ياكى كۆز مونچاق قىلىپ بويۇنلىرىغا ئىسىۋىلىشقا، ياكى رامىزاندا بىر قىتىم، ئىككى قىتىم، ئۈچ قىتىم خەتم قىلىپ، رامىزاندىن كىيىن تەكچىگە ئىلىپ قويۇپ تۇپا ئاستىدا پەرۋەردىگارىغا شىكايەت قىلىشقا نازىل قىلىنمىغان. قۇرئان كەرىمگە ئەقىل كۆزىمىز بىلەن ئاللاھنىڭ كالامى بويىچە نەزەر قىلىدىغان بولساق ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىمنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدە ساناپ بولغىلى بولمايدىغان ھەققى بارلىقىنى ھىس قىلىمىز. قۇرئان كەرىم شۇنداق بىر ھىدايەت نۇرىكى، بىزنى توغرا يولغا باشلاپ، قاراڭغۇ زۇلمەتتىن نۇرغا چىقاردى، شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرىگە تولۇق رىئايە قىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.
1 . قۇرئانغا ئەگىشىش ۋە ئۇنۇڭغا ئەمەل قىلىش :
جانابى ئاللاھ بىزنى قۇرئان كەرىمگە ئەگىشىشنى ئەمر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: { ( ئى ئىنسانلار! ) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ( يەنى قۇرئانغا ) ئەگىشىڭلار،اللھ نى قويۇپ, ( جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان ، سىلەرنى ئازدۇرىدىغان ) دوستلارغا ئەگەشمەڭلار،سىلەر ۋەز-نەسىھەتنى ئاز قوبۇل قىلىسىلەر } ( سۈرە ئەراپ 3 - ئايەت )
يەنە جانابى ئاللاھ سۈرە زۇمەر 55 - ئايەتتە مۇندق دەيدۇ: { سىلەر تۇيمىغان ھالەتتە سىلەرگە ئازابنىڭ ئۇشتۇمتۇت كىلىشىدىن ئىلگىرى سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەل قۇرئانغا ئەگىشىڭلار }. شۇنىڭدەك جانابى ئاللاھنىڭ: { بىز ئاتا قىلغان كىتابنى تىگىشلىك رەۋىشتە ئوقۇيدىغانلار بار، ئەنە شۇلار ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ.كىملەركى كىتابنى(يەنى قۇرئاننى)ئىنكار قىلىدىكەن،ئۇلار زىيان تارتقۈچىلاردۇر ( سۈرە بەقەر 21 ـ ئايەت ) دىگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: “ يەنى ئۇ قۇرئان كەرىمگە تىگىشلىك رەۋىشتە ئەگىشىدۇ “ .
جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدىن يۈز ئۆرۈشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ مۇنداق دىيدۇ: { ( ئى مۇھەممەد! ) ساڭا ئۆز تەرىپىمىزدىن قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق. كىمكى قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى ( چوڭ گۇناھتىن ) ئىغىر يۈك يۈكلىنىدۇ. ( ئۇ گۇناھى ئۈچۈن بىرىلگەن ئازابنى مەڭگۈ تارتىدۇ ) قىيامەت كۈنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن بۇ يۈك نىمىدىگەن يامان!﴿ سۈرە تاھا 99، 100 ، 101 - ئايەتلەر ). يەنە بىر ئايەتتە قۇرئان كەرىمدىن يۈز ئۆرۈش ئەڭ قاتتىق زۇلۇم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: { پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن پەند- نەسىھەت قىلىنغان، ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى ئۇنتۇغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قۇرئاننى چۈشىنىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان پەردىلەرنى تارتتۇق، قۇلاقلىرىنى ئىغىر قىلدۇق، ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار ھەرگىز ھىدايەت تاپمايدۇ ( يەنى ئۇلارنى ئىمانغا، قۇرئانغا دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار دەۋىتىڭنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ}، ( سۈرە كەھف 57 - ئايەت ).
2 ـ مەنە ۋە مەزمۇنىنى مۇلاھىزە قىلىپ يىقىملىق ئاۋاز بىلەن قائىدىلىك ئوقۇش:
جانابى ئاللاھ ئۆز پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قۇرئان كەرىمنى قائىدىلىك تەرتىپلىك ئوقۇشقا بۇيرۇپ مۇنداق دىگەن: { قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە-دانە، ئوچۇق) ئوقـۇغىن} ( سۈرە مۇززەممىل 4 - ئايەت ). شۇنىڭدەك ھەزرىتى ئەبى ئۇمامەتىل باھىلى مۇنداق دەيدۇ: “ مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ “ قۇرئاننى ئوقۇڭلار، چۈنكى ئۇ قىيامەت كۈنى ئۆز ئىگىسىگە شاپائەتچى بولۇپ كىلىدۇدىگەنلىكىنى ئاڭلىغان (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى ). ھەزرىتى ئىبنى ئابباس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: “ قوسىقىدا قۇرئان كەرىمدىن ھىچ بىر نەرسە يوق ئادەم خاراب بولغان ئۆيگە ئوخشايدۇ “ دىگەنلىكىنى ئىيتىدۇ ( ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى ). جانابى ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: { ( بۇ ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز-نەسىھەت ئىلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر ( سۈرە سات 29 ).
جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى مۇلاھىزە قىلىشتىن يۈز ئۆرىگەنلەرنى سۈكەپ يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: { ئۇلار ( ھەقنى تونۇش ئۈچۈن) قۇرئاننى پىكىر قىلمامدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار ( شۇڭا ئۇلار چۈشەنمەيدۇ )، (سۈرە مۇھەممەد 24 - ئايەت ).
3 ـ قۇرئاننى ( ئوقۇپ تۇرۇش بىلەن ئۇنىڭغا ) ۋاپا قىلىش ( تاشلاپ قويۇپ ) جاپا قىلماسلىق:
ھەزرىتى ئەبى مۇسا ئەشئەرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: “ قۇرئاننى ئوقۇپ تۇرۇش، ھورۇنلۇقتىن تاشلاپ قويماسلىقتىن ئىبارەت ئەھدىڭلارنى يىڭىلاپ تۇرۇڭلار! مىنىڭ جىنىم قولىدا بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، قۇرئاننىڭ ( ئادەمنىڭ زىھنىدىن) قىچىشى باغلاغلىق تۆگىنىڭ قىچىشىدىنمۇ ئىشىپ چۈشىدۇ ( يەنى قۇرئاننى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇڭلار، ھورۇنلۇقتىن تاشلاپ قويماڭلار، ئەگەر ئوقۇماي تاشلاپ قويساڭلار تىزلا ئۇنتۇپ كىتىسىلەر ) “ (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى )
ئىبنى ئۇمەردىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: “ چوقۇمكى، قۇرئان ئىگىسىنىڭ مىسالى باغلاغلىق تۆگىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ، ( ئۇنى ئۇقۇپ تۇرۇش بىلەن كۆڭۈل بۆلسە تۇتۇپ قالالايدۇ، ( بىغەرەزلىك قىلىپ ئوقۇماي ) قويىۋەتسە كىتىپ قالىدۇ. ( ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى )
يەنە ئەنەس ئىبنى مالىكتىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىس شەرىپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: “ ئۇممىتىمنىڭ (قىلغان ياخشى ئىش - ئەمىلى ) ھەتتاكى بىر ئادەمنىڭ مەسجىددىن چىقىرىۋاتقان چاڭ - توزانغا چاغلىق ( ياخشى ئىشلىرنىڭ ) مۇكاپاتى ماڭا توغرا قىلىندى( يەنى كۆرسىتىلدى)، شۇنىڭدەك ئۇممىتىمنىڭ ( قىلغان يامان ئىشلىرىنىڭ ) گۇناھىمۇ توغرا قىلىندى، ( ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ ئىچىدە ) قۇرئاننىڭ بىرەر سۈرىسى ياكى بىرەر ئايىتى بىرىلىپ ( يەنى ياد ئىلىپ ) ئاندىن ئۇنتۇپ قالغان ئادەمنىڭ گۇناھىدىن چوڭ گۇناھ كۆرمىدىم “ ( ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى )
4 . قۇرئاننى ھۆرمەتلەپ ئۇلۇغلاش :
قۇرئاننى ھۆرمەتلەش ھەققىدە جانابى ئاللاھ مۇنداق دىگەن: { ئىش مانا شۇنداق، كىمكى دىنىي ئىشلارنى (جۈملىدىن قۇرئان كەرىمنى ) ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ، دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر}، ( سۈرە ھەج 32 - ئايەت ). شۇنىڭدەك جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىم ئوقۇلغاندا ئۇنىڭغا قۇلاق سىلىپ شۇك تۇرۇشقا بۇيرۇپ مۇنداق دىگەن: { ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغانچاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە جىم تۇرۇڭلار ( يەنى سۆز قىلماڭلار ) ( سۈرە ئەراپ 204 - ئايەت ).
