باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1589 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاياللار ئاپتۇمبىل ھەيدىگەندە
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 550
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە550دانە
ئۆسۈش: 2120 %
مۇنبەر پۇلى: 6952 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2011-10-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-01 18:00

ئاياللار ئاپتۇمبىل ھەيدىگەندە


 

ئاياللارنىڭ روھى ۋە پىسخىك جەھەتتە بىسىمغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ ،ئۇزۇن مۇددەت بىسىم ۋە روھى جەھەتتە جىددىيلىك بولسا ،ئۇلاردا ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىش ،جىسىي ھورمۇن ئاجراتمىلىرى تەڭپۇڭسىزلىنىش ،ھەيز ئاغرىتىپ كىلىش ،ھەيز كىسىلىش دەۋرىدىكى ئالامەتلەر ئېغىرلىشىش ،بويىدىن ئاجراپ كىتىش ،بالدۇر تۇغۇش، سۈتى توختاپ كىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ .روھى بىسىم ئۇزۇنغىچە داۋاملاشسا ،ھەتتا ماشىنا ھادىسى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ./ P8 }% {  p# B
بەل مۇسكۇللىرى زەخىملىنىدۇ ،ئايال شوپۇرلار ئۇزۇن مۇددەت ماشىنا ھەيدىسە بەل ئاغرىشتىن باشقا داس سۆڭىكىگە قان ئۇيۇپ قىلىش ،ھەيز ئاغرىتىپ كىلىش ،كۆپىيىش ئەزالىرى ياللۇغلىنىش قاتارلىق ياللۇغلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ .ھامىلدار مەزگىلدە ئۇزۇن ۋاقىت ئابتومۇبىل ھەيدەشمۇ ھامىلىگە زىيانلىق .
 
كەسپى كىسەل پەيدا بولىدۇ ،ئايللار بىنزىن ،بىنزىننى مۇقىملاشتۇرغۇچى تېترا ئېتىل قوغۇشۇن ،كاربۇن چالا ئوكسىد قاتارلىق زىيانلىق ماددىلارغا بەكمۇ سەزگۈر كېلىدۇ ،ئۇلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئۇچراشقاندا ھەيىز كەلمەسلىك ،ھامىلدار بولماسلىق ،ھەيىز بالدۇر توختاپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ،تېترا ئېتىل قوغۇشۇن بالىنىڭ ھەمرىيى ئارقىلىق ھامىلىگە زىيان يەتكۈزۈپ ،بويىدىن ئاجراپ كىتىش ،بالا قورساقتا ئۆلۈپ قىلىش ،بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ .ئىمىتىش مەزگىلدە ،يۇقىردىكى زىيانلىق ماددىلار سۈت بىزىگە كىرگەندىن كىيىن ،سۈتنى بۇلغاپلا قالماستىن ،بەلكى ئانا سۈتىنىمۇ ئازايتىۋىتىدۇ .تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى ،ئۇزۇن مۇددەت سىلكىنىش ۋە شاۋقۇن سۈرەنلەر ھەيىز قالايمىقانلىشىش ،ھەيىز كۆپ كىلىش ،ھەيىز كۆپ كىلىش ،ھەيىز ئاغرىتىپ كىلىش ،ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە زەھەرلىنىش ،تۇغۇتتىن  كىيىن قان كۆپ چىقىش ،ھەتتا بالا غەيرى تۇغۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
 
مۇتەخەسسىلەر ئايال شوپۇرلارنى ئابتۇمۇبىل ھەيدەش جەريانىدا چوقۇم ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ،يۇقىرقى كىسەللكلەردىن ساقلىنىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ .ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ،ئىلمى ئوزۇقلىنىش ،ئايال شۇپۇرلارئابتومۇبىل ھەيدەشتىن كىلىپ چىقىدىغان زىيانلىق ئامىللارنى ياخشى ئىگىلەپ ،كەسپى كىسەللىكلەردىن قاتتىق ساقلىنىشى ،ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك ،ئۇلار ئۆزىدىكى فىزولۇگىيە ،پىسخولۇگىيىلىك جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلەرنى تولۇق چۈشەنگە ئاساستا ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىش كۆرۈشى ،ئىلمى ئوزۇقلىنىش ،بەدەن ھېنىقتۇرۇش ۋە بەدەن ئىممۇنىتىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك ., h% M7 G! {8 B% E$ {
‹‹ئالاھىدە ››مەزگىلدە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك ،ئايال شوپۇرلار ھەيىز مەزگىلى ،ھامىلدارلىق مەزگىلى ،ئىمىتىش مەزگىلى ۋە كىلىماكتىرىيە مەزگىلىدىن ئىبارەت تۆت ەمزگىلدە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.ھەيىز مەزگىلدە ئابتومۇبىل ھەيدەشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرۇشى كېرەك .قىسقا مۇددەتلىك ،قىسقا مۇساپىلىك ئابتومۇبىل ھەيدەشكە بولىدۇ .ھامىلدارلىق مەزگىلى ۋە ئىمىتىش مەزگىلدە بىنزىن بۇلۇپمۇ قوغۇشۇن تەركىبى بولغان بىنزىن قالدۇق گاز اتارلىق كەسپى خاراكتىرلىك زىيانلىق ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ،ئە ياخشىسى ئابتومۇبىلنى ۋاقتىنچە ھەيدىمەسلىك كېرەك.
 
  كىيىنىشكە دىققەت قىلىش :گۈەللىككە ئىنتىلىش -ئاياللارنىڭ تەبىئىتى .ئايال شوپۇرلارمۇ ئادەتتە تاشقى قىياپىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ ،ئۇلار ئابتومۇبىل  ھەيدىگەندە ،ئابتومۇبىل ھەيدەشكى ماس كىلىدىغان كىيىملەرنى كىيىشى ،قىرلىق شەپكىلەرنى ،پاشنىسى ئېگىز ئاياغلارنى ،بەك تار ئىچ كىيىم ياكى شىملارنى كىيمەسلىكى ،قار ياغقان كۈنلىردىن باشقا كۈنلەردە قاراكۆزەينەك تاقىماسلىقى ،بېرۋىنى تىنچلاندۇرۇدىغان ،ئاغرىق پەسەيتىدىغان دورىلارنى ئىچمەسلىكى ،ئاغرىق تۇرۇپ ئابتۇمۇىل ھەيدىمەسلىكى ،تاماكا چەكمەسلىكى ،ھاراق ئىچمەسلىكى كېرەك،ئەگەر ئۇلار كەسپى كىسەلگە گىرىپتار بولسا چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشى كېرەك.
 
    مەنبەسى بىلىم كۈچ ژورنىلى 2011-2-سان
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...