[ئەنگلىيە«پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»تور بېكىتىنىڭ ماقالىسى] سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى ئون يىلىدا ئامېرىكا ئافغانىستاندا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى غازاتنى قوللىغان. بۇ غازات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يول قويۇشى بىلەن قوبۇل قىلىنغان نەچچە ئون مىڭ ئەرەب پىدائىي بىر خىل ئىشەنچنىڭ تۈرتكىسى بىلەن دۆلىتىگە قايتىشتى. ئۇلار: ئەگەر دەرىجىدىن تاشقىرى مەلۇم چوڭ دۆلەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلالىسا، دۆلىتىدىكى زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىۋاتقان مۇستەبىتلەرنىڭ ھەيۋىسىنىمۇ يەر بىلەن يەكسەن قىلالايدىغانلىقىغا شۈھبىسىز ئىشەنگەن ئىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ ئەسەبىلەر بۇ ئىشنى روياپقا چىقىرالمىدى.
ئۇلارنىڭ ئالجىرىيە، سەئۇدىي ئەرەبىستان ۋە مىسىردىكى توپىلاڭلىرى مەغلۇپ بولدى. مىسىر ئىسلام غازاتچىلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئىمان جاۋاھىرى لادىن ۋە «بازا»تەشكىلاتىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى.
جاۋاھىرى «يېراقتىكى رەقىبى»گە زەربە بېرىش ئىستىراتېگىيەسىگە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، خەلقنىڭ ئەرەب ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىگە قارشى تۇرغىدەك غەزىبىنى قوزغاش ئۈچۈن،غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىسلام ئەللىرىدىن ۋەھشىلەرچە ئۆچ ئېلىشىنى ئۈمىد قىلغان. ئەمما بۇنداق ئىشمۇ يۈز بەرمىدى.
ئەلۋەتتە، ئىراقنىڭ سەۋەبسىزلا تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىشى «غازاتچىلار»غا پۇرسەت يارىتىپ بەردى−ئىراقلىقلار بۇنىڭدىن قاتتىق نەپرەتلەنگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئىراقتا ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىق قىلىۋەردى.
ئەرەبلەرنىڭ ھازىرقى قوزغىلىڭىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، بۇ قېتىم «غازاتچىلار»نىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسەبىي ئىسلام ھەرىكەتلىرىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. بۇ ئىسلام ھەرىكەتلىرى ئەرەب دۇنياسىدىكى ئەندىشىدە ئىچىدە قالغان ياشلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىك ۋە كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ئىشەندۈرەلمىدى.
بۇ ياشلار تەربىيە كۆرگەن بولۇپ، توردا ئالاقىلىشايلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچىسى ئەھلى دۇنيا دېموكراتلار بولۇپ، ئۇلار تۇنىسنىڭ تۇنىس شەھىرى بىلەن مىسىرنىڭ قاھىرەدە باشلامچى بولدى، يەمەننىڭ سانائادىن ئىيوردانىيەنىڭ ئاممانغىچە ئەركىنلىك تۇغى ئېگىز كۆتۈرۈلدى.
ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدا ھەر خىل كۈچلەرنىڭ ئەرەب دۇنياسىنىڭ كەلگۈسىنى قولىغا ئېلىش ئېھتىمالى بار دېيىشكە بولىدۇ. مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئىسلام كۈچلىرى دەل ئۇلارنىڭ بىرىدۇر. ئەمما ئۇلارنى بىردىن بىر كۈچ دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. قاتمۇ-قات قىيىنچلىق ئالدىدا سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى ۋە ئىجتىمائىلاشقان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بىرلەشكەن ئەھلى دۇنيا تەشكىلاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار جوشقۇنلۇق بىلەن قايتا ئوتتۇرىغا چىقتى.
ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئاللا ئاتا قىلغان بۇ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنىڭ بۇنچىۋالا كۈچلۈك خىرىسقا دۇچ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئەرەبلەرنىڭ ھازىرقى رەھبەرلىرىنىڭ ئورنىغا كىمنىڭ چىقىشىدىن ئەندىشيە قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا زادى قايسى تەرەپنى قوللاشنىمۇ بىلەلمەيۋاتىدۇ.