شۇنىڭدەك قۇرئان كەرىمنى يادىلىغان كىشىلەرنىڭ قۇرئان كەرىمگە بولغان ئىھتىرامىنى ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد مۇنداق بايان قىلغان: “ قۇرئاننى كۆتەرگىچى ( يەنى يادلىغۇچى) باشقىلار ئۇخلاۋاتقان كىچىدە ( قۇرئان ئۇقۇش بىلەن) ، باشقىلار رۇزا تۇتمايدىغان كۆندۇزدە ( رۇزا تۇتۇش بىلەن )، باشقىلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغلاردا ئۆز قايغۇسى بىلەن، باشقىلار كۈلىۋاتقان چاغدا ئۆز يىغىسى بىلەن، باشقىلار ( ئەھمىيەتسىز قۇرۇق پاراڭغا ) چۆمۈپ كەتكەندە شۇك تۇرۇش بىلەن، باشقىلار چوڭچىلىق قىلىپ ھاكاۋۇرلۇقتىن كۆرەڭلەپ كەتكەندە بىشىنى ئىگىپ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەتتە بولۇش بىلەن تونۇلىشى لازىم ”.
پۇزەيل ئىبنى ئىياز مۇنداق دەيدۇ: “ قۇرئاننى كۆتەرگۈچىلەر ( يەنى ياد ئالغۇچىلار ) ئىسلام بايرىقىنى كۆتەرگۈچىلەردۇر“.
شۇنىڭدەك قۇرئان كەرىمنى ياد ئالغۇچىلارنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: “ ئاللاھ تائالا، ئىسلام ئۈستىدە ياشىنىپ، قۇرئانغاچىكىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىك ۋە بىخەستەلىك قىلماسلىقتىن ئىبارەت- ئۆز ھەققىنى بەرگەن كىشىگە ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىدۇ “ ، بۇخارى رىۋايىتى.
بۇنىڭ ھەممىسىدىن شۇنى كۆرىۋىلىش تەس ئەمەسكى، ئاللاھنىڭ كىتابىغا كۆزلىرىمىز بىلەن قاراپ خۇشاللىنىش، قەلبىمىز بىلەن چۈشىنىپ پايدىلىنىپ مەنپەئەتلىنىشىمىز ئۈچۈن ھەر بىرىمىز كۈندىلىك ئوقۇپ تۇرىدىغان نىسىۋىمىز بولىشى لازىم.
بىشارەت ئال! چۈنكى سەن بىلەن نۇرغۇن (ياخشلىق) بار
بەزى كىشىلەر قۇرئان كەرىمنى ئاڭلاپ تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتسىمۇ، لىكىن ئۇنى ئوقۇشنى قەتئى بىلمەيدۇ، “ ھاياتىم بويى قۇرئان ئوقۇپ باقمىدىم، قانداق قىلسام بولا ؟ “ دەپ ھەسرەتتىن ئەلەم چىكىدۇ. بۇنداق كىشىلەرگە بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇغان كىشىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈچتەن بىر قىسمىنى ئوقۇغان بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزى بىلەن بىشارەت بىرىمىز. چۈنكى ھەرقانداق ئادەم بۇ سۈرىنى ئاسانلا ياد ئالالايدۇ. سىز بۇ سۈرىنى قايتا قايتا ئوقىسىڭىز نۇرغۇن ئەجرىگە ئىرىشەلەيسىز. قايسى ۋاقىت ۋە قايسى ئورۇن بولۇشتىن قەتئى نەزەر سىز بۇ سۈرىنى ئوقۇشقا سەل قارىماڭ، شۇنداق قىلسىڭىز سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان سۆزلەر بىلەن تىلىڭىزنى ھەرىكەتلەندۈرگەن بولىسىز، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ بەدەنلىرىڭىز تىترەيدۇ، رەھمىتىدىن ئۈمىتۋار بولۇپ دىللىرىڭىز يۇمشاپ ئارام تاپىدۇ. بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ مۇنداق دىگەن:{ئاللاھ سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى نازىل قىلدى. ( پاساھەتتە، بالاغەتتە ) ئۇنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئوخشاپ كىتىدۇ، ( ۋەز- نەسىھەتلەر، ئەھكاملار، قىسسىلەر ئۇنىڭدا ) تەكرارلىنىدۇ، (قۇرئاندىكى ئازاب ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا ) پەرۋەردىگارىدىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرى تىترەيدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ زىكرى ئۈچۈن ( يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى، مەغپىرىتىگە دائىر ئايەتلەر تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا )، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ۋە دىللىرى يۇمشاپ ( ئارام تاپىدۇ )، ئەنە شۇ ( يەنى قۇرئان ) ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇركى، ئۇنىڭ بىلەن ( ئاللاھ ) خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمگە ھىچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ } ( سۈرە زۇمەر 23 ئايەت ).
