[«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيو ئىستانسىسى تور بېكىتىنىڭ 8-ئۆكتەبىر خەۋىرى] سېنتەبىردە ئامېرىكىلىقلار ۋال كوچىسىدا نامايىش قوزغىغاندىن بۇيان، بۇ دولقۇن ئۆكتەبىرگىچە بېسىقمايلا قالماستىن، بەلكى باشقا شەھەرلەرگىمۇ كېڭىيىۋاتىدۇ.
7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر ئاقساراي يېنىدىكى «ئەركىنلىك»مەيدانىغا جايلىشىپ، نامايىشچىلار قوشۇنىغا قوشۇلدى.
ئۇلار ئوخشاش بولمىغان جايلار ۋە تەشكىلاتلاردىن كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئادىللىق تەلەپ قىلىش، چوڭ شىركەتلەر ۋە مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ ئامېرىكا سىياسىيسىغا بولغان تەسىرىنى چەكلەشتىن ئىبارەت بىرلا ئورتاق تەلىپى بار.
ۋىسكونسىن ئىشتاتىدىن كەلگەن كېللېن: مەن ئەركىنلىك مەيدانىدا كېيىنكى دۈشەنبىگىچە تۇرىمەن. خەلق ئۆز ساداسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن كوچىغا چىقمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئاخىرى تونۇپ يەتتى، چۈنكى بىز كۆرۈۋاتقان ئەھۋال شۇكى، بىزنىڭ سادايىمىزنى سىياسىي تەرتىپ بىلەن ئاڭلاتقىلى بولمايدىكەن. ئەكسىچە چوڭ كارخانىلار سىياسىي تەرتىپنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىۋاتىدۇ، دېدى.
شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچى ئېتان چوڭ شىركەتلەر ۋە مەنپەئەت گۇرۇھلىرىدىن نارازى بولۇپ: ئامېرىكىنى ھازىر خەلق ئەمەس، چوڭ شىركەتلەرنىڭ مەنپەئەتى كونترول قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھوقۇقى بەك چوڭلاپ كەتتى، ئۇلار پۇل بىلەن بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ. بىزدە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى قالمىدى، مانا بۇ نۇرغۇن كىشىنىڭ بۇ جايغا توپلىشىۋېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، دېدى.
