باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1481 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بۈگۈن ئەدىب ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 16 يىللىقى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6889
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 229
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە229دانە
ئۆسۈش: 690 %
مۇنبەر پۇلى: 2814 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-03
ئاخىرقى: 2012-03-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-05 21:51

بۈگۈن ئەدىب ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 16 يىللىقى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن ناخشا مۇزىكا كىنو فىلىم بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-10-05)
رەسىم:
  
مەنبەسى  :ئىز باسار تورى
تەھرىر ئىلاۋىسى:
2011-يىلى 5-ئۆكتەبىر — 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان داڭلىق ئەدىب، شۇنداقلا، ئۆزىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى، مول بىلىمى، قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ھۆرمەت ساھىبى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر (1995.10.5-1923) ۋاپاتىنىڭ 16 يىللىقى. بىز مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىدىكى بارلىق خادىملار ئەدىب ۋاپاتىنىڭ 16 يىللىقىنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە خاتىرىلىمەكتىمىز. ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىمىزنىڭ «رادىيو ژۇرنىلى» پىروگراممىسى ئەدىبنى خاتىرىلەپ، مەخسۇس پىروگرامما ئىشلىدى. پىروگراممىنىڭ تۇنجى ئاڭلىتىلىش ۋاقتى: 11:30 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)، تەكرار ئاڭلىتىلىش ۋاقتى: 19:30 (ئۈرۈمچى ۋاقتى).

20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان داڭلىق ئەدىب، شۇنداقلا، ئۆزىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى، مول بىلىمى، قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ھۆرمەت ساھىبى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق ئىجادىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپىلەرنى قوشقان. «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، «قەشقەر قىزى»، «ياخشى»، «مەن ئاق بايراق ئەمەس» قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ شېئىرىي تالانتىنى نامايەن قىلغان بولسا، «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» دىن ئىبارەت تارىخ تېمىسىدىكى رومانلىرى ئارقىلىق تارىخىي رومانچىلىقنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى ياراتقان. كۆپلىگەن ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرگەن. ئۇ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇقراق داۋاملاشقان ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىدا ئەدەبىياتنىڭ ھەممە ژانىرلىرىدا دېگۈدەك قەلەم تەۋرىتىپ، بىر مۇنچە مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئىجادىيىتىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، خەلقىمىزگە ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا، گۈللىنىشىگە قوشقان تۆھپىسى ئاز  ئەمەس.

ئۇنىڭ زاماندىشى، مەرھۇم ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگە باھا بېرىپ: «كىشى مەڭگۈ ياشىيالمايدۇ. بەزىلەر جىسمانىي جەھەتتە ئۆلۈش بىلەنلا بۇ دۇنيادىن نامىمۇ ئۆچىدۇ، لېكىن بەزىلەر ھاياتىدا ئەزگۈ ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، نام-ئاتىقى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ. بەزىلەر ‹نامىمنى چىقىرىمەن› دەپ ھەر قىسما ئىشلارنى قىلىپ باقىدۇ. ھەتتا ۋەتەننىڭ، جۈملىدىن مىللەتنىڭ جانىجان مەنپەئەتلىرىنى شەخسىي ھالاۋىتى ئۈچۈن پايمال قىلىۋېتىدۇ. بەزىلەر باشقىلارنىڭ كۆمىچىنى كۈلدە قالدۇرۇپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بولسا، ئەزگۈ ئىشلىرى بىلەن ئەزگۈ نامىنى قالدۇرغان ئەزىز زات!» دېگەنىدى.
دوستلىشىش
قاراخان0998
ئىتپاقلىق كۈچ -ئىتپاقلىق غەلبە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7553
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 70
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە70دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 890 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-03-14
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-07 16:06

رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى uqkun128 نىڭ 2011-10-06 14:50 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قەبرىسىنىڭ ئېنىق ئورنىنى بىلىدىغانلار بولسا ئنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار!



ئۈرۈمچى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىنىڭ سۈرەتتىكى دەرۋازىدىن كىرىپ، ئوڭ تەرەپكە  ماڭسىز، دوقمۇشتىن سولغا بۇرلۇپ ئازراق ماڭسىڭىز ، ئوڭ تەرەپتە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بار .
،شۇ تاشيولنى بويلاپ ئاڭدىڭزغا 50مىتىردەك ماڭسىڭىز  ئوڭ تەرەپتە زوردۇن سابىر ئەپەندىنىڭ قەبرىسىمۇ بار ،
5-رايۇندا يەنە نۇرغۇن داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ قەبرىسى بار ،
بۇ ئۇلانمىنىمۇ كۈرۈپ بېقىڭ

/read.php?tid-14178.html
[ بۇ يازمىنىقاراخان0998 2011-10-07 16:14قايتا تەھرىر ]
ئىتپاقلىق كۈچ -ئىتپاقلىق غەلبە