باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 7233 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئۇستاز ۋە شاگىرت (  تاماملاندى )
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2473
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-29 21:33

ئۇستاز ۋە شاگىرت (  تاماملاندى )

ئەسكەرتىش: بۇ يازما fatih204 تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلدى(2011-10-14)


ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھ

بۇ كىتاپ ئۆزبەكچە لاتىن يېزىقىدىكى كىتاپ بولۇپ ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى . داۋامى ئىنشائاللاھ داۋاملىق ئۇيغۇرچىلاشتۇرلۇپ ئۈشبۇ تېمىنىڭ ئاخىرىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللىنىلىدۇ .





 







ئۇستاز ۋە شاگىرت 
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام ئەبۇ مۇتىيئ ئەلبەلخى سۇئال - جاۋاپلىرى
 
كىرىش سۆز

گەرچە ئۈشبۇ كىتاپنىڭ نامى ‹ ئالىم ۋە تەلىم ئالغۇچى › دىگەن مەنادا بولسىمۇ ، لىكىن بىز ئۇنى ‹ ئۇستاز ۋە شاگىرت › دەپ تەرجىمە قىلدۇق .
بۇ كىتاپ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئۇ زاتى شەرىفنىڭ شاگىرتى ئىمام ئەبۇ مۇتىيئ ئەلبەلخى سۇئال جاۋاپلىرى ئاساسىدا تۈزۈلگەندۇر .

ئۇستاز بىلەن شاگىرت ئوتتۇرسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىلمىي بەس - مۇنازىرنى ئىمام ئەبۇ مۇقاتىل ئىبنى مۇسلىم ئەس - سەمەرقەنىتى رىۋايەت قىلىپ بىزگىچە يەتكۈزگەن . 

كىتاپتىكى سۇئال - جاۋاپلار ھەربىر مۇسۇلمان بىلىشكە زۆرۆز بولغان ناھايىتى مۇھىم ۋە ناھايىتى نازۇك مەسىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . ئۇنى دىققەت بىلەن ئوقۇپ چىققان ۋەتەنداشلىرىمىز ، خۇسۇسەن تالىبۇ - ئىلملار ئىسلامى ئىتقادغا ئائىت ئۆزلىرىنى قىيناپ يۈرگەن سۇئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپقۇسى ، دەپ ئۈمۈد قىلىمىز . 
.
 
كىتاپ تۆۋەندىكىدەك باشلىنىدۇ :

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان
ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن . 


بارلىق ھەمدۇ - سانا ۋە ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى
ئاللاھقا خاستۇر ، سەييىدلەرنىڭ سەييىدى ، خوجىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ئۇ زاتنىڭ ئەۋلادلىرىغا 
، ساھابىللىرىگە ، پاك ئەھلى ئاياللىرىغا دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن .

 ھەقىقەتەن ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان  مۇستافا ئاشىر ، ئاللاھ
ئۇنى مەغفىرەت قىلسۇن ۋە نامىنى گۇناھلىرىدىن ئارتۇق قىلسۇن ، ئېيتتىكى :
-مەن بۇزرۇك ئىمامىمىز ئەبۇ ھەنىفەنىڭ (
ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) ‹ئالىم ۋە شاگىرت › ئەسىرىنى ئۇستازىم خوجا ھۈسەيىن ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئەل مىيمىي ئەل بەسىرىي (ئاللاھ
رەھمەت قىلسۇن ئۇ زاتكە ) دىن رىۋايەت قىلىمەن …

كىتاپنى مەزكۇر سۆزلەر بىلەن باشلىغان مۇستافا ئاشىر ھەقىقەتەن ھەم ‹ ئۇستاز ۋە شاگىرت › ناملىق بۇ رىسالىنىڭ ئىمام ئەزەم قەلىمىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلىش ئۈچۈن ، مەزكۇر رىسالىنى بىۋاستە ئىمامىمىزنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئەبۇ مۇقاتىل ھەفىس ئىبنى مۇسلىم ئەس - سەمەرقەنتىيغىچە ياشاپ ئۆتكەن بارلىق راۋىيلارنىڭ نامىنى بىرمۇ - بىر ساناپ ئۆتكەن .

خۇددى شۇنىڭدەك ، مۇستافا ئاشىر ئىمام ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ ‹ ئەل فىقھىي ، ئەل ئەبسات› ئەسىرىنى ئىمامىمىزنىڭ ئاغزىدىن ئۇ زاتنىڭ شاگىرتى ئەبۇ مۇتى ئەل - ھەكەم ئىبنى ئابدۇللاھ ئەل بەلخي ، ‹ئەل فىقھىي ، ئەل ئەكبەر› نى بولسا ئىمامىزنىڭ ئوغلى بولغان ھەمماد ئىبنى ئەبۇ ھەنىيفەدىن ئاڭلاپ ، رىۋايەت قىلغانلىرىنى تەكىتلىمەك ئۈچۈن ئۇلارغىچە بولغان ھەممە راۋىيلارنىڭ ئىسمىنى
  بىر بىرلەپ بايان  قىلغان . 


بىز ئوقۇغۇچىلارغا مالال كەلتۈرمەسلىكنى نەزەردە تۇتۇپ ، كىتاپلارنى رىۋايەت قىلىشقا ئىشتىراك قىلغان راۋىيلارنىڭ تولۇق
 
نامىنى تەپسىلى بايان قىلىشنى لازىم تاپمىدۇق .

ئۇلارنى بىلۋىلىشنى ئويلىغانلار كىتاپنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى كۆرسە بولىدۇ .

 

 

 

 
1

   شاگىرت:
 
    _چوڭقۇر بىلىمىڭىز،مول تەجىربىڭىز ،فەزلۇكىرامىڭىز ياردىمىدە،كۆڭلۈمدىكى شۈبھىلىك سۇئاللارغا قانائەتلىنەرلىك ۋە  ئېنىق جاۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن ھۇزۇرىڭىزغا كەلدىم.ھاياتلىق سەپىرىدە مەن تۈرلىك پىكىردىكى كىشىلەرنى ئۇچۇرتىپ تۇرىمەن.ئۇلار مەندىن بەزىدە شۇنداق سۇئاللارنى سورايدىكى مەن ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بىرىشكە ئاجىز كىلىپ قالىمەن . ئەمما ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بىرەلمىسەممۇ 
ھەقىقەتتىن قايتمايمەن، چۈنكى ھەقىقەتنى بايان قىلغۇچىلاربار بۇلۇپ ھەقىقەت يوقالمايدۇ،باتىل ياشىيالمايدۇ.

   شۇنىڭدەك مىنى ھىچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ياش تالىپقا تەڭلەشتۈرىشىڭىزنى ۋە خىيالىغا كەلگەننى دەيدىغان ‹ بىرسام › ( جىگەر بىلەن يۈرەك ئوتتۇرسىنىڭ شامالدىشىدىن كىلىپ چىققان كىسەل )  
دەردىگە مۇپتىلا بولغان بىمارغا ئوخشىتىشڭىزنى خالىمايمەن.ئاللاھ تائالا ھالىڭىزنى خەيرلىك قىلسۇن،ئۇستاز .ھەقىقەت ئەسلىنى بىلىشنى ۋە ئۇنى سوزلەشنى خالايمەن. ھاۋايى ھەۋەسكە بىرىلگۈچىلەر ھەدىدىن ئاشماقچى ياكى مىنى ھەقتىن قايتۇرماقچى بولسا مەقسەتلىرىگە يىتەلمىسۇن.تالىبلار مەندىن ئىلىم ئۈگۈنىشكە كەلسە ئۇلارغا ئۆزەم چۈشۈنۈپ ئاندىن ئۈگۈتەي.

  
ئۇستاز:
  _بىلمىگەن نەرسىنى بىلىشكە ئىنتىلىشىڭ ماختاشقا لايىق.بىلگىنكى ئىنسان جىسمىدىكى ھەممە ئەزالار ئۇنىڭ كۆزىگە باغلىق بولغاندەك،ئۇنىڭ ئەمەللىرىمۇ ئىلمىگە باغلىقدۇر.چۆلدە ئادىشىپ قالغاندا كېرەك بولغان ئۇزۇقتىن كۆرە توغرا يۈرۈلگەندە،زۈرۆر بولغان ئوزۇق كىشىگە قانچىلىك پايدىلىق بولسا،ئىلىمگە ئاساسلانغان كىشى ئۈچۈن ئەمەل جاھالەت بىلەن قىلىنغان ھەرقانچە كۆپ ئەمەلدىن پايدىلىقراقتۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا: (بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بۇلامدۇ،پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ)<سۈرە زۇمەر 9-ئايەت>دەپ مەرھەمەت قىلغان. 
 

شاگىرت:
_قەلبىمدىكى ئىلىم ئىلىشقا بولغان ئىشتىياقىمنى تىخىمۇ زىيادە قىلدىڭىز،يۇقۇرىدا ئېتقىنىمدەك مەن ھەرخىل سەۋىيەدىكى كىشىلەر بىلەن ئۇچۇرۇشىپ تۇرىمەن.ئاللاھ خالىسا،ئۇلاردىن مىنىڭ نەزرىمدە ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدىكى كىشىلەردىن گەپ باشلايمەن.ماڭا ئۇلارغا قارشى دەلىللەرنى ئېيتىڭ.«بۇ ئىشلارنى
 ھەرگىز  قىلىپ سالما ،چۇنكى ساھابىلەرمۇ بۇ ئىشلارنىڭ ھىچ بىرىنى قىلىپ باقمىغان.ساھابىلەر قىلغىننى قىل»دەيدىغان تائىپىلەرنى كۆردۈم.ئۇلار مىنىڭ بىلگىنىمدىنمۇ ئاشۇرىشتى.ئۇلار تاشقىن دەريا ئىچىدە تۇرغان ، ئۇنىڭ تىيىز جايىنى بىلمىگەنلىكتىن غەرىق بولىۋاتقان كىشىگە :« جايىڭدا تۇر ، تىيىز جاينى ئىزدىمە » دەۋاتقان كىشىگە ئوخشايدۇ.  


    ئۇستاز:
_ سىنىڭ ئۇلارنىڭ كەمچىلىكلىرىدىن بەزىلىرىنى كۆرۇپ ئۇلارغا قارشى دەلىل ئىزدەۋاتقانلىقىڭنى بايقىدىم.ئەگەر ئۇلار ساڭا: «ساھابىلەرگە يەتكەن نەرسە ساڭا يەتمىدىمۇ» دىسە،سەن ئۇلارغا:«ساھابىلەرنىڭ ئورۇنلىرىدا بولغان بولسام ئۇلارغا يەتكەن نەرسە ماڭىمۇ يىتەتتى،ئەمما ساھابىلەرنىڭ ھۇزۇرىدا بولغان زات مىنىڭ يىنىمدا يوق» دىگىن.


بىز،بىزگە تۆھمەت قىلغۇچىلارنى ۋە قانلىرىمىزنى تۆكۈشنى ھالال سانىغۇچىلارنى كۆردۇق.قايسىمىز ھەق، قايسىمىز ناھەق؟بۇنى بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن ئەمەس.بىز ئۆزىمىزنى ۋە نۇمۇسىمىزنى ھىمايە قىلىشىمىز لازىم.رەسۇلۇللاھ
(س ئە ۋ)نىڭ ئەسھابلىرى بولسا،قارشىلاشقۇچىلىرى بولمىغانلىقتىن قۇرالغا ھاجىتى چۈشمىگەن كىشىلەرگە ئوخشايدۇ.

بىز بولساق بىزگە تۆھمەت قىلغۇچىلارغا ۋە قانلىرىمىزنى ھالال سانىغۇچىلارغا دۇچار بولدۇق.ئىنسانلار كىلىشەلمىگەن مەسلىنى ئاڭلىغاندا ئادەم تىلىنى تارتسىمۇ،قەلبىنى تارتالمايدۇ.چۇنكى قەلىب تەرەپىدىن بىرنى يا ئىككىسىنى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن ئەمما كىلىشەلمىگەن تەرەپتىن ھەممىسىنى ياقتۇرىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئەگەر قەلىب زۇلۇمغا مايىل بولسا، زۇلۇملارنى ياخشى كۆرىدۇ.قايسى خەلىقنى ياخشى كۆرسە شۇ خەلىقنىڭ
  جۈملىسىدىن بولىدۇ.ئەگەر قەلىب ھەققە ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە مايىل بولسا ئۇلارغا دوست بۇلىدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەمەل ۋە سۆزلەرنىڭ روياپقا چىقىشى قەلبگە باغلىقدۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن تىل بىلەن ئىمان كەلتۈرۈپ دىلى بىلەن ئىمان كەلتۈرمىگەن بەندە ئاللاھنىڭ نەزدىدە مۆمىن ئەمەس ۋە ئەكسىنچە دىلى بىلەن ئىمان كەلتۈرۈپ،تىلى بىلەن ئىمان كەلتۈرمىگەن بەندە ئۇلارنىڭ  نەزىرىدە مۆئمىندۇر.  


