باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 672 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: خاقانى تورى ۋە جالادىن خاقانى
دوستلىشىش
appakhoja
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1614
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 437
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە437دانە
ئۆسۈش: 1640 %
مۇنبەر پۇلى: 5763 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-07
ئاخىرقى: 2012-01-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 15:52

خاقانى تورى ۋە جالادىن خاقانى

مەشھۇر ئىسلام ئۆلماسى ،مەۋلىۋى جالالىدىن تەرەپىدىن قۇرۇلغان خاقانى تورى 1980-يىلى روسلار ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن قۇرۇلغان ،ئافغانىستاندىكى مەشھۇر مۇجاھىدلار گۇروھى بولۇپ،مەۋلىۋى جالالىدىن خاقانى 1950-يىلى ئافغانىستاندا تۇغۇلغان بولۇپ،پوشتى مىللىتىدىن.خاقانى مۇجاھىدلىرى ئافغانىستانىڭ شەرقى جەنۇبى قىسمىنى ئۆزىنىڭ بازىسى قىلغان بولۇپ،ئۇلار مۇشۇ جايدىكى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ،روس تاجاۋۇزچىلىرىغا زەربە بېرىش جەريانىدا يېتىلگەن،ئۇلار روسلارغا قارشى  10 يىللىق جىھاد جەريانىدا، تىللادا داستان بولغىدەك قەھرىمانلىق  كارتىنىلىرىنى يارىتىپ،شۇ يەرلىك خەلقنىڭ نەزىرىدە باھادىرلىق ئوبرازىدىنى ياراتقان.ھەتتاكى ھازىرقى ئافغانىستان ۋە پاكىستان ھۆكىمىتىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن.ئۇلار روسلارغا قارشى جىھاد ئۇرۇشى جەريانىدا ،ئامىركا مەركىزى ئاخپىرات ئىدارىسى،پاكىستان ئۈچ خىل ئارمىيە ئاخپىرات ئىدارىسى ۋە سەئودى ئەرەبىستان ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ۋە زور كۈچ بىلەن ھەربى جەھەتتىن قوللاپ- قۇۋەتلىشىگە ئېرىشىپ،زور مىقتاردىكى ھەربى قورال-ياراق ۋە ئوق-دورىلارغا ئېگە بولغان،زامانىۋى ھەربى تەلىم-تەربىلىرىنى قۇبۇل قىلغان مۇنتىزىم ھەربى گۇروھ بولۇپ نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا 15000 كىشلىك مۇجاھىد قوشىنى ھەركەت قىلماقتا.روسلارغا قارشى ئافغانىستاندىكى جىھاد ئۇرىشى ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن ،خاقانى تورى ئامىركا مەركىزى ئاخبىرات ئىدارىسىنىڭ ئانچە ئېتىبارىغا ئېرىشەلمەي ،ئۆزىنى تالىبان،بازا تەشكىلاتى ۋە پاكىستان ئۈچ خىل ئارمىيە  ئاخبىرات ئىدارىسىنىڭ ئېتىبار بېرىشىغا ئېرىشىپ،تەدىرىجى رادىكال تېرورىست تەشكىلاتقا ئايلىنىشقا باشلىدى ھەم بۇلاردىن ئىقسادى ياردەم ئېلىپ مالىيە مەنبەسىنى تولۇقلاپ ،كۈچىنى زورايتىپ تالىباندىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بىر يۆلىشكە تەرەققى قىلدى.2007-يىلىغا كەلگەندە ئۇلار تالىبانىڭ ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلاندى،تالىبانىڭ ئاخىرقى سىياسى مەقسىدى ئىسلام خەلپىلىكى قۇرۇش،لېكىن خاقانى تورىنىڭ ئاخىرقى سىياسى مەقسىدى بولسا ئافغانىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا مۇككەمەل بىر ئىسلام فىدراتسىيى تەشكىل ئېتىش.ھازىر ئۇلار ئافغانىستانىڭ شەرقى جەنۇبى ۋە پاكىستانىڭ ۋەزىرىستان رايونىدا ئۆزىنىڭ مۇككەمەل ھۆكىمەت ئاپراتلىرىنى قۇرغان بولۇپ ،نورمال مەموريەت يۈرگۈزۈش ئىقتىداراغا ئىگە.
خاقانى تورى ھەربى ۋە سىياسى جەھەتتىن تالىبان،بازا تەشكىلاتى،ئۆزبەك قۇراللىق كۈچلىرى بىلەن مۇستەھكەم ئىتپاققا ئىگە.پاكىستان ئۈچ خىل ئارمىيە ئاخبىرات ئىدارىسى بىلەن مۇئاييەن سىياسى ئىتپاقى بولۇپ،پاكىستانىڭ ئافغانىستاندىكى سىياسى نوپوسىنى قوغداشقا كۈچەيدۇ.غەرپ  ئاخبىرات ۋاستىلى ئافغانىستانىڭ سابىق ئەلباشى رابانىنىڭ قەستلىنىشىدە پاكىستان ئۈچ خىل ئارمىيە ئاخپىرات ئىدارىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ،خاقانى تورى بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغان دەپ قارىماقتا.چۈنكى پاكىستانغا سادىق بولمىغان سىياسى كۈچلەرنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن ،قىلىنغان بولىشى مۈمكىن دەپ قارىماقتا.ئافغانىستاندىكى ئۆزبېك ،ھەزەر،تاجىك قۇراللىق كۈچلىرى ۋە سىياسىيونلىرى پاكىستاننىڭ ئافغانىستانىڭ ئىشلىرىغا ئارلىشىشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇسى ۋە دۈشمىنى.پوشت مىللىتىدىن تەشكىلەنگەن تالىبان ۋە خاقانى تورى پاكىستانىڭ ئافغانىستاندىكى ئىتپاقدىشى،مىللەت دېشىدۇر.خاقانى تورىنىڭ ئافغانىستاندا زور زەربىگە ئۇچرىشى پاكىستانى ئافغانىستاندىكى قانۇنلۇق ۋە كۈچلۈك بىر ئىتپاقدىشىدىن ئايرىم پاكىستاننى ئافغانىستان ئىشلىرىغا ئارلىشىدا ئىنتايىن زەئىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇدۇ.نوۋەتتە پاكىستان بۇ بەدەلنى تۆلەشكە چىدىيالماي قالدى.پوشت مىللىتىدىن بولغان ھامىت كارزايى ھۆكىمىتى سىياسى نوپوز جەھەتتە ۋە ئەمىلى كۈچ جەھەتتە ھەرگىز  تاجىك ،ئۆزبېك،ھەزەر قۇراللىق ۋە سىياسى كۈچلىرى بىلەن تەڭ تۇرالمايدۇ ،تۇرلايدۇ دىگەندە پاكىستان پەرەس تالىبان ۋە خاقانى تورى تۇرالايدۇ،لېكىن بۇلار ھازىر شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ زەربە بېرىش ئوبىكتى.پاكىستان ھۆكىمىتى جالالىدىن خاقانىنى ئافغىىستان ھۆكىمىتىگە كىرگۈزۈشكە خېلى كۈچىگەن بولسىمۇ مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىغان.

