باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1075 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۆيى مەجبۇرىي چېقىلغاندا تىرىك كۆمۈلۈپ قالسا، شەھەر باشلىقى ئەپۇ سوراش
دوستلىشىش
noshirwan
ئەلبەھرە تورى   www.elbehre.com
دەرىجە: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6925
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 91
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە91دانە
ئۆسۈش: 1860 %
مۇنبەر پۇلى: 2176 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-06
ئاخىرقى: 2012-01-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-29 23:18

ئۆيى مەجبۇرىي چېقىلغاندا تىرىك كۆمۈلۈپ قالسا، شەھەر باشلىقى ئەپۇ سوراش


ئۆيى مەجبۇرىي چېقىلغاندا تىرىك كۆمۈلۈپ قالسا، شەھەر باشلىقى ئەپۇ سوراش سەلبىي ئۆرنەك بولۇپ قالمىسۇن

مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى، زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەننىڭ ناتوغرا كەسىپ ئىستىللىرىنى تۈزىتىش ئىشخانىسى قاتارلىق تۆت ئورۇندىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۆت ئورۇن ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە ناتوغرا كەسىپ ئىستىللىرىنى تۈزىتىش ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەجبۇرىي چېقىش-كۆچۈرۈشتە ئۆلۈش-يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 11 دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بىر نەپەر ئۆلكە دەرىجىلىك كادىر، 4 نەپەر شەھەر-نازارەت دەرىجىلىك كادىر، 20 نەپەر ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك كادىر ۋە 32 نەپەر يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك كادىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 57 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى ۋە مەمۇرىي مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش جازاسى بەرگەن. جىنايەتكە چېتىشلىق 31 كىشى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللانغان.(«گۇاڭجۇ گېزىتى»نىڭ 2011-يىلى 26-سېنتەبىردىكى خەۋىرى)


قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، زورلۇق بىلەن مەجبۇرىي چېقىش-كۆچۈرۈش دېلولىرىدا تۆت ئورۇن بىرلىشىپ جاۋابكارلىقنى  سۈرۈشتە قىلىشتەك داغدۇغا ئاز ئۇچرايدۇ، مانا بۇنىڭدىن چېقىش-كۆچۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئەل-ئاۋامنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش پوزىتسىيىسى ۋە ئىرادىسىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئەپسۇسكى، زورلۇق بىلەن مەجبۇرىي چېقىش-كۆچۈرۈشتە ئامما تىرىك كۆمۈلۈپ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىشتەك قەبىھ ۋەقەدە شۇ جايدىكى شەھەر باشلىقى شەھەر خەلقىدىن ئەپۇ سوراشقىلا بۇيرۇلۇپتۇ. جاۋابكارلىقنى موشۇنداق سۈرۈشتۈرۈشتىن قاتتىق ئۈمىتسىزلەندىم. موشۇنداق سىلاپ-سىيپاپ بىر تەرەپ قىلغاندا، بۇ ئارقىلىق زورلۇق بىلەن مەجبۇرىي چېقىش-كۆچۈرۈشنى توسۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، زورلۇق بىلەن مەجبۇرىي چېقىش-كۆچۈرۈشنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەب بولىدىغان سەلبىي ئۆرنەك بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قالدىم.