يەنە جانابى ئاللاھ : { بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئىرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بىرىدۇ }، ﴿ سۈرە بەنى ئىسرائىل 9 - ئايەت ).
سەن بۇ كىتاپنى ئاشۇ بۈيۈك ئەجر ۋە مۇكاپاتلارغا تەلپۈنگەن، شاپائىتىنى ئۈمىت قىلغان ھالدا ئوقۇغىن. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: “ رۇزا بىلەن قۇرئان قىيامەت كۈنى ئۆز ئىگىسىگە شاپائەتتە بولىدۇ. رۇزا: “ ئى پەرۋەردىگارىم! مەن ئۇنى كۈندىزى يىمەك - ئىچمەكتىن توستۇم، مىنى ئۇنىڭغا شاپائەتچى قىلغىن دەيدۇ، قۇرئان: ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇنى كىچىسى ئۇيقىدىن قويدۇم، مىنى ئۇنىڭغا شاپائەتچى قىلغىن دەيدۇ، ئاندىن ئۇ ئىككىسى شاپائەت قىلىدۇ دىگەن “ ( ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى ).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە دايىم قۇرئاننىڭ شاپائىتىنى تىلەپ تۇرىشىمىزغا بۇيرۇپ مۇنداق دىگەن: “ قۇرئاننى ( دائىم ) ئوقۇپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇ ئۆز ئىگىسىگە قىيامەت كۈنى شاپائەتچى بولۇپ كىلىدۇ “ ( ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ بىر ھەدىسىدا ئۆز ئۈممەتلىرىنى باشقىلارغا ھەسەد قىلىشتىن توسقان، پەقەت ئىككى نەرسىدە ھەسەد قىلسا بولىدىغانلىقى توغرىسا خەبەر بەرگەن“ بىرى جانابى ئاللاھ قۇرئاننى بىرىپ، كىچە كۈندۇز قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن بولغان كىشى، يەنە بىرى، جانابى ئاللاھ مال ئاتا قىلىپ، كىچە كۈندۇز ( ئاللاھ يولىدا ) خەجلىگەن كىشى. مانا بۇ ئىككى كىشىگە ھەسەد قىلسا بولىدۇ“. بۇ يەردىكى ھەسەتتىن مەقسەت، ئۇ كىشىنىڭ مىلىغا ھەسەد قىلىپ زايا بولۇپ كىتىشىنى تەلەپ قىلىش ئەمەس، بەلكى ماڭىمۇ جانابى ئاللاھ مال - دۇنيا بەرسىكەن، ئاللاھ يولىدا ئاشۇ ئادەمدەك خەجلىسەمكەن دەپ ئۈمىتتە بولۇشتىن ئىبارەت. ئەمما شەرىئەتتە چەكلەنگەن ھەسەد قىرىندىشىڭنىڭ مال دۇنياسى تۈگىشەپ ئۇنىڭ ئورنىغا سىنىڭ مىلىڭنىڭ كۆپىيىشىنى تەلەپ قىلىش.
قۇرئان ئوقۇغۇچىلار ياخشىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى
بۇ ئۈممەت ئۇممەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى، شۇنداقلا ئۇممەتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى. بۇ ئۇممەتنىڭ ئىچىدىن يەنە ئەڭ ياخشىسى ۋە ئەۋزىلى قۇرئان ئوقۇچىلاردۇر. بۇ ھەقتە ھەزرىتى ئوسماندىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: “ سىلەرنىڭ ياخشىڭلار قۇرئاننى ئۈگەنگەن ۋە ئۈگەتكىچىلەردۇر “ ( ئىمام بۇخارى رىۋايىتى ). شۇنىڭدەك يەنە بىر ھەدىستە دائىم قۇرئان ئوقۇپ تۇرغۇچىلارنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۈستۈن بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ ھەقتە ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاستىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: “ قىيامەت كۇنى، ( دۇنيادا ) قۇرئان ئوقۇغۇچىلارغا، ئوقۇغىن ۋە ( جەننەتنىڭ دەرىجىسىدە ) ئۆرلىگىن، دۇنيادا ( قۇرئاننى ) قائىدىسى بويىچە تىلاۋەت قىلغاندەك تىلاۋەت قىلغىن، چۈنكى سىنىڭ ( جەننەتتىكى ) ئورنۇڭ سەن ئوقىغان ئەڭ ئاخىرقى ئايەتتە توختايدۇ، ( يەنى قانچىلىك كۆپ ئوقىساڭ جەننەتتىكى دەرىجەڭ شۇنچىلىك ئۈستۈن بولىدۇ ). ( ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى ).
