باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 7239 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇستاز ۋە شاگىرت (  تاماملاندى )
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2473
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-29 21:33

ئۇستاز ۋە شاگىرت (  تاماملاندى )

ئەسكەرتىش: بۇ يازما fatih204 تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلدى(2011-10-14)


ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھ

بۇ كىتاپ ئۆزبەكچە لاتىن يېزىقىدىكى كىتاپ بولۇپ ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى . داۋامى ئىنشائاللاھ داۋاملىق ئۇيغۇرچىلاشتۇرلۇپ ئۈشبۇ تېمىنىڭ ئاخىرىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللىنىلىدۇ .





 







ئۇستاز ۋە شاگىرت 
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام ئەبۇ مۇتىيئ ئەلبەلخى سۇئال - جاۋاپلىرى
 
كىرىش سۆز

گەرچە ئۈشبۇ كىتاپنىڭ نامى ‹ ئالىم ۋە تەلىم ئالغۇچى › دىگەن مەنادا بولسىمۇ ، لىكىن بىز ئۇنى ‹ ئۇستاز ۋە شاگىرت › دەپ تەرجىمە قىلدۇق .
بۇ كىتاپ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئۇ زاتى شەرىفنىڭ شاگىرتى ئىمام ئەبۇ مۇتىيئ ئەلبەلخى سۇئال جاۋاپلىرى ئاساسىدا تۈزۈلگەندۇر .

ئۇستاز بىلەن شاگىرت ئوتتۇرسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىلمىي بەس - مۇنازىرنى ئىمام ئەبۇ مۇقاتىل ئىبنى مۇسلىم ئەس - سەمەرقەنىتى رىۋايەت قىلىپ بىزگىچە يەتكۈزگەن . 

كىتاپتىكى سۇئال - جاۋاپلار ھەربىر مۇسۇلمان بىلىشكە زۆرۆز بولغان ناھايىتى مۇھىم ۋە ناھايىتى نازۇك مەسىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . ئۇنى دىققەت بىلەن ئوقۇپ چىققان ۋەتەنداشلىرىمىز ، خۇسۇسەن تالىبۇ - ئىلملار ئىسلامى ئىتقادغا ئائىت ئۆزلىرىنى قىيناپ يۈرگەن سۇئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپقۇسى ، دەپ ئۈمۈد قىلىمىز . 
.
 
كىتاپ تۆۋەندىكىدەك باشلىنىدۇ :

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان
ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن . 


بارلىق ھەمدۇ - سانا ۋە ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى
ئاللاھقا خاستۇر ، سەييىدلەرنىڭ سەييىدى ، خوجىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ئۇ زاتنىڭ ئەۋلادلىرىغا 
، ساھابىللىرىگە ، پاك ئەھلى ئاياللىرىغا دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن .

 ھەقىقەتەن ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان  مۇستافا ئاشىر ، ئاللاھ
ئۇنى مەغفىرەت قىلسۇن ۋە نامىنى گۇناھلىرىدىن ئارتۇق قىلسۇن ، ئېيتتىكى :
-مەن بۇزرۇك ئىمامىمىز ئەبۇ ھەنىفەنىڭ (
ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) ‹ئالىم ۋە شاگىرت › ئەسىرىنى ئۇستازىم خوجا ھۈسەيىن ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئەل مىيمىي ئەل بەسىرىي (ئاللاھ
رەھمەت قىلسۇن ئۇ زاتكە ) دىن رىۋايەت قىلىمەن …

كىتاپنى مەزكۇر سۆزلەر بىلەن باشلىغان مۇستافا ئاشىر ھەقىقەتەن ھەم ‹ ئۇستاز ۋە شاگىرت › ناملىق بۇ رىسالىنىڭ ئىمام ئەزەم قەلىمىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلىش ئۈچۈن ، مەزكۇر رىسالىنى بىۋاستە ئىمامىمىزنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئەبۇ مۇقاتىل ھەفىس ئىبنى مۇسلىم ئەس - سەمەرقەنتىيغىچە ياشاپ ئۆتكەن بارلىق راۋىيلارنىڭ نامىنى بىرمۇ - بىر ساناپ ئۆتكەن .

خۇددى شۇنىڭدەك ، مۇستافا ئاشىر ئىمام ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ ‹ ئەل فىقھىي ، ئەل ئەبسات› ئەسىرىنى ئىمامىمىزنىڭ ئاغزىدىن ئۇ زاتنىڭ شاگىرتى ئەبۇ مۇتى ئەل - ھەكەم ئىبنى ئابدۇللاھ ئەل بەلخي ، ‹ئەل فىقھىي ، ئەل ئەكبەر› نى بولسا ئىمامىزنىڭ ئوغلى بولغان ھەمماد ئىبنى ئەبۇ ھەنىيفەدىن ئاڭلاپ ، رىۋايەت قىلغانلىرىنى تەكىتلىمەك ئۈچۈن ئۇلارغىچە بولغان ھەممە راۋىيلارنىڭ ئىسمىنى
  بىر بىرلەپ بايان  قىلغان . 


بىز ئوقۇغۇچىلارغا مالال كەلتۈرمەسلىكنى نەزەردە تۇتۇپ ، كىتاپلارنى رىۋايەت قىلىشقا ئىشتىراك قىلغان راۋىيلارنىڭ تولۇق
 
نامىنى تەپسىلى بايان قىلىشنى لازىم تاپمىدۇق .

ئۇلارنى بىلۋىلىشنى ئويلىغانلار كىتاپنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى كۆرسە بولىدۇ .

 

 

 

 
1

   شاگىرت:
 
    _چوڭقۇر بىلىمىڭىز،مول تەجىربىڭىز ،فەزلۇكىرامىڭىز ياردىمىدە،كۆڭلۈمدىكى شۈبھىلىك سۇئاللارغا قانائەتلىنەرلىك ۋە  ئېنىق جاۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن ھۇزۇرىڭىزغا كەلدىم.ھاياتلىق سەپىرىدە مەن تۈرلىك پىكىردىكى كىشىلەرنى ئۇچۇرتىپ تۇرىمەن.ئۇلار مەندىن بەزىدە شۇنداق سۇئاللارنى سورايدىكى مەن ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بىرىشكە ئاجىز كىلىپ قالىمەن . ئەمما ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بىرەلمىسەممۇ 
ھەقىقەتتىن قايتمايمەن، چۈنكى ھەقىقەتنى بايان قىلغۇچىلاربار بۇلۇپ ھەقىقەت يوقالمايدۇ،باتىل ياشىيالمايدۇ.

