ئاجىزلىق، بوشاڭلىق ۋە تەلىم - تەربىيە ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەر
سوئال :
ئىتىقادلىق مۇسۇلمان ياشلىرىدا ، ئىبادەت تەلىم - تەربىيە ۋە ئىرادە جەھەتلەردە چىكىنىش، قاتتىق ئاجىزلىق ۋە بوشاڭلىق ئەھۋاللىرى يۈز بىرۋاتىدۇ، ئۇلاردىكى بۇ خىل ئەھۋاللارنى تۇگتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملىك چارىسى نىمە ؟
مەسلەتچىلەر گوررۇپىسى :
جاۋاپ :
مەسلەھەتچىلەر گۇرۇپىسىدىن دوكتۇر مۇھەممەد مەنسۇر مۇنداق دەيدۇ : ئىبادەت تەلىم - تەربىيە ساھاسىدىكى كەمتۇكلىك ۋە ئىرادسىزلىك بوشاڭلىق قاتارلىق مەنىۋى كىسەللەر ئىلىم - مەرىپەت ئىگەللەش ۋە ئۇگەنگەن ئىلىملەرگە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق تۇگەيدۇ.
بىز مەخسەت قىلىۋاتقان ئىلىم مەرىپەتتىن تۆۋەندىكى ئىشلار كۆزدە تۇتىلىدۇ:
1. بىزھاياتىمىزدا ئوقۇۋاتقان ناماز، تۇتىۋاتقان روزا ، ھەج ، زىكرى - تەسبىھ ۋە قۇرئان ئوقۇش قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ بۇ دۇنيادىكى پايدا مەنپەئەتىنى بىلىشىمىز كىرەك .
چۈنكى بۇئىبادەتلەر ئىنسان قەلبىنى يورۇتقۇچى مەشئەل بولۇپ، ئىنساننى ياخشى ئىش قىلىش، ئۈنۇم يارتىش ۋە باشقلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ، شۇ ئارقىلىق جەمئىيەت كۈچلىنىدۇ ، تەرەققى قىلىدۇ ۋە ئىنسانلار بەخىت - سائادەتكە ئىرشىدۇ .
يەنە بۇ ئىبادەتلەرنىڭ ئاخىرەتتىكى كاتتا ساۋاب ۋە ئەجىرلىرنى بىلىشىمىز لازىم .
مەسىلەن بەزى ئىبادەتلەرنىڭ دۇنيادىكى پايدىسى توغرۇلۇق رەسۇلۇللاھ تەۋبە - ئىستىغپارنى كۆپ قىلش رىزقىنى كۆپەيتىدۇ دەپ كىلىپ، كىمكى تەۋبە - ئىستىغپارنى كۆپ قىلسا ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ھەممە قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بىرىدۇ، ھەرقانداق غەم قايغۇدىن خالاس قىلىدۇ ، ئويلىمىغان يەردىن رىزقىنى كۆپەيتىدۇ) دىگەن بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان .
يەنە بەزى ئىبادەتلەرنىڭ دۇنيادىكى پايدىسى توغرۇلۇق ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە { ئى مۇھەممەد سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چىغىڭدا ۋە ئۇلار تەۋبە - ئىستىغپار ئىيتىۋاتقان ۋاقتىدا ئاللاھ ئۇلارنى ئازاپلىمايدۇ } دىگەن .
ئىبادەتلەردە كەمتۈكلىك قىلىشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخرەتتىكى زىيانلىرى ھەققىدە ئاللاھ تائالا { كىمكى مىنى زىكرى قىلىشتىن يۇز ئۆرىسە، بۇ دۇنيادا خارلىقتا قالىدۇ، قىيامەت كۇنى بىز ئۇنى كور ھالىتىدە مەھشەرگاھقا يىغىمىز } دەيدۇ .
2. تەلىم - تەربىيە جەھەتتە، ئەر ئايال مۇسۇلمانلارغا ئىلىم ئۇگىنىشنىڭ پەرز ئىكەنلىگىنى ۋە ئىلىم - مەرىپەتنىڭ دۇنيا ۋە ئاخرەتتە بەخىت - سائادەتكە ئىرىشتۇرۇشتىكى رولى ۋە ئەھمىيتىنى بىلىشىمىز كىرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ { ئىلىم - مەرىپەتلىك ئالىملار بىلەن بىلىمسىز نادان كىشىلەر باراۋەرمۇ ؟ دىگىن }يەنە بىر ئايەتتە { ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئىيىتقان، بىلىملىك كىشىلەرنىڭ دەرجىسىنى ئۇستۇن قىلىدۇ } دەيدۇ .
