ئادىل دادىسىدىن پۇل سورىماقچى بولۇپ، يۈگىرەپ كېلىپ ، دادىسىغا:
_ دادا ،بۈگۇن مەكتەپتىن 5 يۈەن ئەپكېلىڭلار دېدى . دەپتىكەن.
دادىسى: نېمە 4كوي ،نېمە قىلىسەن 3كوينى، 2كوي يەتمەمدا ،ئالە ماۋۇ 1كوينى دەپ 1كوينى تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ.
مەمەت تارىخ دەرس ۋاقتى ئۇخلاپ قاپتۇ. مۇئەللىم بايقاپ قېلىپ ئۇنىڭدىن :
_ مەمەت، روسىيىدە5قېتىم ئۇرۇش پارتىلىغان ،ئۇلار قايسى ئۇرۇش ؟؟دەپتۇ
مەمەت چۆچۈپ ئويغىنىپ،دەرھاللا:
بىرىنچى قېتىم،ئىككىنچى قېتىم ،ئۈچىنچى قېتىم ،تۆتىنچى قېتىم،بەشىنچى قېتىم دەپتۇ.
ئىككى دوست خىزمەت تاپماقچى بولۇپ،بىر شىركەتكە بېرىپتۇ. بىرسىنىڭ ئوقۇش تارىخى ياخشى، يەنە بىرسىنىڭ ناچار ئىكەن. ياخشىسى بېشىدا كىرىپتۇ.
دېرىكتۇر سوراپتۇ:
_ سىىز غەرىپكە ساياھەت فىلىمىدا قايسى پېرسوناژنى ياخشى كۆرىسىز ؟؟؟ دەپ سوراپتۇ.
_ بېشىدا ۋۇكۇڭ ،كېيىن باجى دەپتۇ.
دېرېىكتور سوراپتۇ:
سىزچە تاشقى پىلانېت ئادىمى بارمۇ؟؟؟
_ تەتقىقاتتا ئىسپاتلانمىغان بىلەن مېنىڭچەبار دەپتۇ.
دېرىكتور رازى بولۇپ ،ئۇنى خىزمەتكە ئاپتۇ.
ئوقۇش تارىخى ناچارراقى جاۋابىنى سوراپتۇ. ياخشىسى دەپ بېرىپتۇ. ناچارراقى كىرىپ كېتىپتۇ.
دېرىكتور ئوقۇش تارىخىنى كۆرۈپ ، ئالماسلىقنى ئويلىغان بولسىمۇ، ھەر ھالدا سوراپتۇ.
_ ئىسمىڭىز نېمە؟؟؟
_ بېشىدا ۋۇكۇڭ،كېيىن باجى دەپتۇ.
دېرىكتور ھەيران بولۇپ :
_كاللىڭىزنىڭ سېرىق سۈيى بارمۇ نېمە ؟؟ دەپتىكەن
_تەتقىقاتتا ئىسپاتلانمىغان بىلەن مېنىڭچە بار. دەپتۇ.