بۇ مەزمۇن 18قەۋەتتىكى سۈبىھى نىڭ 2011-10-10 23:21 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دىنداشلىرىم ....مىنى مۇشۇنچىلىك ئاگاھلاندۇرۇغىنىڭلارغا ھەم مىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ھەق سۆزلىگىنىڭلاردىن ئالەمچە سۈيۈندۈم ، ئەجرىڭلارنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن ، يۇقارقى مۇشائىرىگە كەلسەك قېرىنداشلىرىم ، ...!....بۇ مۇشائىرەنى بۇ مۇنبەرگە مەن ئەمەس دۇكاندىكى قىز يوللىغان ئىكەن ، مەن قەشقەردىن ناماز شامغا ئاران كەلدىم ، مەن كىچىك نادان قىزلار ئەمەس بۇ يىل 28 ياشقا كىردىم . بۇنداق نەرسىلەر ماڭا ياراشمايدۇ ھەم ئۈزۈممۇ ياختۇرمايمەن . مىنىڭ بۇنداق دىگىنىم ، ئۈزۈمنى ئاقلاپ ياكى سىلەردىن قورقۇپ ئەمەس ، مەن قىلمىدىم دەپ تانغىنىم بىلەن بىزنى ياراتقۇچى ( اللا ) كۈرۈپ تۇردۇ ، باشقا مۇنبەرلەردە ئىسلامى تىمىلار ناھايىتى ئاز ھەم كىشى قانا ئەتلەنگۈدەك قەلىپلەر ئىرىگۈدەك ھەدىستىن بىرەرنى كۆرگىلى بولمايدۇ .. قايسى كۈنى بىر ھەمشىرەم ھەمزە ناملىق بىر تورداشنىڭ ئىنكاسىنى ئەۋەتكەن ئىكەن ، شۇ ئىنكاسنى كۈرۈپ بۇ مۇنبەردىن سۈيۈندۈم .( اللا بۇ قېرىندىشىمىزدىنرازى بولسۇن ). ھەم تىزىملىتىپ ئەزا بولدۇم . مەن بۇ مۇنبەرگە كىرىپ يازغىنىم شۇ سىلەرگە سالام ، ھەم 2 تىمىغا ئىنكاس بولدى خالاس...قېرىنداشلىرىم مەن سىلەرنى ئەيىپلىدى دەپ قارىمايمەن ،چۈنكى بىر مۇسۇلمان يەنە بىر مۇسۇلماننىڭ ئەينىكىدۇر.... ھەممىڭلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن قېرىنداشلىرىم يىگانە ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمغا مۇستەھكەم تەۋرەنمەس ئىمان ئاتا قىلغىن...امىن....