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىلىم تەلەپ قىلىشتا بوشاڭلىق ۋە كەم - كوتالىق قىلىشنىڭ دۇنيادىكى باشقلارنىڭ ئارقىدا قىلىش، بىچارلىق ۋە خارلىقتىن ئىبارەت زىيانلىرنىمۇ بىلىشىمىز كىرەك .
3. ئىرادسىزلىك ۋە ئاجىزلىق جەھەتتە، بۈيۈك ئىرادىنىڭ دۇنيادىكى پايدا مەنپەئەتلىرىنى بىلىشىمىز كىرەك .چۈنكى قەتئى ئىرادە بولغاندىلا ئىشلەپچىقىرىش ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ ياخشى تۇرمۇشقا ئىرىشكىلى بولىدۇ. مەيلى ئىنسانلارنىڭ كۇندىلىك تۇرمۇشىدا ئىھتىياجلىق نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش بولسۇن، مەيلى دەۋەت يولىدىكى ئىرادىلىك دەۋەتچىلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە بولسۇن قەتئى ئىرادە چوڭ رول ئوينايدۇ .
شۇ ئارقىلىق ھەممە كىشىلەر ئىسلام قانۇنىغا بويسۇنىدۇ، ئۇنىڭ ئادالەت ئىكەنلىگىنى بىلىپ كۆڭۈللىرى خاتىرجەم بولىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىنى ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى بىلىپ ، مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاخرەتتىكى پايدىللىرىنى بىلىشىپ خۇشال بولىشىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ { ئاللاھ جىھاد قىلغۇچىلارغا بويۈك ئەجرى ئاتا قىلىپ ئۇلارنى ( ئۆزرىسىز تۇرۇپ جىھادقا چىقمىغانلاردىن) ئارتۇق قىلدى} .
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىرادىسىزلىكنىڭ دۇنيادىكى ھورۇنلۇق ۋە مەغلۇبىيەتتىن ئىبارەت زىيانلىرىنى ۋە ئاخرەتتىكى نىمىشقا ھورۇنلۇۇق ۋە ئىرادسىزلىك قىلدىڭ دەيدىغان ھىساپ كىتابنىڭ بارلىقىنى بىلىشىمىز كىرەك .
ئىش - ئەمەللىرىمىزدىكى كەمچىللىكلەرنى تۆۋەندىكى ئىشلار بىلەن تۈگىتىمىز:
1. ئاللاھدىن ياردەم تىلەش ۋە ئاللاھدىن غەم - قايغۇنى كۆتىرۋىتىشنى تەلەپ قىلىش ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ { بەلكى ئاللاھقا دۇئا قىلىسلەر ئاندىن ئاللاھ خالىسا سىلەر تەلەپ قىلغان نەرسىلەرنى بىرىدۇ } .
ئاللاھدىن قوغلاندى شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىدىن پاناھ تىلەش، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ { پۇتۇن ئىنسانلارننىڭ پەرۋەردىگارى، ئىگىسى ۋە ئىلاھى بولغان ئاللاھدىن، يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسسدىن پاناھ تىلەيمەن دىگىن }.
2. ياخشى كىشىلەر بىلەن باردى - كەلدى قىلىش ۋە ئارلىشىپ ئۆتۇش كىشىنى ياخشىلىق تەرەپكە ئۈندەيدۇ. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ ئىنسان دوستىنىڭ دىنىدا بولىدۇ. شۇڭا دوستلاشماقچى بولغان كىشىنى ئوبدان تاللىسۇن ”. ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان .
3. ئىلاجىنى قىلىش، مەيۈسلەنمەسلىك، سەۋەبىنى قىلىش بىلەن بىرگە ئاللاھدىن شىپالىق تىلەش، بۇ توغرىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:{ بىر مىللەت ئۆزىدىكى ئىللەتنى ئۆزى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇ مىللەتنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ }.
ئىمكانقەدەر كەمچىللىكە ئىلىپ بارىدىغان سەۋەبلەردىن ساقلىنىش، ئالدىنى ئىلىش داۋالانغاندىن ياخشى. رەسۇلۇللاھ ئومۇمى كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ :“ كىسەللەر ساقلارننىڭ يىنىغا كەلتۈرۈلمىسۇن “ بۇخارى رىۋايەت قىلغان .
