ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق، نۇرقۇت دۇنياسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى (نۇرقۇت دۇنياسى ياش ماتىماتېك FinalDream ۋە يىتۈك پىروگراممېر Uyson تەرىپىدىن قۇرۇلغان) FinalDream ئەپەندىنىڭ نۇرقۇت دۇنياسى ۋە ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن چىقارغان ھەسسىسىگە گۇمان كەتمەيدۇ!
ئۇيغۇلاردا تور بېكەت قۇرۇپ باققانلا ئادەم نۇرقۇت دۇنياسىنى بىلگەندەك، مۇنبەر قۇرۇپ باققان ھەر بىر ئادەم Discuz نى ھەقسىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقىتىپ قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشتۈرگەن FinalDream ئەپەندى ۋە ئۈن-تۈنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان Uyson ئەپەندىنى بىلىدۇ.
ئەمدى گەپنى يۇقاردا ئېنگىلىزچە ئاتىلىۋاتقان بۇرادىرىمىز FinalDream (ئەبەيدۇللا) ھەققىدە ئاڭلىساق.
بۇ تىرىشچان، ئەقىللىق ساۋاقدىشىم، بىزنىڭ ياخشى ياردەمچى، ئۇستاز سۈپەت بۇرادىرىمىز ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن يەنە يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش پۈرسىتىگە ئىرىشپ، ئىتالىيەدىكى نوقتىلىق ئالىي مەكتەپكە كومپيۇتېر كەسپىي بويىچە ماگىستېرلىق ئوقۇشىغا تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن كىردى. بۈگۈنكى كۈندە مانا ئىتالىيە تۇپرىقىدا ھىجرەت تەييارلىقلىرى بىلەن.
قىرىندىشىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي، ئىسلامىي، ئادىمىي بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىدىغانلىقىغا شۇنداقلا كەلگۈسىدە بىز ئۇيغۇرلار پەخىرلەنگۈدەك كومپىيۇتېر خادىمى بولۇپ چىقالايدىغانلىقىغا زور ئىشەنچ باغلاپ ئۇشبۇ تەبرىك يازمىسىنى يېزىۋاتىمەن.
ئاق يول بولسۇن، ساۋاقدىشىم! ھاياتتا ھەممە ئادەم بىزنىڭ قانچىلىك ئۇچالىغانلىىقىمىزغا قارايدىكەن، ھىچكىم قانچىلىك ھارغانلىقىمىزغا قارىمايدىكەن، ھارمىغايسەن! ئامان- ئىسەنلىك، خۇشاللىق، ئۈمۈدلۈك مىنۇتلار بىزگە يار بولسۇن!
ئاخىردا نۇرقۇت ئەھلىگە ۋاكالىتەن بۇرۇنقى نەتىجىلىرىڭگە رەھمەت ئىېيتىمەن، كىيىنكى تۇرمۇشۇڭغا ئاسايىشلىق تىلەيمەن! تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ يازما كۆرەلەيسىز.
مەنبە:خالاستان بىلوگ