   شۇنىڭدەك مىنى ھىچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ياش تالىپقا تەڭلەشتۈرىشىڭىزنى ۋە خىيالىغا كەلگەننى دەيدىغان ‹ بىرسام › ( جىگەر بىلەن يۈرەك ئوتتۇرسىنىڭ شامالدىشىدىن كىلىپ چىققان كىسەل )  
دەردىگە مۇپتىلا بولغان بىمارغا ئوخشىتىشڭىزنى خالىمايمەن.ئاللاھ تائالا ھالىڭىزنى خەيرلىك قىلسۇن،ئۇستاز .ھەقىقەت ئەسلىنى بىلىشنى ۋە ئۇنى سوزلەشنى خالايمەن. ھاۋايى ھەۋەسكە بىرىلگۈچىلەر ھەدىدىن ئاشماقچى ياكى مىنى ھەقتىن قايتۇرماقچى بولسا مەقسەتلىرىگە يىتەلمىسۇن.تالىبلار مەندىن ئىلىم ئۈگۈنىشكە كەلسە ئۇلارغا ئۆزەم چۈشۈنۈپ ئاندىن ئۈگۈتەي.

  
ئۇستاز:
  _بىلمىگەن نەرسىنى بىلىشكە ئىنتىلىشىڭ ماختاشقا لايىق.بىلگىنكى ئىنسان جىسمىدىكى ھەممە ئەزالار ئۇنىڭ كۆزىگە باغلىق بولغاندەك،ئۇنىڭ ئەمەللىرىمۇ ئىلمىگە باغلىقدۇر.چۆلدە ئادىشىپ قالغاندا كېرەك بولغان ئۇزۇقتىن كۆرە توغرا يۈرۈلگەندە،زۈرۆر بولغان ئوزۇق كىشىگە قانچىلىك پايدىلىق بولسا،ئىلىمگە ئاساسلانغان كىشى ئۈچۈن ئەمەل جاھالەت بىلەن قىلىنغان ھەرقانچە كۆپ ئەمەلدىن پايدىلىقراقتۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا: (بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بۇلامدۇ،پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ)<سۈرە زۇمەر 9-ئايەت>دەپ مەرھەمەت قىلغان. 
 

شاگىرت:
_قەلبىمدىكى ئىلىم ئىلىشقا بولغان ئىشتىياقىمنى تىخىمۇ زىيادە قىلدىڭىز،يۇقۇرىدا ئېتقىنىمدەك مەن ھەرخىل سەۋىيەدىكى كىشىلەر بىلەن ئۇچۇرۇشىپ تۇرىمەن.ئاللاھ خالىسا،ئۇلاردىن مىنىڭ نەزرىمدە ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدىكى كىشىلەردىن گەپ باشلايمەن.ماڭا ئۇلارغا قارشى دەلىللەرنى ئېيتىڭ.«بۇ ئىشلارنى
 ھەرگىز  قىلىپ سالما ،چۇنكى ساھابىلەرمۇ بۇ ئىشلارنىڭ ھىچ بىرىنى قىلىپ باقمىغان.ساھابىلەر قىلغىننى قىل»دەيدىغان تائىپىلەرنى كۆردۈم.ئۇلار مىنىڭ بىلگىنىمدىنمۇ ئاشۇرىشتى.ئۇلار تاشقىن دەريا ئىچىدە تۇرغان ، ئۇنىڭ تىيىز جايىنى بىلمىگەنلىكتىن غەرىق بولىۋاتقان كىشىگە :« جايىڭدا تۇر ، تىيىز جاينى ئىزدىمە » دەۋاتقان كىشىگە ئوخشايدۇ.  


    ئۇستاز:
_ سىنىڭ ئۇلارنىڭ كەمچىلىكلىرىدىن بەزىلىرىنى كۆرۇپ ئۇلارغا قارشى دەلىل ئىزدەۋاتقانلىقىڭنى بايقىدىم.ئەگەر ئۇلار ساڭا: «ساھابىلەرگە يەتكەن نەرسە ساڭا يەتمىدىمۇ» دىسە،سەن ئۇلارغا:«ساھابىلەرنىڭ ئورۇنلىرىدا بولغان بولسام ئۇلارغا يەتكەن نەرسە ماڭىمۇ يىتەتتى،ئەمما ساھابىلەرنىڭ ھۇزۇرىدا بولغان زات مىنىڭ يىنىمدا يوق» دىگىن.


بىز،بىزگە تۆھمەت قىلغۇچىلارنى ۋە قانلىرىمىزنى تۆكۈشنى ھالال سانىغۇچىلارنى كۆردۇق.قايسىمىز ھەق، قايسىمىز ناھەق؟بۇنى بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن ئەمەس.بىز ئۆزىمىزنى ۋە نۇمۇسىمىزنى ھىمايە قىلىشىمىز لازىم.رەسۇلۇللاھ
(س ئە ۋ)نىڭ ئەسھابلىرى بولسا،قارشىلاشقۇچىلىرى بولمىغانلىقتىن قۇرالغا ھاجىتى چۈشمىگەن كىشىلەرگە ئوخشايدۇ.

بىز بولساق بىزگە تۆھمەت قىلغۇچىلارغا ۋە قانلىرىمىزنى ھالال سانىغۇچىلارغا دۇچار بولدۇق.ئىنسانلار كىلىشەلمىگەن مەسلىنى ئاڭلىغاندا ئادەم تىلىنى تارتسىمۇ،قەلبىنى تارتالمايدۇ.چۇنكى قەلىب تەرەپىدىن بىرنى يا ئىككىسىنى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن ئەمما كىلىشەلمىگەن تەرەپتىن ھەممىسىنى ياقتۇرىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئەگەر قەلىب زۇلۇمغا مايىل بولسا، زۇلۇملارنى ياخشى كۆرىدۇ.قايسى خەلىقنى ياخشى كۆرسە شۇ خەلىقنىڭ
  جۈملىسىدىن بولىدۇ.ئەگەر قەلىب ھەققە ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە مايىل بولسا ئۇلارغا دوست بۇلىدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەمەل ۋە سۆزلەرنىڭ روياپقا چىقىشى قەلبگە باغلىقدۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن تىل بىلەن ئىمان كەلتۈرۈپ دىلى بىلەن ئىمان كەلتۈرمىگەن بەندە ئاللاھنىڭ نەزدىدە مۆمىن ئەمەس ۋە ئەكسىنچە دىلى بىلەن ئىمان كەلتۈرۈپ،تىلى بىلەن ئىمان كەلتۈرمىگەن بەندە ئۇلارنىڭ  نەزىرىدە مۆئمىندۇر.  