ساغلام تەربىيە ئارقىلىق تەربىيلەپ يىتۇشتۈرۈش ئالدىنى ئىلىش قاتارىغا كىرىدۇ. ئىسلام دىنى كۆرسەتمە بەرگەندەك تەلىم - تەربىيە يوللىرىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى تۆۋەندىكىچە :
ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى (كىچىكىدىن باشلاپ) ئارىسىغا كۆيۈنۈش ۋە مۇھەببەت ئۇرىغىنى چىچىش، ئوقۇغۇچى بىلەن ئاللاھ ئارسىدىكى ئالاقىنى باغلاش، ئۇنىڭغا توغرا - خاتا ھالال - ھارام گۇزەل ئەخلاق ۋە يامان ئەخلاقلارنى بىلدۇرۇش، تەدرىجى بەزى ئىبادەتلەرگە كۆندۈرۈش، يوقارقى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەمىلى ئىشلىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىغا ئۆلگە بولىشى، ئۆز - ئارا سۆھبەتلىشىش، ئۆز - ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، قىىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بىرىش، ئۇنىڭغا ئىشىنىش، مۇناسىپ كەلگۈدەك ئىشلارغا يۇيرۇش، ياخشى ئۇرۇندىيالىسا رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئىشلار ئۇنى تىخىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا، نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا، مۇھىم ئىشلارنى بۇرۇن قىلىشقا ئۇندەيدۇ. شۇئارقىلىق ئۇ ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان بولۇپ يىتىلىدۇ.
5. كىسەل، سەۋەپلەرنى بىلىش بىر كىشى رەسۇلۇللاھقا قەلبىنىڭ قاساۋەتلىشىپ (قاتتىقىلىشىپ) كەتكەنلىگىنى شىكايەت قىلىپ كەلگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىپ مۇنداق دىگەن :“ يىتىمنىڭ بىشىنى سىلا ۋەكەمبەغەل مىسكىنگە تاماق بەر“ دىدى. ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان .
6. داۋاملاشتۇرۇش ۋە مەشىق قىلىش، ئۆزى خالىغان گۇزەل ئەخلاقلارنى بىرـ نەچچە قىتىم قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى كۆندۈرۈش ۋە ئۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئۇ گۇزەل ئەخلاق ئۇنىڭ تەبىيتىگە سىڭىپ كىتىدۇ دە ئۇنىڭغا خلاپلىق قىلالمايدۇ .
7. قىيىنچلىق ۋە مۇشكىلىلەرنى يىڭش ۋە تەدرىجى كۈچلىنىش ئۈچۈن ئىرادىسىنى تاۋلاش، مەسلەن - رامىزان تۇتۇش، ئىنسان تەبئىتى يامان كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىش، ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى تەرك ئىتىش قاتارلىق ئىشلارغا ئوخشاش. بۇھەقتە رەسۇلۇللاھ ياشلاردىن توي قىلىشقا قادىر بولالمايدىغانلارنىڭ ( زىنا قىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ) ئىرادىسىنى كۈچلاندۇرۇپ مۇنداق دىگەن:“ ( …… كىمىكى توي قىلىشقا قادىر بولالمايدىكەن رامزان تۇتسۇن ، رامزان ئۇ كىشىنىڭ شەھۋىتىنى كىسىدۇ“ ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .
8. تەدرىجى تەربىلەش، ئىسلام ئەھكاملىرى تەدرىجى چۈشكەن. چۈنكى بارا - بارا ئاستا - ئاستا، تەربىلەش ئارقىلىق، ئىنسان شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ھىچ قانداق قىيىنچىلىقسىز ئۆزىگە تەتبىقلىيالايدۇ.
9. ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىشلارنى زىكرى قلىش، كەينىگە قايىتماسلىق، بەلكى تىخىمۇ ئالدىغا ئىلگىرلەشكە ۋەدە بىرىش. بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىيدا بەندىلىرىنى تىخىمۇ ئالدىغا ئىلگىرلەشكە رىغبەتلەندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:{كىمكى ماڭا بىر غىرىچ يىقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يىقىنلىشىمەن … } ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىسنىڭ بىر قىسمى .
