باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 638 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: «دوكتور»لۇق ئۇنۋانى چېرىكلەشمەسلىكنىڭ ۋاكسىنىسى ئەمەس
دوستلىشىش
noshirwan
ئەلبەھرە تورى   www.elbehre.com
دەرىجە: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6925
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 91
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە91دانە
ئۆسۈش: 1860 %
مۇنبەر پۇلى: 2176 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-06
ئاخىرقى: 2012-01-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 00:46

«دوكتور»لۇق ئۇنۋانى چېرىكلەشمەسلىكنىڭ ۋاكسىنىسى ئەمەس

«دوكتور»لۇق ئۇنۋانى چېرىكلەشمەسلىكنىڭ ۋاكسىنىسى ئەمەس

خەۋەر قىلىنىشىچە، شەنشى ئۆلكىسى تەييۈەن شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دۇ جيېنىڭ پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپتۇ.
ياپۇنىيە، تايلاند قاتارلىق ئەللەرگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان، ۋۇخەن ئونۋېرسىتېتىدا دوكتۇرئاشتى بولۇپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان دۇ خانىم 2007-يىلى 10-ئايدا تەييۈەن شەھىرى مەملىكەت بويىچە يەتتە نەپەر ھاكىم دەرىجىلىك ئەمەلدار تاللاشتا كەسكىن رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىپ، سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ شۇ يىلى 41 ياشتا بولۇپ، ئايال زىيالىيلىق سالاھىيىتى بىلەن شەنشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسىمۇ بولغان.
زىيالىيلىقتىن ئەمەلدارلىق سورۇنىغا كىرگەن بۇ ئايال ئەمەلدار ھېچقانداق ئەمەلدارلىق تەجرىبىسى يوقلۇقىغا قارىماي، باشلىق بولۇپ ھايال ئۆتمەيلا، جان-جەھلى بىلەن مال-دۇنيا توپلاشقا كىرىشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ قاپيۈرەكلىك بىلەن ئاپ-ئاشكارا ھارامخورلۇق قىلىشىدىن باشقىلار ھاڭ-تاڭ قالغان. 2008-يىلى 480 مىڭ يۈەنلىك ساختا توختام تۈزۈپ، 260 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك شىلىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆي سېتىۋالغان. 2009-يىلى ئىدارە يىغقان سۇ بايلىقى ھەققىدىن 200 مىڭ يۈەننى قايرىۋېلىپ، يەنە ئۆي سېتىۋالغان.
دۇ خانىم ھەپسىگە ئېلىنغاندىن كېيىن، «ئۆزىنىڭ دېگىنى دېگەن ئىدى، پەزىلىتى ناچار ئىدى، باشباشتاقلىق قىلاتتى، ياخشى گەپ قۇلىقىغا ياقمايتتى» دېگەندەك گەپ-سۆزلەرمۇ پەيدا بولدى. دۇ خانىم ئىدارىسىنىڭ مالىيە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇپ، قانداق ئىشقا، قانچە پۇل خەجلەشنى بىرلا ئۆزى تەستىقلايدىكەن. موشۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزىلا مالىيە تۈزۈمىگە دائىر قانۇن-نىزاملارغا مۇخالىپ كېلىدۇ. ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا ئاپئاشكارا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ يۈرىشى شۇ بىر شەخسىنىڭ پاجىئەسىمۇ ياكى زىننەت بويۇمىغا ئوخشاش تىزىپ قويۇلغان تۈرلۈك-تۈمەن  قانۇن-نىزاملارنىڭ پاجىئەسىمۇ؟
ئالدىنقى يىللاردا، ئەمەلدارلىق سورۇنىدا «59 ياش ھادىسىسى» پەيدا بولغان ئىدى. ئېلىمىزدە، مۇئاۋىن مېنىستىر دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئەمەلدارلارنىڭ پېنسىيىگە چىقىش يېشى 60 ياش بولۇپ، 59 ياشقا كىرگەن ئەمەلدارلار چېرىكلىشىشتە ئەشەددىيلىشىپ، چېرىك ئەمەلدارلارنىڭ «ئاخىرقى غالجىرلىقى» دەپ نام ئالغان. ئەمدى، چېرىك ئەمەلدارلار ياشلىشىۋېتىپتۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇمۇ چېرىكلىشىشتىكى «نورمال» ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلدارلىق سورۇنىدا، ھوقۇقنىڭ چېرىتىش دەرىجىسى ئەمەلدارنىڭ يېشى ۋە جىنسىغا باغلىق بولمايدۇ.
ياش ئەمەلدارلار ھوقۇق تۇتقاندا ئەمەلدارلىق سورۇنىدا يۈرگەن ۋاقتى قىسقا، ھوقۇقنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا ئۇچراش پۇرسىتى ئازراق، مەسىلىسى بار تۇرۇپ ئەمەلدار بولۇش نىسبىتى تۆۋەنرەك بولىدۇ. دۇ خانىم ھەپسىگە ئېلىنىشتىن بۇرۇن ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمى مەكتەپتە ئۆتۈپتىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، رىقابەت ئارقىلىق مەنسەپ تۇتقان بۇنداق ئەمەلدارلارغا پاكلىق تەربىيىسى بېرىلمەي قالمايدۇ، ئۇلارمۇ تەشكىلگە سەمىمىي ۋەدە- قەسەملەرنى بېرىدۇ. دۇ خانىمنىڭ ئەشەددىي خىيانەتچىلىكى كىشىلەرگە ھوقۇقنىڭ چىرىتىش ئىقتىدارنى كۆرسىتىپ قويدى، كىشىلەر يەنە دۇ خانىم قايسى «ئۈلگە»لەردىن ئۆرنەك ئېلىپ، خىيانەت قىلىش جاسارىتى شۇنچە ئېشىپ كەتكەندۇ، دەپ ھەيرانە-ھەس بولۇشتى.
سان-ساناقسىز ئەمەلدارلارنىڭ چېرىكلىشىش كەچمىشلىرى ئۇلارنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ئوقۇش تارىخى، تەجرىبىسى، تەرجىمىھالى، بىلىم-ئىقتىدارى قاتارلىقلارنىڭ ھوقۇقنىڭ چېرىتىشىدىن ساقلايدىغان ۋاكسىنا ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكتە. «ۋەتەنگە قايتقان»، «دوكتور» بولغانلارمۇ غايەت زور پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان ھوقۇق ئالدىدا ئوخشاشلا موللاق ئاتماقتا. دۇ خانىم جاجىسىنى يېدى، لېكىن، نازارەت ۋە چەكلىمە بولمىغان ھوقۇق يەنە بىر دۇ خانىمنىڭ چىقىشىنى توسىيالمايدۇ. خۇددى دۇ خانىم جازالىنىشتىن ئىلگىرى چېرىكلەشكەن ئەمەلدارلار جازالانغان، ھەتتا كاللىسى ئېلىنغان بولسىمۇ، دۇ خانىمنى توسىيالمىغانغا ئوخشاش.
مەنسەپ بېرىش جەريانىنىڭ ئاشكارا بولغىنى بەرھەق. ئاشكارا سىناق-ئىمتىھان ئالغاندا ئىستىل-پەزىلىتى دورۇس بولغان ئەمەلدارلار  كېيىنكى كۈنلەردە ھوقۇقنىڭ ئېزىقتۇرىش بىلەن چېرىكلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. دوكتورلۇق ئۇنۋانى بولسىمۇ چېرىكلەشكەن دۇ خانىمنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى  ماھىيەتتە نۆۋەتتىكى چېرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈزۈم-تۈزۈلمىسىگە جەڭ ئېلان قىلغانلىقتۇر. كەسكىن رىقابەت، قاتلاممۇ-قاتلام تاللاش، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازارەت قىلىشلارنىڭ ھېچقايسىسى دۇ خانىمنى چېرىكلىك پاتقىقىغا پېتىپ كېتىشتىن توسۇپ قالالماپتۇ. ئەجىبا، بۇمۇ چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئەرزىمەمدۇ؟

