باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1131 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ل مۇتەللەپ يازغان ناخشا تىكىستلىرى
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1425
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1425دانە
ئۆسۈش: 4730 %
مۇنبەر پۇلى: 17756 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-01-03
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-06 11:49

ل مۇتەللەپ يازغان ناخشا تىكىستلىرى


  
ئۇت يۇرەك شائىر ،ئىنقىلابىي قۇربان ل مۇتەللىپ ھەققىدە يىزىلغان كىتابنى ئۇقۇۋىتىپ ل مۇتەللىپ يازغان بىر نەچچە ناخشا تىكىستلىرنىڭ ھازىرغىچە خەلىق ئىچىدە ئىيتىلىپ كىلۋاتقان بىر نەچچە ناخشا تىكىستلىرىنى تورداشلارغا سۇندۇم..
                                      سازىڭنى جانىم
سازىڭنى جانىم،قولۇڭغا ئال-ئال
مۇڭلۇق ،يېقىملىق پەدىگە چال-چال
كېچە ۋە كۈندۇز سەندە خىيالىم،
باقمىدىڭ لېكىن بۇ سەندە نە ھال
كۈلكەڭ گۆھەر چاچىدۇ پال -پال
كەتمەس ئېسىمدىن يۈزىڭدىكى خال
تەبەسسۇم بېقىپ بىر كۈلسەڭ ئەگەر
ئۇنچە چىشلىرىڭ قىلىدۇ پال-پال
كەتمىگىن جىنىم مەن بىلەن قال-قال
كېتىشىڭ ئاڭلاپ تىترىدىم غال-غال
قىينىما مېنى ،ئال خەنجىرىڭنى
ئۆز قولۇڭ بىلەن يۈرەككە سال-سال
مەنمۇ ياش تۇرۇپ بۇلدۇم مانا چال ،
ئېگىلىپ قامىتىم مانا بۇلدى دال
كۆكسۇمنى ئەگەر ياقسام كۆكسۈڭگە
جىنىمغا ماغدۇر كىرىدۇ دەرھال.
1945-يىل ،ئاقسۇ

                            مەيلىمۇ
ئىشقىڭ ئوتىدا سەرگەردان يۈرۈپ
گۈلدەك چىرايىم سۇلسا مەيلىمۇ ؟
مەجنۇندەك بۇلوپ يۇرسەم ئاھ ئۇرۇپ
ئەللەر ھاقارەت قىلسا مەيلىمۇ؟
.................................

كۇندە كۆرەلمەي ئايدەك يۇزۇڭنى،
كۆڭلۈمگە ئەلەم تۇلسا مەيلىمۇ؟
ياكى ئاڭلىماي شېرىن سۆزۇڭنى،
،ماڭا قايغۇ غەم بۇلسا مەيلىمۇ؟
.........................................
  ۋەسلىڭنى ئىزدەپ بارسام مەن ئەگەر،
يۇلدا رەقىبلەر كۆرسە مەيلىمۇ؟
يارىم قايدا دەپ سورىسام ئەگەر ،
ئەل مەندىن شۇئان كۈلسە مەيلىمۇ؟
.............................................
دائىم تەلمۈرۈپ ئايدەك يۇزىڭگە ،
كۆڭلۈمنى ئالغان شەھلا كۆزۇڭگە،
بۇلوپ مۇنتەزىر سېنىڭ سۆزۇڭگە
ئىشقىڭدا شۇئان ئۇلسەم مەيلىمۇ؟
1945-يىل،ئاقسۇ.
                    زۇھرە جانىم
زۆھرە جانىم ،ۋەسلىڭ ئىزدەپ،
رەقىب قولىغا چۇشتۇم ئەمدى،
كېچە -كۈندۇز دىدار ئىزدەپ
ئۇتتەك يېنىپ ئۆچتۇم ئەمدى.
..........................................
ئۆمۇرۈم ئۆتتى تىماي يىغلاپ ،
كۆزۈم قانلىق يۇرەك زەرداپ
مانا ئاقىۋەت بۇلدۇم خاراپ.
ئۆزگە تەنگە چۈشتۈم ئەمدى
..........................................
زېمىنىنى باسسۇن ئاھىم مېنىڭ،
پەلەكتىن ئاشسۇن زارىم مېنىڭ .
پەرىشاندۇر ھالىم مېنىڭ ،
ياردىن جۇدا بولدۇم ئەمدى.
.......................................
مۇتەللىپ دەرلەر نامىم قالدى
ئارمان بىلەن زارىم قالدى.
ئەجەل مېنى قۆينىغا ئالدى،
ئارمان بىلەن ئۆلدۈم ئەمدى
1945-يىل ئاقسۇ
  مەنبە:      تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ ل .مۇتەللىپ دىگەن كىتاۋىدىن ئىلىندى

دوستلىشىش
جەڭچى
没有共产党,没有新中国
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 982
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە982دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 10288 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-01-04

ئوت يۈرەك يازغۇچىمىز. مىللى قەھرىمانىمىز ،،،،،     
没有共产党,没有新中国
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1286
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1286دانە
ئۆسۈش: 1650 %
مۇنبەر پۇلى: 14203 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-01-05
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-06 23:31

لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ە، مەمتىلى ئەپەندىلەرگە بەك ھۆرمىتىم بار مىنىڭ، ئاللا ئىگەم ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغىن، ئامىن!
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 564
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە564دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2011-11-20
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-07 12:11

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى amanxa نىڭ 2011-10-06 23:31 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ە، مەمتىلى ئەپەندىلەرگە بەك ھۆرمىتىم بار مىنىڭ، ئاللا ئىگەم ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغىن، ئامىن!

بۇلارنى ھەممىمىز ھۆرمەتلەيمىز.<<ئۇيغۇرە>>دېگەننى <<ئۇيغۇر>>غا  ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز.  ئەرەب تىلىدىن قوبۇل قىلغان بۇ <<ە>> ئەرلەرنىڭ سۈپىتى كەينىگە قوشۇلسا ئاياللارنىڭ سۈپىتىگە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. مەسىلەن:شائىر+ە=شائىرە.    مۇئەللىم+ە=مۇئەللىمە. ...دېگەندەك.
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
دوستلىشىش
dulbarqin310
ئاللاھ خالىسا كۈلۈپ ياشايمەن.
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 889
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە889دانە
ئۆسۈش: 410 %
مۇنبەر پۇلى: 9283 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-01-05
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-07 18:33

مەنمۇ بەك مەستانە بۇ ئادەمنىڭ شېئرلىرىغا، ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلىسۇن.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1553
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 221
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە221دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 2490 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-05
ئاخىرقى: 2012-01-04
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-08 19:18

شائېر پەقەت 23 يىل ئۆمۈر كۆرۈپتىكەن .لېكىن نامى ئالەمگە مەشھۇر.

بىز بولساق ...  ...  ...  ...