دۇنيا مۆجىزىلىرىدىن بىرى بولغان كاپادوكىيە ، تۈركىيەنىڭ ئاناتولىيە ئىگىزلىكىنىڭ شەرقى جەنۇبى قىسمىنىڭ ئىچ بۆلكىگە جايلاشقان ، شەرقى قىسىمى تاغلىق ، دائىم يەر تەۋرەپ تۇرىدۇ . ئاسىيا ئىسسىق بەلباغ ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا تەۋە،  ئىچكى قۇرۇقلۇق ئېگىزلىك ھاۋاسى بىرقەدەر قۇرغاق .
  كاپادوكىيە كاپىدوكىيە تۈزلەڭلىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى كاپادوكىيە ئۆلكىسىگە جايلاشقان بولۇپ ، ئەنقەرەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي يۆنىلىش بويىچە ئارلىقى 320 كىلومىتىر كېلىدۇ . تارىختا بۇ يەر ئەڭ دەسلەپ  گىرىك تىلىدىكى كاپادوكىيە خاندانلىقىغا تەۋە بولغان . 
 
كاپادوكىيە قەدىمكى پارىس تىلىدا ئات يۇرتى بولۇپ ، قەدىمكى كاپادوكىيەلىكلەر ئات تېرىسىنى دەپنە بۇيۇملىرىغا ئىشلەتكەن . 
 
3 مىليون يىللار ئىلگىرى ، Erciyes、Hasandag ، Golludag ئۈچ يانارتاغ  ئېتىلىپ چىققان بولۇپ ، زور مىقداردىكى ماگما تاشلار سوۋۇپ ،كالتىسىيلىشىپ ، مۇقىملاشقاندىن كىيىن ، شامال ،بوۋانلارنىڭ يالىشى ، سۈركىشىدىن كىيىن ،ياخشى سۈپەتلىك  پىلاستىك  شەكىللەنگەن ، ئەتىراپى ئېگىزلىكلەر بىلەن قورشالغان  بۇ خىل يۇمشاق تاش ،توپىلار ئۇزۇن مەزگىللىك يامغۇرنىڭ چىرىتىشى ،شامالنى سۈركىشى نەتىجىسىدە بۈگۈنكى كۈندىكى مۆجىزىلىك گۈزەل مەنزىرلەر موگوسىمان تاشلار ، تاش ئورمانلىرى ، تاش غارلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن .