جۇڭشىن تورىنىڭ 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن تىلىگىراممىسى،
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5-دېۋىزيەسىگە قاراشلىق شىنسەي ياغ شىركىتىدىكى ئىشچىلار بايراملىق دەم ئېلىشتىمۇ جىددى ئىشلىمەكتە ئىدى. ئۇلار ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئارقىلىق "بۆكەن "ماركىلىق يېمەكلىك ماي قاچىلانغان يەشىكلەرنى يۈك ماشىنىغا قاچىلىماقتا ئىدى.
مۇخبىرنىڭ ئىگەنلىشىچە ،بۇ تۈركۈم يېمەكلىك مايلار جوڭگو قىزىل كىرىس جەمىيىتىنىڭ پاكىستان ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلىرىغا قىلغان ھەقسىز قۇتقۇزۇش ياردىمى بولۇپ،60 توننادىن ئارتۇق ئىكەن.
پاكىستان جەنۇبىي رايۇنلىرىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن بېسىش ئاپىتىدە ،5 مىليون 300مىڭ ئادەم ئاپەتگە ئۇچرىغان.
"بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، سەككىز تەرەپ ياردەم بىرىش"تەك جوڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى نامايەن قىلىش مەقسىتىدە،جۇڭگو خەلقىنىڭ چوڭقۇر مېھىر − مۇھەببەت، چىن دوستلۇق مىھرى باغلانغان ، ھال سوراش ماددىي ئەشيالار پاكىستانغا يۈرۈپ كەتتى.