خاس داۋالاش ئۇسۇللىرى :
1. ئىبادەتلەردىكى سۇسلۇقنى يوقتىشنىڭ چارىللىرى: ناماز ۋاقىتلىرىغا سائەت توغىرلاپ قويۇش، كىچە نامزىنىڭ ئورنىدا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش، ماشىنا - قاتناش ۋاستىللىرىدىكى چاغلارنى ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى ھەققىدە پىكىر يۇرگىزىش، زىكرى - ئىستىغپار ئىيتىش، قۇرئان ئوقۇش ياكى ئاڭلاش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بىلەن ئۆتكۇزۇش، تەجۋىد دەرسلىرى مەسجىدلەردىكى ئىلىم سورۇنلىرى، رامزان تۇتىشقا ئادەتلىنىش ئۈچۈن كۆپچىلىك بىلەن ئىپتار قىلىشقا پۈتىشىش، ھەج- ئۆمرە قىلىش، ھەرخىل لىكسىيە سورۇنلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىش قاتارلىق ئىشلارغا كۆڭۇل بۆلۇش كىرەك .
2. تەلىم - تەربىيە جەھەتلەردىكى بوشاڭلىقنى تۈگىتىش :
ياخشى چۈشنىش ۋە توغرا مۇزاكىرە ئۇسۇللىرىنى بىلىش ، مەسىلەن : لىكسىيەلەرگە تولۇق قاتنىشىش، ئۇستازنىڭ سۆزلەۋاتقان دەرسىگە ئوبدان دىققەت قىلىش، چۈشەنمىگەن نوقتىلار بولسا تارتىنماي سوراش، كۇندىلىك دەرسلەرنى كۇندە مۇزاكىرە قىلىپ مىڭىش، مۇزاكىرە قىلىش ئالدىدا ئۆزىگە، ئىسلام دىنىغا ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا مۇشۇ بىلىم ئارقىلىق مەنپەئەت يەتكۈزۇشنى نىيەت قىلىش، ئاللاھنىڭ ئىسمى ۋە بەزى بىر ئايەتلەر بىلەن باشلاش، ئوبدان چۈسىنىش ئۈچۈن كەڭ - كۇشادە يورۇق ئورۇننى تاللاش، ئالدىنقى كۇندىكى دەرسلەرنى بىر قىتىم تىز ئوقۇپ چىقىش، دەرستىكى مۇھىم نۇقتىلارنى بىكىتىش ۋە مۇزاكىرە قىلىشتا مۇھىم يەرلەرنى بۇرۇن كۆرۇش، دەرستىكى ھەممە بۆلۇكلەرنى بىرـ بىرگە باغلاش، سوئال چىقىرىپ جاۋاپ بىرىپ بىقىش ، مۇزاكىرە قىلغان دەرسلەر ئۇزۇن يادىدا تۇرۇش ئۈچۈن مۇزاكىرىنى يىزىش ، بەلگە قويۇش، ھەرخىل رەڭلەرنى ئىشلىتىش، ئاڭلاش ، كۆرۇش ، مۇناقىشە قىلىش ، سۆھبەت ئۆتكۇزۇش قاتارلىق ۋاستىلارنى قوللۇنۇش كىرەك .
ۋە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ھەپتىلىك ۋە ئايلىق دەرسلەرنى قايتا - قايتا ئوقۇپ تۇرۇش كىرەك .
3 . ئىرادسىزلىك ۋە ئاجىزلىقنى تۇگىتىش ئۈچۈن :
مەسچىتلەرگىلا قاراپ قالماي دەۋەت ئۇسۇللرىنى كۆپەيتىش كىرەك .
مەسىلەن : ئائىلەردە، ھەقەمسايىلەر، خوتۇن - بالاچاقىلار ، ئاتا- ئانىلار ، يىقىن تۇققانلار ئارسىدا دەۋەت ئىلىپ بىرىش، كوچلاردا بولسا مەلە - قوشنىلار، خىزمەتداشلار ئارسىدا تەشۋىق ۋەرەقچە، لىنتا ، كىچىك رىسالىلەر كىشىلەر مۇھتاج بولىدىغان ئىسلام ئەھكاملىرى، ھەرخىل مۇئامىلە ئۇسلۇبلىرى ۋە ئەخلاق - پەزىلەت قاچلانغان – ئەكسى ئەتتۇرۇلگەن- لىزىر دىسكا قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن دەۋەت ئىلىپ بىرىش لازىم .
يەنە خەيرىيەت جەمىيەتلىرى، باللار يەسلىسى، دارلتام، ساناتورىيە، ساۋاتسىزلىقنى تۇگىتىش كۇرۇسلىرى، كىيىم تىكىشنى ئۇگىتىش كۇرۇسلىرى، زاكاتلارنى يىغىپ پايدىلىنىپ ، ئۇنى تىگىشلىك كىشىلەرگە تارقىتىپ بىرىش قاتارلىق ئۇسلۇپلارنىمۇ قوللىنىش كىرەك .
