ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار.
ئەلبەھرە تورى(
http://www.elbehre.com)نىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭسايلىقلارغا بىر سوۋغا ئېلىپ كەلدىم.
«يالغۇز پەرزەنت»لەرلا جۇڭگونى قۇتقۇزالامدۇ؟
جۇڭگو دۆلەتلىك ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى كاماچو ئىسپانىيە «ئاس گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: جۇڭگولۇق ماھىرلار توپ تالىشىشتا بەك بوشكەن، ئۇلار يالغۇز پەرزەنت بولغاچقا، زىيان-زەخمەت يېتىپ قېلىشتىن قورقۇپ، توپ تالاشمايدىكەن، دېگەن. چېڭدۇ شەھىرىدە ياش-ئۆسمۈرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش بىلەن ئۇزۇن يىل شۇغۇللانغان بىر ترېنېرمۇ: جۇڭگولۇق توپچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى پەرزەنتلىرىگە زىيان-زەخمەت يېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپلا يۈرىشىدۇ، ترېنېرلارمۇ چاتاق چىقىپ قېلىشتىن قورقۇپ، چىڭ گەپ قىلالمايمىز، دېگەن.(«جڭگو تورى»نىڭ 2011-يىلى 10-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرى)
جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ بىرسى-بىرسىدىن بەتتەر بولۇشىمۇ بىكار ئەمەسكەن، بۇ ئەسلى «يالغۇز پەرزەتلىك»لەردىن كەلگەن «بالا»كەن ئەمەسمۇ!؟ ئەرلەر پۇتبول كوماندىمىز بۇرۇن كارغا كەلمەپتىكەن، ھازىرمۇ كارغا كەلمەيۋاتىدۇ، كەلگۈسىدىمۇ قەددىنى رۇسلىيالمايدىغان ئوخشايدۇ. باش مەشقاۋۇل داناكەن، پۇتبول ماھىرلىرىنىڭ كۆپرەگى يالغۇز پەرزەنت بولغاچقا توپ تالىشىشتىن قورقىدىكەن، دەپ، گەپنىڭ پوسكاللىسىنىلا ئېيتىپتۇ. بۇنداق ئېسىل مەپكۇرە بارلىقىنى ئاڭلاپ، كاللام ئېچىلىپ، دىلىم يورۇپلا كەتتى، «يالغۇز پەرزەنت»تىن ئىبارەت جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىك ۋە دۆلەت ئەھۋالىدىن راۋرۇس پايدىلانساق، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى كارامەت قىلىۋېتىشىمىزدە گەپ يوقلۇقىنى پەملەپ قالدىم. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى: «يالغۇز پەرزەنت»لەرلا جۇڭگونى قۇتقۇزىۋالالايدۇ.
«يالغۇز پەرزەنت»لەر جەمئىيەتنى تېخىمۇ بەك ئىناقلاشتۇرىدۇ. «يالغۇز پەرزەنت»لەر كۆپ بولغانسىرى، زىيان-زەخمەت يېتىپ قېلىشتىن قورقۇپ، يول ماڭسىمۇ، ئىش قىلسىمۇ بەك پەخەس بولۇشۇپ، ئەپ ئۆتىدۇ، گەپ تالىشىپ قېلىشتىن نېرى تۇرىدۇ، سوقۇشۇپ مۇشتلىشىپ قېلىش دېگەن ئەسلا بولمايدۇ. ئاخىرسى قانداق بولىدۇ دېسىڭىز، ھەممىسى ئۆيدىن چىقماي، ئۆي كاكىلاپ ئولتۇرىشىدۇ، شامال تېگىپ قېلىشتىن، يامغۇردا ھۆل بولۇپ كېتىشتىن ئەنسىرىشىپ، ئۇلۇغ-ئۇششاق ھەممىسى تېلېۋىزوردىن كۆزىنى ئۈزمەي، «مەملىكەت خەۋەرلىرى-خەلقئارا خەۋەرلەر»نى كۆرۈپ ئولتۇرىشىدۇ. مانا بۇ كونىلارنىڭ «جانمۇ جان ئۆزنىڭ جېنى، كىشىنىڭ جېنى- ئىتنىڭ جېنى» دېگىنىنىڭ دەل ئۆزى ئەمەسمۇ؟