چىرىكلەشكەن ئىستىدات ھۆكۈمەت غەربنىڭ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىشى بىلەن تەختتە ئولتۇرغان بولغاچقا، ئەركىنلىك ۋە پۇرسەت بېرىلمىگەن ۋاقىت قانچە ئۇزاق بولغانسېرى، ئەسەبىي ئەكسىيەتچى ئىسلام كۈچلىرىنىڭ غەلىبە قىلىش ئېھتىمالى شۇنچە زوز بولىدۇ.
(1) « 4-قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى» جىمجىتلا پارتلىدىمۇ؟
[رۇسىيە«موسكۋا ۋاقىت گېزىتى»تور بېكىتىنىڭ ماقالىسى] رۇسىيەنىڭ دومودېدوۋو ئايروپورتىدىكى قورقۇنۇچلۇق پارتلاش مىسىردىكى قوزغىلاڭنىڭ تەسىرىدە ئالاھىدە گەۋدىلەنمىدى. ئەمما ئىككىلىسى يېڭى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ۋەقە ھېسابلىنىدۇ.خۇددى فرانز فېردىناند 1914-يىلى ئاۋغۇستتا سارايېۋودا قەستكە ئۇچرىغاندىكى پەۋقۇلئادە زوراۋانلىق ھەرىكىتى 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغاندەك، بۇ قېتىمقى دۇنيا ئۇرۇشىنى 2001-يىلىدىكى «11-سېنتەبىر»تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدىن باشلانغان.
2-دۇنيا ئۇرۇشىمۇ پەۋقۇلئادە زورۋانلىق ۋەقەسى، يەنى گېرمانىيەنىڭ پولشاغا تاجاۋۇز قىلىشى، ياپونىيەنىڭ پېئارل خاربور پورتىنى بومباردىمان قىلىشى سەۋەبىدىن پارتلىغان. ئەمما سوغۇق ئۇرۇش، يەنە بىر ئاتىلىشى «3-دۇنيا ئۇرۇشى» بۇنداق بولمىدى. سوغۇق ئۇرۇش نۇرغۇن جەھەتتىن ئېيتقاندا نورمالسىز بولۇپ، ئۇنىڭدا زوۋانلىق قوللىنىلماستىن، بەلكى زورۋانلىق تىزگىنلەنگەن.
بۇ قېتىمقى دۇنيا ئۇرۇشى خۇددى سوغۇق ئۇرۇش 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ئەھۋاللارغا ئېنىقلىما بەرگەندەك، ئاز دېگەندىمۇ 21-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى(ھازىر 10 يىل ئۆتۈپ كەتتى)نىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. 1-دۇنيا ئۇرۇشى بىلەن 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئەنئەنىۋى ئۇرۇش بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئنېىق ئايرىلغان،ھەربىي فورما كىيگەن ئەسكەرلەر جەڭگاھتا بىر بىرىنى قىرىشقان. ئەمما سوغۇق ئۇرۇشقا ئېنىق ئاتالغۇ قويغىلى بولمىدى، ئاندا-ساندا زورۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۇردى. يېڭى ئۇرۇشنىڭمۇ مۇقىم شەكلى بولمايدۇ. بۇ ئۇرۇش 1-دۇنيا ئۇرۇشى ياكى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەرىجىسىگە يەتمىسىمۇ، ئاندا-ساندا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئەمما بۇ ئۇرۇش يادرو قورالىغا ئىگە پاكىستان بىلەن ھىندىستانغىچە كېڭىيىپ، ئۇلارنى سۆرەپ كىرسە، بۇ ئۇرۇش ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىشىپ كېتىدۇ.