  شاگىرت: 
ئۇستاز،كىم ھەق،كىم باتىل بىلمەسلىكىمنىڭ  ماڭا زىيىنى بارمۇ ؟ 


   ئۇستاز:
  
 —
ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيالماسلىقىڭنىڭ ساڭا بىرنەچچە تەرەپتىن زىيىنى  بار.ساڭا زىيىنى يەتمەيدىغان تەرەپى شۇكى سەن باتىلنىڭ ئەمىلى ئۈچۈن جازالانمايسەن.ئەمما ساڭا زىيان يىتىدىغان تەرەپلىرى مۇنۇلار:
_توغرا _خاتانى ئاجرىتالماسلىقىڭ سەۋەبىدىن ئادەملەر ئارسىدا ئىلىمسىزكەن دىگەن نامنى ئالىسەن.ھەق ياكى باتىل ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن توغرا قىلدىڭمۇ ياكى خاتا قىلدىڭمۇ ئاجرىتالماسلىقىڭ سىنى شۈبھىگە سېلىپ قويىدۇ،ۋە چىقىش يولىنى بىلمەي قالىسەن .ھەقنى ناھەقتىن ئاجرىتالماسلىقىڭ نەتىجىسىدە سەن بىرىنى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرىشىڭنى ۋەياكى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن يامان كۆرۈشىڭنى بىلەلمەي قالىسەن. 


   شاگىرت: 
  -
ئۇستاز، كۆزلىرىمدىن جاھالەت پەردىسىنى ئىلىپ تاشلىدىڭىز.توغرا يولدا ماڭغۇچى دەپ بىلىنگەن كىشى مۇخالىپلارنىڭ توغرىلىقىنى ياكى ئاداشقانلىقىنى بىلمىسە ئۇنى ھەقىقەتنى بىلگۈچى ھەقىقەت ئەھلىدىن دەپ ئاتاشقا بۇلامدۇ؟ 


   ئۇستاز: 
  -
توغرا يولدا دەپ بىلىنگەن كىشى مۇخالىپلارنىڭ توغرىلىقىنى ياكى ئاداشقانلىقىنى بىلمىسە ،ئۇ كىشى ئاداشقان ۋە توغرىنى بىلمىگەن جاھىلدۇر.ئەي بۇرادەر،ئۇلارمىنىڭ نەزرىمدەئەڭ جاھىل ۋە پەس تائىپىدۇر.ئۇلار ئاپپاق كۆڭلەك سىتۋىلىپ ئۇنىڭ رەڭگنى تالىشۋاتقان تۆت كىشىگە ئوخشايدۇ.ئۇلارنىڭ بىرى كۆڭلەكنىڭ رەڭگىنى قىزىل دىسە،يەنە بىرى كۆڭلەكنىڭ رەڭگىنى سېرىق،ئۈچۈنچىسى بولسا قارا ۋە نىھايەت،تۆرتىنچىسى كۆڭلەكنىڭ رەڭگىنى ئاق دەيدۇ.باشقا ئۈچى ھەققىدە قانداق پىكرىڭ بار؟ئۇلارنىڭمۇ توغرىمۇ ياكى خاتالاشتىمۇ؟ دەپ سورىساڭ .ئۇ مەن ئىنىق بىلىمەنكى: كۆڭلەكنىڭ رەڭگى ئاق.ئەمما ئۇلارنىڭمۇ توغرا بولسا ئەجەب ئەمەس،دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.خۇددى شۇنىڭدەك بۇ تائىپىدىكى كىشىلەر(بىز ئىنىق بىلىمىزكى زىناخور كاپىرئەمەس)ۋە(زىناخور، زىنا قىلۋاتقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىمانى كۆڭلەكنى يەشكەندەك يىشىلىدۇ)دەپ رىۋايەت قىلغان راۋى،ئەجەپ ئەمەسكى راستچىل بولدىغان بولسا بىز ئۇنى يالغانچى دەپ قارىمايمىز،دەيدۇ.شۇنىڭدەك ئۇلار: <بىز ئىمكانى بار تۇرۇپ ھەج قىلماي ئۆلۈپ كەتكەن بەندىنى مۆمىن دەپ ئاتايمىز،ئۇنىڭغا مىيىت نامىزى ئۇقۇيمىز،مەغفىرەت تىلەيمىز ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل ھەج ئەمىلىنى ئادا قىلىمىز.يەھۇدى ۋە ياكى مەسىھى قەۋمىدە ۋاپات بوپتۇ، دىگەنلەرنىمۇ يالغانچىغا چىقارمايمىز>،دىيىشىدۇ.بۇنداق تائىپىدىكى ئادەملەر ،شىئەلەر،خاۋارىجلار ۋە مۇرجىئەلەرنىڭ ئىتقانلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ،ئەمما ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئېيتىدۇ.

بۇ ئۈچ تائىپىدىكىلەرنىڭ سەپسەتىلىرىنى يالغان دىگۈچىلەرمۇ،راست دەپ ھىسابلىغۇچىلارمۇ بار.يەنە بۇھەقتە رەسۇلۇللاھ (س ئە ۋ) ئېيىتقان دەپ رىۋايەتلەر كەلتۈرۈشىدۇ.ئۇلار:< ئاللاھ
رەسۇلىنى(س ل ۋ)ئىختىلاپ چىقىرىش،مۇسۇلمانلار بىر-بىرلىرىنىڭ قانلىرىنى تۆكۈش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى رەھمەت قىلىپ،چېچىلىپ كەتكەنلەرنى بىرلەشتۈرۈش،ئىتپاقلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلىمىز>، دىيىشىدۇ ۋە < ئىختىلاپلار رىۋايەتلەرنىڭ كۆپلىكىدىن يۈزبەرگەن،ئۇلارنىڭ ناسىخ ۋە مەنسۇخلىرى بار >، دەپ ئويلايدۇ.ئۇ رىۋايەتلەرنى قانداق ئاڭلىغان بولساق شۇنداق رىۋايەت قىلىمىز دىيىشىدۇ.خەتەر ئۇلارغىكى، ئاقىۋەتلىرىگە تىگىشلىك ئىشلارغا ئۆزى ئەھمىيەت بەردى، ئادەملەر ئالدىدا تىك تۇرۇپ بەزى مەنسۇخ بولغانلىرىنى ئېيىتتى. ۋەھالەنكى بۈگۈنكى كۈندە مەنسۇخ بولغانلىرىغا ئەگىشىش زالالەتتۇر. چۈنكى كىشىلەر مەنسۇخ بولغانلىرىغا ئەگەشسە زالالەتكە كىتىدۇ.