  شاگىرت: 
ئۇستاز،كىم ھەق،كىم باتىل بىلمەسلىكىمنىڭ  ماڭا زىيىنى بارمۇ ؟ 


   ئۇستاز:
  
 —
ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيالماسلىقىڭنىڭ ساڭا بىرنەچچە تەرەپتىن زىيىنى  بار.ساڭا زىيىنى يەتمەيدىغان تەرەپى شۇكى سەن باتىلنىڭ ئەمىلى ئۈچۈن جازالانمايسەن.ئەمما ساڭا زىيان يىتىدىغان تەرەپلىرى مۇنۇلار:
_توغرا _خاتانى ئاجرىتالماسلىقىڭ سەۋەبىدىن ئادەملەر ئارسىدا ئىلىمسىزكەن دىگەن نامنى ئالىسەن.ھەق ياكى باتىل ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن توغرا قىلدىڭمۇ ياكى خاتا قىلدىڭمۇ ئاجرىتالماسلىقىڭ سىنى شۈبھىگە سېلىپ قويىدۇ،ۋە چىقىش يولىنى بىلمەي قالىسەن .ھەقنى ناھەقتىن ئاجرىتالماسلىقىڭ نەتىجىسىدە سەن بىرىنى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرىشىڭنى ۋەياكى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن يامان كۆرۈشىڭنى بىلەلمەي قالىسەن. 


   شاگىرت: 
  -
ئۇستاز، كۆزلىرىمدىن جاھالەت پەردىسىنى ئىلىپ تاشلىدىڭىز.توغرا يولدا ماڭغۇچى دەپ بىلىنگەن كىشى مۇخالىپلارنىڭ توغرىلىقىنى ياكى ئاداشقانلىقىنى بىلمىسە ئۇنى ھەقىقەتنى بىلگۈچى ھەقىقەت ئەھلىدىن دەپ ئاتاشقا بۇلامدۇ؟ 


   ئۇستاز: 
  -
توغرا يولدا دەپ بىلىنگەن كىشى مۇخالىپلارنىڭ توغرىلىقىنى ياكى ئاداشقانلىقىنى بىلمىسە ،ئۇ كىشى ئاداشقان ۋە توغرىنى بىلمىگەن جاھىلدۇر.ئەي بۇرادەر،ئۇلارمىنىڭ نەزرىمدەئەڭ جاھىل ۋە پەس تائىپىدۇر.ئۇلار ئاپپاق كۆڭلەك سىتۋىلىپ ئۇنىڭ رەڭگنى تالىشۋاتقان تۆت كىشىگە ئوخشايدۇ.ئۇلارنىڭ بىرى كۆڭلەكنىڭ رەڭگىنى قىزىل دىسە،يەنە بىرى كۆڭلەكنىڭ رەڭگىنى سېرىق،ئۈچۈنچىسى بولسا قارا ۋە نىھايەت،تۆرتىنچىسى كۆڭلەكنىڭ رەڭگىنى ئاق دەيدۇ.باشقا ئۈچى ھەققىدە قانداق پىكرىڭ بار؟ئۇلارنىڭمۇ توغرىمۇ ياكى خاتالاشتىمۇ؟ دەپ سورىساڭ .ئۇ مەن ئىنىق بىلىمەنكى: كۆڭلەكنىڭ رەڭگى ئاق.ئەمما ئۇلارنىڭمۇ توغرا بولسا ئەجەب ئەمەس،دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.خۇددى شۇنىڭدەك بۇ تائىپىدىكى كىشىلەر(بىز ئىنىق بىلىمىزكى زىناخور كاپىرئەمەس)ۋە(زىناخور، زىنا قىلۋاتقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىمانى كۆڭلەكنى يەشكەندەك يىشىلىدۇ)دەپ رىۋايەت قىلغان راۋى،ئەجەپ ئەمەسكى راستچىل بولدىغان بولسا بىز ئۇنى يالغانچى دەپ قارىمايمىز،دەيدۇ.شۇنىڭدەك ئۇلار: <بىز ئىمكانى بار تۇرۇپ ھەج قىلماي ئۆلۈپ كەتكەن بەندىنى مۆمىن دەپ ئاتايمىز،ئۇنىڭغا مىيىت نامىزى ئۇقۇيمىز،مەغفىرەت تىلەيمىز ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل ھەج ئەمىلىنى ئادا قىلىمىز.يەھۇدى ۋە ياكى مەسىھى قەۋمىدە ۋاپات بوپتۇ، دىگەنلەرنىمۇ يالغانچىغا چىقارمايمىز>،دىيىشىدۇ.بۇنداق تائىپىدىكى ئادەملەر ،شىئەلەر،خاۋارىجلار ۋە مۇرجىئەلەرنىڭ ئىتقانلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ،ئەمما ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئېيتىدۇ.

بۇ ئۈچ تائىپىدىكىلەرنىڭ سەپسەتىلىرىنى يالغان دىگۈچىلەرمۇ،راست دەپ ھىسابلىغۇچىلارمۇ بار.يەنە بۇھەقتە رەسۇلۇللاھ (س ئە ۋ) ئېيىتقان دەپ رىۋايەتلەر كەلتۈرۈشىدۇ.ئۇلار:< ئاللاھ
رەسۇلىنى(س ل ۋ)ئىختىلاپ چىقىرىش،مۇسۇلمانلار بىر-بىرلىرىنىڭ قانلىرىنى تۆكۈش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى رەھمەت قىلىپ،چېچىلىپ كەتكەنلەرنى بىرلەشتۈرۈش،ئىتپاقلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلىمىز>، دىيىشىدۇ ۋە < ئىختىلاپلار رىۋايەتلەرنىڭ كۆپلىكىدىن يۈزبەرگەن،ئۇلارنىڭ ناسىخ ۋە مەنسۇخلىرى بار >، دەپ ئويلايدۇ.ئۇ رىۋايەتلەرنى قانداق ئاڭلىغان بولساق شۇنداق رىۋايەت قىلىمىز دىيىشىدۇ.خەتەر ئۇلارغىكى، ئاقىۋەتلىرىگە تىگىشلىك ئىشلارغا ئۆزى ئەھمىيەت بەردى، ئادەملەر ئالدىدا تىك تۇرۇپ بەزى مەنسۇخ بولغانلىرىنى ئېيىتتى. ۋەھالەنكى بۈگۈنكى كۈندە مەنسۇخ بولغانلىرىغا ئەگىشىش زالالەتتۇر. چۈنكى كىشىلەر مەنسۇخ بولغانلىرىغا ئەگەشسە زالالەتكە كىتىدۇ.

بىزگە مەلۇمكى پەيغەمبەر ئەلەيسالام(س ئە ۋ)بىر ئايەتنى ھىچ قاچان ئىككى خىل تەپسىر قىلمىغان. پۈتۈن ئىنسانلارغا ناسىخ ئايەتلەرنى ناسىخ، مەنسۇخ ئايەتلەرنى مەنسۇخ دەپ تەپسىر قىلغان. ناسىخ ۋە مەنسۇخ مەسلىسى پەقەت ئەمىر ۋە نەھىيگە ئائىت ئايەتلەرگە داخىلدۇر. خەۋەر ۋە سۈپەتلەرنىڭ ھىچبىرىدە مەنسۇخ يوقدۇر. 


   شاگىرت:  
ـ ئاللاھ سىزنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىسۇن. ھەقىقەتەن ئالىجاناپ مۇئەللىم ئىكەنسىز. ئىلىم ساھەسىدە مەن بىلمىگەن يىڭى سەھىپىلەرنى ئىچىپ بەردىڭىز. مەزكۇر تائىپىدىكى كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنىڭ زەئىپلىكى، پىكىرلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلىشتە مەن ئىتىبار بەرمىگەن تەرەپلەرنى بايان قىلىپ بەردىڭىز. ئەمدى ئىككىنچى تائىپىدىكى كىشىلەرنىڭ(ئاللاھ
نىڭ دىنى كۆپ، ئۇ يەنى دىن، ئاللاھ پەرىز قىلغان بارچە ئەمەلنى ئادا قىلىش، ھارام قىلغان ھەممە نەرسىدىن يىنىش)دىگەن سۆزلېرىنى رەت قىلىش يولىنى ئېيتسىڭىز؟ 


ئۇستاز:  
  - سەن ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ بىر دىندا ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟!ئۇلارنىڭ ھىچ بىرى قەۋمىنى ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنىنى تەرك ئىتىشكە بۇيرىمىغان. چۈنكى ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى بىر بولغان. ھەر بىر پەيغەمبەر ئۆز شەرىىئتىگە دەۋەت قىلغان، ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئىتىدىن قايتۇرغان. ئۇلارنىڭ شەرىئىتى ھەرخىل ۋە كۆپ بولغان.شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ  : « ...سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا بىر خىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق.ئەگەر ئاللاھ خالىسا ،ئەلۋەتتە،سىلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى....»(سۈرە مائىدە48-ئايەتنىڭ مەزمۇنى ) .

ئاللاھ ئۇلارغا بىر دىننى بەرپا قىلىشنى بۇيرىغان، ئۇ دىن تەۋھىد –يەنى ئاللاھنى بىر ۋە يىگانە دەپ ئىتقات قىلىش دىنىدۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ بۇ دىندا گۇرۇھ-گۇرۇھ، تائىپە-تائىپە بۇلۇپ كەتمەسلكىنى بۇيرىغان.  ئاللاھ
ئۇلارنىڭ دىنىنى بىر قىلغان.

ئاللاھ تائالا مەرھەمەت قىلىپ: «ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى ساڭا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھى قىلغان نەرسىنى ئىبراھىمغا مۇساغا ۋە ئىساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار
...»(سۈرە شۇرا13-ئايەت)

بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئايەتتە:« (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: «مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھيى قىلدۇق»
(سۈرە ئەنبىيا25-ئايەت)  . 

   «....ئاللاھنىڭ دىنىغا (ئەگەشكىنكى) ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر....»(سۈرە رۇم 30-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى )


ئاللاھنىڭ دىنى ئۆزگەرتىلگەن، ئالماشتۇرۇلغان، بۇزۇلغان ئەمەس. ئەمما شەرىئەتلەر ئۆزگەرتىلگەن ۋ ئالماشتۇرۇلغاندۇر. اﷲ بەزى خەلقلەرگە ھالال قىلغان نەرسىنى باشقا خەلىقلەرگە ھارام قىلغان. يەنى بەزى ئىشلارنى بەزى خەلقلەرگە بۇيرىغان بولسا باشقا خەلقلەرنى توسقان. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەتلەر كۆپ ۋە خىلمۇ-خىل بولغان. شەرىئەتلەر ئەمىرلەردۇر.

ئەگەر ئاللاھ تائالانىڭ بارچە بۇيرىغانلىرىنى قىلىش ۋە پۈتۈن ياندۇرغانلىرىدىن يىنىش دىن بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ بىرەر پەرىزىنى قىلمىغان ياكى بىرەر نەھىنى قىلپ قويغان كىشى دىندىن چىقىپ كاپىر بولدۇ. ئەگەر كاپىر بولسا ئۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ئۇتتۇرسىدىكى نىكاھ، مىراس، مىيىت، ئۆلتۈرگەن ماللىرىنى يىيىشكە ئوخشاش ئىشلار يوق بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ
مۆمىنلەر ئوتتۇرسىدا جارى قىلغان. ئىمان سەۋەبلىك بىر-بىرىلىرىگە شەرئىيسىز قانلىرىنى تۆكۈشنى ۋە شەرئىيسىز ماللىرىنى يىيىشنى ھارام قىلغان.

ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى دىنغا كىرگەندىن  كىيىن ئۇلارغا پەرىزلەرنى ئادا قىلىشنى بۇيرىغان. 
 ئاللاھ تائالا مەرھەمەت قىلىپ:«(ئەي مۇھەممەد) ئىمان كەلتۈرگەن  بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى،ئۇلار نامازنى مۇكەممەل  ئادا قىلسۇن....» <ئىبراھىم31-ئايەت>

« ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى
»<بەقەرە183-ئايەت>

«ئى مۆمىنلەر! ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى
.....»<بەقەرە178-ئايەت بىر قىسىمى >

«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار
»<ئەھزاب41-ئايەت>

 مۇشۇ پەرىزلەر ئىمان بولغىنىدا ئىدى ،  ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا  ئۇلارنى ئادا قىلماستىن ئىلگىرى بەندىللىرىنى  مۆمىنلەر دەپ خىتاپ قىلمايتتى.   شۈبھىسىز ئاللاھ تائالا ئىمان بىلەن ئەمەل ئوتتۇرسىنى ئاجراتتى. ئاللاھ مەرھەمەت قىلىپ:« (ئى مۇھەممەد!) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا....»<بەقەرە 25-ئايەت>  «كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۆمىن بولۇپ ئاخىرەتكە لايىق ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغان ئەمىلى (ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا) قوبۇل بولىدۇ
.»<بەنى ئىسرائىل 19-ئايەت>.

ئاللاھ تائالا ئىماننى ئەمەلدىن ئاجراتتى.مۆمىنلەر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەنلىكىدىن ناماز ئۇقۇيدۇ، زاكات بىرىدۇ، روزا تۇتىدۇ، ھەجگە بارىدۇ ۋە ئاللاھنى زىكىر قىلىدۇ. ئۇلار ناماز ئۇقىشى، زاكات بېرىشى، روزا تۇتىشى، ھەجگە بېرىشلىرىدىن ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرمەيدۇ.ئۇلار ئاۋال ئىمان كەلتۈرۈپ ئاندىن ئەمەل قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پەرىزلەرنى ئادا قىلىشى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەنلىكىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئىمانى پەرىزلەرنى ئادا قىلغانلىقىدىن ئەمەس.
بۇنىڭ مىسالى: بىر ئادەم قەرىزدار بولسا ئاۋال قەرىزدارلىقىنى ئىقرار قىلىدۇ، ئاندىن قەرزىنى تۆلەيدۇ. ئۇ ھەرگىز ئاۋال قەرزىنى تۆلەپ ئاندىن قەرىزدارلىقىغا ئىقرار بولمايدۇ. ئۇنىڭ قەرزىگە ئىقرار بولىشى ئۇنى تۆلىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قەرزىنى قايتۇرىشى قەرزىگە ئىقرار بولىشدىندۇر. قۇللار خوجايىنلىرىغا خىزمەت قىلغانلىقىدىن ئۇلارغا  قۇللىقىنى ئىقرار قىلمايدۇ. بەلكى قۇللار خوجايىنلىرىغا قۇل بولغانلىقىنى ئىقرار قىلغانلىقىدىن ئۇلارغا خىزمەت قىلىدۇ.
سىلەر بىر- بىرىڭلارغا خىزمەت قىلىسىلەر، بۇنىڭ بىلەن قۇللۇققا ئىقرار قىلغان بولمايسىلەر. خىزمەت قىلىشنى قۇللۇققا ئىقرارلىق دىيىلمەيدۇ. بىرى قۇللۇققا ئىقرار قىلىپ،  ئىشلىمىسىمۇ ئۇنىڭدىن قۇللۇق نامى يۇقالمايدۇ. 

شاگىرت:
ـ بەك ياخشى چۈشەندۈردىڭىز، ئۇستاز.  ئىمان دىگەن نىمە؟ 


  
 ئۇستاز:
 :
ـ ئىمان-تەسدىق، مەرىپەت، شۈبھىسىزلىك ، ئىقرار ۋە ئىسلامدىن ئىبارەتتۇر. تەسدىق قىلىشتا ئادەملەر ئۈچ خىل بولىدۇ:
1) ئاللاھ ۋە ئۇ تەرەپتىن كەلگەن ھەممە نەرسىلەرنى دىلى ۋە تىلى بىلەن تەسدىق قىلدىغانلار.
2) ئاللاھ ۋە ئۇتەرەپتىن كەلگەن ھەممە نەرسىلەرنى دىلى بىلەن تەسدىق قىلىدىغانلار ئەمما تىلى بىلەن ئىنكار قىلدىغانلار.
3) ئاللاھ ۋە ئۇتەرەپتىن كەلگەن ھەممە نەرسىلەرنى تىلى بىلەن تەسدىق قىلىدىغان ئەمما دىلى بىلەن ئىنكار قىلدىغانلار. 
 

     
شاگىرت:
ـ مەن تاپالماي يۈرگەن مەسلىنى ئايدىڭلاشتۇردىڭىز. دەپ بەرسىڭىز، مەزكۇر ئۈچ دەرىجىدىكى ئادەملەر ئاللاھ تائالا نەزدىدە مۆمىن ھىساپلىنامدۇ؟ 
  

    ئۇستاز:
ـ ئاللاھ ۋە ئۇ تەرەپتىن كەلگەن ھەممە نەرسىلەرنى دىلى ۋە تىلى بىلەن تەسدىق قىلدىغان بەندىلەر ئاللاھنىڭ نەزىردە بولسۇن،ئادەملەر نەزىردە بولسۇن مۆمىندۇر.
تىلى بىلەن تەسدىق قىلىپ،دىلى بىلەن ئىنكار قىلغان بەندە ئاللاھنىڭ نەزدىدە كاپىر ئەمما بەندىلەر نەزدىدە مۆمىندۇر. چۈنكى ئادەملەر قەلىپنى بىلىشتىن ئاجىزدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەملەر ئۇلارنىڭ ئىقرارىغا قاراپ، ئۇلارنى مۆئمىن  دەپ ئاتاشلىرى مۇمكىن . ئۇلارنىڭ قەلىبلىرىنى بىلىش ئۈچۈن قىينىلىش كىرەك ئەمەس .
ئادەملەردىن ئادەملەرنىڭ نەزدىدە كاپىر،لىكىن ئاللاھنىڭ نەزىردە مۆمىنلىرى بار. ئۇلار دىللىرى بىلەن ئاللاھنى تەسدىق قىلىدۇ. لىكىن خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىللىرى بىلەن كۇپرىنى ئىزھارقىلىدۇ. ئادەملەر ئۇلارنىڭ ئىھتىياتچانلىقىنى بىلمەي، ئۇلارنى كاپىر دەپ ئاتىشىدۇ.ئەمما ئۇلار ئاللاھ
نىڭ نەزدىدە مۆمىندۇر.

شاگىرت:
 _
ئۇستاز كۆپ ياخشى گەپلەرنى قىلدىڭىز،ئەمما ئىماننى تەسدىق،مەرىفەت،شۈبھىسىزلىك ،ئىقرار ۋە ئىسلام دەپ كۆپ ھىساپلىدىڭىزمۇ؟ 


    ئۇستاز: 
    ـ  سەن سۇئال سوراشتا چوڭقۇرلاۋەرمە،پەتىۋادا ئېھتىياتچان بول،مىنىڭ ئېيىتقانلىرىمغا ئىترازىڭ بولسا، سەمىمىي بولساڭ، مەندىن ئۇلارنى شەرھىلەپ بېرىشمنى سورا. ئادەم ئاڭلىغان سۆزلەرنى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن، ئەگەر ئۇنىڭغا ئۇ سۆزلەر شەرھىلەپ بېرىلسە، ئۇنىڭدا قانائەت پەيدا بۇلىدۇ.

سەن بىرگەپنى ئاڭلاپ
 ياقتۇرمىغانلىقىڭ سەۋەبلىك  ئۇنى قارلاش مەقسىتىدە،‹بۇ سۆزنىڭ مەن بىلمىگەن تەپسىرى ۋە سەۋەبى بۇلسا كىرەك ، بۇرادىرىمدىن ئۇنىڭ تەپسىرىنى سوراي، بەلكىم بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئىختىيارسىز چىقىپ كەتكەندۇ. ئۇنى ئىنىقلاپ چىقسام ياخشى بولاتتى، ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۇنى ئەيىپلىك قىلىشىم توغرا ئەمەس›، دەپ ئادەملەر ئاراسىدا  تارقىتىپ يۈرگۈچىلەرگە ئوخشاپ قالما. 


   شاگىرت:
ـ ئۇستاز، ئاللاھ
قەدىمىڭىزنى سابىت قىلسۇن. سىزگە بەرگەن ياخشىلىقلىرىنى داۋاملىق قىلسۇن. سۆزلىرىڭىزنى چۈشۈنۈپ يەتتىم. مەندىن سادىر بولغان نۇقسانلىرىمنى كەچۈرۈڭ. مەن ئىلىمدا توشمىغان شاگىرتمەن. ماڭا يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن تەسدىق،مەرىپەت،ئىقرار،ئىسلام ۋە شۈبھىسىزلىكلەرنىڭ ئىتبارىڭىزدىكى دەرىجىللىرىنى  ۋە تەپسىرىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز؟ 


  ئۇستاز:
ـ مەزكۇر كەلىمىلەر ھەرخىل بولغان بىلەن مەنىلىرى بىر، يەنى ئىماندۇر. ئاللاھ
نى پەرۋەردىگارىم دەپ ئىقرار قىلىش، ئۇنى پەرۋەردىگارىم دەپ تەسدىق قىلىش، ئۇنى پەرۋەردىگارىم دەپ قەسەم قىلىش، ئۇنى پەرۋەردىگارىم دەپ تۇنۇش(مەرىفەت)ئىماندۇر. بۇ سۆزلەر ھەرخىل بولغان بىلەن مەنىلىرى بىردۇر. مەسلەن بىر كىشىنى،< ھەي ئادەم،ھەي ئىنسان،ھەي پالانچى>، دەپ چاقىرىلسىمۇ پەقەت شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىلا چاقىرىلىدۇ. 

  
   شاگىرت: 
 _
ئەگەر ئىلمىمنىڭ ئازلىقىنى ۋە رايىمنىڭ زەئىپلىكىنى بىلمىگەن بولسام ھۇزۇرىڭىزغا كەلمەيتتىم. ئۇستاز مەندىن سىزگە ياقمايدىغان ھەركەت سادىر بولغان بولسا ياكى بىرەر خاتالىقىمنى سەزگەن بولسىڭىز، مىنى كەچۈرۈڭ. چۈنكى بىمارنى داۋالاش يۈكى تىۋىپقا، كۆزى ئاجىزنى يىتلەپ مىڭىش يۈكى كۆزى روشەنگە چۈشىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، ئالىم ساۋاتسىزنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرىشى لازىم. سۆزلىرىڭىزنى ئىلىمسىز ئادەم ئاڭلىسا ئۇنىڭغا ياقمايدىغان يەرلىرى بارلىقىنى ھىس قىلدىم. ئەگەر ئۇنىڭغا شەرھىلەپ بىرىلسە ئۇنىڭدا قانائەت ھاسىل بولدىغانلىقىنى بىلدىم. شۇنىڭدەك ئىمان، تەسدىق،  مەرىفەت، شۈبھىسىزلىك ۋە ئىقرارلانى بەكمۇ ياخشى چۈشەندۈردىڭىز. «بىزنىڭ ئىمانلىرىمىز پەيغەمبەرلەر ۋە پەرىشتىلەرنىڭ ئىمانلىرىغا ئوخشاش» دەپ قانداق ئىيتىمىز؟شۈبھىسىزكى،ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بىزدىن ئىتائەتكارراقلىقىنى بىلىمىزغۇ؟ 


   ئۇستاز: 
 _ سەن پەرىشتىلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا بىزدىن كۆرە ئىتائەتكارراق ئىكەنلىكىنى بىلىپسەن. مەن ساڭا ئىمان ئەمەل ئەمەس دىگەنتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئىمانىمىز، ئۇلارنىڭ ئىمانلىرىغا ئوخشاشتۇر. چۈنكى بىزمۇ ئۇلاردەك ئاللاھنىڭ يەككە-يىگانە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قۇدرىتىنى ۋە ئۇ تەرەپتىن كەلگەن ھەممە نەرسىلەرنى تەسدىق قىلغانمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمانىمىز پەرىشتە ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىمانىغا ئوخشاش دەيمىز. پەيغەمبەر ۋە رەسۇللارمۇ ئۇلارنى تەسدىق قىلغان، پەرىشتىلەر بولسا ئاللاھ
نىڭ ئاجايىباتلىرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگەن، بىز بولساق ئۇلارنى كۆرمەستىن تۇرۇپ ئىمان كەلتۈرگەنمىز. 