مەزكۇر ئوبزور خەنزۇچە «نۇر تورى»دا 2011-يىلى 30-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان.
ئەلبەھرى تورىدىن نوشىرۋان تەرجىمە قىلدى.
ئەلبەھرە تورى
www.elbehre.com
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 760
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە760دانە
ئۆسۈش: 2830 %
مۇنبەر پۇلى: 9552 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-01-04

يىلتىزىدىن يۇقاتماق تەس تەس ..................
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1425
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1425دانە
ئۆسۈش: 4730 %
مۇنبەر پۇلى: 17756 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-01-03
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 14:34

رەھمەت سىزگە نۇشۇرۋان قىرىندىشىم مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تىمىلارنى تەرجىمە قىلىپ خەلقىڭىز بىلەن يۇز كۇرۇشتۇرۋاتسىز،،،،ئەجرىڭىز ئۇنتۇلمايدۇ،،،،!!!!!!!!!!
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1068
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1068دانە
ئۆسۈش: 1040 %
مۇنبەر پۇلى: 11442 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-01-05
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-03 15:35

بۇ <ئۇنۋان> دىگەننى چەت ئەللەردە گازىر ساتقاندەك ساتىدۇ دەيدىيا  
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
ھەقىقەت ئىككى كىشىگە مۇھتاج،بىرى سۆزلىگۈچى،يەن& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1207
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 188
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە188دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 2163 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2012-01-04
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-03 19:32

ھازىر چىرىكلىك دىگەن تۇغۇلۇشتىن تارتىپ ياشاپ ئۆلگىچە،كىچىك ئىشلاردىن تارتىپ غايەت زور ئىشلارغىچە ھەممىسىدە بار !!!!! بۇلارنى باشقىلار بىلمەمدۇ؟؟؟ بىلدۇ تازا ئىنىق بىلىدۇ!ئەمسە نىمىشقا يوقالمايدۇ؟!! كىشلەرنىڭ كۆڭلى شۇنى تارتىدۇ،ئاغزىدا نەپرەتلەنگەن بىلەن!!!! ئاددىسى كىچك ئۆچرەتلەتدىن تارتىپ،بىرەر ئەرزىمەس تامغىچلارغىچە؟؟!!!!