بىزگە مەلۇمكى پەيغەمبەر ئەلەيسالام(س ئە ۋ)بىر ئايەتنى ھىچ قاچان ئىككى خىل تەپسىر قىلمىغان. پۈتۈن ئىنسانلارغا ناسىخ ئايەتلەرنى ناسىخ، مەنسۇخ ئايەتلەرنى مەنسۇخ دەپ تەپسىر قىلغان. ناسىخ ۋە مەنسۇخ مەسلىسى پەقەت ئەمىر ۋە نەھىيگە ئائىت ئايەتلەرگە داخىلدۇر. خەۋەر ۋە سۈپەتلەرنىڭ ھىچبىرىدە مەنسۇخ يوقدۇر. 


   شاگىرت:  
ـ ئاللاھ سىزنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىسۇن. ھەقىقەتەن ئالىجاناپ مۇئەللىم ئىكەنسىز. ئىلىم ساھەسىدە مەن بىلمىگەن يىڭى سەھىپىلەرنى ئىچىپ بەردىڭىز. مەزكۇر تائىپىدىكى كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنىڭ زەئىپلىكى، پىكىرلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلىشتە مەن ئىتىبار بەرمىگەن تەرەپلەرنى بايان قىلىپ بەردىڭىز. ئەمدى ئىككىنچى تائىپىدىكى كىشىلەرنىڭ(ئاللاھ
نىڭ دىنى كۆپ، ئۇ يەنى دىن، ئاللاھ پەرىز قىلغان بارچە ئەمەلنى ئادا قىلىش، ھارام قىلغان ھەممە نەرسىدىن يىنىش)دىگەن سۆزلېرىنى رەت قىلىش يولىنى ئېيتسىڭىز؟ 


ئۇستاز:  
  - سەن ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ بىر دىندا ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟!ئۇلارنىڭ ھىچ بىرى قەۋمىنى ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنىنى تەرك ئىتىشكە بۇيرىمىغان. چۈنكى ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى بىر بولغان. ھەر بىر پەيغەمبەر ئۆز شەرىىئتىگە دەۋەت قىلغان، ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئىتىدىن قايتۇرغان. ئۇلارنىڭ شەرىئىتى ھەرخىل ۋە كۆپ بولغان.شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ  : « ...سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا بىر خىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق.ئەگەر ئاللاھ خالىسا ،ئەلۋەتتە،سىلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى....»(سۈرە مائىدە48-ئايەتنىڭ مەزمۇنى ) .

ئاللاھ ئۇلارغا بىر دىننى بەرپا قىلىشنى بۇيرىغان، ئۇ دىن تەۋھىد –يەنى ئاللاھنى بىر ۋە يىگانە دەپ ئىتقات قىلىش دىنىدۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ بۇ دىندا گۇرۇھ-گۇرۇھ، تائىپە-تائىپە بۇلۇپ كەتمەسلكىنى بۇيرىغان.  ئاللاھ
ئۇلارنىڭ دىنىنى بىر قىلغان.

ئاللاھ تائالا مەرھەمەت قىلىپ: «ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى ساڭا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھى قىلغان نەرسىنى ئىبراھىمغا مۇساغا ۋە ئىساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار
...»(سۈرە شۇرا13-ئايەت)

بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئايەتتە:« (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: «مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھيى قىلدۇق»
(سۈرە ئەنبىيا25-ئايەت)  . 

   «....ئاللاھنىڭ دىنىغا (ئەگەشكىنكى) ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر....»(سۈرە رۇم 30-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى )


ئاللاھنىڭ دىنى ئۆزگەرتىلگەن، ئالماشتۇرۇلغان، بۇزۇلغان ئەمەس. ئەمما شەرىئەتلەر ئۆزگەرتىلگەن ۋ ئالماشتۇرۇلغاندۇر. اﷲ بەزى خەلقلەرگە ھالال قىلغان نەرسىنى باشقا خەلىقلەرگە ھارام قىلغان. يەنى بەزى ئىشلارنى بەزى خەلقلەرگە بۇيرىغان بولسا باشقا خەلقلەرنى توسقان. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەتلەر كۆپ ۋە خىلمۇ-خىل بولغان. شەرىئەتلەر ئەمىرلەردۇر.

ئەگەر ئاللاھ تائالانىڭ بارچە بۇيرىغانلىرىنى قىلىش ۋە پۈتۈن ياندۇرغانلىرىدىن يىنىش دىن بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ بىرەر پەرىزىنى قىلمىغان ياكى بىرەر نەھىنى قىلپ قويغان كىشى دىندىن چىقىپ كاپىر بولدۇ. ئەگەر كاپىر بولسا ئۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ئۇتتۇرسىدىكى نىكاھ، مىراس، مىيىت، ئۆلتۈرگەن ماللىرىنى يىيىشكە ئوخشاش ئىشلار يوق بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ
مۆمىنلەر ئوتتۇرسىدا جارى قىلغان. ئىمان سەۋەبلىك بىر-بىرىلىرىگە شەرئىيسىز قانلىرىنى تۆكۈشنى ۋە شەرئىيسىز ماللىرىنى يىيىشنى ھارام قىلغان.

ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى دىنغا كىرگەندىن  كىيىن ئۇلارغا پەرىزلەرنى ئادا قىلىشنى بۇيرىغان. 
 ئاللاھ تائالا مەرھەمەت قىلىپ:«(ئەي مۇھەممەد) ئىمان كەلتۈرگەن  بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى،ئۇلار نامازنى مۇكەممەل  ئادا قىلسۇن....» <ئىبراھىم31-ئايەت>

« ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى
»<بەقەرە183-ئايەت>

«ئى مۆمىنلەر! ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى
.....»<بەقەرە178-ئايەت بىر قىسىمى >

«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار
»<ئەھزاب41-ئايەت>

 مۇشۇ پەرىزلەر ئىمان بولغىنىدا ئىدى ،  ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا  ئۇلارنى ئادا قىلماستىن ئىلگىرى بەندىللىرىنى  مۆمىنلەر دەپ خىتاپ قىلمايتتى.   شۈبھىسىز ئاللاھ تائالا ئىمان بىلەن ئەمەل ئوتتۇرسىنى ئاجراتتى. ئاللاھ مەرھەمەت قىلىپ:« (ئى مۇھەممەد!) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا....»<بەقەرە 25-ئايەت>  «كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۆمىن بولۇپ ئاخىرەتكە لايىق ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغان ئەمىلى (ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا) قوبۇل بولىدۇ
.»<بەنى ئىسرائىل 19-ئايەت>.

ئاللاھ تائالا ئىماننى ئەمەلدىن ئاجراتتى.مۆمىنلەر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەنلىكىدىن ناماز ئۇقۇيدۇ، زاكات بىرىدۇ، روزا تۇتىدۇ، ھەجگە بارىدۇ ۋە ئاللاھنى زىكىر قىلىدۇ. ئۇلار ناماز ئۇقىشى، زاكات بېرىشى، روزا تۇتىشى، ھەجگە بېرىشلىرىدىن ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرمەيدۇ.ئۇلار ئاۋال ئىمان كەلتۈرۈپ ئاندىن ئەمەل قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پەرىزلەرنى ئادا قىلىشى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەنلىكىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئىمانى پەرىزلەرنى ئادا قىلغانلىقىدىن ئەمەس.
بۇنىڭ مىسالى: بىر ئادەم قەرىزدار بولسا ئاۋال قەرىزدارلىقىنى ئىقرار قىلىدۇ، ئاندىن قەرزىنى تۆلەيدۇ. ئۇ ھەرگىز ئاۋال قەرزىنى تۆلەپ ئاندىن قەرىزدارلىقىغا ئىقرار بولمايدۇ. ئۇنىڭ قەرزىگە ئىقرار بولىشى ئۇنى تۆلىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قەرزىنى قايتۇرىشى قەرزىگە ئىقرار بولىشدىندۇر. قۇللار خوجايىنلىرىغا خىزمەت قىلغانلىقىدىن ئۇلارغا  قۇللىقىنى ئىقرار قىلمايدۇ. بەلكى قۇللار خوجايىنلىرىغا قۇل بولغانلىقىنى ئىقرار قىلغانلىقىدىن ئۇلارغا خىزمەت قىلىدۇ.
سىلەر بىر- بىرىڭلارغا خىزمەت قىلىسىلەر، بۇنىڭ بىلەن قۇللۇققا ئىقرار قىلغان بولمايسىلەر. خىزمەت قىلىشنى قۇللۇققا ئىقرارلىق دىيىلمەيدۇ. بىرى قۇللۇققا ئىقرار قىلىپ،  ئىشلىمىسىمۇ ئۇنىڭدىن قۇللۇق نامى يۇقالمايدۇ. 

شاگىرت:
ـ بەك ياخشى چۈشەندۈردىڭىز، ئۇستاز.  ئىمان دىگەن نىمە؟ 


  
 ئۇستاز:
 :
ـ ئىمان-تەسدىق، مەرىپەت، شۈبھىسىزلىك ، ئىقرار ۋە ئىسلامدىن ئىبارەتتۇر. تەسدىق قىلىشتا ئادەملەر ئۈچ خىل بولىدۇ:
1) ئاللاھ ۋە ئۇ تەرەپتىن كەلگەن ھەممە نەرسىلەرنى دىلى ۋە تىلى بىلەن تەسدىق قىلدىغانلار.
2) ئاللاھ ۋە ئۇتەرەپتىن كەلگەن ھەممە نەرسىلەرنى دىلى بىلەن تەسدىق قىلىدىغانلار ئەمما تىلى بىلەن ئىنكار قىلدىغانلار.
3) ئاللاھ ۋە ئۇتەرەپتىن كەلگەن ھەممە نەرسىلەرنى تىلى بىلەن تەسدىق قىلىدىغان ئەمما دىلى بىلەن ئىنكار قىلدىغانلار. 
 

     
شاگىرت:
ـ مەن تاپالماي يۈرگەن مەسلىنى ئايدىڭلاشتۇردىڭىز. دەپ بەرسىڭىز، مەزكۇر ئۈچ دەرىجىدىكى ئادەملەر ئاللاھ تائالا نەزدىدە مۆمىن ھىساپلىنامدۇ؟ 
  

    ئۇستاز:
ـ ئاللاھ ۋە ئۇ تەرەپتىن كەلگەن ھەممە نەرسىلەرنى دىلى ۋە تىلى بىلەن تەسدىق قىلدىغان بەندىلەر ئاللاھنىڭ نەزىردە بولسۇن،ئادەملەر نەزىردە بولسۇن مۆمىندۇر.
تىلى بىلەن تەسدىق قىلىپ،دىلى بىلەن ئىنكار قىلغان بەندە ئاللاھنىڭ نەزدىدە كاپىر ئەمما بەندىلەر نەزدىدە مۆمىندۇر. چۈنكى ئادەملەر قەلىپنى بىلىشتىن ئاجىزدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەملەر ئۇلارنىڭ ئىقرارىغا قاراپ، ئۇلارنى مۆئمىن  دەپ ئاتاشلىرى مۇمكىن . ئۇلارنىڭ قەلىبلىرىنى بىلىش ئۈچۈن قىينىلىش كىرەك ئەمەس .
ئادەملەردىن ئادەملەرنىڭ نەزدىدە كاپىر،لىكىن ئاللاھنىڭ نەزىردە مۆمىنلىرى بار. ئۇلار دىللىرى بىلەن ئاللاھنى تەسدىق قىلىدۇ. لىكىن خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىللىرى بىلەن كۇپرىنى ئىزھارقىلىدۇ. ئادەملەر ئۇلارنىڭ ئىھتىياتچانلىقىنى بىلمەي، ئۇلارنى كاپىر دەپ ئاتىشىدۇ.ئەمما ئۇلار ئاللاھ
نىڭ نەزدىدە مۆمىندۇر.

شاگىرت:
 _
ئۇستاز كۆپ ياخشى گەپلەرنى قىلدىڭىز،ئەمما ئىماننى تەسدىق،مەرىفەت،شۈبھىسىزلىك ،ئىقرار ۋە ئىسلام دەپ كۆپ ھىساپلىدىڭىزمۇ؟ 


    ئۇستاز: 
    ـ  سەن سۇئال سوراشتا چوڭقۇرلاۋەرمە،پەتىۋادا ئېھتىياتچان بول،مىنىڭ ئېيىتقانلىرىمغا ئىترازىڭ بولسا، سەمىمىي بولساڭ، مەندىن ئۇلارنى شەرھىلەپ بېرىشمنى سورا. ئادەم ئاڭلىغان سۆزلەرنى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن، ئەگەر ئۇنىڭغا ئۇ سۆزلەر شەرھىلەپ بېرىلسە، ئۇنىڭدا قانائەت پەيدا بۇلىدۇ.

سەن بىرگەپنى ئاڭلاپ
 ياقتۇرمىغانلىقىڭ سەۋەبلىك  ئۇنى قارلاش مەقسىتىدە،‹بۇ سۆزنىڭ مەن بىلمىگەن تەپسىرى ۋە سەۋەبى بۇلسا كىرەك ، بۇرادىرىمدىن ئۇنىڭ تەپسىرىنى سوراي، بەلكىم بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئىختىيارسىز چىقىپ كەتكەندۇ. ئۇنى ئىنىقلاپ چىقسام ياخشى بولاتتى، ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۇنى ئەيىپلىك قىلىشىم توغرا ئەمەس›، دەپ ئادەملەر ئاراسىدا  تارقىتىپ يۈرگۈچىلەرگە ئوخشاپ قالما. 


   شاگىرت:
ـ ئۇستاز، ئاللاھ
قەدىمىڭىزنى سابىت قىلسۇن. سىزگە بەرگەن ياخشىلىقلىرىنى داۋاملىق قىلسۇن. سۆزلىرىڭىزنى چۈشۈنۈپ يەتتىم. مەندىن سادىر بولغان نۇقسانلىرىمنى كەچۈرۈڭ. مەن ئىلىمدا توشمىغان شاگىرتمەن. ماڭا يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن تەسدىق،مەرىپەت،ئىقرار،ئىسلام ۋە شۈبھىسىزلىكلەرنىڭ ئىتبارىڭىزدىكى دەرىجىللىرىنى  ۋە تەپسىرىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز؟ 


  ئۇستاز:
ـ مەزكۇر كەلىمىلەر ھەرخىل بولغان بىلەن مەنىلىرى بىر، يەنى ئىماندۇر. ئاللاھ
نى پەرۋەردىگارىم دەپ ئىقرار قىلىش، ئۇنى پەرۋەردىگارىم دەپ تەسدىق قىلىش، ئۇنى پەرۋەردىگارىم دەپ قەسەم قىلىش، ئۇنى پەرۋەردىگارىم دەپ تۇنۇش(مەرىفەت)ئىماندۇر. بۇ سۆزلەر ھەرخىل بولغان بىلەن مەنىلىرى بىردۇر. مەسلەن بىر كىشىنى،< ھەي ئادەم،ھەي ئىنسان،ھەي پالانچى>، دەپ چاقىرىلسىمۇ پەقەت شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىلا چاقىرىلىدۇ. 

  
   شاگىرت: 
 _
ئەگەر ئىلمىمنىڭ ئازلىقىنى ۋە رايىمنىڭ زەئىپلىكىنى بىلمىگەن بولسام ھۇزۇرىڭىزغا كەلمەيتتىم. ئۇستاز مەندىن سىزگە ياقمايدىغان ھەركەت سادىر بولغان بولسا ياكى بىرەر خاتالىقىمنى سەزگەن بولسىڭىز، مىنى كەچۈرۈڭ. چۈنكى بىمارنى داۋالاش يۈكى تىۋىپقا، كۆزى ئاجىزنى يىتلەپ مىڭىش يۈكى كۆزى روشەنگە چۈشىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، ئالىم ساۋاتسىزنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرىشى لازىم. سۆزلىرىڭىزنى ئىلىمسىز ئادەم ئاڭلىسا ئۇنىڭغا ياقمايدىغان يەرلىرى بارلىقىنى ھىس قىلدىم. ئەگەر ئۇنىڭغا شەرھىلەپ بىرىلسە ئۇنىڭدا قانائەت ھاسىل بولدىغانلىقىنى بىلدىم. شۇنىڭدەك ئىمان، تەسدىق،  مەرىفەت، شۈبھىسىزلىك ۋە ئىقرارلانى بەكمۇ ياخشى چۈشەندۈردىڭىز. «بىزنىڭ ئىمانلىرىمىز پەيغەمبەرلەر ۋە پەرىشتىلەرنىڭ ئىمانلىرىغا ئوخشاش» دەپ قانداق ئىيتىمىز؟شۈبھىسىزكى،ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بىزدىن ئىتائەتكارراقلىقىنى بىلىمىزغۇ؟ 


   ئۇستاز: 
 _ سەن پەرىشتىلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا بىزدىن كۆرە ئىتائەتكارراق ئىكەنلىكىنى بىلىپسەن. مەن ساڭا ئىمان ئەمەل ئەمەس دىگەنتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئىمانىمىز، ئۇلارنىڭ ئىمانلىرىغا ئوخشاشتۇر. چۈنكى بىزمۇ ئۇلاردەك ئاللاھنىڭ يەككە-يىگانە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قۇدرىتىنى ۋە ئۇ تەرەپتىن كەلگەن ھەممە نەرسىلەرنى تەسدىق قىلغانمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمانىمىز پەرىشتە ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىمانىغا ئوخشاش دەيمىز. پەيغەمبەر ۋە رەسۇللارمۇ ئۇلارنى تەسدىق قىلغان، پەرىشتىلەر بولسا ئاللاھ
نىڭ ئاجايىباتلىرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگەن، بىز بولساق ئۇلارنى كۆرمەستىن تۇرۇپ ئىمان كەلتۈرگەنمىز. 

  
    شاگىرت: 
    _ئاللاھ سىزنى نىجات تاپقانلاردىن قىلسۇن. ناھايىتى  گۈزەل سۆزلىدىڭىز. ماڭا ئايان بولدىكى بىزنىڭ ئىمانىمىز ۋەتەسدىقىمىز، جەزمىمىز پەرىشتىلەرنىڭكىدەك ئىكەن. ئېيتسڭىز، ئۇلار نىمىشقا بىزگە قارغاندا ئاللاھ
قا ئىتائەتكارراق ۋە قورقۇدىغانراق؟ بەزى جاھىللار بىرەر بەندىنىڭ خاتاسىنى ياكى مۇسىبەت يەتكەندە سەبىرقىلالمىغىننى ياكى دۈشمەندىن قورۇقىننى ياكى ھاۋايى ھەۋەسكە بېرىلگىننى كۆرگەنىدە، بۇ  يەقىين زەئىپلىگى (كۆڭلىدە شۈبھە بار ) دىگەننى نەدىن ئالغان؟ 

  
   ئۇستاز:
 
   _جاھىللارنىڭ(يەقىن زەئىپلىگى)دىگىنىگە كەلسەك، بۇ ئۇلارنىڭ يەقىننىڭ تەپسىرىنى بىلمىگەنلىكىدىن كەلگەن. يەقىن دىگەن بىرنەرسىنى ھىچ ئىكىلەنمەي قەتئى بىلمەكلىكتۇر. ئىمان كەلتۈرگەنلەرنىڭ بىرەرسى گۇناھ قىلغان بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ يىگانىلىقىغا، ئۇنىڭ كىتاپلىرىغا، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە شەك-شۈبھە قىلمايدۇ. بىز ئادەملەرنىڭ ھالىتىنى ئۆزىمىزنىڭ ھالىتىگە قىياس قىلىمىز. بىزدىن خاتالىق ئۆتۈشى، بېشىمىزغا بىرەر بالا كەلگەندە سەبىرسىزلىك قىلىشىمىز، دۈشمەندىن قورقىشىمىز مۇمكىن. ئەمما ھەرگىز بىزنىڭ قەلبىمىزدە ئاللاھقا ۋە ئۇتەرەپتىن كەلگەن بارچە نەرسىلەرگە شەك-شۈبھە پەيدا بولمايدۇ. بىز باشقىلارنىمۇ ئۆزىمىزدەك دەپ ئويلايمىز.
پەرىشتىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر بىزگە قارىغاندا
ئاللاھقا ئىتائەتكارراق ۋە قورقۇدىغانراقدۇر. بۇنىڭ بىر نەچچە سەۋەبى بار:

1)ئۇلار پەيغەمبەرلىك ۋە رەسۇللۇق بىلەن مۇكاپاتلانغىنىدەك. قورقۇش، رىغبەت ۋە ئىسىل خۇلۇقلاردىمۇ باشقىلاردىن ئارتۇق قىلىنغان.
2)پەيغەمبەرلەر ۋە پەرىشتىلەر بىز كۆرمىگەن ئاجايىباتلارغا شاھىت بولغان.
3)پەيغەمبەرلەرگە گۇناھ ئىش ئالدىدا يول قۇيۇلمىغان.
4)پەيغەمبەرلەر گۇناھكارلارغا بېرىلگەن جازالارنى كۆرۇپ تۇراتتى، بۇ ھال ئۇلارنىڭ گۇناھ ئىشلاردىن يىراق بولىشىغا سەۋەب بولغان. 


  شاگىرت:
    - ئۇستاز، سىزنىڭ بايان ئەتكەنلىرىڭىزنى چۈشەندىم . سىز ھەقىقەتنى بايان قىلىشتا ۋە ئۇلارنى ئېيتىشنى داۋام ئەتمەكتىسىز. سىز ماڭا بايان ئەتكەن شۈبھىمىز، قورقۇنچىمىز ۋە جۈرئىتىمىز پەيغەمبەرلەرنىڭ شۇنداق خىسلەتلىرىدىن قانداق پەرىق قىلىدىغانلىقىنى قىياس قىلىپ چۈشەندۈرۈپ قويىشىڭىزنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم . ئەگەر جاھىل ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىسا ۋە ئۆگىنىشنى ئىستىسە، ئۇنىڭغا چۈشەندۈرگەن بىر ئىشنى قىياسلاپ چۈشەندۈرسىڭىز، تىز چۈشۈنۈپ ئېلىشقا پايدىسى بولىدۇ . 


  ئۇستاز: 

     ـ  ھە، قىياس ھەققىدە سوراپ توغرا قىلدىڭ. چۈنكى، ھەربىر ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى بۇرادىرى بىلەن دەرىسنى مۇزاكىرە قىلغاندا ئۇنى چۈشەنمەي قالسا، ئۇنىڭدىن ئۇ مەسىلىنى قىياسلاپ بىرىشى ئىلتىماس قىلىدۇ. بىلگىنكى توغرا قىياس ھەقنى ئىزلىگۈچىنىڭ ھەققىنى روياپقا چىقىرىدۇ .

قىياس ھەقدار تەرەپتە توغرا ۋە راس گۇۋاھلىققا ئۆتەيدىغان ئادالەتلىك شەھىدگە ئوخشايدۇ. جاھىل ئادەملەر ھەقنى ئىنكار قىلمىغىنىدا، ئالىملار قىياس ۋە قىياس ئۇسۇلىنى پەيدا قىلمىغان بولاتتى .

بىزنىڭ شۈبھىسىزلىكىمىز ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ  شۈبھىسىزلىكى ئوخشاش بولسىمۇ لىكىن ئۇلارنىڭ قورقۇشلىرىنىڭ بىزنىڭ قورقۇشلىرىمىزدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنىڭ قىياسىنى بىلىشىڭگە كەلسەك،
 ئوخشاش بىر خىل سۇ ئۈزۈش ماھارىتىگە ئىگە بولغان ئىككى كىشى چوڭقۇر ۋە تىز ئاقار دەريا بويىغا كىلىپ، ئۇلاردىن بىرى سۇغا چۈشۈشتىن قورىقمايدىغان، يەنە بىرى قورقىدىغانغا ياكى بىر خىل دەرتكە مۇپتىلا بولغان ئىككى بىمارغا بىر خىل ئاچچىق دورا بىرىلگەندە، ئۇلاردىن بىرى ئۇنى ئىچىشتىن قورقمىغىنىغا، ئىككىنجىسى بولسا قورىققانغا قىياسلىساق بولىدۇ .