ياۋروپا «ئىپتىخارلىق بىلەن» ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاساسلىق جەڭگاھى بولغان. ئەمما يېڭى ئۇرۇشنىڭ مەركىزى باشقا بىر جاي، يەنى «مۇسۇلمانلار دۇنياسى» بولىدۇ. ئۇرۇش قىلغان ئىككى تەرەپنىڭ دائىرىسى كىشىنى چۆچىتىدىغان دەرىجىدە كەڭ بولۇپ، ياشىنىپ قالغان «زالىم پادشاھ»لار بىلەن يۇقىرى پەن-تېخنىكىنى ئىگىلىگەن ياشلار، ئىسلام ئەسەبىلىرى بىلەن دېموكراتىك زادلار، ئاسانلىقچە يوقالمايدىغان دىنى ئەنئەنە بىلەن ئىرقىي ئۆچمەنلىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غەربكە قارشى تۇرۇش كەيپىياتى ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولسىمۇ، بۇ ئاخىرىدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىلا بولۇپ قالىدۇ. نيۇيوركتىكى ئاسمان پەلەك بىنا، دومودېدوۋو ئايروپورتى، موسكۋا بىلەن ئەنگلىيەدىكى مىترولار ئۇچرىغان زوۋانلىق ھۇجۇملىرى قوشۇمچە زىيان يەتكۈزۈشلا، خالاس .
بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ يادروسى مۇسۇلمانلار دۇنياسى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ مەركەز مۇقىم بولمايدۇ. توپىلاڭ بۈگۈن تۇنىستا يۈز بەرسە، ئەتىسى مىسىردا يۈز بەردى، ئەمدى قايسى دۆلەتكە نۆۋەت كەلگەنلىكىنى ھېچكىم قىياس قىلالمايدۇ. بەزى ئوبزورچىلار مىسىردىكى «ۋىرۇس»نىڭ ئەرەب دۇنياسىغا تارقىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئەمما ئۇلارنىڭ ئەندىشىسى يوق دېيەرلىك ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ كىشىلەر مىسىردىكىگە ئوخشاش قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى دۆلەت−قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستانغا «ياشانغان زالىم پادىشاھ»لار ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار سوۋېت ئىېتتىپاقى دەۋرىدىن باشلاپ ھوقۇقنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. قازاقىستان زۇڭتۇڭى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ ئۆمۈرلۈك زۇڭتۇڭ بولۇش ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما مىسر ۋە يەمەندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قاراپ نەزەربايېۋ بۇ مەيدانىنى قايتا ئويلاشتى. ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى ئىسلام كەرىموۋ تۇنچى قېتىم ئەنجاندىكى ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنى قىرغىن قىلىش ۋەقەسىنى چۈشۈنىكسىزلا (كەچۈرۈم سوراش ئەمەس) چۈشەندۈردى. ئەمەلىيەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيادا قىرغىزىستانلىقلارنىڭ «زالىم پادىشاھ»نى ئاغدۇرىۋېتىشىدىن ئىبارەت ئەندىزە بار. ھازىر قىرغىزىستان چىرىكلەشكەن مۇستەبىتنى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، بۇ رايوندىكى پارلامېنت تۈزۈمىدىكى تۇنچى دېموكراتىك دۆلەت بولۇپ قالدى.
كىشىلەر: مىسىردىكى قالايمىقانچىلىق ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا يەنىلا ياخشى ئىش ئەمەس، ئىسرائىلىيە ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق، دەپ قارىماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قالايمىقانچىلىق رۇسىيە ئۈچۈنمۇ ياخشى ئىش ئەمەس. تېررورلۇقنى قاتتىق بېسىپ، سودا يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، موسكىۋامۇ خۇددىي ۋاشىنگتوندەك قىلچە ئىككىلەنمەيلا ياشىنىپ دەرمانى قالمىغان«زالىم پادىشاھ»لارنى قوللىدى. ئەمما بۇنداق خام خىيالدا بولىۋەرسە رۇسىيەنى تېخىمۇ پالاكەت باسىدۇ. چۈنكى، داۋالغۇش بىلەن زوۋانلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە سىڭىپلا قالماي، يەنە رۇسىيەدىكى مۇسۇلانمانلار ئارىسىدىمۇ پەيدا بولىدۇ. كرېمىلنىڭ ھازىر جىددىي قىلىشقا تىگىشلىك ئىككى ۋەزىپىسى بار، يەنى رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش؛ تېخى ۋاقىت بار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە مېڭىپ، «4-دۇنيا ئۇرۇشى»دا غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئۇرۇن ئېلىش؛ ئەگەر ئىككىلىسىدە مەغلۇپ بولسا ،ئاپەت خاراكتېرلىق ئاقىۋەپ پەيدا قىلىدۇ.
مەنبە -نۇر تورى