  
    شاگىرت: 
    _ئاللاھ سىزنى نىجات تاپقانلاردىن قىلسۇن. ناھايىتى  گۈزەل سۆزلىدىڭىز. ماڭا ئايان بولدىكى بىزنىڭ ئىمانىمىز ۋەتەسدىقىمىز، جەزمىمىز پەرىشتىلەرنىڭكىدەك ئىكەن. ئېيتسڭىز، ئۇلار نىمىشقا بىزگە قارغاندا ئاللاھ
قا ئىتائەتكارراق ۋە قورقۇدىغانراق؟ بەزى جاھىللار بىرەر بەندىنىڭ خاتاسىنى ياكى مۇسىبەت يەتكەندە سەبىرقىلالمىغىننى ياكى دۈشمەندىن قورۇقىننى ياكى ھاۋايى ھەۋەسكە بېرىلگىننى كۆرگەنىدە، بۇ  يەقىين زەئىپلىگى (كۆڭلىدە شۈبھە بار ) دىگەننى نەدىن ئالغان؟ 

  
   ئۇستاز:
 
   _جاھىللارنىڭ(يەقىن زەئىپلىگى)دىگىنىگە كەلسەك، بۇ ئۇلارنىڭ يەقىننىڭ تەپسىرىنى بىلمىگەنلىكىدىن كەلگەن. يەقىن دىگەن بىرنەرسىنى ھىچ ئىكىلەنمەي قەتئى بىلمەكلىكتۇر. ئىمان كەلتۈرگەنلەرنىڭ بىرەرسى گۇناھ قىلغان بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ يىگانىلىقىغا، ئۇنىڭ كىتاپلىرىغا، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە شەك-شۈبھە قىلمايدۇ. بىز ئادەملەرنىڭ ھالىتىنى ئۆزىمىزنىڭ ھالىتىگە قىياس قىلىمىز. بىزدىن خاتالىق ئۆتۈشى، بېشىمىزغا بىرەر بالا كەلگەندە سەبىرسىزلىك قىلىشىمىز، دۈشمەندىن قورقىشىمىز مۇمكىن. ئەمما ھەرگىز بىزنىڭ قەلبىمىزدە ئاللاھقا ۋە ئۇتەرەپتىن كەلگەن بارچە نەرسىلەرگە شەك-شۈبھە پەيدا بولمايدۇ. بىز باشقىلارنىمۇ ئۆزىمىزدەك دەپ ئويلايمىز.
پەرىشتىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر بىزگە قارىغاندا
ئاللاھقا ئىتائەتكارراق ۋە قورقۇدىغانراقدۇر. بۇنىڭ بىر نەچچە سەۋەبى بار:

1)ئۇلار پەيغەمبەرلىك ۋە رەسۇللۇق بىلەن مۇكاپاتلانغىنىدەك. قورقۇش، رىغبەت ۋە ئىسىل خۇلۇقلاردىمۇ باشقىلاردىن ئارتۇق قىلىنغان.
2)پەيغەمبەرلەر ۋە پەرىشتىلەر بىز كۆرمىگەن ئاجايىباتلارغا شاھىت بولغان.
3)پەيغەمبەرلەرگە گۇناھ ئىش ئالدىدا يول قۇيۇلمىغان.
4)پەيغەمبەرلەر گۇناھكارلارغا بېرىلگەن جازالارنى كۆرۇپ تۇراتتى، بۇ ھال ئۇلارنىڭ گۇناھ ئىشلاردىن يىراق بولىشىغا سەۋەب بولغان. 


  شاگىرت:
    - ئۇستاز، سىزنىڭ بايان ئەتكەنلىرىڭىزنى چۈشەندىم . سىز ھەقىقەتنى بايان قىلىشتا ۋە ئۇلارنى ئېيتىشنى داۋام ئەتمەكتىسىز. سىز ماڭا بايان ئەتكەن شۈبھىمىز، قورقۇنچىمىز ۋە جۈرئىتىمىز پەيغەمبەرلەرنىڭ شۇنداق خىسلەتلىرىدىن قانداق پەرىق قىلىدىغانلىقىنى قىياس قىلىپ چۈشەندۈرۈپ قويىشىڭىزنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم . ئەگەر جاھىل ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىسا ۋە ئۆگىنىشنى ئىستىسە، ئۇنىڭغا چۈشەندۈرگەن بىر ئىشنى قىياسلاپ چۈشەندۈرسىڭىز، تىز چۈشۈنۈپ ئېلىشقا پايدىسى بولىدۇ . 


  ئۇستاز: 

     ـ  ھە، قىياس ھەققىدە سوراپ توغرا قىلدىڭ. چۈنكى، ھەربىر ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى بۇرادىرى بىلەن دەرىسنى مۇزاكىرە قىلغاندا ئۇنى چۈشەنمەي قالسا، ئۇنىڭدىن ئۇ مەسىلىنى قىياسلاپ بىرىشى ئىلتىماس قىلىدۇ. بىلگىنكى توغرا قىياس ھەقنى ئىزلىگۈچىنىڭ ھەققىنى روياپقا چىقىرىدۇ .

قىياس ھەقدار تەرەپتە توغرا ۋە راس گۇۋاھلىققا ئۆتەيدىغان ئادالەتلىك شەھىدگە ئوخشايدۇ. جاھىل ئادەملەر ھەقنى ئىنكار قىلمىغىنىدا، ئالىملار قىياس ۋە قىياس ئۇسۇلىنى پەيدا قىلمىغان بولاتتى .

بىزنىڭ شۈبھىسىزلىكىمىز ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ  شۈبھىسىزلىكى ئوخشاش بولسىمۇ لىكىن ئۇلارنىڭ قورقۇشلىرىنىڭ بىزنىڭ قورقۇشلىرىمىزدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنىڭ قىياسىنى بىلىشىڭگە كەلسەك،
 ئوخشاش بىر خىل سۇ ئۈزۈش ماھارىتىگە ئىگە بولغان ئىككى كىشى چوڭقۇر ۋە تىز ئاقار دەريا بويىغا كىلىپ، ئۇلاردىن بىرى سۇغا چۈشۈشتىن قورىقمايدىغان، يەنە بىرى قورقىدىغانغا ياكى بىر خىل دەرتكە مۇپتىلا بولغان ئىككى بىمارغا بىر خىل ئاچچىق دورا بىرىلگەندە، ئۇلاردىن بىرى ئۇنى ئىچىشتىن قورقمىغىنىغا، ئىككىنجىسى بولسا قورىققانغا قىياسلىساق بولىدۇ .


 

   شاگىرت:
    - ياخشى چۈشەندۈردىڭىز ئۇستاز، بىزنىڭ ئىمانلىرىمىز پەيغەمبەرلەرنىڭكىدەك بولسا، ئىمانلىرىمىزنىڭ مۇكاپاتى ھەم بىر خىل ئەمەسمۇ ؟  ئەگەردە بىرخىل بولسا، ئۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەرلەرنىڭ بىزدىن ئەۋزەل تەرەپلىرى قايسى ؟ دۇنيادا ئىمانلىرىمىز تەڭ  بولىدىغان بولسا، ئاخىرەتتە ھەم ئىمان ساۋابىدا  تەڭ بولىشىمىز كىرەك. ئەگەردە ئىمانىمىز ساۋابى ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭكىدىن كەم بولسا، يەنى  ئىمانىمىز تەڭ بولسىمۇ، بىزگە ئۇلاردىن كەم ساۋاب بىرىلسە، بۇ زۇلۇم بولۇپ قالمامدۇ ؟  


    ئۇستاز:  
     ـ  سەن مەسىلىنى بەكلا جىددىيلەشتۈرۋەتتىڭ.  پەتىۋادا ئىھتىياتچان بول ! بىزنىڭ ئىمانىمىز پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىمانىغا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭ؟ چۈنكى بىز ھەم ئۇلار ئىمان كەلتۈرگەن نەرسىلەرگە ئىمان كەلتۈرگەنمىز. ئەمما ئۇلار ئىمانلىرى ۋە ئىبادەتلىرى ساۋابىدا بىزدىن ئارتۇقتۇر. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنى پەيغەمبەرلىك بىلەن باشقىلاردىن ئارتۇق قىلغىنىدەك، ئۇلارنىڭ سۆزلەرنى ھەم، ئىبادەتلىرىنى ھەم، ئۆيلىرىنى ھەم، ئىستىقامەت قىلىدىغان جايلىرىنى ھەم، ھەممە ئىشلىرىنى باشقىلاردىن ئەۋزەل قىلغان. ئاللاھ بىزنىڭ ساۋابلىرىمىزنى ئۇلارنىڭكى بىلەن باراۋەر قىلمىغانلىقى زۇلۇم ئەمەس. ساۋابىمىزنى كىمەيتىۋتىپ بىزنى رەنجىتكەندە زۇلۇم قىلغان بولاتتى. ئەمما بىزنىڭ ھەققىمىزنى كىمەيىتمەي بەرسە زۇلۇم بولمايدۇ. پەيغەمبەرلەر بۇ دۇنيادا باشقىلاردىن ئارتۇق پەزىلەتلەرگە ئىگىدۇر. چۈنكى ئۇلار خەلىقنىڭ يولباشچىللىرى ۋە ئاللاھ
نىڭ ئىشەنچىلىك بەندىللىرىدۇر .

ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا، ئاللاھتىن قورقۇشتا، جاپاـ مۇشەققەت ۋە ئېغىرچىلىقلارغا چىداشتا ھىچكىم ئۇلارغا تەڭ كىلەلمەيدۇ. يەنە ئاللاھ
نىڭ ئىزنى بىلەن ئادەملەر پەيغەمبەرلەر تۈپەيلى  پەزىلەتكە ئىرىشكەندۇر. پەيغەمبەرلەرگە، ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنىڭ شاراپىتى بىلەن جەننەتكە كىردىغان بەندىلەرنىڭ ساۋبلىرى بىلەن تەڭ ساۋاب بىرىلىدۇ .  

      شاگىرت

        ـ ئاللاھ سىزنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىسۇن ئۇستاز. ھەقنى بايان ئەتتىڭىز. ئاللاھ شىرىكتىن باشقا يەنە قانداق گۇناھلىرى ئۈچۈن  بەندىسىنى ئازابلايدۇ؟ ياكى شىرىكتىن باشقا ھەرقانداق گۇناھ مەغفىرەت قىلىنىدۇ دەپ ئويلامسىز؟   

داۋامى بار . 





[ بۇ يازمىنىتاھىربەگ 2011-10-18 13:04قايتا تەھرىرلىد ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(arzuyum) مەنپەئەتلىك ..
  • ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
    دوستلىشىش
    تاھىربەگ
    تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 11
    ئومۇمىي يازما: 2473
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
    ئۆسۈش: 5440 %
    مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
    تۆھپىسى: 179 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-06
    ئاخىرقى: 2012-05-11
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-30 20:30

    4-قەۋەت (oylinish) نىڭ يازمىسىغا

    ئەمدى سىلىدەك ئوينايدىغان يېرى جىق ، چوڭ شەگە ئۆتكەن بولساق ئويناتۇق ، ئويناي دىسەممۇ بۇ <سەھرايى كەبىر > نىڭ نەرىدە ئوينامەن    
    ئىلكىتاپ ئىشلىيەلەمسىز ؟  كىتاپ پۈتكەندە ئىلكىتاپ قىلىپ قويۇڭ .
    ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
    دوستلىشىش
    تاھىربەگ
    تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 11
    ئومۇمىي يازما: 2473
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
    ئۆسۈش: 5440 %
    مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
    تۆھپىسى: 179 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-06
    ئاخىرقى: 2012-05-11
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-30 23:26

    6-قەۋەت (oylinish) نىڭ يازمىسىغا

    قوشۇمچە چۈشۈپ قالغان يەرلەرنى بىر قاتار تۈزىدىم .    ئاخىرى كىلەر جۈمەگىچە تەرجىمە قىلىنىپ يوللىنىلدۇ ئىنشائاللاھ . ئىككى جۈمە يوللىسام تۈگەيدۇ .  
    ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
    دوستلىشىش
    تاھىربەگ
    تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 11
    ئومۇمىي يازما: 2473
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
    ئۆسۈش: 5440 %
    مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
    تۆھپىسى: 179 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-06
    ئاخىرقى: 2012-05-11
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-01 10:19

    9-قەۋەت (yaxam) نىڭ يازمىسىغا

    ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم ، ياشام قېرىندىشىم . ئەسەر تەرجىمسىگە پىكىر تەكلىپ بىرىپ تۇراسىز . ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .
    ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
    دوستلىشىش
    تاھىربەگ
    تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 11
    ئومۇمىي يازما: 2473
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
    ئۆسۈش: 5440 %
    مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
    تۆھپىسى: 179 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-06
    ئاخىرقى: 2012-05-11
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-03 00:05

    11-قەۋەت (yaxam) نىڭ يازمىسىغا

    1-دۇرۇت سالام يوللىغاندىكى: پاكىزە ئاياللىرىغا دېگەن ئىبارىنى پاك ئاياللىرىغا دېسەك مۇناسىپراق بولارمىكىن.
         شۇنداق ئۆزگەرتىپ قويدۇم .
    2-ئەلئەبساد دېگەن ئىبارە: بەلكى توغرىسى ئەلئەۋسات ياكى ئەلئەبسات بولسا كېرەك.
    ئەلئەبسات ئىكەن ئەسلى . مەن دىققەت قىلماپتىمەن .
    3-ئەبۇ مۇقاتىن ھەفس ئىنبى: ئەبۇ مۇقاتىل ھەفس ئىبنى.
      كىتاپچىدە مۇقاتىل ئىكەن ، مەن مۇقاتىن دەپ يېزىۋاپتىمەن . ئىنبى دىگەن ئىملا خالىغىكەن .
    4-ھاكام: ھەكەم.
      بۇنىمۇ شۇنداق ئۆزگەرتىپ قويدۇم .  