 

   شاگىرت:
    - ياخشى چۈشەندۈردىڭىز ئۇستاز، بىزنىڭ ئىمانلىرىمىز پەيغەمبەرلەرنىڭكىدەك بولسا، ئىمانلىرىمىزنىڭ مۇكاپاتى ھەم بىر خىل ئەمەسمۇ ؟  ئەگەردە بىرخىل بولسا، ئۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەرلەرنىڭ بىزدىن ئەۋزەل تەرەپلىرى قايسى ؟ دۇنيادا ئىمانلىرىمىز تەڭ  بولىدىغان بولسا، ئاخىرەتتە ھەم ئىمان ساۋابىدا  تەڭ بولىشىمىز كىرەك. ئەگەردە ئىمانىمىز ساۋابى ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭكىدىن كەم بولسا، يەنى  ئىمانىمىز تەڭ بولسىمۇ، بىزگە ئۇلاردىن كەم ساۋاب بىرىلسە، بۇ زۇلۇم بولۇپ قالمامدۇ ؟  


    ئۇستاز:  
     ـ  سەن مەسىلىنى بەكلا جىددىيلەشتۈرۋەتتىڭ.  پەتىۋادا ئىھتىياتچان بول ! بىزنىڭ ئىمانىمىز پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىمانىغا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭ؟ چۈنكى بىز ھەم ئۇلار ئىمان كەلتۈرگەن نەرسىلەرگە ئىمان كەلتۈرگەنمىز. ئەمما ئۇلار ئىمانلىرى ۋە ئىبادەتلىرى ساۋابىدا بىزدىن ئارتۇقتۇر. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنى پەيغەمبەرلىك بىلەن باشقىلاردىن ئارتۇق قىلغىنىدەك، ئۇلارنىڭ سۆزلەرنى ھەم، ئىبادەتلىرىنى ھەم، ئۆيلىرىنى ھەم، ئىستىقامەت قىلىدىغان جايلىرىنى ھەم، ھەممە ئىشلىرىنى باشقىلاردىن ئەۋزەل قىلغان. ئاللاھ بىزنىڭ ساۋابلىرىمىزنى ئۇلارنىڭكى بىلەن باراۋەر قىلمىغانلىقى زۇلۇم ئەمەس. ساۋابىمىزنى كىمەيتىۋتىپ بىزنى رەنجىتكەندە زۇلۇم قىلغان بولاتتى. ئەمما بىزنىڭ ھەققىمىزنى كىمەيىتمەي بەرسە زۇلۇم بولمايدۇ. پەيغەمبەرلەر بۇ دۇنيادا باشقىلاردىن ئارتۇق پەزىلەتلەرگە ئىگىدۇر. چۈنكى ئۇلار خەلىقنىڭ يولباشچىللىرى ۋە ئاللاھ
نىڭ ئىشەنچىلىك بەندىللىرىدۇر .

ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا، ئاللاھتىن قورقۇشتا، جاپاـ مۇشەققەت ۋە ئېغىرچىلىقلارغا چىداشتا ھىچكىم ئۇلارغا تەڭ كىلەلمەيدۇ. يەنە ئاللاھ
نىڭ ئىزنى بىلەن ئادەملەر پەيغەمبەرلەر تۈپەيلى  پەزىلەتكە ئىرىشكەندۇر. پەيغەمبەرلەرگە، ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنىڭ شاراپىتى بىلەن جەننەتكە كىردىغان بەندىلەرنىڭ ساۋبلىرى بىلەن تەڭ ساۋاب بىرىلىدۇ .  

      شاگىرت

        ـ ئاللاھ سىزنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىسۇن ئۇستاز. ھەقنى بايان ئەتتىڭىز. ئاللاھ شىرىكتىن باشقا يەنە قانداق گۇناھلىرى ئۈچۈن  بەندىسىنى ئازابلايدۇ؟ ياكى شىرىكتىن باشقا ھەرقانداق گۇناھ مەغفىرەت قىلىنىدۇ دەپ ئويلامسىز؟   

داۋامى بار . 





[ بۇ يازمىنىتاھىربەگ 2011-10-18 13:04قايتا تەھرىرلىد ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(arzuyum) مەنپەئەتلىك ..
  • ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
    دەلىل بىلەن سۆزلەيلى
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3358
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 148
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە148دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 998 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-30
    ئاخىرقى: 2012-02-22
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-01 03:41

    بۇ قىممەتلىك ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغىنى بەك ياخشى بوپتۇ. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. ئەبۇ بەلخى دېگەن ئىسىمنى ئەبۇ مۇتىيئ ئەلبەلخى دەپ تۈزىتىپ قويغان بولساڭلار، چۈنكى بۇ ئىمامنىڭ شاگىرتىنىڭ تونۇلغان ئىسمى شۇنداق.
    ۋەللاھۇ ئەئلەم
    دەلىل بىلەن سۆزلەيلى
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3358
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 148
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە148دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 998 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-30
    ئاخىرقى: 2012-02-22
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 23:45

    بۇلارنى تۈزىتىش كېرەكمىكىن:
    1-دۇرۇت سالام يوللىغاندىكى: پاكىزە ئاياللىرىغا دېگەن ئىبارىنى پاك ئاياللىرىغا دېسەك مۇناسىپراق بولارمىكىن.
    2-ئەلئەبساد دېگەن ئىبارە: بەلكى توغرىسى ئەلئەۋسات ياكى ئەلئەبسات بولسا كېرەك.
    3-ئەبۇ مۇقاتىن ھەفس ئىنبى: ئەبۇ مۇقاتىل ھەفس ئىبنى.
    4-ھاكام: ھەكەم.
    ۋەللاھۇ ئەئلەم
    دەلىل بىلەن سۆزلەيلى
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3358
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 148
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە148دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 998 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-30
    ئاخىرقى: 2012-02-22
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-11 15:04

    ئاللاھ ئەجىر بەرسۇن!
    1-ئىملاسىنىمۇ تەھرىرلەپ قويغان بولسىڭىز.
    2-ئاللاھ دېگەن سۆزنى ئۇيغۇرچە يازسىڭىز تېخىمۇ ياخشى.
    ۋەللاھۇ ئەئلەم