ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللا
نامازدىكى خۇشۇئ مۇنداق بولىدۇ
جەڭلەردىن بىرىدە ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پۇتىغا ئوق تەگدى . ئوق پۇت سۆڭىكىگە ھەم پېتىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ئوقنى چىقرىشالمىدى . بىر تىۋىپنى چاقىرىپ كەلدى . تىۋىپ ھەزىرتى ئەلى( ر ئە ) گە قاراپ شۇنداق دىدى :
_ بۇ ئوقنى پەقەت ھۇشىدىن كەتكۈزدىغان دورا بىلەن ئالغىلى بولىدۇ . بولمىسا ئاغرىققا چىدىيالماي قالىسىز .
ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىدىلەر :
_ ھوشىدىن كەتكۈزدىغان دورىغا زۆرۆرىيىتى يوق . بىر ئاز سەبىر قىلىڭلار ، ناماز ۋاقتى كىرسۇن ،مەن ناماز باشلىغاندا ئوقنى ئېلىپ تاشلىسىڭىز بولىدۇ .
ناماز ۋاقتى كىردى ، ھەزىرتى ئەلى نامازغا تۇردى . تىۋىپ ھەزىرتى ئەلى (ر ئە) نىڭ پۇتلىرىنى كىسىپ ، ئوقنى چىقاردى ۋە يارىسىنى تېڭىپ قويدى . ھەزىرتى ئەلى (ر ئە) نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ تىۋىپتىن سورىدىلەر :
_ ئوقنى چىقاردىڭىزمۇ ؟
_ ھەئە ، چىقىرۋەتتىم _دىدى تىۋىپ .
_ مەن ھىچ نەرسە سەزگىنىم يوق _ دىدى ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ.
نامازدىكى خۇشۇئ گويا ھەزىرتى ئەلى (ر ئە)نى باشقا بىر دۇنياغا ئېلىپ كەتكەن ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن ۋۇجۇدىدىكى ئاغرىقنى ئەسلا سەزمىگەن ئىدى .
ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى