باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 706 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ غەرىزىدە روشەن ئۆزگىرىش بولىدۇ
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 545
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە545دانە
ئۆسۈش: 2060 %
مۇنبەر پۇلى: 6862 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-28 17:11

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ غەرىزىدە روشەن ئۆزگىرىش بولىدۇ

                                                                                                               
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ غەرىزىدە روشەن ئۆزگىرىش بولىدۇ
 
  [«نەزەر»ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى ماقالىسى] ئاسىيا رايونىدا، ئامېرىكا ئىراق بىلەن ئافغانىستانغا ئىتايىن ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە قاراپ تەڭشەۋاتىدۇ. بۇ ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا چوڭ ئىستراتېگىيەسىدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت. 
 ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىندا«ئامېرىكىنىڭ 2011-يىللىق دۆلەت ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى: ئامېرىكىنىڭ ھەربىي رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا قايتا باھا بېرىش» دېگەن تېمىدا ھەربىي ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى. بۇ، ئامېرىكىنىڭ 2004-يىلىدىن بۇيان يېڭى ئومۇمىي ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىشى. بۇ يېڭى ئىستراتېگىيە ھەققىدىكى دوكلاتتا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تۆت ھەربىي نىشانى ۋە خەلقئارادىكى ئورنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇھىملىقى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەن. 
  24 بەتلىك بۇ يېڭى «دۆلەت ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى ھەققىدىكى دوكلات»تىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كەلگۈسىدىكى ھەربىي تەرەققىيات يۈزلىنىشىدە مۇنداق تۆت روشەن بۇرۇلۇش بولىدىك
 بىرىنچى، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى ساقلاش مەركىزى ياۋروپادىن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكىلىدۇ. دۇنياغا زومىگەرلىك قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ياۋروپا ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا زومىگەرلىك قىلىش ھوقۇقىنى ساقلايدىغان ئىستراتېگىيەلىك مەركىزى بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ روشەن ئىپادىسى شۇكى،سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە، ياۋروپا ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىدىغان ئاساسلىق جەڭگاھ بولۇپ، ياۋروپادا كىشىلەر دەۋاتقان «تۆمۈر پەردە»بار ئىدى. ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى ھەربىي تىركىشىشمۇ ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىك ھوقۇقىنى تالىشىشقا ئاساسىي يېتەكچىلىك قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا دۇنيادىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇپ قالسىمۇ، دۇنيادىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى قانداق قوغداش مەسىلىسىدە، ئامېرىكىنىڭمۇ ئۆزىگە دېگەندەك ئىشەنچىسى يوق ئىدى. ئامېرىكا ئافرىقىدىكى سومالىغا ئەسكەر ئەۋەتكەن، بالقان ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ باققان؛ «تېررورلۇققا قارشى تۇرىمىز» دەپ، لادىننى تۇتماقچىمۇ بولغان؛ تور ئۇرۇشى قىلغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسىنى بېكىتەلمىدى. 
 ئوباما تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسى ھەققىدىكى دوكلات»، «تۆت يىللىق مۇداپىئە ئىشلىرىنى باھالاش دوكلاتى»، «يادرو ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلات» قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك مەركىزىنى تەڭشەۋاتقانلىقىنى تەدرىجىي نامايەن قىلدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا ئېلان قىلغان يېڭى ھەربىي ئىستراتېگىيە دوكلاتىدا ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىشلىرىغا «كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى»ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئىستراتېگىيەلىك مەركىزىنىڭ ياۋروپادىن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ يەنە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىشلىرىنىڭ ھېچ بولمىغاندا كەلگۈسىدىكى بىر ئىستراتېگىيەلىك مەزگىلدە ئامېرىكا دۇنيادىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغداشتا دىققەت قىلىدىغان مەركەز بولۇپ قالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا بارغانسېرى كۆپ ئارىلىشىۋاتىدۇ، بۇ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. 
ئىككىنچى، ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا كېڭىيىش تەدبىرى قوللىنىۋاتىدۇ. ئوباما زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتناشقاندا، «ئىراق مەسىلىسىنى تېز ھەل قىلىمەن»دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىراق ۋە ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلىنى بېكىتتى. ئارقىدىنلا، ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش ھەققىدە يېڭى شەرتنامە ئىمزالىدى. دېمەك، ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا بىر تەرەپتىن تاشقى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىچكى مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا قانداق ئامىلنىڭ ھەربىي جەھەتتە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىگە يەنىلا ئېنىق ھۆكۈم قىلالمايۋاتسىمۇ، جۇڭگو ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئامېرىكا دىققەت قىلىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى ئېنىق. جۇڭگو، چاۋشيەن، ھىندىستان، ياپونىيە،كورېيە ۋە شەرقىي   جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىقلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكى ھازىرغىچە يەنىلا ئېنىق ئەمەس. 
 ئامېرىكىنىڭ يېڭى دۆلەت ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى ھەققىدىكى دوكلاتىدىن ئامېرىكىنىڭ پۈتكۈل ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئويلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئىراق ۋە ئافغانىستاندىن باشقا، پۈتكۈل رايونغا قاراتقان ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشەۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى چوڭ ئىستراتېگىيەسىدىكى ئەڭ يېڭى يۈزلىنىش ھېسابلىنىدۇ. پۈتكۈل ئاسىيا-تىنچ ئوكيان
ئىشلىرىدا، يېڭى ھەربىي ئىستراتېگىيەدە، جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى ھەربىي تەرەققىيات يۆنىلىشى، چاۋشيەن يادرو قوراللىرى مەسىلىسى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئارمىيەنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش مەسىلىسى قاتارلىق بىرنەچچە جەھەتتىكى ئىشلارغا نۇقتىلىق ئەھمىيەت بېرىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگونىڭ ھەربىي تەرەققىيات يۆنىلىشى مەسىلىسى ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىدىن ئىبارەت. شۇڭا، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ كەلگۈسى خەلقئارا سەھنىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئامېرىكىنىڭ قاتمۇ-قات چەكلىمىسىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. جۇڭگونىڭ ھەربىي تەسىرىنى ئازايتىش ھەم جۇڭگونىڭ ھەربىي يۆنىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئامېرىكا جۇڭگوغا ھەربىي جەھەتتە قوللىنىدىغان ئىككى ئاساسلىق تەدبىر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. 
 ئۈچىنچى، ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۈچلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتىدۇ. ئامېرىكا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، دۇنيادا نۇرغۇن ھەربىي ئىتتىپاق تۈزدى. سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە، بۇ ھەربىي ئىتتىپاقلار ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تىركىشىش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينىدى. شۇڭا، ئامېرىكا بۇ ئىتتىپاقلارغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. لېكىن ئامېرىكا تەشكىللىگەن ھەربىي ئىتىپاقلارنىڭ قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ياۋروپادا تەشكىللىگەن ش ئا ئە ت كۆپ تەرەپلىك ھەربىي ئىتتىپاق بولۇپ، ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا تەشكىللىگەن ھەربىي ئىتتىپاقلارنىڭ ھەممىسىلا ئاساسەن ئىككى تەرەپلىك ھەربىي ئىتتىپاقلار ئىدى. سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن، ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا كۆپ تەرەپلىك ھەربىي ئىتتىپاق تەشكىللمەكچى بولغان بولسىمۇ، مەقسىتىگە يېتەلمىدى. شۇڭا، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىككى تەرەپلىك ھەربىي ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىشكە سەل قارىمىدى. ئۆتكەن 20 نەچچە يىلدا، ئامېرىكا ياپونىيە ۋە كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەربىي ئىتتىپاقىنى داۋاملىق كۈچەيتتى. 
  ئامېرىكىنىڭ يېڭى دۆلەت ھەربىي ئىستراتېگىيەسىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئىلگىرىكى ئىككى تەرەپلىك ھەربىي ئىتتىپاقنى كۈچەيتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەربىي خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ زومىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ. بۇ، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە ۋە كورېيە بىلەن بولغان ھەربىي خەۋپسىزلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشىدە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. ئامېرىكا، كورېيە ۋە ياپونىيەنىڭ بۇلتۇرقى ھەربىي خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى بىر قاتار ھەمكارلىقلىرى بۇنى دەلىللەپ بېرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم بۇ خىل مۇناسىۋەتنى ھۆججەت شەكلىدە قېلىپلاشتۇرغانلىقى كورېيە بىلەن ياپونىيەنىڭ ھەربىي خەۋپسىزلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا يەنە مۇشۇ روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ئىشلىرىغا قاتنىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇ ئىتتىپاقنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا پايدىلىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. 
تۆتىنچى، ئامېرىكا يالغۇز ئۆز كۈچىدىن پايدىلىنىش تاكتىكىسىنى ئىتتىپاقداشلىرىغا تايىنىشقا ئۆزگەرتمەكتە. ئامېرىكىنىڭ يېڭى دۆلەت ھەربىي ئىستراتېگىيەسىدە «زوراۋانلىق ۋە ئەسەبىلىككە قارشى تۇرۇش، تاجاۋۇزچىلىقنى توسۇش ۋە تاجاۋۇزچىلارنى مەغلۇپ قىلىش، خەلقئارا ۋە رايون خەۋپسىزلىكىنى كۈچەيتىش ھەم كەلگۈسىدىكى ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇش»تىن ئىبارەت تۆت ھەربىي نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ تۆت ھەربىي نىشاندىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىغا تايىنىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. يېڭى ئىستراتېگىيەدە: «بولۇپمۇ ئالەم ۋە تور بوشلۇقىدا ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى بارغانسېرى مۇھىم بولۇۋاتىدۇ». ئىلگىرىكى تەجرىبىلەردىن قارىغاندا،ئالەم ۋە تور بوشلۇقىدا قوللىنىدىغان ھەرىكەتلەر «ئۈنۈملۈك» بولۇشى كېرەك، خەلقئارا ھەمكارلىق بولمىسا بولمايدۇ، دەپ قارالغان. ئامېرىكىنىڭ يېڭى دۆلەت ھەربىي ئىستراتېگىيەسىدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش تەكىتلەنگەن. شۇڭا، ئىتتىپاقداشلار ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەسىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. 
 بۇ خىل مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا بەزى يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىشى مۇمكىن. مەسىلەن: ئامېرىكا بەزى يېڭى خەلقئارا گەۋدىلەر بىلەن مەلۇم ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى مۇمكىن. تارىخىي تەجىرىبىلەردىن قارىغاندا، ئامېرىكا خەلقئارا مەسىلىلەرگە ئارىلاشقاندا، يەنىلا ئۆز مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ھەم ئۆزىنىڭ زومىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغداش جەريانىدا، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىغا تايىنىشنى يېتەكچى قىلىپ، مەلۇم خەلقئارالىق دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر ۋە بەزى تور شىركەتلىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشى مۇمكىن. بۇ، ئامېرىكا ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىدۇر.
مەنبە -نۇر تورى
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
تاۋار باللار تاۋار باللار، تاۋاردىن ئەتىۋار بال& ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5274
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 18
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 225 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2011-10-19

ئامېرىكا دولـىـىمىز