سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئايال ماشىنا ھەيدىگەنلىكى ئۈچۈن سورتقا تارتىلدى.پادىشاھ بۇ ئايالغا بېرىلگەن جازا ئىچىدىن 10 دەررە ئۇرۇشنى كەچۈرۈم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
دۆلىتىمىزنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا قارىماي،ئامېرىكا ھۆكىمىتى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بىرىشنى ماقۇللىدى.
ئامېرىكىنىڭ قورال سېتىش ھەركىتى ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ 1982-يىلى8 -ئاينىڭ 17-كۈنى ئىمزالىغان<< 8.17 بىرلەشمە ئاخبارات >>غا زىت كېلىدۇ.
ئامېرىكىدىكى كەمبەغەللەرنىڭ سانى ئۆتكەن يىل 46مىليون 200 مىڭغا يەتتى. بۇ ئىستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا ،مەزكۈر سان 52 يىل جەريانىدا كۆرىلىپ باقماپتىكەن.
ئامېرىكا ئۆلچىمى بويىچە ،4 كىشلىك ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى 22300 دوللاردىن تۆۋەن بولسا ،كەمبەغەل بولۇپ سانىلىدىكەن.
ناتو ھاۋادىن ،ۋاقىتلىق ھۆكىمەتنىڭ قۇرۇقلىقتىن ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىدە ،قەززافىي يۇشۇرۇن ھەركەت قىلىشقا ئۆتتى،
تۈنۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ،ئۇنىڭ يۇردىشى،سابىق ھۆكىمەتنىڭ باياناتچىسى ،ئىبراھىم قولغا چۈشكەن،ئىنىق بولمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا،ئۇ قولغا ئېلىنىش ئالدىدا ئايالچە كىيىنىپ ،ئاياللار بىلەن شەھەردىن چىقىپ كەتمەكچى بولغان ئىكەن.
zamzam تەرجىمە قىلىپ قويدى.