دۇدۇقلايدۇ ئىككى ئەجرى ئالىدۇ
بەزىلەر بۇ بىشارەتتىن خۇشاللانسىمۇ يەنە قەلبىنىڭ بىر يىرىدە قانداق قىلسام بولا؟ بىرەر ئايەتنىمۇ تۈزۈكرەك توغرا ئوقىيالمىسام، ئوقىغاندىمۇ ناھايىتى مۇشەققەت بىلەن تەس ئوقۇيمەن دەپ ھەسرەت چىكىدۇ. بىز بۇلارغا ھەزرىتى ئائىشىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىسى بىلەن بىشارەت بىرىمىز. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: “ قۇرئاننى ياخشى ئوقىيالايدىغانلار ياخشى مۇكەررەم ئەلچىلەر ( يەنى مۇكەررەم پەرىشتىلەر ) بىلەن بىرگە بولىدۇ، كىكەچلەپ تەس ئوقۇيدىغانلار ئىككى ئەجرى ئالىدۇ “ ( ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى ) شەكسىزكى پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە بولىدىغانلارنىڭ ئورنى ئۈستۈن بولىدۇ، لىكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئاننى تەس ئوقۇيالايدىغانلارغا ئوقۇغانلىق ئەجرى ۋە قىينالغانلىق ئەجرى بىرىلىدىغانلىقى بىلەن بىشارەت بەرمەكتە.
ئۇنداق بولغان ئىكەن بىز بۇ كىتاپ يەنى قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشقا سەل قاراپ ئۇنىڭ بۈيۈك ئەجرىدىن مەھرۇم قالماسلىقىمىز لازىم، مەيلى بىز بۇ مۇكەررەم پىرىشتىلەر بىلەن بىرگە بولايلى ياكى ئىككى ئەجرى ئالىدىغانلاردىن بولايلى ھەر زامان قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن بولۇشقا تىرىشىشىمىز لازىم.
قۇرئاننى تاشلاپ ئوقۇيدىغانلاردىن بولۇپ قىلىشتىن ھەزەر قىلغىن
بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: {پەيغەمبەر ئىيتتى:« ئى پەرۋەردىگارىم! شۈبھىسىزكى، مىنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى » ( سۈرە پۇرقان30 ـ ئايەت).
بۇ ئايەتتە جانابى ئاللاھ بىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئاننى تاشلاپ قويغۇچىلار ئۈستىدىن پەرۋەردىگارىغا شىكايەتتە بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بىرىدۇ.
1 . قۇرئاننى تاشلاپ قويۇش بىرقانچە خىل بولىدۇ: قۇرئاننى ئوقۇپ تۇرۇشنى تاشلاپ قويۇش. قۇرئان تىلاۋىتىگە ئالاقىدار سۆزىمىز باشتا ئۆتتى.
2. ئاڭلاشنى تاشلاش، قۇرئان ئوقۇلغاندا دىققەت قىلماسلىق، شۇك تۇرۇپ ئاڭلىماسلىق. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دىيىلىدۇ: {ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىرىشىشىڭلار ئۈچۈن،قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا،ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە جىم تۇرۇڭلار ( يەنى سۆز قىلماڭلار ) ( سۈرە ئەئراپ 204 - ئايەت ) بۇ ئايەتتىكىرەھمەت “ سۆزى قۇرئاننى پەقەت ئاڭلاپ قويۇشقا ئالاقىدار بولماستىن، بەلكى ئاڭلاش بىلەن بىرگە شۇك تۇرۇشقا ئەمرى قىلىنماقتا. بۇ، قۇرئان ئوقۇلغاندا ھەرقانداق ئىش - ھەرىكەتنى توختۇتۇپ قۇرئانغا قۇلاق سىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
3 . قۇرئانغا ئەمەل قىلىشنى تاشلاش:
مانا بۇ ئەڭ خەتەرلىك ئامىل. چۈنكى ئۆتكەنكى بۇ ئۇممەت جانابى ئاللاھنىڭ: { ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر – ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن، ھىچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ), كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ } ( سۈرە ئەھزاپ 36 - ئايەت ) دىگەن ئايەتنىڭ تەقەززاسىغا تولۇق ئەمەل قىلىپ، { ئۇلار: « بىز ( دەۋىتىڭنى ) ئاڭلىدۇق ۋە ( ئەمرىڭگە ) ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز ,مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر يانىدىغان جايىمىز سىنىڭ دەرگاھىڭدۇر» دەيدۇ }، ( سۈرە بەقەر 285 - ئايەت ) دىيىش بىلەن، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى بىجاندىل ئادا قىلىش، توسقانلىرىدىن قەتئى يىنىش بىلەن قۇرئان كەرىمگە تولۇق ئەمەل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تۆگە، قوي باقىدىغان پادىچى ئەۋلادلىرىنى پۈتۈن ئۇممەتكە يىتەكچى ۋە رەھبەر قىلىپ ئۆزگەرتكەن.