    بىر سۇئال سىلىگە :  
       كىتاپتا
    _Ayting_chi ustoz , qotilni Alloh mag`firat qiladi va begonaga bir qaraganni azoblaydu deya olasizmi?
      دەپ بىر سۇئال باركەن .

    بۇيەردىكى begonaga دىگەننى نىمە دەپ ئالساق بولا ؟  بىگۇناھ دەپ ئالاي دىسەم ماس كەلمەيدىكەن . ھەم بىگۇناھ دىگەننى begunoh  دەپ يېزىپتۇ يەنە بىر يەردە .   بۇ سۆزنى ئويلاپ ئويلاپمۇ پەقەت يىشەلمىدىم . شۇنىڭغابىر ياردەم قىلسىللىرى بوپتىكەن .

    ئاستىدىكى رەسىمدە شۇ سۇئال بىلەن جاۋابى بار


      
    ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
    دوستلىشىش
    تاھىربەگ
    تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 11
    ئومۇمىي يازما: 2473
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
    ئۆسۈش: 5440 %
    مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
    تۆھپىسى: 179 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-06
    ئاخىرقى: 2012-05-11
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-03 22:03

    13-قەۋەت (oylinish) نىڭ يازمىسىغا

    مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان . لىكىن ئىككىلىنىپ قاپتىمەن . رەھمەت جۇمۇ ساڭا .  
    ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
    دوستلىشىش
    تاھىربەگ
    تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 11
    ئومۇمىي يازما: 2473
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
    ئۆسۈش: 5440 %
    مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
    تۆھپىسى: 179 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-06
    ئاخىرقى: 2012-05-11
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-07 10:21

    سۇئاللار ناھايىتى زىللىشىپ ماڭغاچقا ئازراق يوللىدىم.  قېرىنداشلىرىمنىڭ ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا خاتا كەتكەن يېرى بولسا كۆرسىتىپ بىرشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. اﷲرەھمەت قىلسۇن.


    شاگىرت :   
         ـ  ئاللاھ سىزنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىسۇن ئۇستاز . ھەقنى بايان ئەتتىڭىز . ئاللاھ شىرىكتىن باشقا يەنە قانداق گۇناھلىرى ئۈچۈن  بەندىسىنى ئازابلايدۇ  ؟  ياكى شىرىكتىن باشقا ھەرقانداق گۇناھ مەغفىرەت قىلىنىدۇ دەپ ئويلامسىز ؟ ياكى ئۇلارنىڭ بەزىللىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ دەپ ئويلىسىڭىز ، ئۇلار قايسىلار ؟


    ئۇستاز:  
    ــ  مەن ئاللاھنىڭ بەندىسىنى شىرىكتىن باشقا گۇناھ ئۈچۈن ئازاپلىشىنى بىلمەيمەن. ئەھلى قىبلىلەر گۇناھكارلاردىن بىرەرسىنى ئاللاھنىڭ ئۇنى شىرىكتىن باشقا گۇناھى ئۈچۈن ئازابلىشىغا گۇۋاھلىق بىرەلمەيدۇ. ئىنىق بىلىمەنكى، شىرىكتىن بۆلەك بەزى گۇناھلار مەغفىرەت قىلىنىدۇ، لىكىن ئۇلار قايسى گۇناھلار بۇنى بىلمەيمەن. چۈنكى ئاللاھنىڭ:« ئەگەر سىلەر مەنئىي قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، (كەرىمىمىزگە ئېلىپ ) كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرمىز ... » (سۈرە نىسا ،30ـ ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) دىگەن ئايىتىگە كۆرە، كەچۈرىلىدىغان ۋە كەچۈرۈلمەيدىغان ھەممە گۇناھى كەبىرەلەر ۋە كىچىك گۇناھلارنى بىلمەيمەن. ئاللاھ شىرىكتىن باشقا بارچە گۇناھلارنى مەغفىرەت قىلسا،  ئەجەپ ئەمەس.  چۈنكى ئاللاھ :« ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغفىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغفىرەت قىلىدۇ ... »(سۈرە نىسا 48ـ ئايەتنىڭ بىر قىسىمى ).  ئەمما مەن  ئاللاھنىڭ قايسى بەندىنىڭ گۇناھىنى مەغفىرەت قىلىدىغىننى ۋە قايسى بەندىسىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرمەيدىغىنىنى ھەم بىلمەيمەن .


        
    شاگىرت :
         ــ ئېيتىڭچۇ ئۇستاز، قاتىلنى ئاللاھ مەغفىرەت قىلىدۇ ۋە نامەھرەمگە بىر قارىغاننى ئازاپلايدۇ دىيەلەمسىز؟  سىزنىڭ نەزىرڭىزدە ئەپۇ_ئۈمۈد قىلىشتا ئۇ ئىككىلىسى بىرخىل دەرىجىدە ئەمەسمۇ؟




    ئۇستاز :
    _ ئەگەر ئاللاھ قاتىلنى مەغفىرەت قىلىدىغان بولسا، نامەھرەمگە بىر قارىغان ئادەم مەغفىرەت قىلىنىشقا ھەقلىقتۇر. ئەگەر نامەھرەمگە بىر قارىغانغا ئازاپ بېرىلسە، قاتىل ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق ئازاپلىنىشقا ھەقلىقتۇر . چۈنكى ئاللاھ :« ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋا بولغىنىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھىساپلىنسىلەر...» (سۈرە ھۇجۇرات 13_ئايەتنىڭ بىر قىسىمى ) دىگەن. نامەھرەمگە بىر قارىغان كىشى، ئادەم ئۆلتۈرمىگەن بولسا، ئۇ قاتىلغا نىسبەتەن تەقۋاراقدۇر. ئەمدى سەن دىگەندەك، ئۇلارنىڭ ئۈمۈدۋار بولۇش مەسىلىسگە كەلسەك، مىنىڭ نەزىرىمدە ئىككىسى تەڭ ئەمەستۇر. مىنىڭچە كىچىك گۇناھ قىلغان كىشى گۇناھى كەبىرە قىلغان كىشىدىن ئۈمۈدۋارراق. لىكىن، مەن ئىككىلىسىنىڭ ھەم ئاقىۋتىدىن قورقىمەن. ئەمما مەن ئۈچۈن گۇناھى كەبىرە قىلغاننىڭ ئاقىۋىتى كىچىك گۇناھ قىلغاننىڭ ئاقىۋىتىدىن خەتەرلىكراق. بۇنىڭغا قىياس كەلتۈرەي.
    ئىككى كىشىنىڭ بىرى دېڭىزغا، يەنە بىرى كىچىك دەرياغا چۈشتى. مەن ئۇلارنىڭ ئىككىلىسىنىڭ سۇغا غەرىق بولۇپ كىتىشىدىن قورقىمەن ۋە دېڭىزغا چۈشكەن كىشىدىن كۆرە دەرياغا چۈشكەن كىشىنىڭ قۇتۇلىشىغا كۆپرەك ئۈمۈدۋار بولىمەن .
    خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، مەن گۇناھى كەبىرە قىلغان ئادەمنىڭ تەقدىرىدىن بەكرەك قورقىمەن. گەرچە مەن ھەر ئىككى گۇناھكارنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشىدىن ئۈمۈدۋار بولساممۇ ۋە ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىغا قاراپ ئاقىۋىتىدىن قورقساممۇ، گۇناھى كەبىرە قىلغان كىشىنىڭ ئاقىۋتى كىچىك گۇناھ قىلغان كىشىنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقۇنۇچلىقراق، كىچىك گۇناھ قىلغان كىشىنىڭ ئاقىۋىتى گۇناھى كەبىرە قىلغان كىشىنىڭ ئاقىۋتىدىن ئۈمۈدلىكراق.


    شاگىرت:
    ـ قىياسنى بەكمۇ ياخشى قىلدىڭىز ئۇستاز. ئېيتسىڭىزچۇ ئۇستاز، گۇناھى كەبىرە سادىر قىلغان كىشىنىڭ گۇناھىنىڭ كەچۈرىلىشىنى سوراش ياخشىمۇ ياكى ئۇنى لەنەتلەپ بەددۇئا  قىلغان ياخشىمۇ؟ سىزگە قايسى بىرىنى قىلىش ئىختىيار ئىتىلگەن بولسا، ئۇنى لەنەتلىگەن بولامتىڭىز ياكى ئۇنىڭغا مەغفىرەت تىلىگەن بولامتىڭىز؟ بۇلارنىڭ بىرىنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ.


    ئۇستاز:
    _  ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈشتىن باشقا گۇناھلارنىڭ ھەممىسى ئىككى تائىفىگە بۆلىنىدۇ. بۇ ئىككى تائىفىنىڭ گۇناھلىرىدىن قايسى بىرىنى قىلىپ سالغان بەندىنىڭ  گۇناھىنىڭ كەچۈرىلىشىنى سوراپ، ئۇنىڭ ھەققىگە خەيىرلىك دۇئا قىلىش ئەۋزەلدۇر. ئەگەردە ئۇنى لەنەتلىسەڭ، گۇناھكار بولۇپ قالمايسەن. مەسىلەن، بىر ئادەم ساڭا نىسبەتەن ئەيىپ ئىش قىلىپ قويسا، سەن ئۇنىڭ گۇناھىدىن كىچىپ، ئۇنى لەنەتلىمىگىنىڭ ئەلۋەتتە ياخشىدۇر.
    شۇنىڭدەك، بىر ئادەم ئاللاھقا گۇناھ ئىش قىلىپ قويدى، ئەمما ئۇنىڭغا شىرىك كەلتۈرمىدى، ئۇنداق ئادەمگە رەھىمدىللىق قىلىپ، كەلمى شاھادەتنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مەغفىرەت تەلەپ قىلىشىڭ ئەبزەلدۇر. ئەگەردە، سەن ئۇنىڭ ھەققىگە بەددۇئا قىلىپ،« ئەي رەببىم، ئۇنى گۇناھى ئۈچۈن جازالىغىن» دەپ ئىلتىجا قىلساڭ، گۇناھكار بولۇپ قالمايسەن. ئەمما ئۇ گۇناھكار بولمىسا، « ئەي رەببىم، ئۇنى جازالىغىن» دىسەڭ گۇناھكار بولۇپ قالىسەن.
    گۇناھكارغا ئىستىغفار ئېيتىشىڭدا ئىككى خىسلەت بار. بىرى شۇكى، ئۇ ئادەم مۆئمىن بەندە، ئىككىنجىسى سەن گۇناھكار بەندىنى ئاللاھنىڭ جازالىشىنى ئىنىق بىلمەيسەن. ئەگەر ئاللاھنىڭ ئۇنى ئازاپلىشىنى ئىنىق بىلسەڭ، ئۇ ھالدا ئۇنىڭغا ئىستىغفار ئېيتىشىڭ ھارامدۇر. چۈنكى ئاللاھ ئازاپلىنىشقا مەھكۇم ئىتىلگەن گۇناھكارغا ئىستىغفار ئېيتىشنى مەنئى قىلغان. ئاللاھ ئازاپلايمەن دىگەنگە مەغفىرەت سوراش ئاللاھنىڭ سۆزىنى بىجىرمەسلىكنى تىلەش:_« ئەي ئاللاھ پەقەت بىر مىنى ئۆلتۈرمىگىن»دىگەنگە ئوخشاش.  چۈنكى ئاللاھ:« ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر...» (سۈرە ئال ئىمران 185ـ ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)دەپ مەرھەممەت قىلغان.
    كەلىمە شاھادەت شاراپىتى ۋە ھۆرمىتى يۈزسىدىن كەلىمە شاھادەت ئېيىتقان ۋە ئۇنىڭغا ئىقرار بولغان بەندىلەر ئۈچۈن ئىستىغفار ئېيتىشىڭ ئەۋزەلدۇر. ئاللاھقا قىلىنغان ئىبادەتلەردە كەلمى شاھادەتكە ئىقرار بولغىنىدىنمۇ ئارتۇقراقى يوقتۇر. ئاسمان - زىمىن ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى نەرسىلەر ئالدىدا تۇخۇم قانچىلىك كىچىك بولسا، بارچە فەرىز ئەمەللەر كەلىمە شاھادەت ئالدىدا تۇخۇمدىن ھەم كىچىكراقتۇر.
    ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈش قانچىلىك كاتتا گۇناھ بولسا، كەلمى شاھادەت كەلتۈرۈش شۇنچىلىك كاتتا ساۋابتۇر. ئاللاھ تائالا بىرەر يامان ئەمەل ياكى گۇناھنى شىرىك گۇناھنى چوڭ قىلغاندەك چوڭ قىلمىغان. «...ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرمىگىن، شىرىك ھەقىقەتەن زور گۇناھتۇر»(سۈرە لوقمان 13ـ ئايەتنىڭ بىر قىسىمى). « ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا شىرىك كەلتۈرمەڭلار، كىمكى اﷲ قا شىرىك كەلتۈردىكەن، ئۇ گويا ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك، ياكى بوران ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراققا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ»( سۈرە ھەج 31ـ ئايەتنىڭ مەزمۇنى). « مۇشرىكلار‹ ئاللاھنىڭ بالىسى بار› دىيىشتى.( ئەي مۇشرىكلار) سىلەر شۇنداق قەبىھ بىر سۆزنى قىلدىڭلاركى، بۇ سۆزنىڭ يامانلىقىدىن ئاسمانلار پارچىلىنپ كەتكىلى، يەر يېرىلىپ كەتكىلى، تاغلار گۇمران بولۇپ كەتكىلى تاس قالدى...»(سۈرە مەريەم 88~99ـ ئايەت مەزمۇنى). ئاللاھ  قاتىللىق ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك گۇناھلار خۇسۇسىدا بۇنداق قاتتىق ئېيىتمىغان.



    شاگىرت:
    ـ بارغانسىرى، ئەي ئۇستاز، سۆھبىتىڭىزگە ئىشتىياقىم زىيادە بولىۋاتىدۇ. ائاللاھ سىزنى بارچە مۆئمىنلەر نامىدىن مۇكاپاتلىسۇن. ئۇلارنىڭ ياخشىللىرى ۋە گۇناھكارلىرى توغرىسدىكى سۆزىڭىز، پىكىرڭىز ۋە مۇناسىۋتىڭىز، پەزىلەتلىرىنى بىلىشىڭىز، ئۇلارغا مىھرىبانلىقىڭىز بەكمۇ گۈزەلدۇر. ئېيتىڭچۇ ئۇستاز، ئەھلى قىبلىلەر ھەققىدىكى پىكىر مۇلاھىزلەردە ئادالەت ئەھلىنىڭ بەزىللىرى بەزىللىرىدىن ئەۋزەلمۇ؟
     
    ئۇستاز:
    ــ  ئادالەت ئەھلىللىرىنىڭ ئۈممەت ھۆرمىتىنى ئۇلۇغلاشتا سۆزلىرى بىردۇر. بىراق ئىلىمدە، ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى ئۇلۇغلاشتىكى ئاساسدا، ئۇنىڭغا دۇئايۇ ئىلتىجا قىلىشتا، قىيىنچىلىقلارنى كۆتۈرۈشتە، مۆئمىنلەرنى پىتنەـ پاسات ئىشلاردىن ھىمايە قىلىشتا، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ئۇلۇغلاش يولىنى ئىزلەشتە ۋە ھىمايە قىلىشتا، ئادالەت ئەھلىللىرنىڭ بىرـ بىرىدىن ئارتۇق ئىكەنلىكى نامايەن بولىدۇ. ئۇلار گويا يۇرت ئۈستىگە دۈشمەن باستۇرۇپ كەلگەن ۋاقىتتا بىر بولۇپ خەلىقنى ھىمايە قىلىشقا ئاتلانغان ئەسكەرلەرگە ئوخشايدۇ. ئەسكەرلەرمۇ  بىر - بىرىدىن جەڭ قىلىش ۋە دۈشمەنلەرنى قىرىپ تاشلاش ماھارىتىدە، دۈشمەننى يىڭىش ئۈچۈن ھىيلە ئىشلىتىشتە، مال - دۇنيالىرىنى سەرىپ قىلىشتا، ياۋغا قارشى تەرغىپ - تەشۋىقات ئىشلىرىدا پەرىق قىلىدۇ.


    شاگىرت:
    ــ قەسەم قىلىمەنكى ئۇستاز، بۇ كەبى قىياسلاشنى مۇشۇ چاغقىچە ئاڭلاپ باقمىغانمەن. ئېيتىڭچۇ، گۇناھى كەبىرە قىلغان مۆئمىن ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بولامدۇ؟


    ئۇستاز :
    ــ  مۆئمىن كىشى ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرمىسە، ھەر قانچە گۇناھ قىلسىمۇ ، ئاللاھقا دۈشمەن بولمايدۇ. دۈشمەن دىگەن ئۆز دۈشمىنىنى كەمسىتىدۇ ۋە نەپرەتلىنىدۇ. مۆئمىن ئادەم بىرەر گۇناھى كەبىرە قىلسىمۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا بارچە نەرسىللىرىدىن ئەزىز ۋە سۆيۈملۈك بولىۋىرىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئادەمگە ئۆزىنى كۆيدۈرىلىش ياكى ئاللاھقا قەلبىدىن چىقىرىپ تۆھمەت قىلىشتىن بىرىنى تاللاش ئىختىيارى بىرىلسە، ئەلۋەتتە ئۇ ئۆزىنى ئوتتا كۆيدۈرۋىلىشنى ئاللاھقا تۆھمەت قىلىشتىن ياخشى كۆرىدۇ.


    شاگىرت:
    ــ  ئۇنىڭغا ئاللاھ باشقا نەرسىلەردىن سۆيۈملىكرەك بولسا، نىمىشقا گۇناھ قىلىدۇ؟ بىر ئادەم ئىككىنجى بىر ئادەمنى ياخشى كۆرسە ، ئۇنىڭ بۇيرىقىدىن باش تارتمايدىغۇ؟


    ئۇستاز:
          ــ  ھە ، پەرزەنىت دادىسىنى سۆيىدۇ .   ئەمما شۇنىڭغا قارىماستىن دادىسىغا سەركەشلىك قىلىشى مۇمكىن. مۆئمىنگە ئاللاھ ھەممىدىن ھەم سۆيۈملۈكدۇر. ئەگەر ئۇ ئاللاھقا گۇناھ قىلسا، بۇ شەھۋەتنىڭ زاھىر ۋە غالىب بولغىندىندۇر. مەسىلەن، بىر ئادەم سۇلتان ھوزۇرىدا خىزمەتچى ئىدى. سۇلتان ئۇنى ئىشتىن بوشاتتى ۋە يەنە ئۇنىڭغا ئازار بەردى، قىينىدى. شۇنىڭغا قارىماستىن ئۇ ئىمكان بىرىلسە ئۆز ئىشىغا بېرىۋىرىدۇ. ئايال كىشىمۇ تۇغۇت مۇشەققەتلرىگە قارىماي، نىفاستىن پارىغ بولغاندىن كىيىن يەنە پەرزەنىت كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىۋىرىدۇ.


    شاگىرت:
    ــ  شەھۋەتنىڭ غالىپ كىلىشى توغرىسىدا بەزى سۆزلەرنى ئېيىتتىڭىز. ناھايىتى كۆپ ئابىدلارنى شەھۋەت يەڭگەن. ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە داۋۇت ئەلەيھىسسالام بۇلارنىڭ جۈملىسدىن. ئېيتىسىڭىزچۇ ئۇستاز، مۆئمىن گۇناھ ئۈچۈن ئازاپلىنىشنى بىلگەن ھالدا گۇناھ قىلامدۇ؟


    ئۇستاز:
        ــ  مۆئمىن ئادەم گۇناھ ئۈچۈن ئازاپلىنىشنى بىلسە گۇناھ قىلمايدۇ. ئەمما ئىككى سەۋەپتىن گۇناھ ئىشنى قىلىپ سالىدۇ. بىرىنجىسى، ئۇ ئاللاھتىن مەغفىرەت ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككىنجىسى، ئۇ كىسەل بولۇشتىن ۋە ئۆلۈپ كىتىشتىن بۇرۇن ئاللاھقا تەۋبە قىلىۋىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


    شاگىرت: 
           ــ ئادەم ئازاپلىنىشتىن قورىققان نەرسىگىمۇ قول ئۇزۇتامدۇ؟


    ئۇستاز :
         ـــ ھە، ئادەم ئۆزىگە زىيان قىلىدىغان يىمەكلىككە، سۇغا،جەڭگىمۇ گاھى قول ئۇزىتىدۇ. ئۇنىڭدا دېڭىزغا كىرسە غەرىق بولماسلىققا، جەڭگە كىرگەندە زەپەر قازىنىشقا ئۈمىد بولمىغىنىدا ئىدى، ئۇ ھەرگىزمۇ جەڭگە كىرمەس ۋە دىڭىزغىمۇ چۈشمەس ئىدى.


    شاگىرت: 
          ــ  توغرا دىدىڭىز ئۇستاز. مەن بۇنى شەخسەن بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن. بىر كۈنى بىر يىمەكلىكنى يىگىنىمدە قورسىقىم ئاغرىپ قالدى. مەن ئۇنى يىگىنىمدىن بەكلا ئەپسۇسلاندىم ۋە ئىككىنجى ئۇنداق يىمەكلىكنى يىمەسلىككە قەسەم ئىچتىم. ئەمما كىيىنرەك شۇنداق يىمەكلىك ئالدىمغا كەلگەندە سەۋىر قىلالماي ئۇنى يىدىم.
    ماڭا كۇفرى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بىرىڭ ئۇستاز. ئۇنىڭ مەنىسى، ئىزاھاتى توغرىسىدا سۆزلەپ بىرىڭ.


    ئۇستاز: 
         ــ  كۇفرىنىڭ مەنىسى ۋە شەرھىسى بار. ئۇنىڭ شەرھى ــ ئىنكار قىلىش، بوي سۇنماسلىق ۋە يالغانغا چىقىرىشتۇر. «كۇفرى» ئەرەپچە سۆزدۇر. ئەرەپلەر ئىنكارچىغا كۇفرى نامىنى بەرگەن. ئاللاھ  قۇرئان كەرىمنى ئەرەپ تىلىدا نازىل قىلغان. بىر مىسال كەلتۈرىمەن. بىر ئادەمنىڭ ئىككىنجى بىر ئادەمگە قەرىزى بولسا، قەرىزنى قايتۇرۇشنىڭ ۋاقتى يىتىپ كىلىپ ، قەرىز ئىگىسىنى كۆرگەن ۋاقتىدا قەرىزدار قەرزىنى بويۇن ئېلىپ لىكىن ئۇنى تۆلىمىسە، قەزىر بەرگەن كىشى ئۇنى «كۇفرانى» دىمەي، «مۇتالانى» دەيدۇ. يەنى، ئۇ قەزىرنى بىرىدىغان مۇددەتنى ئۆتكۈزۋەتتى، دەيدۇ. ئەگەر قەرىزدار قەرزىنى مۇتلەق ئىنكار قىلىپ، ئۇنى قايتۇرۇشنى ئىنكار قىلسا، قەرىز بىرىپ تۇرغۇچى قەرىزدارنى «مۇتالانى» دىمەي،«كۇفرانى» دەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مۆئمىن ئادەم بىرەر پەرىز ئەمەلنى ئۇنى ئىنكار قىلمىغان ھالدا تەرىك ئەتسە، ئۇ گۇناھكار دىيىلىدۇ.ئەگەردە ئۇ فەرىز ئەمەلنى مۇتلەق ئىنكار قىلغان ھالدا تەرىك ئەتسە، ئاللاھ نىڭ پەرىز ئەمىلىنى تەرىك ئەتكۈچى كۇفىرى دىيىلىدۇ.


    شاگىرت:
          ــ  توغرا دېدىڭىز ئۇستاز. ئەمدى تەۋھىدنى تەستىق قىلىمەن ، ئەمما «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىمەن»دىگەن كىشى توغۇرلۇق چۈشەنچە بىرىڭ.


