باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 704 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قىسقا خەۋەرلەر
a
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2631
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 366
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە366دانە
ئۆسۈش: 1170 %
مۇنبەر پۇلى: 4501 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-04
ئاخىرقى: 2012-01-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-06 18:02

قىسقا خەۋەرلەر



سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىدە توقۇنۇش يۈز بەدى
تۈركىيە خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىدىكى شىئەلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان قاتىف ۋىلايىتىدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 11 نەپەر ساقچى بىلەن 14 كىشى يارىدار بولدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرلىرى، بۇ توقۇنۇشنىڭ مەلۇم بىر چەت دۆلەتنىڭ كۈشكۈرتىشى تۈپەيلى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۆكتىچىلەر بولسا، ساقچىلارنىڭ 2 كىشىنى قولغا ئالغانلىقى يۈزىسىدىن توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
قاتىف ۋىلايىتىدە، ئالدىنقى مارت ئېيىدىمۇ سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %10 تىن %15 گىچە بولغان قىسمى شىئە مەزھىپىدىكىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ.



تۈركىيە ئاۋازى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيە باش مىنىستىرلىكىنىڭ چېگرا ھالقىپ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش رۇخسىتى مۇددىتىنىڭ يەنە بىر يىل ئۇزارتىلىش قارار تەكلىپى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئومۇمىي كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئەگەر بۇ قارار تەكلىپى پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتسە، چېگرا ھالقىپ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە بېرىلگەن رۇخسەتنىڭ مۇددىتى 2011 - يىلى 17 - ئۆكتەبىردىن تارتىپ، يەنە بىر يىل ئۇزارتىلىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتە تەكلىپ مۇزاكىرىگە قويۇلۇشتىن ئىلگىرى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ مەركىزى ئىدارىسىنى زىيارەت قىلىدىغان بولدى.

مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبىرى دەۋلەت باھچىلى بولسا، بۇ قارار تەكلىپىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.


سومالىدا پاجىئەلىك ۋەقە يۈز بەردى
سومالىدا ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى خەۋىرى: ئاچارچىلىق ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ پەنجىسىدە ئىزىلىۋاتقان سومالىدىن يەنە پاجىئەلىك خەۋەرلەر يېتىپ كەلدى.

پايتەخت موگادىشۇدا ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن مائارىپ مىنىستىرلىكى بىناسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 70 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 50 ئادەم يارىلاندى. ھۇجۇمدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تۈركىيە تارقاتقان ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلغان ئىلتىماسىنىڭ نەتىجىسىنى بىلىشكە كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

سومالى دائىرىلىرى، ھۇجۇمدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. سومالىدا پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان تۈركىيە سەھىيە خادىملىرى بەختكە يارىشا ھېچقانداق زىيان – زەخمەتكە ئۇچرىمىدى.

خەۋەرگە كۆرە، تۈركىيەدىن كەلگەن ھەيئەت ، بىر يىغىن ئۈچۈن رايوندىكى سەھىيە مىنىستىرلىكىگە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ھەيئەت ئالدى بىلەن سومالىدا خىزمەت قىلىۋاتقان سەھىيە خادىملىرىنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان ۋە يىغىن چۈشتىن كېيىنگە كېچىكتۈرۈلگەن. بۇ ئەھۋال تۈركىيە سەھىيە خادىملىرىنى بالايى – قازادىن ساقلاپ قالغان.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە سومالىغا ياردەم قولىنى سونۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا
سومالىدىكى ئەششەباب تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىغا ھەسسە قوشۇشى تەلەپ قىلىندى
تۈركىيە سومالىغا مائارىپ جەھەتتىمۇ ياردەم قىلدى
ئىككىنچى تۈركۈمدىكى سومالىلىق ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
ئەردوغان جەنۇبىي ئافرىقىدىكى رەسمىي زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بۈگۈن يەنە تاشقى سىياسەت كۇنفېرانسىدىمۇ نۇتۇق سۆزلەيدۇ ۋە جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنتى زۇما بىلەن كۆرىشىدۇ
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1432
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1432دانە
ئۆسۈش: 4730 %
مۇنبەر پۇلى: 17826 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-01-07

سۇمالىدىكى ئاچارچىلىقلارغا سۇمالىدىكى دىنىي مەزھەپلەر ئارا ئۇرۇشىۋاتقان ئۇرۇشخۇمارلارنىڭمۇ باش-تارتىپ بۇلمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار،،!!!!!!!!!
ناھەقچقلىككە سۈكۈت قىلىش ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلى ..
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 985
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە985دانە
ئۆسۈش: 1980 %
مۇنبەر پۇلى: 11246 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-01-06
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-07 16:08

شىئەلەر  زادى نىمە مەقسەت ئويلار