ھەقىقەتەن بۇ قۇرئان بۇ ئۇممەتنىڭ ھىدايەت تىپىپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخىت سائادىتكە ئىرىشىشى، قەلبىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئەقلىنى يۇرۇتۇپ ئەڭ توغرا يولنى تىپىشى ئۇچۈن نازىل قىلىنغان. بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ مۇنداق دىگەن: {بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئىرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بىرىدۇ، ( يەنە مۆمىنلەرگە خۇش خەۋەر بىرىدۇكى ) ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق }، ( سۈرە بەنى ئىسرائىل 9 - 10 - ئايەت). شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنى قەتئى بىلىشىمىز لازىمكى، بۇ ئۇممەتنىڭ سائادىتى ۋە كارامىتى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ مەڭگۈلىك دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىمگە ئايەتمۇ ئايەت ئىسىلىپ، ھۆكۈم ۋە ئەمىر - پەرمانلىرىغا مۇتلەق بوي سۇنۇپ، ئىلگىرى ئۆتكەن ياخشىلارنىڭ : { ( دەۋىتىڭنى ) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە ) ئىتائەت قىلدۇق } ( سۈرە بەقەر 285 - ئايەت ) دىگەن سۆزلىرىگە بىجاندىل ئىسىلغان ھالدا پەرۋەردىگارىغا بولغان مۇھەببىتىنى ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە ئىپادىلەپ، پەرۋەردىگارىدىن رازى بولغان ھالدا قۇرئانغا ھەقىقى شەكىلدە قايتىش بىلەن بولىدۇ.
گەپ- سۆز، ئىش ھەرىكەتنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ
نەۋۋاس ئىبنى سەمئاندىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: “ قىيامەت كۈنى قۇرئان ۋە قۇرئانغا دۇنيادا ئەمل قىلغانلار بىرگە كەلتۈرلىدۇ، سۈرە بەقەر بىلەن سۈرە ئال ئىمران خۇددى بۇلۇتتەك ئۆز ئىگىسىنىق ئالدىدا بىرىپ داۋالىشىدۇ ( يەنى ئۆز ئىگىسىگە پەرۋەردىگارىدىن شاپائەت تەلەپ قىلىدۇ ) “ ( ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى ).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەزكۇر ھەدىستىكى “ دۇنيادا قۇرئانغا ئەمەل قىلغانلار “ دىگەن سۆزىنى مۇلاھىزە قىلىدىغان بولساق، قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغۇچىلار ئۈچۈن قۇرئان كەرىم قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارى ئالدىدا شاپائەتچى بولىدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ قىلىشتىن ھەزەر قىل!
بەلكى بۇنىڭدىن قاتتىقراق بىر شەكىلدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، قۇرئاننىڭ ئىلمىگە ئەمەل قىلمىغان، ياكى ئەمەل قىلغاندىمۇ ئاللاھ رازىلىقى ئۇچۈن بولمىغان كىشىنىڭ ئىلمى قۇبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ھەزرىتى ئەبى ھۇرەيرىدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق دىگەن: “ قىيامەت كۈنى ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەۋۋىلى شىھىد قىلىنغان بىر ئادەم بولۇپ، ( ئۇ سوت مەيدانىغا ) كەلتۈرلىدۇ، ئاندىن (پەرۋەردىگارى ) ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ نىمەتلىرىنى تۇنىتىدۇ، ئاندىن ئۇ ( پەرۋەردىگارىنىڭ ) نىمەتلىرىنى ئىتىراپ قىلىدۇ، ئاندىن پەرۋەردىگارى ئۇنىڭدىن ئۇ نىمەتلەرنى نىمىگە ئىشلەتكەنلىكە ھەققىدە سورايدۇ، ئۇ سىنىڭ يولىڭدا شىھىد بولغانغا قەدەر ئۇرۇشتۇم دەيدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا يالغان ئىيتتىڭ، لىكىن سەن ( دۇنيادا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ) باتۇر - جەسۇركەن دىيىلسۇن دەپ ئۇرۇشتۇڭ، ھەقىقەتەن ( دۇنيادا ) شۇنداق دىيلىپ بولدى، ئاندىن ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، يۈزىچە سۆرەپ ئاپىرىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. ( دۇنيادا ) ئىلىم ئۈگەنگەن، ئۈگەتكەن، قۇرئان ئوقۇغان بىر ئادەم بولۇپ، ( ئۇ سوت مەيدانىغا ) كەلتۈرلىدۇ، ئاندىن (پەرۋەردىگارى ) ئۇنىڭغا بىرىلگەن نىمەتلەرنى تۇنىتىدۇ، ئاندىن ئۇ ( پەرۋەردىگارىنىڭ ) نىمىتىنى ئىتىراپ قىلىدۇ، ئاندىن ( پەرۋەردىگارى ) ئۇ نىمەتنى نىمىگە ئىشلەتكەنىلى ھەققىدە سۈرۈشتە قىلىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلىم ئۈگۈنۈپ ئۈگەتكەنلىكىنى ۋە پەرۋەردىگارى ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇغانلىقىنى ئىيتىدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا يالغان ئىيتتىڭ، لىكىن سەن ( دۇنيادا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ) ئالىمكەن دىيىلسۇن دەپ ئۈگەندىڭ، قۇرئاننى قارىكەن دىيىلسۇن دەپ ئوقۇدۇڭ، ھەقىقەتەن (دۇنيادا ) شۇنداق دىيىلدى، ئاندىن ئۇنىڭ ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىلىپ يۈزىچە سۆرەپ ئاپىرىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. ( دۇنيادا ) جانابى ئاللاھ كەڭرىچىلىك بىرىپ ھەر خىل مال ئاتا قىلغان بىر ئادەم بولۇپ، ( ئۇ قىيامەت كۈنى سوت مەيدانىغا ) كەلتۈرلىدۇ، ئاندىن ( پەرۋەردىگارى ) ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ( ئاتا قىلغان ) نىمەتلىرىنى تۇنىتىدۇ، ئاندىن ئۇ ( پەرۋەردىگارىنىڭ ) نىمەتلىرىنى ئىتىراپ قىلىدۇ، ئارقىدىن پەرۋەردىگارى ئۇنىڭدىن ئۇ نىمەتلەرنى نىمىگە ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە سورايدۇ، سەن ئىنپاق قىلىنىشنى ياخشى كۆرگەن بىر يولنىمۇ تاشلاپ قويماي ھەممىسىگە سەن ئۈچۈن ئىنپاق قىلدىم دەيدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا يالغان ئىيتتىڭ، لىكىن سەن ئۇنى ( دۇنيادا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ) ئىنتايىن سىخى كىشىكەن دىيىلسۇن دەپ قىلدىڭ، ھەقىقەتەن ( دۇنيادا ) شۇنداق دىيىلدى، ئاندىن ئۇنىڭ ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىلىپ يۈزىچە سۆرەپ ئاپىرىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. ( ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى ).
مەزكۇر كىشىلەرنىڭ جىھادى، ئۆگەنگەن ۋە ئۈگەتكەن ئىلمى ۋە قىلغان سەدىقىسى ئاللاھ ئۈچۈن بولمىغان. بەلكى كىشىلەر ئالدىدا ئابرويغا ئىرىشىش ئۈچۈن بولغان. شۇ جەھەتتىن ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى ئۇلارنى جەننەتكە ئەمەس، ئەكسىچە يۈزىچە دوزاخقا تاشلىنىشقا سەۋەپ بولغان.
خاتىمە
قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەققىنى بىلىشىمىز كىرەك. ھەم شۇنى قەتئى بىلىشىمىز كىرەككى، ھەقىقەتەن بۇ قۇرئان كەرىم قەبرزارلىقتا ئوقۇلۇشقا چۈشۈرۈلمىگەندەك، سەرلەۋھەلىك قىلىپ تاملارنى ۋە ئۆيلەرنى زىننەتلەشكە، ياكى شەخسى ماشىنىلارنىڭ ئارقىسىدا قويۇپ قويۇشقا ياكى كۆز مونچاق قىلىپ بويۇنلىرىغا ئىسىۋىلىشقا چۈشۈرۈلمىگەن، شۇنىڭدەك ئۇنى تاشلاپ قويۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرۋەردىگارىغا شىكايەتتە بولۇشى ئۈچۈنمۇ چۈشۈرۈلمىگەن. بەلكى ئەمەلى ھاياتىمىزغا تەتبىقلىشىمىز ئۈچۈن نازىل قىلىنغان.
بىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخىت - سائادىتىمىز پەقەت بۇ ئىلاھى دەستۇرىمىزغا تەكرار قايتىشىمىز بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ شۇنداق مەڭگۈلۈك بىر ئىلاھى دەستۇركى، خارلىقتىن ئىزىزلىققا، تەقلىدچىلىكتىن كەشپىياتچى بولۇپ يىتىشكەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ ھەقىقى ئاۋانگارت ئەۋلادلىرى بولىشىمىز ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بەخشەندە قىلىنىغان مۇبارەك دەستۇرىمىزدۇر.