    ئۇستاز:
         ـــ  بىز بۇنداق ئادەمنى كۇفرى ۋە ئاللاھنى تونۇيمەن دىگەن گېپىدە يالغانچى دەيمىز. ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىشى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشىغا دەلىلدۇر. ئاللاھنى ئىنكار قىلغان شەخىس مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىدۇ. ناسارالار ئاللاھنىڭ يىگانىلىقىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن، «ئاللاھ ئۈچ روھنىڭ ئۈچىنچىسى»، دەپ گۇمان قىلىدۇ. ئۇلار ئۈزەيىر ئاللاھنىڭ بالىسى، ئۇنىڭ شەكلى ئادەم بالىسىغا ئوخشايدۇ، دەپ گۇمان قىلىدۇ. ئاتەش پەرەسلەر ۋە قۇياش - ئايلارغا چوقۇنغۇچىلارمۇ ئۇلارغا ئوخشاشتۇر. ئاللاھ:«...بىزنىڭ ئايەتلىرمىزنى پەقەت كافىرلارلا ئىنكار قىلىدۇ»(ئەنكەبۇت 47ـ ئايەتنىڭ مەزمۇنى). «(ئەي مۇھەممەد)رەببىمىز ھەققىدە ( مۇناپىقلار)ئۆزلىرى ئارسىدىكى دەتالاشقا سىنى ھۆكۈم چىقرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن چىقارغان ھۆكۈمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىردىكى قىلچىلىك غۇم بولسىمۇ يوقالمىغۇچە ۋە پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيىتقان بولمايدۇ»(سۈرە نىسا 66ـ ئايەتنىڭ مەزمۇنى)دىگەن.  بىز، «ئاللاھنى تونۇيمەن ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىمەن» دىگەن كىشىنىڭ ئۈشبۇ سۆزىنى، ئۇنىڭ ئاللاھنى ئىنكار قىلدىغانلىقىغا دەلىل قىلىمىز. ئۇنىڭ گىپى ئىككى قەفىز ( ئېغىرلىق ئۆلچىمى بولۇپ ، بىر قەفىز تەخمىنەن 18 كىلوگىرامغا تەڭ) يۈكنىمۇ كۆتۈرەلمەيدىغان ئادەمنىڭ 20 قەفىز يۈكنى كۆتۈرەلەيمەن دىگىنىگە ئوخشاشتۇر. بىزگە مەلۇمكى ئىككى قەفىز يۈكنى كۆتۈرەلمەيدىغان ئادەمنىڭ يىگىرمە قەفىز يۈكنى ئەسلا كۆتۈرەلمەسلىكى يۈزدە - يۈزدۇر.
      ئەگەردە بىر ئادەم ئاللاھنىڭ ھەقلىكىنى بىلىمەن، ئەمما ئادەمنىڭ يارتىلغانلىقىغا ئىقرار ئەمەسمەن دىسە، بىز بىلىمىزكى ئۇ ئۆز گۇمانىدا يالغانچىدۇر. ئەگەر ئۇ ئاللاھنى تونىغىنىدا ئىدى، ئاللاھدىن باشقا نەرسىلەرنىڭ ئاللاھ تەرپىدىن يارتىلغانلىقىنى بىلەر ئىدى. خۇددى شۇنىڭدەك، بىر ئادەمنىڭ ئالدىدىكى مەلۇم ئارلىقتا گۈلخان ۋە چىراق بولسا، ھەمدە ئۇ ئادەم «مەن چىراقنى كۆردۈم ئەمما گۈلخاننى كۆرمىدىم» دىسە، بىز ئۇنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكىنى بىلىمىز. چۈنكى كىچىككىنە چىراغنى كۆرگەن ئادەم كاتتا گۈلخاننى ئەلۋەتتە ناھايىتى ئوبدان كۆرەلەيدۇ.  


    شاگىرت:
         ــ  جاۋابىڭىز مىنى ناھايىتى خۇشال قىلدى. ئېيتىڭچۇ ئۇستاز، بىر ئادەم پەيغەمبىرمىز ئەلەيھىسسالامغا:«مەن سىزنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن ۋە شۇنىڭغا قارىماي سىزنى قەتىل قىلىشنى خالايمەن»دىسە قانداق بولىدۇ؟


    ئۇستاز:
         ــ  بۇ كەمسىتكۈچىلەردە بولىدىغان خىيال. بۇنداق بولىشى ئېھتىمالدىن يىراق. ئۇ چىن قەلبىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىگىنى ئىقرار قىلسا، ئۇ زاتنى قەتىل قىلىشنى، ئالىملار ۋە ئۇلارغا ئەرزىيەت يەتكۈزۈشنى ئەسلا ئارزۇ قىلمايدۇ. بۇ بىر ئادەمنڭ باشقا بىر ئادەمگە:«سەن ماڭا باشقا ھەرقانداق ئادەمدىن بەكرەك سۆيۈملۈكسەن، ئەمما مەن سىنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆلتۈرۈپ، گۆشۈڭنى يىيىشنى ئويلايمەن»دىگىنىگە ئوخشاپ كىتىدۇ. ئاللاھنىڭ يىگانىلكىنى تەستىق قىلغان ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەن بىرەر كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى «ساۋاتسىز ۋە كەمبەغەل » ئۆتكەن دىيىشىدە ئۇزاتنى ئەيىبلەش ۋە كەمسىتىشنى ھەرگىز خىياللىرىغا كەلتۈرمەيدۇ. كىمكى  ئاللاھنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى بىلسە، ئەسلا ئۇ زاتنىڭ شەنىنى كەمسىتىدىغان گەپنى قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەرتىۋىللىرىنى ئەزىزلەپ، مەرھەممەر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلسا، دىمەك ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ...»(سۈرە نىسا 80ـ ئايەتنىڭ مەزمۇنى) چۈنكى ائاللاھ تائالا پەيغەمبىرمىزنى پۈتكۈل ئىنسان ۋە جىنلارغا يولباشچى، پەرىزلىرىگە ئامانەتدار قىلغان. ئاللاھ تائالا :« ...پەيغەمبەر سىلەرگە بۇيرىغاننى قىلىڭلار ۋە چەكلىگەندىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار...»(سۈرە ھەشىر 7ـ ئايەتنىڭ مەزمۇنى)دەپ مەرھەممەت قىلغان.


    شاگىرت:
    ــ  سۇنھانەللا، ئاللاھ قىيامەت كۈنى سىزنىڭ يولىڭىزنى مۇنەۋۋەر  قىلسۇن. بىر ئادەم «ئاللاھنى تونۇيمەن ، ۋە يەنە ئاللاھنىڭ بالىسى بار بولىشنى خالايمەن» دىسە قانداق بولىدۇ؟


    ئۇستاز :
    ــ ھەيھات، ۋە يەنە ھەيھات!!!   ئاللاھ  بالىدىن مۇستەسنادۇر. بۇ سۇئال ۋە يۇقۇرقى سۇئال يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۇئاللار مەسخىرە قىلغۇچى، كەمسىتكۈچى كىشىلەردە بولىدىغان خىياللاردۇر.« ئۆلۈك ئادەم چۈش كۆرىدۇ »دەپ قانداقمۇ دىگىلى بولسۇن. ئاللاھنىڭ يىگانىلكىگە ئىشەنگەن كىشى «ئۆلۈك ئادەم چۈش كۆرىدۇ» دىيەلمىگىنىە ئوخشاش، «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەپمۇ ئويلىمايدۇ.


    شاگىرت: 
          _ قەسەم ئىچىمەنكى، يۇقارقى سۇئاللار سىزنىڭ دىگىنڭىزدەك كەمسىتكۈچىلەردە بولىدىغان خىيالدۇر. بەكمۇ بىمەنە گەپلەر. ئېيتىڭچۇ، ھازىرقى نىفاق ئەۋۋەلقى نىفاققا ئوخشاشمۇ؟ ھازىرقى كۇفرى ئەۋۋەلقى كۇفىرغا ئوخشاشمۇ؟ نىفاق بۇرۇن قانداق بولغان؟

    داۋامى بار ...
    [ بۇ يازمىنىتاھىربەگ 2011-10-19 18:47قايتا تەھرىرلىد ]
    ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
    دوستلىشىش
    تاھىربەگ
    تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 11
    ئومۇمىي يازما: 2473
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
    ئۆسۈش: 5440 %
    مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
    تۆھپىسى: 179 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-06
    ئاخىرقى: 2012-05-11
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-07 10:45

    18-قەۋەت (oylinish) نىڭ يازمىسىغا

    ئالدىرماڭ ئوقۇ دەيمەن     دۈشەنبە كۈنى كۆرگىن داۋامىنى
    ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
    دوستلىشىش
    تاھىربەگ
    تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 11
    ئومۇمىي يازما: 2473
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
    ئۆسۈش: 5440 %
    مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
    تۆھپىسى: 179 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-06
    ئاخىرقى: 2012-05-11
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-10 15:54

    شاگىرت:
         _ قەسەم ئىچىمەنكى، يۇقارقى سۇئاللار سىزنىڭ دىگىنڭىزدەك كەمسىتكۈچىلەردە بولىدىغان خىيالدۇر. بەكمۇ بىمەنە گەپلەر. ئېيتىڭچۇ، ھازىرقى نىفاق ئەۋۋەلقى نىفاققا ئوخشاشمۇ؟ ھازىرقى كۇفرى ئەۋۋەلقى كۇفىرغا ئوخشاشمۇ؟ نىفاق بۇرۇن قانداق بولغان؟




    ئۇستاز:
        ــ ھە، بۈگۈنكى نىفاق ۋە بۈگۈنكى كۇفرى ئەۋۋالقىدەكتۇر. بۈگۈنكى ئىسلام ھەم ئەۋۋالقى ئىسلامدۇر. ساڭا ئەۋۋالقى نىفاق توغرىسدا سۆزلەپ بېرەي.
    ئەۋۋالقى نىفاق ئىنكار قىلىش، تىلى بىلەنلا ئىقرار ۋە تەستىق قىلىش، قەلبىدە يالغان دىيىش بولغان، بۈگۈنكى نىفاقمۇ شۇنداق. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنافىقلارنى شۇنداق بايان قىلغان :« (ئەي مۇھەممەد) مۇنافىقلار ھۇزۇرىڭىزغا كىلىپ:‹گۇۋاھلىق بىرىمىزكى، سىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، دەيدۇ...»(سۈرە مۇنافىقۇن 1ـ ئايەتنىڭ مەزمۇنى). ئاللاھ مۇنافىقلارنىڭ مەزكۇر گۇۋاھلىقىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ:« سىز ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭىزنى ئاللاھ ئەلۋەتتە بىلىدۇ ۋە ئاللاھ مۇنافىقلارنىڭ ھەقىقەتەن يالغانچى ئىكەنلىكىگە ھەم گۇۋاھلىق بىرىدۇ»( ئۈستىدىكى ئايەتنىڭ داۋامى)دەپ مەرھەممەت قىلىدۇ. ئۇلارنى يالغانچى دىيىش، دىگەنلىرى يالغان ئەمەس بەلكى تىللىرى بىلەن دىگەنلىرى دىللىردىكى تەستىقلىرىغا مۇۋاپىق بولمىغانلىقدىندۇر. بەقەرە سۈرىسىدە ئاللاھ مۇنافىقلارنىڭ ئەسلى ئەپىت - بەشىرىسى توغرىسىدا مۇنداق دىگەن :« ئىمان كەلتۈرگەن كىشىلەرگە ئۇچۇرغىنىدا :‹بىز ھەم ئىمان كەلتۈردۇق›، دەيدۇ. ئۆز باشلىقلىرى بىلەن خالى خالغان چېغىدا بولسا:‹بىز ئەلۋەتتە سىزلەر بىلەن بىللىمىز، پەقەت بىز مۆئمىنلەرنى مازاق قىلغۇچىلارمىز خالاس› دەيدۇ»(سۈرە بەقەرە 14ـ ئايەتنىڭ مەزمۇنى).