ھەممەيلەنگە ئايانكى، زورلۇق بىلەن مەجبۇرىي چېقىش-كۆچۈرۈش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە كىمنىڭ نامىدا چېقىش ياكى كىم چېقىشتىن قەتئىينەزەر، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە يەرلىك ئەمەلدارلار سۈكۈت قىلغان، باشچىلىق قىلغان، قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن ۋە ھەمدەمدە بولغان. بەزىدە ھۆكۈمەت ئۆزىلا ھەركەتكە كەلگەن. بۇنىڭ ھەممىسى سودىگەرلەرنىڭ پايدا-نەپ ئالدىدا ئۆزىنى باسالماي قالغانلىقىدىن باشقا، يەرلىكنىڭ تەرەققىياتى، ئەمەلدارلارنىڭ سىياسىي نەتىجە قىزغىنلىقىدىن بولغان. ئۇنداق بولمىسا، قانۇن-سىياسەت ئېنىق تۇرسا، «دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرگە سېلىنغان ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش نىزامى» يولغا قويۇلغان تۇرسا، بەزى ئورۇنلار ئېقىمغا قارشى ھەركەت قىلىپ، خېيىم-خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ، قانۇن-سىياسەتنىڭ قىزىل چىرىقىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئاۋامنىڭ مال-مۈلكى، ھەتتا ھاياتىغا پىسەنت قىلماي زورلۇق بىلەن مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرەرمىدى؟
قىلمىشى قەبىھ، ئاقىۋىتى ئېغىر، تەسىرى ئىنتايىن يامان بولغان موشۇنداق زورلۇق بىلەن مەجبۇرىي چېقىش-كۆچۈرۈش ۋەقەسىدە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرىمىز دەپ، قارا يامغۇر ياغدۇرغىدەك ئەلپاز بىلەن چۈشۈپتۇيۇ، گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق دېگەندەك ئىش بولۇپ قاپتۇ. ۋەقەگە چېتىشلىق بىر تۈركۈم ئەمەلدارلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، بىۋاستە جاۋابكارلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلۈپتۇ، ئەپسۇسكى، ۋەقەدە باش تارتىپ بولمايدىغان جاۋابكارلىقى بار بولغان، كۈچى ۋە نوپۇزى بار بولغان يەرلىك ئەمەلدارلارغا تېگىشكە پېتىنالماي، ئۇلارنىڭ مەنسەپ قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاپ، جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرمەي، سىلاپ-سىيپاپ ئىش قىلىپ، شاراپ سورۇنىدا ئۈچ رۇمكا شاراپ بىلەن جازالىغاندەك، «قاتتىق» بىر تەرەپ قىپتۇ. بۇ گۇناھىغا لايىق جازا بەرگەنلىك بولمايدۇ، بىرگە جازا، مىڭغا ئاگاھ بولمايدۇ.


جانغا تاقىشىدىغان موشۇنداق چوڭ ئىشتا، بىر شەھەرنى سوراۋاتقان ئادەم خاتالىقى ئۈستىدە تازا ئويلىنىپ، شەھەر خەلقىدىن ئۆز ۋاقتىدا ئەپۇ سوراپ، يۇقۇرىدىن گۇناھىنى تىلىمەكتە يوق، ئەكسىچە يۇقۇرى دەرىجىلىك تەشكىل ئۇنى ئەپۇ سوراشقا بۇيرۇپ يۈرۈپتۇ. بۇنداق ئەپۇ سوراشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقلىقىنى دېمەي تۇرايلى، ئەگەر، ئەپۇ سوراشقا بۇيرۇش بىرمۇنچە ھەۋە-شەۋە بىلەن جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ بىر تۈرلۈك تەدبىرى بولۇپ قالسا، تەسىرى ۋە داغدۇغىسى بۇنچە چوڭ بولمىغان مەجبۇرىي چېقىش-كۆچۈرۈش ۋەقەلىرىنىڭ قانداق «بىر تەرەپ قىلىنىدىغان»لىقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. بۇنداق قىلىش جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتە قىلىشتىكى بىر سەلبىىي ئۆرنەك بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلارنى بىھۇدە غەم-ئەندىشە قىلماي، چاتاق چىققاندا ناھايىتى كەلسە ئەپۇ سورىساقلا بولىدىكەنغۇ دەپ ئويلاپ، قاراملىق بىلەن دادىل ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش بولۇپ قېلىشىدىن ئاۋام-پۇقرا ئەنسىرىمەي تۇرالامدۇ؟