خاقانى تورىنىڭ لېدىريەت ھەيئەتلىرى
1.جالادىن خاقانى 2.سىراجىدىن خاقانى3.باھادىر خاقانى 4.سەنگېن زەدران 5.ناسىرىدىن خاقانى 6. ئابدۇلئەزىز ئابباس.
خاقانى تورىنىڭ ئافغانىستاندا ئېلىپ بارغان بۇزغۇنچىلىق ۋە تېرورلۇقى 2008 -يىلدىكا شىرانتون مېھمانخانىسىنى ۋە ھىندىستان ئەلچىخانىسىنى پارتىلتىشتىن باشلىنىپ 10 قېتىمدىن ئارتۇق زور ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
جۇملىدىن  خاقانى تورى پاكىستان ۋە ئامىركا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە بولۇپ قالدى .
[ بۇ يازمىنىappakhoja 2011-10-02 15:58قايتا تەھرىرلى ]
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1452
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1452دانە
ئۆسۈش: 7020 %
مۇنبەر پۇلى: 19489 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-01-07

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى 1-ئۆكتەبىر ‹‹خاقانى تورى››قوراللىق قىسىم تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانى ھاجى مالىخاننىڭ تورغا چۈشكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئافغانىستان تالىبان تەشكىلاتى بۇ پىكىرنى ئىنكار قىلدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى:شىمالىي ئاتلانتىك تەشكىلاتى بىلەن ئافغانىستان قىسىملىرى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئافغانىستان بىلەن پاكىستان چېگرىلىنىدىغان پاكتىيە ئۆلكىسى جانى خېل رايونىدا  ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق ھەرىكەتتە مالىخاننى قولغا چۈشۈردى دېگەن.

مالىخان شۇ چاغدا تولۇق قوراللانغان بولۇپ، ئەمما قارشىلىق بىلدۈرمىگەن.ئۇ بىر نەپەر ياردەمچىسى ۋە بىر نەپەر قوغدىغۇچىسى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تورغا چۈشكەن بولۇپ شىمالىي ئاتلانتىك تەشكىلاتى ھەرىكەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان.

