بۈگۈن
ھەشەمخور دۇنيا،
يىغلاپ ياتىدۇ،
گىرىمسىز ئەپتىدىن يىراق قىرغاقتا.
قىزلار
گۈزەللىك ئىزدەپ،
يوقاتماقتا گۈزەللىكىنى،
رەڭلەر ئىچىدە بۇلغاپ روھىنى.
گۈزەللىك ئۇنتۇلۇپ كەتكەن،
گۈللەر پايخان بولماقتا ئاياغ ئاستىدا.
داتلاشقان تۇيغۇلاردا غەپلەت سەيلىسى،
مۈگدەپ ياتىدۇ ئاتلار جەڭگاھتا.
يىگىتلەر،
قىلىچ تۇتۇشنى بىلمەيدۇ،
بىلگەن بىلەن مەيخانىلەرنى.
ئۇخلاپ قالغان چۈشىدە دۇنيا،
ئويغاتمايدۇ بىگانىلەرنى.
رېستۇران ئاۋات،
كىتابخانىلاردا لەيلەيدۇ تۇمان.
چۈش كۆرىدۇ دەرەخلەر جىمجىت،
كىملىكىنى ئۇنتۇغان ئىنسان.
بۈگۈن،
كۈتىۋالغان بىلەن ھەممىنى،
كۈتەلمەيدۇ ئادەملەر ئۇنى،
ئەڭ قەدىرلىك مىنۇتلار بىلەن.
ئۆز-ئۆزىگە قايتقاندا دۇنيا،
سىرغىپ چۈشەر قان رەڭلىك ۋەتەن.
بىز بىلىمىز ئۆلۈپ كېتىشنى،
بىلمەيمىز ئەمما نەگە بېرىشنى.
تۈنۈگۈن بىلەن ئەتە ئارلىقىغا،
تاشلىۋېتىپ نۇرغۇن نەرسىنى،
يىراقلاردىن ئىزدەپ يۈرىمىز،
بىلمەي تۇرۇپ نېمىلىكىنى.
بۈگۈن ،
مەۋجۇتلۇق ئۇنتۇلغان يەردە،
ئۆلۈم يېقىندا بىر پىنھان يەردە،
يۈرەك ئۈنلەيدۇ كۈيلەپ ھاياتنى،
ۋاقىت ئۆمۈرگە يولداش سازەندە.
كوچىلار مەست،
مەڭگۈ ئۇخلاپ ياتار مەست پېتى،
ئادەملەر مەست،
ئېسىدە يوق نېمە قىلغىنى،
ئۇنتۇپ قالغان ئادەملىكىنى.
<<ئوت پەسلى>>ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن
ئاپتور:ئايىمنىسا سۇلايمان.