فەن زىجۈن ئىمزاسىدىكى بۇ ئوبزور خەنزۇچە «نۇر تورى»دا 2011-يىلى 28-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان.
ئەلبەھرە تورىدىن نوشىرۋان تەرجىمە قىلدى.
ئەلبەھرە تورى
www.elbehre.com
دوستلىشىش
muhtarbay
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 587
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە587دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 7574 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2012-01-04

كۇلىدىغۇ ھەر ھالدا ئەپۇ سورايدىكەن،غۇلجىلاردا ئوي ئىگىسى كومولوپ قالسا مۇقۇملىققا كاپالەت قىلىمىز دەپ،كومولۇپ قالغۇچىنىڭ قۇدا باجا كېلىن كۇيئوغوللىرىدىن تارتىپ تاناۋىنى غىر
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 425
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە425دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 4330 سوم
تۆھپىسى: 15 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-03
ئاخىرقى: 2011-12-20
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-30 17:49

ئەپۇ سوراشقا  توغرا  كەلسە  شەھەرلىك  پارتىكوم    سىكىرتارى  تەن   ئەپۇ  سورا  سىكىتارسېز   ئوي  يەر    سىتىلماس دەيمەن    تاڭسىڭنىڭ   بۇيرىقى  بولمىسا     سۇڭۋۇكۇڭ    قانداق  ھەركەت   قىلىدۇ
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1369
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1369دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 14530 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-01-05
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-30 18:47

ھوكۇمەت قانداقتۇر ئىككى توك توك قورلوش خوجايىنلىرىنىڭ بولماستىن ، بەلكى شۇلارنى ئوز ئىچىگە ئالغان كەڭ خەلىق ئامميسىنىڭ ھوكىمىتى ،،،،  شۇڭا ھوكومەت خادىملىرى ئوزىنىڭ بۇرچىنى ئۇنتىماي ، خەلىقنىلا قىستاۋەرمەي ، خوجايىنلارغىمۇ ئازراق بىسىم چۇشۇرسە مۇشۇ ئىشلارمۇ يوق ،،،،،   بىزنىڭ بىر كۇۋادىرات ئويىمىزنى 1000يۇئەندىن ئالماقچى ، ئەمما شۇ يەرگە سېلىنىدىغان ئوي ئۇچۇن ئالدىن ھەر كۇۋادىراتىغا 3800يۇئەن تولەپ بولغانلار بار ،، ئۇرۇمچىدە 4000 يۇئەندىن ئالغانلىقىنى خەۋەردە ئۇختۇردى ،،شۇ يەرلەرگە سېلىنىدىغان تاۋار ئويلەرنىڭ باھاسى 6000 يۇئەن ئەتراپىدا ئىكەن ،، دىمەك سېتىلىش باھاسىنىڭ ئۇچتىن ئىككىسى ئولچىمىدە تۇلۇقلىما بىرىلىدىكەن ،، كورلىنى مۇشۇنىڭغا سۇندۇرساق تاۋار ئوي باھاسى 3800 يۇئەن بولسا بىزگە 2400 يۇئەن تۇلۇقلىما بەرسە توغرا بولاتتى ،، 400 يۇئەننى چىقىرۋىتەيلى ،2000 يۇئەن بەرسىمۇ بىر گەپ ئىدى ،،، ئوخشاش ھوكۇمەت ئوخشاش بايراق ئاستىدا تۇرۇپمۇ يۇرت يۇرتلاردىكى بۇ پەرىقلەر ئادەمنى ھەقىقكەتەن ئويغا سالىدۇ ،،،
torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 270
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە270دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 3219 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2011-12-22
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-30 23:24

ماجرا داۋام ئەتمەكتە...ئاللاھنىڭ ئۆزىنى ئۇنىتقان بەندىلىرىگە كەلتۇرىدىغان تۇرلۇك تۇمەن خىل ئازاۋى بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالغىنى يوق.
http://torsodisi.blogbus.com مەرھابا!