باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 328 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاجايىپ گېزىتلەر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5379
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
ئۆسۈش: 1520 %
مۇنبەر پۇلى: 1950 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2011-10-12
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-04 20:16

ئاجايىپ گېزىتلەر

 داستىخان گېزىت .
پارىژدا چىقىدىغان‹‹كاۋاۋىچىنلىق تۇز›› گېزىتى زەھەرسىز مەتبەئە مېيىدا سۇ ئۆتمەس قەغەزگە بېسىلغان. بۇ گېزىت مېھمانخانا ۋە ئاشخانىلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە سېلىنىپ داستىخان ئورنىدا ئىشلىتىلىدىكەن. خېرىدارلار تاماق يېگەچ، شۇ كۈنلۈك خەۋەرلەرنى كۆرەلەيدىكەن، ئەتىسى يەنە يېڭى گېزىت ئالماشتۇرۇلىدىكەن.      يېگىلى بولىدىغان گېزىت ئىسپانىيەدە پۇراقلىق، زەھەرسىز ئالاھىدە مەتبەئە مېيىدا ئۇن قەغىزىگە بېسىلغان گېزىت نەشر قىلىنغان. ئوقۇرمەنلەر گېزىتنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن پېچىنە ئورنىدا يېسە بولىدىكەن.
      تىلەمچىلەر گېزىتى.
 19– ئەسىرنىڭ ئاخىرى فىرانسىيە ھۆكۈمىتى مەخسۇس تىلەمچىلەر ئۈچۈن گېزىت چىقارغان. گېزىتكە ئاساسلىق چوڭ بايرام، يىغىلىش ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىكى خەۋەرلەر، گېزىتتە تىلەمچىلىك قىلىش، خەير – ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئادرىسى، كۆرۈشۈش، قوبۇل قىلىش ۋاقتى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلىدىكەن. بۇ ئارقىلىق تىلەمچىلەرنىڭ ئۆيمۇ ئۆي سەدىقە تىلىشىگە قولايلىق يارىتىلىدىكەن.
      بىر جۈملىلىك گېزىت.
 بىر كۈنى بېلگىيەنىڭ چارلېروي شەھىرىدىكى ئوقۇرمەنلەر ‹‹ئىقتىساد قىلىش گېزىتى››نىڭ بىر سانىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ناھايىتى ئەجەبلەنگەن. 81 بەتلىك بۇ گېزىتنىڭ ھەممە بېتى قۇپقۇرۇق بولۇپ پەقەت بىرىنجى بېتىگە چوڭ قىلىپ ‹‹ئېرساڭ ئەپەندى، بولمايدۇ!›› دېگەن خەت بېسىلغان. ئەسلىدە بۇ گېزىتنىڭ نەشر قىلىش ھوقۇقىنى فىرانسىيەنىڭ گېزىت شاھى لوبۇر ئېرساڭ ئەپەندى ئېلىۋالغان، شۇڭا مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە مەتبەئە خادىملىرى نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق گېزىت چىقارغانىكەن.
      موتسىكلىت ئۈستىدە نەشىر قىلىنغان گېزىت.
 1 – دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ‹‹بېلگىيە ئەركىنلىك گېزىتى›› نەشر قىلىنغان بولۇپ خەلقنىڭ قوزغىلىپ، گېرمانىيە فاشىستلىرى بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئاشكارا چاقىرىق قىلىنغان. گېرمانىيەلىكلەر سانكت مىشېل چېركاۋىنى بۇ گېزىتخانىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى دەپ گۇمانلانغان بولسىمۇ ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىگەن. تەكشۈرگەن كۈنىنىڭ ئەتىسى كوچىلاردا يەنە 05 بەتلىك ‹‹بېلگىيە ئەركىنلىك گېزىتى›› پەيدا بولغان. ‹‹بېلگىيە ئەركىنلىك گېزىتخانىسى››نىڭ ئورنى زادى قەيەردە؟ بۇ سىر 1 – دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئاشكارىلانغان. ئەسلى بۇ گېزىتخانا بىر موتسىكىلىتنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ تەھرىرلەش، بېسىش، تارقىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ موتسىكلىت ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن.
[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2011-10-04 21:23قايتا تەھرىرلى ]
دوستلىشىش
جەڭچى
JANG PALTISI+UYGUR
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 541
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە541دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 5620 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2011-10-17

ئاۋۇ تىلەم چىلە گىزتى چىقىرىلدىغانلىقنى دۆلتىمىزدىكى تىلەمچىلەر  ئۇقۇپ قالمىسۇن ھە ،،بولمىسا دۆلتىمىز نۇپوسى ئازىيىپ كىتى دۇ.
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن،دوسلۇرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.