    شاگىرت:
         ــ قەسەم قىلىمەنكى سۆزلىرىڭىز توغرا ئۇستاز! ئېيتسىڭىزچۇ، ئاللاھ ئادەملەرنى نىمە ئۈچۈن مۆئمىنلەر ۋە كافىرلار دەپ ئاتىدى ۋە بىز ئۇلارنى نىمە ئۈچۈن مۆئمىن ۋە كافىر دەپ ئاتايمىز؟


    ئۇستاز:
         ـــ ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلىبلىردىكى ئىتقادلىرى ئۈچۈن مۆئمىن ۋە كافىر دەپ ئاتىدى. بىزمۇ شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ تىللىرى بىلەن ئىقرار ۋە تەستىق قىلىشلىرىشغا، يالغان ۋە ساختا سۆزلىرىگە، كىيىملىرىگە ۋە ئىبادەتلىرىگە قاراپ ئۇلارنى مۆئمىن ياكى كافىر دەيمىز. مەسىلەن بىز ناتونۇش خەلقنىڭ مەسجىتلىرىدە قىبلىگە قاراپ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىغا شاھىد بولساق ئۇلارنى مۆئمىن دەپ ئاتايمىز ۋە ئۇلارغا سالام بىرىمىز. ئەمما ئۇلار مەسىھلەر (خىرىستىيان) ياكى يەھۇدىيلار بولىشلىرى ئىھتىمالدىن خالى ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرلىرىدە مۇسۇلمانلار مۇنافىقلارنى ئۇلارنىڭ تاشقى ۋە زاھىرى ئىقرار بولىشلىرىغا قاراپ، مۇنافىقلار قەلىبلىردىكى يالغانلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئالدىدا كافىر بولسىمۇ مۇسۇلمانلار ئۇلارنى «مۆئمىن»لەر دەپ ئاتاۋەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاللاھ نەزىرىدە كافىر بولغانلىرىنى يۈزەكى كۆرنىشلىرىگە قاراپ مۆئمىنلەر، باشقىللىرىنى ئۇلارنىڭ قىياپىتىگە قاراپ، كافىرلارنىڭ كىيىم كىچەكلىرىنى كىيىۋالغان بولسا، قەلبىدە ئاللاھنى ئىقرار ۋە تەستىق قىلىپ ، ناماز ئوقۇپ يۈرگەنلىكلىرىنى بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۇ ئاللاھ نەزىردە مۆئمىن بولسىمۇ كافىر دەيمىز. ئاللاھ بىزنى بۇنىڭ ئۈچۈن جازالىمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ بىزگە قەلىپ ۋە ئۇنىڭ سىر - ئەسرارلىرىنى بىلىش ئىلىمىنى بەرمىگەن. بىزگە ئاللاھ ئادەملەرنى مۆئمىن دەپ ئاتاشنى، ئۇلارنى سۆيىشىمىزنى، ئۇلارنىڭ زاھىرى نامۇۋاپىق ئەمەللىرى ئۈچۈنلار ئۇلاردىن نەپرەتلىنىشمىزنى بۇيرىغان. ئاللاھ سىر - ئەسرارلاردىن خەۋەردار ۋە ئۇلارنى بىلگۈچى زاتتۇر. ئاللاھ كىرامەن - كاتىبىيىن پەرىشتىللىرگىمۇ ئادەملەرنىڭ زاھىرى ئەمەللىرىنى يېزىپ مىڭىشقا ئەمىر قىلغان. ئۇلارغىمۇ قەلىب سىرى نامەلۇم. چۈنكى قەلىب ئىشىدىن پەقەت ئاللاھلا خەۋەرداردۇر، ئەگەر ۋەھىي قىلىنسا پەيغەمبەرلەرمۇ ۋەھىي ئارقىلىق ئۇلارغا خەۋەر بىرىلگەن نەرسىلەرنىلا بىلەلەيدۇ خالاس. قەلىب ئىلىمىنى ۋەھىي قىلىنماستىن بىلىشنى دەۋا قىلغان بەندە، ئاللاھنىڭ ئىلىمىنى بىىلىشنى دەۋا قىلغان بولىدۇ. ئاللاھقا خاس بولغان قەلىپ ئىلىمى يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىلىملەرنى بىلىمەن دەپ دەۋا قىلغان بەندە كاتتا گۇناھ قىلغان بولىدۇ ۋە كافىر ، دەۋزىخى بولۇشقا مەھكۇمدۇر.


    شاگىرت: 
         ــ ناھايىتى ياخشى گەپلەرنى قىلدىڭىز ئۇستاز ! ئەمدى ئېيتىڭچۇ، «ئىرجا»نىڭ ئەسلى ۋە ئۇنىڭ شەرھىىسى قانداق؟ كىم ئىشنى «تەخىر»يەنى «ئىرجا» قىلىدۇ؟

    ئۇستاز: 
           ــ ئىرجا ئەسلى پەرىشتىلەر تەرپىدىن سادىر بولغان. ئاللاھ ئۇلارغا شەئىيلەرنى كۆرسىتىپ:« (خەلىپە بولۇشقا ئادەمگە قارىغاندا بىز ھەقلىق دىگەن سۆزۈڭلاردا ) راسىتچىل بولساڭلار ،ئەنە شۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بىرىڭلار!»(سۈرە بەقەرە 31ـ ئايەتنىڭ مەزمۇنى)دەپ مەرھەممەت قىلدى. پەرىشتىلەر ئاساسسىز گەپ قىلىپ، خاتا قىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، توختاپ قېلىشتى ۋە بىر ئازدىن كىيىن:«سىنى پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن پاك دەپ تونۇيمىز،بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز،ئەلبەتتە سەن ئىلىم ۋە ھىكىمەت ئىگىسىدۇرسەن»، دەپ جاۋاپ بەردى. بىلمىگەن نەرسىسى توغرىسىدا سورالغان ئادەم، ئويلىماستىن گەپ قىلىپ ئاداشسا، توغرا تاپقان تەقدىردىمۇ ئاساسسىز گەپ قىلغىنى ئۈچۈن ماختاشقا سازاۋەر بولمىغىنىدەك، پەرىشتىلەر بىھۇدە گەپ قىلمىغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ پەيغەمبىرمىزگە:« (ئەي ئىنسان)،ئۆزۈڭ ئىنىق بىلمىگەن نەرسىگە ئەگەشمە(يەنى بىلمىگەننى بىلدىم،كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دىمە)،(ئىنسان قىيامەت كۈنى)كۆز، قۇلاق، دىل(سەزگۈ ئەزالىرى)نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوراققا تارتىلىدۇ»(سۈرە ئىسرا 36ـ ئايەتنىڭ مەزمۇنى)دەپ مەرھەمەت قىلغان.
    ئاللاھ پەيغەمبىرىگە بىلمىگەن نەرسىسى توغۇرلۇق تەخمىنەن سۆزلەشكە، بىراۋغا ئاداۋەت ساقلاشقا، تۆھمەت قىلىشقا مۇتلەقا رۇخسەت بەرمىگەن. ئەفسۇسكى، ئادەملەر بىرـ بىرىگە نىمىلەرقىلمايدۇ... بىلمەستىن گۇمان بىلەن ئۆزگىلەرنى ئەيىپلەيدۇ!
    ئەگەر سەندىن سەن بىلمەيدىغان ھالال - ھارام توغرىسىدا سورىسا،: «ئاللاھۇ ئەئلەم بىھى» يەنى‹ ئۇنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر› دىسەڭ، قۇتۇلغان بولىسەن. يەنە ھۇزۇڭغا ئۈچ كىشى كىلىپ، سەن بىلمىگەن، تەجىربە ۋە قىياسدا بىلمىگەن ھەدىس ھەققىدە سوراشسا، ئۇنى بىلىشنى ئاللاھقا ھاۋالە قىلساڭ، ياخشى قىلغان بولىسەن.
    «ئىرجا»نىڭ شەرھى:ـ تەسەۋۋۇر قىلغىن، سەن بىر تىنىچ ۋە خاتىرجەم قەبىلە ئىچىدە ئىدىڭ، ئۇلارنى شۇ ھالەتتە تەرىك ئەتتىڭ. كىيىنچىرەك ئاڭلىدىڭكى، ئۇلار ئىككى تائىفىگە بۆلۈنىشىپ، بىر - بىرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ كىتىپتۇ. سەن بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا باردىڭ. كۆردىڭكى، ئۇلار ئەسلى ھالەتتىكىدەك بىرـ بىرلىرى بىلەن  ئىناق ياشاۋاتقان ئىكەن. لىكىن ئۇرۇش نەتىجىسىدە نۇرغۇن قۇربانلار بىرىلگەنلىكىنى ئاڭلىدىڭ. بۇ ھەقتە ھەر ئىككى تەرەپتىن سوراپ سۈرۈشتۈردىڭ. ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ زۇلۇم قىلغانلىقىنى دىيىشتى. ئۇلارنىڭ قايسىسى ھەق، قايسىسى ناھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىرەرمۇ گۇۋاھچى يوق. ئۇلار بىرـ بىرلىرى بىلەن ئۆچمەنلىكتە بولغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بىرـ بىرلىرى ئۈچۈن بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى ئەيىبلەش ئۈچۈن ئاساس بولالمايدۇ. شۇ ۋەزيەتتە سەن ئىككى تەرەپنىڭ بىرەرسىنى زۇلۇمغا ئۇچۇرغان ۋە باشقىسىنى زۇلۇم قىلغۇچى، دەپ ھۆكۈم چىقارماي تۇرشىڭ لازىم. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىككىلىسىنىڭ  ھەق ئەمەس ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىشىڭ كىرەك. چۈنكى بىرـ بىرىنى ئالدىغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ھەم خاتا قىلغان ياكى بىرى ھەق، ئىككىنجىسى ناھەق بولىشى مۇمكىن. شۇ چاغدا جىنايەت قىلغان تەرەپنى دوۋزىخىي يا جەننىتىي دىمەي تۇرۇشۇڭ«ئىرجا» دىيىلىدۇ.
    بارچە ئادەملەر بىزنىڭ پىكىرمىزچە ئۈچ دەرجىگە بۆلىنىدۇ:
    بىرىنجى دەرىجە: ــ پەيغەمبەرلەر ئەھلى جەننىتىيلەردۇر ۋە پەيغەمبەرلەر جەننىتي دىگەنلەر ھەم جەننىتىيدۇر.
    ئىككىنجى دەرىجە: ــ مۇشرىكلار ، ئۇلارنى دوزىخىي دەپ گۇۋاھلىق بىرىسەن.
    ئۈچۈنچى تائىفە: ــ مۇۋەھدىدلەر، ئۇلارنى جەننەت ئەھلى ياكى دوۋزىخى دىيەلمەيسەن. لىكىن بىز بۇلارغا ياخشىلىقنى ئۈمۈد قىلىمىز، ئاقىۋتىنىڭ يامان بولىشىدىن ھەم قورقىمىز. ئۇلار ھەققىدە ئاللاھ تائالانىڭ :«...ياخشى ئىشنى باشقا يامان ئىشلارغا ئارلاشتۇرۇپ قويدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى ئۈمۈدلىكتۇر...»(سۈرە تەۋبە 103ـ ئايەتنىڭ مەزمۇنى)دەپ مەرھەممەت قىلغىنىنى دەيمىز.
    بىز ئۇلار ئۈچۈن ياخشىلىقنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى ئاللاھ خالىغان بەندىسىنىڭ شىرىكتىن باشقا گۇناھلىرىنى كەچۈرىدۇ. گۇناھلىرى ۋە خاتالىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ھەم قورقىمىز.



    شاگىرت: 
         ــ  بەكمۇ ئادالەتلىك، بەكمۇ چۈشىنىشلىك ۋە ھەقىقەتكە يېقىن بولغان سۆزلەر!  ئېيتىڭچۇ ئۇستاز، پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلار جەننىتىي دىگەنلەردىن باشقا ناماز ئوقۇيدىغان، روزا تۇتىدىغان ئادەمنى كۆرۈپ، بۇكىشى جەننەتكە كىرىدۇ دىيەلەمسىز؟


    ئۇستاز: 
         ــ  ياق!


    شاگىرت: 
           ــ سىز كىشىلەرنىڭ:« مۆئمىن زىنا قىلسا، ئىمانى ئۇچىسىدىن كۆڭلىكىنى يەشكەندەك يېشىلىپ كىتىدۇ ۋە تەۋبە قىلسا ئۇنىڭ ئىمانى قايتىدۇ» دىگەن رىۋايەتلەرنى تەستىقلامسىز ياكى ئۇنىڭغا شۈبھە بىلەن قارامسىز؟ ئەگەر بۇنداق سۆزنى تەستىقلىسىڭىز، خاۋارىجلارنىڭ سۆزىگە قوشۇلغان بولىسىز. ئۇ سۆزگە شۈبھە قىلسىڭىز، خاۋارىجلارنىڭ ئەسلىگە شۈبھە قىلىپ، يۇقىردا ئېيىتقان ھەقىقىتڭىزدىن قايىتقان بولىسىز. ئەگەر ئۇلارنىڭ سۆزىنى يالغانغا چىقارسىڭىز ئۇلار سىزگە «پەيغەمبىرمىزنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلدىڭ»، دەيدۇ.  چۈنكى ئۇلار رىۋايەت قىلغان ئۈستىدىكى رىۋايەتنىڭ راۋىيلىرىنىڭ سىلسىلىسى پەيغەمبىرمىز ئەلەيھسسالامغىچە تۇتشىدۇ.

    داۋامى بار...
    [ بۇ يازمىنىتاھىربەگ 2011-10-19 18:58قايتا تەھرىرلىد ]
    ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
    دوستلىشىش
    تاھىربەگ
    تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 11
    ئومۇمىي يازما: 2473
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
    ئۆسۈش: 5440 %
    مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
    تۆھپىسى: 179 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-06
    ئاخىرقى: 2012-05-11
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-10 16:05

    رەسىم:
    ئىرجا دىگەن گەپ بار يېرى
    ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