ئاخىرقى سۆزۈمنى جانابى ئاللاھنىڭ {ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئاخىرى: “ جىمى ھەمدۇ ـ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر “ دىيىشتىن ئىبارەت “ ( سۈرە يۇنۇس 10 ـ ئايەتنىڭ بىر قىسمى ) دىگەن مۇبارەك سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن.
 
 مەنبە:ئۆگىنىش ئىسلام مەركىزى
ئۆلۈمنى ئويلا ! قەبرىنى ئويلا! دوۋزاخنى ئويلا!!!!!
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1766
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 963
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە963دانە
ئۆسۈش: 400 %
مۇنبەر پۇلى: 10125 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-03-29

كۆرۈپ بۇلالماي قالدىم ياخشى تېما كەن .ساقلاپ قۇيۇپ ئالدىرماي كۆرەي .مۇشۇنداق تېما بولسا يولاپ تۇرۇڭ .ئاشۇ ئازغان مەندەك ھەم باشقا ياشلىرىمىزنى ئالاھ ھىدايەت قىلغاي!
يىڭلمەس ئىرادە.
دوستلىشىش
ئىزباسار
ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 400
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە400دانە
ئۆسۈش: 810 %
مۇنبەر پۇلى: 4665 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2012-03-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-13 23:22

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
تىما ئىگىسى قېرىندىشىم: سىزنىڭ دىننىي بىلىملەرنى تارقىتىش ئۈچۈن تىنغان ھەر-بىر تىنىقىڭىزغىمۇ ئاللاھ ئەجىر بىرىدۇ. سىزدە پەقەت خالىسلىق بولسىلا...
سىزگە تەكلىپ بىرەي ئازراق...
رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ساھابىلەرنى چارچىتىپ قويماسلىق،زىرىكتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن تەبلىقنى ئاز،مېغىزلىق قىلاتتى. ساھابىلەرمۇ ھەم كىيىنكىلەرگە شۇنداق قىلغان.
شۇڭا مىنىڭمۇ سىزگە ئازراققىنە نەسىھىتىم مۇشۇنداق ئۇزۇن تىمىلارنى بىرلا تىمغا قىلىپ يوللىماي ئايرىم-ئايرىم قىلىپ ھەر بىر يوللىغىنىڭىزغا باشقىچە ماۋزۇ قۇيۇپ يوللاڭ. شۇندىلا پايدىسى كۈرنەرلىك بۇلىدۇ. راستىمنى ئېيتسام مەنمۇ بۇ تىمىنى ئوقۇپ بۇلالمىدىم.
رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئۆزىنىڭ مۇبارەك ھەدىسلىرىدە «سىلەر كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلىدە بۇلۇڭلار،ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇڭلار قىيىنلاشتۇرماڭلا،كىشىلەرگە خۇش بىشارەت بىرىڭلار ھۈركىتىپ قويماڭلار. ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىدىن بۇلۇڭلار» دىگەن...
ئاللاھتىن قورقمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل....
دوستلىشىش
muslima32
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 627
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە627دانە
ئۆسۈش: 760 %
مۇنبەر پۇلى: 6913 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-03-25
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-14 02:26

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ،مىنىڭ پىكرىممۇ ئىز باسار قېرىندىشىمىزنىڭ پىكرىگە ئوخشاش،
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9110
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 86
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە86دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 745 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 100 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-30
ئاخىرقى: 2012-03-19
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-14 18:15

2-قەۋەت (ئىزباسار) نىڭ يازمىسىغا

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، مىنىڭ پىكرىممۇ سىزنىڭكىگە ئوخشاش. ئاللا رەھمەت قىلسۇن! قېرىندىشىم
ئاڭلىغانلىكى نەرسىنى سۆزلەپ يۈرۈشنىڭ ئۆزىلا يالغانچىلىقتۇر!
ئىنسان ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8864
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 74
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە74دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 771 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2012-03-28
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-14 20:28

ئەسسالامۇئەلەيكۇم!!  ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!!
شۇنداق ياخشى تېما يوللاپسىز. تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. ئاللاھ بىزنى سۆزىنى ئاڭلىغۇچىلار ۋە ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن قىلسۇن! قۇرئان بىلەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ھاياتىمىز خەيرىلىك بولسۇن! ئامىين!  
ئى مۆمىنلەر! سەۋر ئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار.
اللە سْــــــــــــــــــــــمِاﷲِارَّحْمَنِ& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9222
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 180
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە180دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1884 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-10
ئاخىرقى: 2012-03-28
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 20:48

رە خمەت    ياخشى تىمىكەن  ساقلىۋىلىپ كىيىن كورەمەن