ئىسلام دەۋىتىنى ھەممە ئىنسانلارغا تىز، ئاسان ۋە ئوچۇق - ئاشكارا يەتكۇزۇش ئۈچۈن ئىنتىرنىت ۋە سۇنئى ھەمرا تىلۋىزىيە قاناللىردىنمۇ پايدىلىنىشىمىز كىرەك . ئىسلام دەۋىتى ئۈچۈن بارلىق مۇسۇلمانلار بىردەك كۈچ چىقىرىشى كىرەك. ھەربىر مۇسۇلمان تاقىتى يەتكۇدەك دەرجىدە ھەمكارلىششى، بەزىلەر پۇلى بىلەن، بەزىلەر بىلىمى ئارقىلىق بەزىلەر مەنسىپى ۋە يەنە بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىرى ئارقىلىق ھەسسە قوشۇشى كىرەك. شۇ ئارقىلىق ئىسلام دەۋىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ سانى ۋە دائىرسى كۆپىيدۇ ۋە كىڭيدۇ. ئىسلام دەۋەتچىللىرى ئۆز ئەتراپىدىكى مۇسۇلمانلار ئىيجابىيىتى ئارقىلىق ئۆز كۈچىنى جارى قىلدۇرالايدۇ ۋە بەزى بىر ئىرادسىز كىشىلەر غەلبە خەۋەرلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامغا قايتىۋاتقانلىرىنى كۆرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىرادسى تىخىمۇ كۈچىيدۇ .
ھۆرمەتلىك سىڭلىم :
ئەگەر سىزنىڭ ھەرخىل ئۇرۇنلاردىكى قىزـ ئوغۇل مۇسۇلمانلار ياشلىرىدىكى بەزى بىر سەلبى ئىللەتەرگە قارتا پىكىرىڭىز بولسىمۇ لىكىن ئۇلارنى پۇتۇنلەي تۇگەشتى دىگىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىسلام تەلىماتلىرىغا ئومۇميۈزلىك ئەگەشمەۋاتقان بولسىمۇ، لىكىن مەلۇم دەرجىدە ئەمەل قىلىپ ۋە ئەگىشىپ كىلىۋاتىدۇ .
ئۇلارنىڭ ئىيجابى تەرەپلىرى ھىلىمۇ كۆپ . ئۇلارجەمىيەت ۋە ئۆي ئىچى پۇتۇنلەي پىتنە - پاسات ۋە بۇزۇقچىلىق بىلەن تۇشۇپ كەتكەن جەمىيەتتە ئۆسۇپ يىتىلگەن تۇرۇقلۇق ، ئۆزلىرىنى ياراتقان پەرۋەردىگارىنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئاللاھقا ۋە ئىسلام دىنىگە قايتقىلى تۇردى. ئۇلارئىسلام دىنىغا مەھكەم يىپىشىۋاتىدۇ ۋە ئۇنى مۇداپىئە قىلىۋاتىدۇ، ئىسلام مەنپەئەتى ئۈچۈن جىھاد قىلىپ شىھىتلىك دەرجىسىگە يىتىۋاتدۇ .
30 - 20 يىلنىڭ مابەينىدىكى مۇسۇلمانلاردەك ئىسلام دىگەن پەقەت ئىبادەتكىلا خاس دەپ ئۆلتۇرماي، ئىسلام دىگەن ئىنسانلار تۇرمۇشىدىكى ھەممە نەرسىلەرگە سىڭىپ كىرگەن . ھەممە ساھالەرگە ئالاقىدار، ئىنسانلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئامما باپ ۋە خەلىقارالىق دىن دەپ چۈشىنىۋاتىدۇ . مانا مۇشۇ كۇپايە .
بىز ئۇلاردىن نۇرغۇن ياخشىلىق ۋە ئىسلامنى پۇتۇن دۇنياغا توغرا رەۋىشتە يەتكۇزۇشلىرىنى ئارزۇ قىلىمىز . ۋە يەنە پۇتۇن دۇنيا ئەللىرىدىكى خەلقلەرگە ئىسلام دەۋىتىنىڭ يەتكۇزۇلۇشىنى، شۇئارقىلىق كىشىلەر ئىسلام دىنىنىڭ دۇنيادىكى ئادالىتى ئارقىلىق بەخىت - سائادەتكە ئىرشىشى، ئاخرەتتە ئاللاھنىڭ جەننىتىگە كىرىپ تىخىمۇ خۇشال بولۇشلىرىنى ئارزۇ قىلىمىز .
ئاللاھ سىزگە يار بولسۇن .
ئىسلام ئاۋازى تور بىتى