«يالغۇز پەرزەنت»لەر جەمئىيەتنى تېخىمۇ بەك تېنچ-ئامان قىلىدۇ. موشۇ ئاي-موشۇ كۈنلەردە، «قىزىل بايراق جەۋلان قىلىپ، ۋەزىيەت چوڭ ياخشى» بولۇپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، ئىناقسىزلىق ۋەقەلىرى پات-پات چىقىپ قېلىۋاتىدۇ، شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ ئادەملەرنى ئۇرۇپ قويۇشى شۇنداق ئىشلارنىڭ بىر مىسالى. ئەگەر شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرىنى «يالغۇز پەرزەنت»لەرگە ئالماشتۇرىۋەتسە، قانۇن ئىجرا قىلغاندا مۇتتەھەملىك-ئۆكتەملىك بىلەن زوراۋانلىق قىلىدىغانلار چىقمايدۇ، دېگەن گەپ. شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن يايمىكەشلەر دوقۇرۇشۇپ قالسا، يايمىكەشلەر ئالدى-ئارقىغا قارىماي قاچىدىغاننىڭ ئورنىغا شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرى قاچىدىغان ئىش چىقامدۇ تېخى. ئىناق جەمئىيەت تەق بولدى دېگەن شۇ ئەمەسمۇ؟
«يالغۇز پەرزەنت»لەر جەمئىيەتنى تېخىمۇ بەك مۇقىم قىلىدۇ. بەزىلەر: ھەممە ئادەم ياۋاش-يۇمشاق، ئېزىلەڭگۈ «يالغۇز پەرزەنت»لەردىن بولۇپ كەتسە، جاھاندا نوچى، ئەركەكلەرنى تاپماق تەس بولمامدۇ، دېيىشى مۇمكىن. بىھۇدە ئەندىشە دېگەن مانا شۇ. ئەڭ كۆپ ئاۋام-پۇقرا يالغۇز پەرزەنتلىك بولغىنى بىلەن، سىز-بىزگە ئوخشىمايدىغان غوجاملار يالغۇز پەرزەنتلىك بولىمەن دەپ ئولتۇرمايدۇ-دە. ئالايلۇق، بەزى بايلار، ئەمەلدارلار نەچچە يەردە ئۆي تۇتىدىكەن، خوتۇنى بىرنى تۇغسا، چوڭ توقىلى، ئوتتۇرانچى توقىلى، كىچىك توقىلى ئارقا-ئارقىدىن تۇغىۋەرمەمدۇ. ئازراق نامى چىقىپ قالغان چولپانچاقلارمۇ چەتنىڭ نوپۇسىغا ئۆتىۋالارمىش، بۇنداق قىلىشى چوڭچىلىق قىلغانلىقتىن باشقا، قانچىنى تۇغقۇم كەلسە، شۇنچىنى تۇغىۋالىمەن، دېگىنىدۇ ھەقىچان. ئۇلار دېگەن ئەۋلىيادەك ئادەملەر، ئۇلارنىڭ نەسلى ئېسىل، تىغى پاكىز بولغاچقا، بالىلىرى
بۆرە-يولۋاستىن قېلىشمايدۇ، ئەڭ ياخشى ئورۇنباسار دېگەن ئەنە شۇ.
شىر پادىسىغا قوي سەركە بولسا، چاتاق چىقماي قالمايدۇ، قوي پادىسىغا شىر سەركە بولسا، قويلار ئۈن-تىن چىقىرالمايدۇ. شۇنداق بولغاندا، جەمئىيەت يۈز يىلغىچە مىت قىلماي مۇقىم تۇرىۋېرىدۇ.
ئاپتورى: چياۋ جىفېڭ
بۇ فېليەتون «قۇياش قۇشى ئوبزورلىرى» تورىدا 2011-يىلى 11-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان. «خەلق تورى»غا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى:
تورىدىن نوشىرۋان