‹‹خاقانى تورى››جالالىدىن خاقانى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئۇ 70-يىللىرى  پارتىزانلىق ئەترىتى تەشكىللەپ ئافغانىستاندا سوۋېت ئارمىيىسى جەڭ قىلغان ھەمدە ئامېرىكا  مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

ئەمما ئامېرىكىنىڭ كۆز ئالدىدا بۇ تەشكىلات تالىبان ۋە بازا تەشكىلاتى بىلەن ئالاقە باغلاپ پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىنى بازا قىلىپ تۇرۇپ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تەھدىت پەيدا قىلغان. ئامېرىكا بۇ تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ 9-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋە 14-كۈنىدىكى ئافغانىستاننىڭ كابۇلدىكى باش ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى  جەزملەشتۈرگەن.

بۇ يىلنىڭ  يىل بېشىدىن تەرتىپ شىمالىي ئاتلانتىك تەشكىلاتى تەرەپ 500قېتىمدىن ئارتۇق ھەرىكەت قوزغاپ 1300دىن ئارتۇق ‹‹خاقانى تورى››نىڭ گۇمانلىق ئادەملىرىنى تۇتقان.




شىمالىي ئاتلانتىك تەشكىلاتىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا مالىخان ‹‹خاقانى تورى›› نىڭ  باشلىقى سىراجى خاقانى ۋە
سىراجىنىڭ ئۇكىسى بەدىردىن ئىككىيلەننىڭ تاغىسى بولۇپ بۇ تەشكىلاتنىڭ ئافغانىستاندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

سىراجى بولسا جالالىدىن خاقانىنىڭ بالىسى بولۇپ ھازىر ‹‹خاقانى تورى››نى باشقۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

مالىخان بولسا بىۋاسىتە سىراجىنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلايدىغان بولۇپ ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى بازىسىنى باشقۇرۇش، بۇ ئىككى جايدىكى ھەرىكەتنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل. ئوتكەن بىر يىلدا ئۇ ئافغانىستاننىڭ پاكتىيە ئۆلكىسىدە ‹‹خاقانى تورى››نىڭ گازارمىسىنى قۇرغان.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەرەپ مالىخان مەبلەغ  ۋە تەمىناتنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ  ‹‹خاقانى تورى››نىڭ ئەزالىرىنى پاكىستاندىن ئافغانىستانغا يۆتكەپ ‹‹تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ›› دېدى.

ئافغانىستان ئاخبارات تارمىقىنىڭ باياناتچىسى لۇتپۇللا ماشال فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا مالىخاننىڭ تورغا چۈشكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، ئەمما ئۇ ئۇنىڭ سالاھىيىتى توغرىلىق ئوخشىمىغان كۆز قارىشىنى ئىپادىلىدى.
بۇ باياناتچى: مالىخان خاقانى جەمەتىنىڭ ئەزاسى، ئەمما ئۇنىڭ سىراجىدىننىڭ تاغىسىمۇ ئەمەسمۇ ۋە ئۇنىڭ ھازىر ‹‹خاقانى تورى››نىڭ قوماندانىمۇ ئەمەسمۇ بۇ ئېنىق ئەمەس دېدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەرەپ مالىخاننىڭ تورغا چۈشىشىنى ‹‹خاقانى تورى››غا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىكى ئابىدە دېدى.

تالىبان باياناتچىسى  زاتۋۇلا مۇجاسىد مالىخاننىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، رىيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ‹‹مەن باياتىن ھاجى مالىخان بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇنىڭغا ھېچ  ئىش بولماپتۇ، ئۇ باشقا جايدا بولۇپ تۇتۇلماپتۇ››دېگەن.

مۇجاسىد يەنە: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يالغان خەۋەر تارقىتىپ ‹‹خاقانى تورى››ئارمىيىسىنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى  تەۋرەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ دېدى.

‹‹خاقانى تورى››نىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى ئىسپاتلاپ مالىخاننىڭ سىراجىنىڭ تاغىسى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندان ئەمەسلىكىنى، بىر نەچچە تۇغقىنىنىڭ ئافغانىستاندا شىمالىي ئاتلانتىك تەشكىلاتىغا بولغان ھۇجۇمغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بىر ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان پاكىستان ئاخبارات تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى رىيتىر ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلاپ  مالىخاننىڭ ‹‹خاقانى تورى››نىڭ ئىشلىرىغا قاتناشقانلىقىنى، پاكىستاندىكى باشقا قوراللىق تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە باغلاشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مالىخاننىڭ تورغا چۈشىشى ‹‹خاقانى تەشكىلاتى››غا زەربە بېرىشتىكى ئادەتتىكىچە بىر زەربە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.


نۇر تورىدىن ئېلىندى.
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار